نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

خىيالچان تىلەك --- لۇتپۇللا مۇتەللىپ

يوللانغان ۋاقتى: 01:56 11-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
لۇتپۇللا مۇتەللىپ تېڭىرقىمايمەن،دوستلار،تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ، چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى. مەرد باغۋەن خا

 

لۇتپۇللا مۇتەللىپ


تېڭىرقىمايمەن،دوستلار،تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.
مەرد باغۋەن خازان قىلمايدۇ ۋاقىتسز باغنى،
تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل -چىچەكلەرنى.
خىيالىم خۇددى تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.
لەززەتلىك خىيال ئارسىدا بېقىپ ئاسىمانلارغا،
تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.
جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈن تولغانماس؟
ئاشقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى..
نىمشىقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە بۇ يۈرەكلەرنى.
ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم ،
تىڭشىغاچقا مومام ئاغزدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.
سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلۇقىدا مەن قاينام تۇرسام ،
ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر