<<ئۇيغۇر>>سۆزىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى: 04:15 22-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: شۈكرۈ خالۇك كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەھمۇد كاشغەرىي <<دىۋان>>نىڭ<<ئۇيغۇر>>دېگەن ماددىسىدا،ئۇنىڭ مەنىسى،كىلىپ چىقىشى ۋە بۇئىسىمدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۆز ج
يىقىندىن بىرى دىققەت قىلىشىمچە، ئارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر <<ئۇيغۇر>>سۆزىنىڭ مەنىسىنى خاتا ھالدا <ئۇيۇشقاق مىللەت>دەپ چۈشىنىدىكەن.
<ئۇيغۇر> سۆزىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى مەنمۇ تىخى يىقىندا تۈركىيە جۇمھۇريىتى تۈرك تىلى جەمىيىتىنىڭ باشلىقى،پىروفېسسور،دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن تەرىپىدىن ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىغا ئاتاپ يىزىلغان<<مىڭ يىل بۇرۇن مىڭ يىل كىيىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ،دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك> >> ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن بىلدىم.تۆۋەندە مەن ئوقۇغانلىرىمنى مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاكلاشماقچىمەن:
71-بەت
ئات ئۈستىدىكى مەرگەن ئۇيغۇرلار
مەھمۇد كاشغەرىي <<دىۋان>>نىڭ<<ئۇيغۇر>>دېگەن ماددىسىدا،ئۇنىڭ مەنىسى،كىلىپ چىقىشى ۋە بۇئىسىمدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۆز جەمەتىتىنىڭ نامى ھەمدە ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخى مەلۇماتلارنى بەرگەن.
بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدە دىققەتكە ئەڭ سازاۋەر بولغىنى شۇكى، مەھمۇد كاشغارىينىڭ <<ئۇيغۇر>> كىلىپ چىقىشىنى ئات ئۈستىدە ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئاتالايدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرگەندە زۇلقەرنەيننىڭ ھەيرانلىق ئىچىدە قىلغان سۆزىگە باغلىشىدۇر.
مەھمۇد كاشغەرىي مۇنداق دەيدۇ:
<<ئۇيغۇر>> بىر ئەلنىڭ نامى. ئۇنىڭ بەش شەھرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان.
ماڭا مۇھەممەد چاڭىرقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە<<خۇدخۇرەند>>(بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئۆزۇقىنى ئۆزى تىپىپ يەيدىغانلار ئىكەن، بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ) دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل <<خۇدخۇر>> دەپ ئاتىلىپتۇ. كىيىن[خ]ھەرپى ا(ئېلىف)قا ئالماشقان.بۇنداق بوغۇز ھەرپلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئالمىشىشى، بولۇپمۇ ا(ئېلىف)نىڭ [خ]غا ۋە [خ]نىڭ ا(ئېلىف)قا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە>>.
مەھمۇد كاشغەرىي بۇ تاۋۇش ئۆزگىرشىدىن ئىلھام ئېلىپ، سۆزنى بوۋىلىرىنىڭ ئىسمى <<ئەمىر>> ئۈستىدە قارىتىدۇ ۋە ئوغۇزلارنىڭ<<ئەمىر>> دېيەلمىگىچكە،سۆز بىشىغا (خ)تاۋۇشىنى قوشۇپ <<خەمىر>> دەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ يەردە ھەرپلەرنىڭ ئامىشىشى دېگىنى ئەسلىدە بىر خىل فۇنېتىكىلىق ھادىسە بولۇپ، سۆز بېشىدا <<خ>> تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قىلىشى ياكى قوشۇلۇپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. خەلق ئېتمولۇگىيىسىنىڭ قىزىقارلىق نەمۇنىلىرىدىن بىرى بولغان بۇ مەلۇماتنى توغرا دەپ قوبۇل قلغاندا،<<ئۇيغۇر>> نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توۋەندىكىچە بولىدۇ؛ خۇدخۇرەند _ خۇدخۇر _ئۇيخۇر_ ئۇيغۇر.
يەنە مۇشۇ <<ئۇيغۇر>>ماددىسىدا، مەھمۇد كاشغەرىي <<د>> تاۋۇشىنىڭ تۈرك دىئالېكىتلىرىدىكى ئۆزگىرىشنى تىلغا ئالىدۇ. ئون توققۇزىنجى ئەسىردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان تۈركىي تىىللارنىڭ كىلاسسىفىكاتسىيىلىرىدە ئۆلچەم قىلىنغان ۋە تۈركىي تىللار تارىخىدىكى بۇ مۇھىم تاۋۇش ئۆزگىرىشى ھەققىدە مەھمۇد كاشغەرىي شۇ مەلۇماتلارنى بېرىدۇ:
خۇددى <<ئۇيغۇر>> سۆزىدە كۆزسىتىلگىنىدەك بۇيەردە [خ] ھەرپى ا(ئېلىف)قا ئالمىشىش بىلەن بىللە، <<خۇد>> سۆزىدىكى [د]ھەرپىمۇ ي(يا)غا ئالماشقان. بۇ [د]ھەرپىنىڭ [ي]غا ئالمىشىشى تۈپ قائىدە. شۇنىڭدىن كېيىن، <<خۇر>>سۆزىدىكى [خ]ھەرپى[غ]ھەرپىگە ئالماشقان.[غ]نىڭ [خ]غا،[خ]نىڭ[غ]غا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچۇرايدىغان ھادىسە. خۇددى ئەرەپچىدە<<ختر>>نى<<غتر>> دېگەندەك.
تۈركىي تىللار تارىخىدىكى مۇھىم بىر تاۋۇش تەرەققىياتى بولغان [د]نىڭ[ي]غا ئالمىشىش ھادىسىسىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان ېە تەسۋىرلىگەن مەھمۇد كاشغەرىي <<ئۇيغۇر>> سۆزىنىڭ ئىزاھىنى شۇ مەلۇماتلار بىلەن تاماملايدۇ:
بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەشەددىي كاپىلار، ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر. زۇلقەرنەين سالدۇرغان شەھەرلەر: سۇلمى، قوچو، خانبالىق، بېشبالىق، ياڭى بالىق.
ئۇ دەۋىردە ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن<<كاپىرلار>> دەپ تەسۋىرلىگەن مەھمۇد كاشغەرىي، لۇغىتىنىڭ<<بىلگە>> ماددىسىدا ئۇيغۇر خاقانىغا<<كۆل بىلگە قاغان>> ئۇنۋانى بىرىلگەنلىكىنى، مەنىسىنىڭ بولسا<<ئەقىل-پاراسىتى كۆلدەك كەڭرى>> ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.ئۇيغۇر خاقانىنىڭ باشقا ئۇنۋانى <<بۈگۈ بىلگە>> بولۇپ مەنىسى <<دانا، ئەقىل-پاراسەتلىك>> دېگەنلىكتۇر.
مەنبەسى:مىڭ يىل بۇرۇن، مىڭ يىل كىيىن، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە <<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>
ئاپتۇرى:شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن
مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ 2009-يىلى 8-ئايدا 1-نەشرى 2010-يىلى 7-ئايدا 2-نەشرى
|
------分隔线----------------------------