بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • 25-1‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى›› - [قانۇن نىزاملار]

    2009/04/26

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى
                            535 -نومۇرلۇق
      ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى››

    2008-يىل 9–ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 25 –يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
    زۇڭلى ۋېن جياباۋ
    2008- يىل 9 ئاينىڭ 18 كۈنى
    1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ
      1-ماددا بۇ نىزام ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى›› ( تۆۋەندە ئەمگەك توختامى قانۇنى دېيىلىدۇ) نى يولغا قويۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
       2-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار شۇنىڭدەك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەدبىر قوللىنىپ، ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
      3-ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان بوغالتىرلىق ئورنى، ئادۋوكاتلىق ئورنى قاتارلىق ھەمشېرىك تەشكىلاتلار ۋە فوند جەمئىيەتلىرى ئەمگەك توختامى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردۇر.
    2- باب ئەمگەك توختامى تۈزۈش
       4-ماددا ئەمگەك توختامى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ شۆبە، تارماق ئاپپاراتلىرىدىن تىجارەت كىنىشكىسى ياكى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە ئالغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سۈپىتىدە ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزسە بولىدۇ؛ تىجارەت كىنىشكىسى ياكى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بولالمىغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزسە بولىدۇ.
      5- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ ئەمگەكچى ئادەم

    ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمەي، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، لېكىن ئەمگەكچىگە ئىشلىگەن ۋاقتىدىكى ئەمگەك ھەققىنى قانۇن بويىچە بېرىدۇ.
       6- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچى بىلەن بىر ئايدىن ئاشقان بىر يىلغا توشمىغان ۋاقىتقىچە يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 82  ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى ھەمدە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك؛ ئەمگەكچىلەردىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرىگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 47  ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
       ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا بېرىدىغان ئىككى ھەسسە مائاشىنى ھېسابلاش

    ۋاقتى ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن يازما ئەمگەك توختامىنى تۈزۈشكەن كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە بولىدۇ.
      7-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەنلىرى ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن بىر يىل توشقان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 82  ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك ھەمدە ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقان كۈنى ئەمگەكچى بىلەن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزدى دەپ قارىلىدۇ، ئەمگەكچى بىلەن دەرھال يازما ئەمگەك توختامى تۈزىدۇ.
      8-ماددا ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 7  ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشچى  خىزمەتچىلەر تىزىملىكىدە ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، جىنسى، پۇقرالىق كىملىك نومۇرى، نوپۇسقا ئېلىنغان جاي ۋە ھازىرقى ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىلىش شەكلى، ئىشقا چۈشكەن ۋاقتى، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى قاتارلىق مەزمۇن بولۇشى كېرەك.
      9-ماددا ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 14  ماددىسىنىڭ 2  تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئۇدا ئىشلىگىنىگە ئون يىل توشقان ۋاقىتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلاش، ئەمگەك توختامى قانۇنى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلىگەن ۋاقىتنى قوشۇش كېرەك.
      10- ماددا ئەسلىي ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان سەۋەب بىلەن ئۇنى باشقا ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئەمگەكچىنىڭ بۇرۇنقى ئورۇندا ئىشلىگەن ۋاقتىنى يېڭى ئورۇندا ئىشلىگەن ۋاقتىغا قوشۇپ ھېسابلاش كېرەك. بۇرۇنقى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىپ بولغان بولسا، يېڭى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىدىغان ئىشلىگەن ۋاقتىنى ھېسابلىغاندا، ئەمگەكچىنىڭ بۇرۇنقى ئورۇندا ئىشلىگەن ۋقتىنى قوشۇپ ھېسابلىمايدۇ.
       11-ماددا ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 14  ماددىسىنىڭ 2  تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنىڭ بىلەن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئەمگەك توختامىنىڭ مەزمۇنىنى ئىككى تەرەپ قانۇنلۇق، ئادىل، باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، بىر پىكىرگە كېلىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپى بويىچە كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك؛ كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن مەزمۇنلاردا ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 18  ماددىسىدىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
      12-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن ئىش ئورنى ياردەم پۇلى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىنىڭ ئەمگەك توختامىغا ئەمگەك توختامى قانۇنىدىكى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامىغا دائىر بەلگىلىمە ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.
      13-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 44  ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەھۋالدىن سىرت ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ باشقا شەرتلىرىنى پۈتۈشسە بولمايدۇ.
      14-ماددا ئەمگەك توختامى ئادا قىلىنىدىغان جاي بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن رويخەتكە ئالدۇرغان جاي ئوخشاش بولمىسا، ئەمگەكچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى، كەسىپ خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شۇ جايدىكى ئىشچى  خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى قاتارلىقلار ئەمگەك توختامى ئادا قىلىنىدىغان جايدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن رويخەتكە ئالدۇرغان جايدىكى ئالاقىدار ئۆلچەم ئەمگەك توختامى ئادا قىلىنىدىغان جايدىكى ئالاقىدار ئۆلچەمدىن يۇقىرى بولسا ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن رويخەتكە ئالدۇرغان جايدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشنى پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.
      15- ماددا ئەمگەكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاشى شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ئىش ئورنىدىكىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىنىڭ %80 تىن ياكى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مائاشىنىڭ %80 ىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
      16-ماددا ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 22  ماددىسىنىڭ 2  تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تەربىيىلەش ھەققى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى كەسىپ، تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش ئۈچۈن چىقارغان ئىسپاتلىق تەربىيىلەش ھەققى، تەربىيىلەش مەزگىلىدىكى كاماندىروپكا خىراجىتى شۇنىڭدەك تەربىيىلەشتە شۇ ئەمگەكچىگە ئىشلىتىلگەن باشقا بىۋاسىتە خىراجەت ھەقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      17-ماددا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 22  ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە پۈتۈشكەن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى توشمىغان بولسا، ئەمگەك توختامىنى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى توشقانغا قەدەر ئۇزارتىش كېرەك؛ ئىككى تەرەپ ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.
    3 –
    باب ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش
       18-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ياكى مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
       (1) ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلسە؛
       (2) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا 30 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا؛
       (3) ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلسا؛
       (4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتىغا ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئىگە قىلمىسا؛
       (5) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق بەرمىسە؛
       (6) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرمىسا؛
       (7) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە  تۈزۈمى قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە؛
       (8) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەمگەكچىگە ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى تۈزگۈزسە ياكى ئۆزگەرتكۈزسە؛
       (9) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقىنى خالاس قىلىۋەتسە ۋە ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇقىنى يوققا چىقارسا؛
       (10) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا؛
       (11) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەمگەكچىنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىسا؛
       (12) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا بۇيرۇپ، ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە؛
       (13) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
       19- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە ئەمگەكچى بىلەن تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ياكى مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
       (1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلەلمىسە؛
       (2) سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەكچىنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا؛
       (3) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە –تۈزۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
       (4) ئەمگەكچى ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا زور زىيان سالغان بولسا؛
       (5) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇن بىلەنمۇ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىۋېلىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نەسىھەت قىلسىمۇ تۈزەتمىسە؛
       (6) ئەمگەكچى ئالداش، مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى تۈزگۈزسە ياكى ئۆزگەرتكۈزسە؛
       (7) ئەمگەكچى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان بولسا؛
       (8) ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ ياكى ئىش سىرتىدا يارىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئىشىنى قىلالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنىمۇ قىلالمىسا؛
       (9) ئەمگەكچى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، تەربىيىلەنگەن ياكى ئىش ئورنى تەڭشەلگەندىن كېيىنمۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا؛
       (10) ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەندە ئاساسلانغان ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلغىلى بولمىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ ئەمگەك توختامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا؛
       (11) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەرتىپكە سېلىنىدىغان بولسا؛
       (12) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن بولسا؛
       (13) كارخانا باشقا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، زور تېخنىكا يېڭىلاش ياكى تىجارەت ئۇسۇلىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنمۇ ئادەم قىسقارتىشقا توغرا كەلسە؛
      (14)ئەمگەك توختامىنى تۈزۈشكەندە ئاساسلانغان باشقا ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئادا قىلغىلى بولمىسا.
      20-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 40 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە بىر ئايلىق مائاشىنى ئارتۇق بېرىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدىغانلىرى ئارتۇق بېرىدىغان مائاشنى شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئالدىنقى ئايلىق مائاش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىشى كېرەك.
      21- ماددا ئەمگەكچى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان بولسا، ئەمگەك توختامى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
      22- ماددا مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختاملىرىدىن ئىش پۈتۈپ ئاخىرلاشتۇرۇلىدىغانلىرىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 47   ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
      23-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىشتا يارىلانغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىرى ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 47 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرگەندىن سىرت، دۆلەتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشتا يارىلانغانلارنى داۋالاش ياردەم پۇلى ۋە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىمۇ بىر يولىلا بېرىشى كېرەك.
      24-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەرگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇش ئىسپاتىدا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى، ئىش ئورنى ۋە شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن ۋاقتى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
       25- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەك توختامى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىپ ياكى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 87-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم پۇلى بەرگەنلىرى ئىقتىسادىي تولۇقلىما بەرمەيدۇ. تۆلەم پۇلىنى ھېسابلاش يىل چېكى ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
     26-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئەمگەكچىلەردىن ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 38– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدىغانلىرى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى ھەققىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىدىن خىلاپلىق پۇلى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
       تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىكتىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك:
       (1) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە – تۈزۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛
    分享到:

    خەتكۈچ:

1056551709QQ