-
34-26 ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى›› - [قانۇن نىزاملار]
2009/04/26
26- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئەمگەكچىلەردىن ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 38 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدىغانلىرى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى ھەققىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىدىن خىلاپلىق پۇلى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىكتىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك:
(1) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە – تۈزۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
(2) ئەمگەكچى ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا زور زىيان سالغان بولسا؛
(3) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇن بىلەنمۇ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىۋېلىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نەسىھەت قىلسىمۇ تۈزەتمىسە؛
(4) ئەمگەكچى ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى تۈزگۈزسە ياكى ئۆزگەرتكۈزسە؛
(5)ئەمگەكچى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان بولسا.
27- ماددا ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 47 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىلىدىغان ئايلىق مائاش ئەمگەكچى ئالىدىغان مائاش بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتقا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش ياكى ئىشىغا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش شۇنىڭدەك مۇكاپات پۇل، قوشۇمچە پۇل ۋە ياردەم پۇل قاتارلىق پۇل كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇنقى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئەمگەكچىنىڭ ئىشلىگەن ۋاقتى 12 ئايغا توشمىغان بولسا، ئوتتۇرىچە مائاشى نەق ئىشلىگەن ئېيىغا قاراپ ھېسابلىنىدۇ.
4- باب ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشكە دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە
28- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلار مەبلەغ چىقىرىپ ياكى شېرىكلىشىپ قۇرغان ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئۆز ئورنىغا ياكى قاراشلىق ئورۇنلارغا ئەمگەكچى ئەۋەتسە، ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 67 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇشقا بولمايدىغان ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.
29- ماددا ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 62 –ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
30- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش شەكلى بىلەن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.
31- ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ياكى ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان ۋە ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي تولۇقلىما ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 46 –، 47 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
32-ماددا ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىكار قىلسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا، ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 48 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى
33- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك توختامى قانۇنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر تىزىملىكىگە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
34-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك توختامى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا بېرىدىغان ئىككى ھەسسە مائاشنى بەرمىگەن ياكى ئەمگەكچىگە تۆلەم پۇلىنى بەرمىگەنلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.
35- ماددا ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك توختامى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشكە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئەۋەتكەن ھەر بىر ئەمگەكچى ئۈچۈن 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛ ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىگە زىيان سالغان بولسا، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇن چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
6- باب قوشۇمچە پرىنسىپ
36- ماددا ئەمگەك توختامى قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىكى ئەرز، پاش قىلىش مەلۇماتلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ‹‹ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تەپتىش نىزامى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
37- ماددا ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئارىسىدا ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا تالاش – تارتىش كۆرۈلسە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش – تارتىشى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
38- ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى
