بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • پىنسىيەگەچىقىش تەستىقلاش تەرتىۋى - [ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى]

    2009/04/26

    پىنسىيەگەچىقىش تەستىقلاش تەرتىۋى

    1-ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ۋە ئالاقىدار ماتىريال : ھەر ئاينىڭ 1-كۇنىدىن 5-كۈنىگىچە. ۋىلايەت : ئىدارە (ئاھالە كومتىتى ) تەكشۈرگەندىن كىيىن (ئاھالە كومتىتىنىڭ ئەمگەك مائاش خادىمى )مەخسۇس ئادەم پىنسىيىگە ئىتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئارخىپ ماتىريا للىرى ،ياشانغاندا بېقىنىش قوللانمىسى(كېنىشكىسى )كىملىك ياكى نۇپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلى نۇسخسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخسىدىن بىر پارچە ، تامغابېسىلغان پىنسىيە تەستىقلاش جەدىۋىلىدىن ئوخشاش ئۈچ نۇسخا ،ئىدارە (ئاھالە كومتىتى ) نىڭ ئېلان قىلغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ ۋىلايەتلىك مەمۇرى تەستىقلاش مۇلازىمەت مەركىزىگە يوللايدۇ . 6-كۇنىدىن 15-كۈنىگىچە ئىجتىمائى سۇغۇرتا بېجىرىش تارماقلىرى ياششانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسى تۆلىگەن سوممىسى ۋە ۋاقتىنى ھىسابلاپ بىرىدۇ ،16-كۈنىدىن 20 –كۈنىگىچە ئىدارە (ئاھالە كومىتىتى ) ئەمگەك مائاش خادىمى ۋىلايەتلىك مەمۇرى تەستىقلاش مۇلازىمەت مەركىزىگەبېرىپ پىنسىيەگە چىققۇچىلارنىڭ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ .

    ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر :ھەرئاينىڭ 16-20كۈنىگىچە ناھىيىلىك ئەمگەك كادىرلار ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىللىرى پىنسىيىەگە چىققۇچىلارنىڭ ئارخىپ ماتىرياللىرى ،ياشانغاندا بېقىنىش قوللانمىسى(كېنىشكىسى )كىملىك ياكى نۇپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلى نۇسخسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخسىدىن بىر پارچە، ناھىيىلىك ئەمگەك كادىرلار ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىللىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسى ھىساپلاپ چىقىرلغان پىنسىيە تەستىقلاش جەدىۋىلىدىن ئوخشاش بەش نۇسخا، ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغانلىق ئسىپاتىنى ، ۋىلايەتلىك مەمۇرى تەستىقلاش مۇلازىمەت مەركىزىگە يوللاپ پىنسىيىگە چىققۇچىلارنىڭ مەمۇرىي تەستىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىدۇ .

    2-پىنسىيىگە چىققۇچى ئشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھازىرلاشقا تىگىشلىك شارائىتلار: ئشچى خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكى شەرىتكە ئويغۇن كەلسە پىنسىيە رەسمىيىتىنى بېجىرپ ھەر ئايلىق ياشانغاندا بېقىنىش پۇلىدىن بەھرىمان بولسا بۇلۇدۇ .(شۇئايدا پىنسىيە يېشىغا توشقان بولسا شۇئايدا تەستىقلاشقا يولىنىدۇ ، كىينكى ئايدىن باشلاپ ئجرا قىلىنىدۇ )

    ‹1›ئەرلەر 60 ياش ، ئاياللار 50 ياش ، ئايال كادىرلار 55ياش ، شەخسنىڭ سۇغۇرتا تاپشۇرغان ئۇمۇمىي يىل سانى (تاپشۇردى دەپ قارالغان يىل سانىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ) 15يىلغا تولغان بولسا ؛‹2›دۆلەت كارخانلىرىنىڭ 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى قۇبۇل قىلىنغان ۋاقىتلىق ئىشچىللىرى ، يېزا بازار كوللىكتىپ كارخانلىرى ئىشچى – خزمەتچىللىرى ، توختاملىق ئىشچىلارنىڭ سۇغۇرتا تاپشۇرغان ئۇمۇمىي يىل سانى15يىلدىن يۇقىرى بولغانلار .

    يۇقارقى ئىككى خىل ئەھۋالدا سۇغۇرتا تاپشۇرغان ئۇمۇمىي يىل سانى15يىلغا توشمىغا نلارنىڭ ،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بىرقېتىمدىلا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ ،ھەم سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى بىكارقىلىنىدۇ .

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ