نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى

يوللانغان ۋاقتى: 15:10 10-05-2011 مەنبە: كروران تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەنبە : كروران تورى

 

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى

 

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى، سەككىز ياشلىق ئوغلۇم ئۆزى يىغقان پۇللىرىغا بىردەستە قىزىلگۈل سېتىۋىلىپ، ئاپىسىغا سوۋغا قىلىۋىدى، ئۇ ھاياجاندىن ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى يۇشۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي، ئوغلۇمنى باغىرىغا باسقىنىچە خېلى ئۇزاققىچە يىنىك ئۆكسۈپ يىغلىدى. قانچە كۈن ئويلۇنۇپ سېتىۋالغان قىممەت باھاللىق ئۈزۈكۈممۇ، ئۇنى بۇنچە خۇشال قىلىۋەتمىگەن ئىدى. ئايالىمنىڭ ھاياجاندىن تىتىرەشلىرى، ئوغلۇمغا رازىمەنلىك بىلەن باققان مىھىرلىك كۆزلىرىگە قاراپ،ئىختىيارسىز ئانامنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى كۆز ئالدىمدا غۇۋا پەيدا بولدى. غۇۋا ئەمەس،كۆزچاناقلىرىمغا تولغان ياشلار ئانامنىڭ نۇرانە ئاجايىپ مىھىربان كۆزلىرىنى تورلاشتۇرغان ئىدى. بەلكىم ھەسىرەت-پۇشايمان ئىچىدە قارىغان كۆزلۈرۈم ئۇنىڭغا خىجالەت بىلەن دادىل تىكىلەلمىگەندۇ. ئاھ، پۇشايمانغان تولغان ھايات.....


ئاھ ئانا، ھايات بولساڭ ئىدىڭ كاشكى، قەدىرىڭنى بىلمىگەن ئىللىق باغىرىڭدا قانغۇچە ئۇخلىۋالغان، تولا سۆزلەيسەن دەپ تىڭشىمىغان سۆزلىرىڭنى قەلىپ خاتىرەمگە قويماي يېزىۋالغان بولاتتىم. ئالدىراش تۇرسام دەپ يىنىڭغا بارماي يۈرگەن كۈنلەردە يولۇمغا تەلمۈرگەن،ئىشىك ئالدىدا پۈكلۈنۈپ قالغان ئاشۇ ئاجىز تېنىڭنى باغىرىمغا مەھكەم باسقان بولاتتىم.

ئەجەپ ئەقىلسىز ئىكەنمەن ئانا، يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمدا ئايالىم مېنى چاي دەملىۋىتىشكە بويرۇسا،ياكى سەينى سىز قورۇڭ مەن خېمىر يۇغۇراي دېسە، ئانام رەھمەتلىك ئاچچىقتا تولغۇنۇپ كىتەتتى ۋە ئۆزى قىپ كىتەتتى. ئايالىمنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقىغا بولۇشۇپ، ئانامغا قوپال تىگەتتىم. ئۇنىڭ ئاللا نىمىلەرنى دەپ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، ياتاق ئۆيۈمگە بىكىنىۋالاتتىم. ئايالىمنىڭ ئېچىلمىغان قاپىغىدىن، مىنىڭ تەڭقىسلىقتا قالغان ھالىتىمگە چىدىماي، ئانام بىزگىمۇ ئېيتماي يۇرتقا قايتقان ئىدى.

شۇندىن بېرى بالىمىز ئۈچۈن پۇل يىغىمىز دەپ، ئۈچ يىلغىچە ئانامنىمۇ يوقلاپ بارالمىغان ئىدىم. ئۈچىنچى يىلى ئوغلۇم تۇغۇلغاندا، ئانام موزايلىق ئىنىگىمىزنى سېتىپ ئوغلۇمىزغا كۆرپە-يوتقان، كىيىم-كىچەكلەرنى تىكىپ كەپتۇ. رەھمەتلىك ئانام! ئوغلۈمغا تويماي قاراپ كىتەتتى. قارىغىنە بۇ سىنىڭ كىچىكلىكىڭگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ، سەنمۇ مۇشۇنداق مىيىغىڭدا كۈلۈمسىرەيتتىڭ، كۆزلۈرىڭ داداڭ رەھمەتلىكنىڭكىگە ئوخشايتتى، رەھمەتلىك ھايات بولغان بولسا دەپ كۆز يىشى قىلاتتى، ئايالىم ئېچىڭىز كىرىپ كېچىچە بىزنى يىغلاپ ئۇخلاتمايدۇ، دەپ دەرھال بالىنى قولىدىن ئىلىۋالاتتى.

بەش بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئانام نەۋرسىنى يۈرەكلىكمۇ ئەركىلىتەلمەيتتى، لېكىن ئوغلۇمغا يىنىش-يىنىشلاپ مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قانمايتتى. سەنمۇ مۇشۇنچىلىك ئىدىڭ، قىلىقلىرىڭ ھلىغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، ئۈچ ياشقا كىرگۈچە سۈتىمدىن ئايرىلمىغان ئىدىڭ، دىگەن سۆزىگە ئايالىمنىڭ شۇڭا ھازىرغىچە سىزدىن ئايرىلالمايدۇ،دىگەن زەھەرخەندە جاۋابىغا بىرئېغىزمۇ رەدىيە بىرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ھېلىغىچە ۋىجدان ئازابى تارتىمەن.

ئېسىمدە ئانا، كېچىلىرى بالىغا قارىشىمەن دەپ ئۇيقۇسىزلىقتىن ئىششىغان كۆزلۈرۈمگە قاراپ، ياخشى دەم ئالالمىدىڭلار سىلەر ئىشلەيسىلەر، بالىغا كېچىسى مەن قاراي دىگەن ئىدىڭ. ھەممە ئانىلارغا خاس، چەكسىز كۆيۈنۈش ۋە مىھىرىبانلىق بىلەن قىلغان سۆزىڭنى ئاچچىق بىلەن رەت قىلغان ئىدىم،بۇ ئۆزۈمنىڭ نادانلىغىممۇ ۋە ياكى ئايالىم ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكىنىممۇ بىلمىدىم. مانا ئەمدى سىنى ئەسلەپ ھەسىرەت بىلەن ئۇھ تارتىۋاتىمەن ئانا !

ھازىر بىلسەم ماڭا، يۈرىگىڭنىڭ بىر پارچىسى ھاياتىڭنىڭ ئايرىلماس بىرقىسىمى بولغان مەن ئوغلۇڭنىڭ جاپا چىكىشىنى كۆرۈشنى خالىماي قالغان مېھىرىبانلىقىڭكەن ئانا !
سېنى ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ، خاتا ئەيىپلىگەنكەنمەن، مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ دەپ رەنجىتىپتىكەنمەن، ئەمدى بىلسەم دۇنيادىكى ھەممە مۇھەببەت ئانىنىڭ قەلبىدىكەن، جەننەت ئانا ئايىغى ئاستىغا يۇشۇرۇنغان ئىكەن.

ئانا قەلبىدە ھارارىتى سوۋىماس ئوتتەك مۇھەببەت بولغىنى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پەرزەنىت ئۈچۈن، ئوتقا كىرىشتىنمۇ سۇدا ئېقىشتىنمۇ يانمايدىكەن. يۈرەك پارىسىنىڭ باشقا ئايال ئۈچۈن تىنەپ -تەمتىرەپ يۈرۈشلىرىگە، باغىرىدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىقىغا چىدىماي مۇھەببەت بىلەن كىچە-كۈندۈز ئۇنى باغرىغا تارتىدىكەن. ئۇ ھەرگىزمۇ كېلىننى يامان كۆرۈش ئەمەس، ئۇنىڭغا ئۆز قەلبىدىكى يالقۇنلۇق مۇھەببەتنى كۆچۈرۈپ قويۇشكەن.

ئەجەپ ئەقىلسىزكەنمەن ئانا! بالام، ئائىلەم دەپ شۇ ئانامنىمۇ تۈزۈك يوقلىمىغان ئىدىم. ئايالىمنىڭ زارلاشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئادەم قېرىپ قالغاندا شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن دەپ گۇناھكارلاردەك تۇرۇپتىمەنۇ، ئەجىبا مىنى ئاشۇ ئانام بېقىپ ساڭا تاپشۇرمىدىمۇ، سەن ئانا بولۇشنىڭ ئاچچىق تولغاق دەملىرىنى قانچىلىك زارلاپ ئۆتكۈزدۈڭ؟ ئاناممۇ سەندەك لىۋەن قىز ئىدى. بىزنى باقىمىز دەپ قېرىدى، سەن -بىز قېرىمامدۇق؟ دەپ بىرقېتىممۇ دىيەلمەپتىمەن.

ئانامنىڭ بىزدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي،يا كۆڭلىدىكىنى ئېيتالماي، داداڭ رەھمەتلىك ئىسىمگە كەپقالدى دىگەننى باھانە قىلىپ ئۆمچۈيىپ يىغلىغانلىرىدا، بىرەر قىتىممۇ كۆزياشلىرنى سۈرتۈپ< يىغلىما ئانا! بىز بارغۇ، سەن بىزنىڭ مەڭگۈلۈك مىھمىنىمىزغۇ> دەپ تەسەللى بىرەلمەپتىمەن. ئايالىم ئۈچۈن، نام ئابىروي ئۈچۈن،تاماششا ئۈچۈن تالاي پۇللارنى بۇزۇپ چىچىپتىمەنۇ، بىرەر قىتىم ئانام ئۈچۈن يېڭىغىنە بىر كوڭلەك ۋە بىر ياغلىق ئىلىپ بىرىشنى ئويلىماپتىمەن. ئانا مىنى كەچۈرگىن!

ئانا ......ئانا.........
قانچە توۋلىساممۇ ئاھ ئۇرساممۇ ئاڭلىغىنىم ئۆكسىگەن ئەكىس سادا، يۈرىگىمنى پۇچىلاۋاتقىنى ئاچچىق پۇشايمان. ئانا سەكىراتتا ياتقان چېغىڭدا، كۆز چاناقلىرىمدىكى ياش تامچىلىرنى كۆرۈپ، زورلاپ كۈلۈمسىرەپ بوشقىنا< ئوغۇل بالا دىگەن ياش تۆكمەيدۇ >دىگەن ئىدىڭ. ياق ئانا! ھەسىرەت مىنى ياش بىلەن ئەمەس قان ياش بىلەن جازالىدى. ئوغۇل بالىنىڭ كۆز يىشى ئانا ئۈچۈن پەقەت ئانا ئۈچۈنلا ئاقىدىكەن.

جىنىم ئانا ! سىنى ئانا دەپ بىرقىتىممۇ چىن يۈرىگىمدىن چاقىرىمىغان، بىرقىتىممۇ تاتلىق سۆزلىرىم بىلەن كۆڭلۈڭنى ئالالمىغان، ئاشۇ بەڭباش كېلىنلىرىڭمۇ، بىركۈنلەردە قەدىرىڭنى يۈرىگىڭنى چۈشۈنۈپ قالىدۇ. پۇشايمان بىلەن ئاچچىق تولغۇنىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ قېيىنئانا بولىدۇ، سېنى ئورۇنسز ئەيىپلىگىنى ئۈچۈن، دىلىڭنى رەنجىتكىنى ئۈچۈن، ئۆزى تارتىۋاتقان قىسمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆتنە ئالەم ئۈچۈن ھەسىرەت چىكىدۇ.
ئاھ ! بۇ ئالەم ، بۇ ئالەم بىر ئادىل تارازا ئىكەنغۇ دەپ ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش نادامەتلىك ياشلارنى تۆكىدۇ.

كەچۈر ئانا! نادانلىقىمىزنى، كەچۈر ئانا ساددا ھەم بالىلىق تەنتەكلىكىمىزنى.

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى. ئىھ ! سۆيۈملۈك ئانا! سەن ئۈچۈن، سەن ياخشى كۆرىدىغان سېرىق-سېرىن ھەم پۇراقلىق رەيھانلارنى شاخ-شاخلىرىغا ۋە يۇلغۇن چىچەكلىرىگە قوشۇپ، چىرايلىق گۈلدەستە تىزدىم. ئېغىر قەدەملىرىمنى تەستە ئېلىپ، قەبىرستانلىققا يول ئالماقتىمەن. يەنە ئوغلۇمنى ئېلىۋىلىشنى ئۇنتۇمۇدۇم. توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى، سېنىڭ ھەققىڭدىكى ھېكايەم بىلەن يۇشۇرۇشقا قانچە تېرىشساممۇ، ئەقىللىق ئوغلۇمنىڭ مۆلدۈرلەپ قاراشلىرىدىن، مىنى ئەيىپلەۋاتقانلىقىنى سەزدىمدە، قەبرەڭنى گۈلدەستە بىلەن قوشۇپ مەھكەم قۇچاقلىدىم .
ئاھ ! كەچۈر نادان ئوغلۇڭنى .......


 

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر