زوراۋان قىز يېقىندىن بۇيان يولدىشىم ئازىراق غەلىتە بولۇپ قالغان ئىدى .
تېلىغونىنى ھەر دائىم يېنىدىن ئايرىمايدىغان بولۇپ قالدى . ھەتتا ئاخشىمى ئۇخلىسىمۇ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قوياتتى، مەن بۇنىڭدىن ئازىراق غەلىتىلىك ھېس قىلدىم ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى مىنى ئازىراق گۇمانغا سېلىپ قويغان ئىدى .
شۇنىڭدىن باشلاپ مەنمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم، بىر كۈنى ئۇ ماڭا ئىدارىگە يېڭىدىن بىر قىز كەلگەنلىكىنى ، ئۇ قىزنىڭ مەن بىلەن تونۇشقۇسى بارلىقىنى ، ئەگەر مەن خالىسام ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى دىدى، مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ،
بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى ، چۈشتىن كېيىن بىز بىللە تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق ،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يان تېلغۇنى سايراپ كەتتى ، ئۇ تېلىغۇننى قۇلىغا ئېلىشىغا توختاپ قالدى ، بىر ئازدىن كېيىن يەنە سايرىدى ، ئۇ تېلىغۇننى ئالدى،-
-ۋەي
-ھە ، ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان
-شۇنداق ، ھەئە
-ھە ، ماقۇل
-كىمكەن ؟دىدىممەن ھەيران بولۇپ .
-ھە ئىدارىدىكى خىزمەتدىشىم
-ئەجەپ مېنى سورايدىغۇ ئەمىسە ؟
-ھەي تاڭ مەن نېمە بىلەي
- كىمۇ ئۇ مەن تونۇمامدىم ؟
-ۋاي ھېلىقى مەن ساڭا گىپىنى قىلىپ بەرگەن ھېلىقىچۇ
-كىمنى دەيسىز ھىچ چۈشەنمىدىم
-ھېلىقى ئىدارىگە يېڭى كەلگەنچۇ
-ھە ، ھېلىقى قىزمۇ ؟
-ھەئە،
-نېمە دەيدۇ ؟ئەجەپ مېنى سوراپلا قويىۋەتتىغۇ
-ھە، شۇ نىمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر ، ئايالىڭىز ، بالىڭىز تېنىچلىقمۇ دەپ تېلىغۇن قىلىپتۇ
- . . . . . . .
مەن ئۇنىڭ سىرىتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ توختىتىپ قويدۇم ھەم ئۇنىڭغا تېلىغۇن قىلدىم ،بىراق ئۇ سۆزلىشىۋېتىپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن يەنە ئۇردۇم ، بىراق يەنىلا ئوخشاش ، شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت تېلىغۇنىنى ئالالمىدىم ، يەنە تېلىغۇن قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇ ئۆيگە كىردى .
-ھەي يېرىم سائەتتىن بۇيان تېلىغۇن قىلدىم ، ئەجەپ ئالماستىن كەتتىڭىز تېلىغۇننى ، كىمتى ئۇ شۇنچە گېپى تۈگىمەيدىغان .
-ھە ، ئۇنداق ئەمەسقۇ
- ئەمىسە مەن تېلىغۇن قىلسام شۇنداق دېدىغۇ؟
- ھەي تاڭ تېلىغۇن قانداق بولۇپ قالدىكىن
-ھەر قانچە بولسىمۇ تېلىغۇننىڭ ئىشى ئەمەستۇ؟
مەن يەنە بىر قېتىم تېلفۇن ئۇردۇم ، يەنىلا ئوخشاش تېلىغۇن خېنىمنىڭ ئاۋازى " كەچۈرۈڭ سىز ئۇرغان تېلىغۇن سۆزلىشىۋېتىپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن قايتا ئۇرۇڭ''
مەنمۇ بىر ئاز ھەيران قالدىم .
-ھەي تېلىغۇنىڭىز ھازىرمۇ شۇنداققۇ ، قانداق بولۇپ قالدى بۇ تېلىغۇن ، دېدىم،- مەن
-ئۇ دەرھال يانچۇقىدىن تېلىغۇننى ئالدى-دە بىردىنلا ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا كىردىم ، بىراق ئۇ ھىچنىمە بولمىغاندەك كىيىم ئالماشتۇرۇۋاتاتتى ، مەن ئۇنى ئاستا تارتىپ ئۆزەمگە قاراتتىم ، بىراق ئۇ مەندىن يۈزىنى قاچۇردى ، مەن ئۇنىڭ يۈزىنى ئالقىنىمغا ئېلىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىدىم ،
ۋە ئۇنىڭدىن سورىدىم ، ئۇ قاتتىق جىددىيلەشكەن ئىدى ، ھەم مەندىن توختىماي كەچۈرۈم سورىدى ، مەن ئەگەر ماڭا راس گەپ قىلسا خاپا بولمايدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم ، بىراق يۈرىكىم ناھايتى ئەنسىز سوقۇپ كېتىۋاتاتتى ، جىددىيلەشكىنىمدىن پۈتۈن ئەزايىم توختىماي تىتىرەيتتى ، ئۇ مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغان بولۇپ ، ئۇنىڭمۇ پۈتۈن ئەزايىغا تىتىرەك ئولاشقان ئىدى ، چۈنكى بىز توي قىلغان 7يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا ئازار بېرىشى ئىدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇ كۈنى ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى ، ئۇ ھەر بىر جۈملە ئارلىقىدا مەندىن بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايتتى، شۇنداق قىلىپ ئەتتىگەن سائەت 4:00 لەردە ئۇخلاپ قاپتىمىز . ئەتتىگىنى تۇرۇپ خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم بىراق بۇ چۈش ئەمەس ئىدى.
ئۇ تېلىغۇندا پاراڭلاشقان ئادەم دەل ھېلىقى يېڭى كەلگەن قىز ئىدى .ئۇلار بىرلىكتە خىزمەت قىلىش جەرىيانىدا ئۇ قىز ، يولدىشىمنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇدەك، بىراق ئۇ ئېرىمنىڭ ئايالى ۋە بالىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىدىكەن ، ھەم ئۆيىمىزنى بۇزۇش خىيالى يوقمىش ، ئەمما ئۇ كۈندە كەچتە تېلىغۇن قىلاتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى تىڭشايتىم ، ھەم ھەيران بولدۇم ، بىراق نېمىشقىكىن ئۇ قىزغا پەقەت ئۆچلىكىم كەلمىدى ، ئەكسىچە ئىچىم ئاغىرىپ قالدى ، ئۇ بىر ياقا يۇرتلۇق قىز بولۇپ بۇ يەردە ئۇنىڭ ھىچمىسى يوق ئىكەن (يولدىشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە ) .
بىر كۈنى مەن يولدىشىمغا ئۇ قىزنى ئۆيگە تاماققا چاقىرىشىنى ئېيتتىم ، بىراق ئېرىم ، ئۇ قىزنىڭ قۇشۇلۇش قوشۇلماسلىقىنى بىلمەيمەن، ئاۋال تېلىغۇن قىلىپ باقاي دىدى، ۋە تېلىغۇن قىلدى ، ئۇ قىز مەندىن خجىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تېلىغۇننى مەن ئېلىپ ئۆزەم تەكلىپ قىلدىم ، ئۇ قىز يەنىلا رەت قىلىشنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارىدى بولغاي ماقۇل بولدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئوخشىتىپ پولۇ ئەتتىم ، تەخمىنەن بىرەر سائەتتىن كېيىن ئۇ ، يولدىشىمغا يەنە تېلىغۇن قىلدى ، ۋە ئۆزىنىڭ قاتتىق خىجىل بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ، مەن يولدىشىمغا : " ئۇنىڭغا مېنىڭ ھىچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى ،خاتىرجەم بولىشىنى دەڭ " دېدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىر كەلدى، ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ تېلىغۇن قىلغان ئىدى ، مەن ئۆزەمنى شۇنچە ئەركىن تۇتاي دىسەممۇ يەنىلا پۇت- قۇلۇمدا جان قالمىغان ئىدى ، يولدىشىم مىنى چىڭ قۇچاقلىدى ھەم مېنىڭ تەمكىن بولۇشۇمنى قەتئىي چاندۇرماسلىقىمنى ئېيىتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا خاتىرجەم بولۇڭ دېدىم .
بىز بىرلىكتە ئىشىكنى ئاچتۇق ، ئۇ قىزمۇ قاتتىق جىددىيلەشكەن بولۇپ ،مېۋە كۆتۈرىۋالغان قوللىرى سۇس تىتىرەييتتى ، بىز مەڭزىمىزنى يېقىشىپ كۆرۈشتۇق ، ۋە ئۆيگە باشلىدىم ، ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن مېنىڭ ئىللىق مۇئامىلەمدىن سەل يېنىكلەپ قالدى بولغاي ، خېلى ئازادە ئولتۇراتتى ، ئۇ مەندىن مەن ياردەملەشكۈدەك ئىش بار - يوقلىقىنى سورىدى ، مەن تاماقنىڭ پىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيدۇم ۋە ياندا ئولتۇرۇپ ئۇ قىزغا قارىدىم ، قىز يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچىۋاتاتتى .
ئۇ بۇغداي ئۆڭ كەلگەن ، زىلۋا قىز ئىدى ، بوي تۇرقى مەن بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى ، ھەم ياش پەرقىمىزمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ ، مەندىن بىر يېرىم ياش كىچىك ئىدى ، بىراق بىلىم پەرقىمىز بەكلا چوڭ ئىدى ، ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئەلا ئوقۇغان يېڭى زامانغا لايىق ھەقىقى بىلىملىك ياش ئىدى ، بىراق مەن پەقەت تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بىر ئائىلە ئايالى ئىدىم ، بىز بىللە ئولتۇرۇپ پولۇنى يېدۇق ، ئۇ ئاشقازىنىم ئاغرىيدۇ دەپ ئانچە كۆپ يېمىدى ، ئۇ ئۆيىمىزنى كۈزىتىۋاتاتتى ، ھەم ماڭا ، مىنىڭ ئىش ھەركەتلىرىمگە سەپسېلىۋاتاتتى ، مەن بىلىپ ئولتۇرساممۇ لىكىن چاندۇرمىدىم ، تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇمۇ كەچتە ئازىراق ئىشى بارلىقىنى ئېتىپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، يولدىشىم چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى ۋە مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ "رەھمەت سىزگە"دېدى.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتتى يولدىشىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇ قىز تۇيۇقسىزلا باشقا بىر ناھىيىگە يۆتكىلىپ كىېتىپتۇ ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ھەم مۇھەببەتكە تولغان ئىدى.
ئىچىمدە ئۇ قىزغا رەھمەت ئېيتتىم ، رەھمەت سىزگە ، ئۇنىڭ مېنى يەنە بىر قېتىم ياخشى كۆرىشىگە ، چۈشىنىشىگە، پۇرسەت يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە !!!
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
|