-
ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يەككە ئىگلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارتا ھەق ئېلىش - [ئىگلىك تىكلەشكە دائىر سىياسەتل]
2009/04/26
o شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مالىيە نازارىتى
ھۆجىجىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرەققىيات ۋە ئسلاھات كوممىتىتى
ش م غ ب [2008]23-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى
ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يەككە ئىگلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارتا ھەق ئېلىش
ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومتىتى ، سودا سانائەت ، يەرلىك باج ، دۆلەتلىك باج ، سەھىيە ، خەلىق ئشلىرى ،ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ،مەدىنيەت ،رادىئو كىنو تىلىۋىزىيە نازارىتى ، سودا مەمۇرىيەت ئشخانىسى ؛ ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق مالىيە ئدارىسى ،پىلان كومتىتى ، ئۇرۇمچى سانجى مالىيە ئدارىسى ، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاسىت ،شەھەر)مالىيە ئىدارىسى تەرەققىيات ۋە ئسلاھات كوممىتىتى :
‹‹ مالىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئسلاھات كوممىتىتنىڭ يەككە ئىگلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارتا ھەق ئېلىش ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش( م ز [2008]47-نۇمۇرلۇق ) نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ، ئۆئالدىغائگلىك تىكلەش ۋە يېڭلىق يارتىشقا ئلھام بېرىش ، ئشسىزلارنىڭ قايتا ئشقائورۇنلاشتۇرۇخىزمىتىنى ئلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ،رايۇنىمىزدا يولغا قۇيۇلىدىغان يەككەئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلارغا قارتا ئېتىبار ھەق ئېلىش سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئۇقتۇرۇش تۆۋەندىكىچە :
1-ئشسىزلىققا تىزىملاتقانلار ، مېيىپلار ، قىسىمدىن چىكىنگەن ھەم ئوقۇش پۇتتۇر گىلى ئىككى يىلدىن ئاشمىغان ئاددەتتىكى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى ، ئۇمۇمەن يەككە ئگىلىك بىلەن شۇغۇللانسا ( قۇرلۇش بىناكارلىق ، كۈڭۈل ئېچىش كەسپى ،مۇقۇم مۇلۇك تىجارىتى ،يەر ئشلىتىش ھۇقۇقىنى ئۆتۈنۈش ،ئېلان كەسپى ،ئۆي ۋاستىچىلىك كەسپى ،ھورمۇنچا ، ئۇۋلاش ،تورخانا ، قاتارلىق كەسىپلەردىن سىرىت ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش ) سوداسانائەت تاماقلىرىغا تۇنجى قېتىم تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە باشقۇرۇش ھەققى ،تىزىملىتىش تۇرۇدىكى ۋە كېنىشكە تۈردىكى قاتارلىق مەمۇرى كەسپى خاراكتىرلىك ھەقلەر ئېلىنمايدۇ ، 2007-يىلى ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرماسلىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان لىكىن ۋاختى توشمىغانلار ،قالغان مۇددىتى ئچىدە مۇشۇ سىياسەت ئىجراقىلىنىدۇ .
2-يۈقىردا دىيىلگەن ھەق تۈرلىرى كونكىرىتنى :
(1)- سوداسانائەت مەمۇرى تارماقلىرى يەككە سودا – سانائەتچىلەردىن يىغقان تىزىملاش ھەققى ( تىجارەت باشلاش تىزىملاش ،ئۆزگتىشنى تىزىملاش ،تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى تۇلۇقلاپ ئېلىش ۋە تىجارەت گۇۋاھنامىسى قۇشۇمچە نۇسخسى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ) ، يەككە سودا – سانائەتچىلەرنى باشقۇرۇش ھەققى ، بازار باشقۇرۇش ھەققى ،ئىقدىسادى توختام باھالاش ھەققى ، توختامنامە ھەققى ؛
(2)-باج تارماقلىرى يىغىدىغان باج تىزىملاش كېنىشكە ھەققى ؛
(3)-سەھىيە تارماقلىرى يىغىدىغان مەمۇرى قانۇن ئىجراقىلىش سەھىيە كۈزتۈش ھەققى سەھىيە سۈپەت تەكشۈرۈش ھەققى ،ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىك ساغلاملىق تەكشۈرۈش ھەققى ،سەھىيە گۈۋاھنامە ھەققى ؛
(4)-خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرى يىغىدىغان غەيرى كارخانا تىپىدىكى پۇخراۋىى ئورۇنلارنى تىزىملاش ھەققى (گۈۋاھنامەھەققىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ )؛
(5)-ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى يىغىدىغان توختام باھالاش ھەققى ،كەسپى سالاھىيەت گۇاۋاھنامە ھەققى ؛
(6)مەدىنيەت تارماقلىرى يىغىدىغان ئۇن سىن بۇيۇملىرنى ياساشقا رۈخسەت قىلىش گۈۋاھنامە ھەققى ؛
(7)- رادىئو كىنو تىلىۋىزىيە تارماقلىرى يىغىدىغان ئۇن سىن بۇيۇملىرنى سېتىشقارۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامە ھەققى ؛
(8)- سودا تارماقلىرى يىغىدىغان ھاراق تۈردىكى رۈخسەت نامە ھەققى ،(پارچە سېتىشنى تىزىملاش كېنىشكىسى )؛
(9-گوۋۇيۇەن ۋە مالىيە مىنىستىرلىگى ،دۆلەت تەرەققىيات ئسلاھات كومتىتى تەستىقلاپ تەسىس قىلغان يەككە تجارەتكە مۇناسىۋەتلىك باشقا باشقۇرۇش ھەقلىرى ، تىزىملاش ، گۇۋاھنامە قاتارلىق تۈرلەردىكى مەمۇرىي كەسپىي ھەقلەر ؛
(10)-ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۇكۇمەت ۋە مالىيە ، مال باھاباشقۇرۇش تارماقلىرى باشقۇرۇش ھۇقۇق دائىرسى بويىچە تەسىس قىلغان يەككە تجارەتكە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ، تىزىملاش ، گۇۋاھنامە قاتارلىق تۈرلەردىكى مەمۇرىي كەسپىي ھەقلەر ؛
3-سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ، باج ، سەھىيە ، خەلىق ئىشلىرى ، ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى ئۆز سېستىمىسى بويىچە ھەق يىغىدىغان ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ ئېتىبار بىرىش ئەھۋالىنى نازارقىلپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئېتىباربىرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بۇلۇشىنى تىزىملاپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، تەلەپكە ئويغۇن خادىملارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئېتىبار بىرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بۇلىشىنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك ،ھەم 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بىكار قىلىنىدىغان ھەق تۈرلىرى ۋە ھەق سومىسىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مالىيە نازارىتىگە مەلۇم قىلىپ، تەرەققىيات ئسلاھات كومتىتىغا تىزىملىتىشى كېرەك.
يۇقۇرقى ئورۇنلار تارقاتقان كېنىشكە قاتارلىق چىقىملارنى شۇدەرىجىلىك مالىيەتارماقلىرى خام چوتقا كىرگۈزۈپ چۈشۈرۈپ بىرىدۇ .
4-ھەردەرىجىلىك مالىيە ،مال باھا تارماقلىرى ھەق ئېلىش ئېتىبار بىرىش سىياسىتىنىڭ ئەمىلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ ، ھەق ئېلىش ئېتىبار بىرىش سىياسەتلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەمىلىلەشتۈرمىگەنلەرنى ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملاربويىچە قاتتىق بىرتەرەپ قىلىپ ، ھەق ئېلىش ئېتىبار بىرىش سىياسىتىنىڭ ھەقىقى ئەمىلىيلىشىشگە كەپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مالىيە نازارىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرەققىيات ۋە ئسلاھات كوممىتىتى
