بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • 14خىل ئەھۋالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2009/04/26

    14خىل ئەھۋالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ

    گووۋۇيۇەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئەمگەك توختام قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزام لايھەسىنى ئېلان قىلىپ ، جەميەتنىڭ ھەر ساھەسىدىن پىكىر-تەلەپلەرنى يىغىشقا باشلىدى. كەڭ ئامما 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن <جوڭگۇ ھۆكۈمىتى قانۇن-تۈزۈم ئۇچۇر تورى>غا كىرىپ ،پىكىر -تەلەپلىرىنى قالدۇرسا بولىدۇ.
    لايھەدە بەلگىلەنگەن بويىچە ، تۆۋەندىكى 14 خىل ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن بولغان مۇددەتسىز ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
    1.ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىرلىككە كەلگەن بولسا.
    2.ئەمگەكچى سىناق ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش شەرتىگە ماس كەلمىگەنلىكى ئىسپاتلانسا.
    3.ئەمگەكچى ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇليەتسىزلىك قىلسا،نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ،ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارسا.
    4.ئەمگەكچى يەنە بىر ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۋىلىپ،خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە، ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئاگاھلاندۇرسىمۇ تۈزۈتمىگەن بولسا.
    5.ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان بولسا.
    6.ئەمگەك توختامىنىڭ 26-ماددا بىرىنچى تارماق ماددا بىرىنچى تۈرى بويىچە ئەمگەكچى ئالدامچىلىق ،تەھدىت سېلىش ۋاستىسى بىلەن ئالدانسا،ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمىلى ئەھۋالنى يوشۇرغان ئاساستا ئەمگەك توختامىنى تۈزسە ياكى ئۆزگەرتسە،توختام كۈچتىن قالىدۇ.
    7.ئەمگەكچىنىڭ جىنايى قىلمىشى سۈرۈشتۈرلىۋاتقان بولسا.
    8.ئەمگەكچى كېسەللىك ياكى ئىش ئۈستىدە يارلىنىپ ،داۋالانغاندىن كېيىن ئەسلى خىزمەتنىڭ ياكى باشقا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولسا.
    9.ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا،قايتا تەربىيىلىنىپ ياكى خىزمەت ئورنى تەڭشەلگەندىمۇ،ھۆددىسىدىن چىقالمىسا.
    10.توختام ئىمزالانغان ۋاقىتتىكى ئاساسلار ئوبىكتىپ ئەھۋالغا ئاساسان ئۆزگەرگەن بولسا،ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلغىنى بولمىسا،ئەمگەكچى بىلەن ئىشلەتكۈچى ئورۇن سوھبەتلىشىپ ،توختامنىڭ مەزمۇنىدا بىرلىككە كېلەلمىسە.
    11.ئىشلەتكۈچى ئورۇن كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇنى بەلگىلىمىسى بويىچە قايتا رەتكە سېلنىۋاتقان بولسا.
    12.ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى ئېغىر قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالسا.
    13.كارخانا ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ، چوڭ تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش ياكى تىجارەت شەكلىنىى تەڭشەش قىلىپ،ئادەم قىسقارتىشقا توغرا كەلسە.
    14.ئەمگەك توختامى تۇرغۇزۇلغان ۋاقىتتىكى ئوبىكتىپ ئىقسادىي ئەھۋاللاردا باشقىچە ئۆزگۈرۈش بولۇپ،توختامنى ئىجرا قىلغىنى بولمىسا.

     

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ