نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

قىيىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى

يوللانغان ۋاقتى: 02:05 02-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: زۇلپىقار كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياشاش مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى، قىينچىلىق ھايات يولىدىكى ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مەسىلە. قىيىنچىلى

زۇلپىقار بارات ئۆز باش


Www.SalamURUMQI.Com
 
ياشاش – مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى، قىينچىلىق – ھايات يولىدىكى ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مەسىلە. قىيىنچىلىق – ئارزۇ، غايە بىلەن قوشكېزەك. ئارزۇ ، غايە قانچىكى ئۇلۇغۋار بولغانسېرى يېڭىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
 ھەر بىر ئادەمنىڭ، ھەممە مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىينچىلىقى بولىدۇ، باي ئادەمنىڭمۇ، نامراتنىڭمۇ، زۇڭتۇڭنىڭمۇ، ئادەتتىكى پۇقرانىڭمۇ قىينچىلىقى بولىدۇ. ئەمما، قىزىقارلىق يېرى، مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى بولغان قىيىنچىلىقنى تونۇش، ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش، ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىش جەھەتلەردە تۇتقان پوزىتسىيىمىز، قىلغان ھەرىكىتىمىز قىيىنچىلىقنىڭ نەتىجىسنى بەلگىلەيدۇ. تۈگۈلۈۋالغانلارنىڭ يەلكىسىنى قىينچىلىق ھامان بېسىپ تۇرىدۇ؛ ئەقلىي تاللاش ئىچىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلەر بولسا ئۈزلۈكسىز تۈردە قىينچىلىققا ئۇچراپ تۇرىدۇ- يۇ، بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىپ، ئۆزىگە يېڭىچە مەنزىللەرنى، نىشانلارنى بېكىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېڭىچە قىينچىلىق تۇغۇلىدۇ. ھايات داۋامىدا قىينچىلىقلارنى يېڭىپ ئادەمدەك ياشىشىمىز ئۈچۈن ئەقلىمىزنىلا ئەمەس، تۇيغۇلىرىمىزنى، بەدىنىمىزنى ئىشلىتىشكە، پوزىتسىيىمىزنى ھەر ۋاقىت توغرىلاپ تۇرۇشىمىزغا، ئۆزىمىزنى مەسخىرە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىزغا، ناچار ئادەتلىرىمىز ھەققىدە ئوبيېكتىپ يوسۇندا ئويلىنىپ ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ۋاھالەنكى، بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، كۆنگەن خۇي بىلەن بۇنىڭدىن غالىپ كەلمەك بەك تەس؛ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ياشىغان ئۇيغۇر ياشلىرىدا دەل مۇشۇ نۇقتىدا توغرا تونۇش بولمىغانلىق سەۋەبلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار مۇبالىغە قىلىنىپ قورقۇنچ، ۋەھىمە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ھال ئېغىر چۈشكۈنلۈكنى يامرىتىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئىزتىراپ كۆلەڭگىلىرىنى، سەرسانلىق تۇمانلىرىنى، مەغلۇبىيەتكە ھامىلدار بولمىش بىپەرۋالىق پەردىلىرىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەل قىلىنماقتا يوق، بارغانسېرى دۆۋىلىنىپ ، ياشلىرىمىزنىڭ روھىنى غەپلەتكە چىللاۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە، ھەر قانداق مەسىلە سەۋەبسىز بولمايدۇ. ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا، تارىخىي سەۋەبلەرگە مۇناسىۋەتلىك قىيىنچىلىقلار يىلتىزى چوڭقۇر بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يول تېپىلىشى مۇمكىن. ياشلار ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم پەللىلىرىدە تۇرۇۋاتقىنى ئۈچۈن، ئالدىدا بېسىشقا تېگىشلىك مۇساپىلەر چوڭ ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىلەرگە، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتمىسە بولمايدىغان خىرىس، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى ھەرخىل باش ئاغرىقلىرى تېپىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئادەملەردە، بولۇپمۇ مۇكەممەل قىممەت قارىشى يېتىلىپ بولمىغان ياشلاردا ئۆتمۈشتىكىلەر ھازىرقىلاردىن ياخشى كۈن كەچۈرگەندەك، باشقا جايدا ياشىغان بولسا ھال-كۈنى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل خاتا تۇيغۇ. ئازادلىقتىن بۇرۇن سىياسىي بوران-چاپقۇن، ھەرىكەتلەردە قانداق ئامان قېلىش – شۇ ۋاقىتتىكى ياشلارنىڭ ئەڭ چوڭ باش قېتىمچىلىقى بولغان بولسا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە جاننى قانداق جان ئېتىش، سولچىل سىياسەتنىڭ ئەجەللىك زەربىسىدىن قۇتۇلۇش شۇ ۋاقىتتىكى ياشلارغا نىسبەتەن يەنە بىر خىل قىيىنچىلىق ئىدى. مەيلى قايسى دەۋردە بولسۇن، نامراتلىق ۋە ياشاشنىڭ تەس بولۇلشى ئۇيغۇر ياشلىرىغا سوئال بەلگىسى ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ كەلدى. ئەمدىلىكتە قاراپ باقىدىغان بولساق، بۈگۈنكى ياشلىرىمىزمۇ ئوخشاش ياكى ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى ھەم دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىزمەت تېپىشنىڭ تەس بولۇشى، مۇھتاجلىق، ئۆي سېتىۋېلىش، توي قىلىشقا كېتىدىغان پۇلنىڭ بولماسلىقى، ھەتتا ئىزدەي دىسە كۆڭۈلدىكىدەك لايىقمۇ چىقماسلىق قاتارلىق بىرمۇنچىلىغان مەسىلىلەر ياشلىرىمىزنىڭ يەلكىسىدىن باستى، روھىي دۇنياسىنى ئېغىر دەرىجىدە مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىققا گىرىپتار قىلدى. ئۇنداقتا بۇ قىيىنچىلىقلار تۈگىمەسمۇ؟ ياشلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى راستىنلا بىز ئويلىغاندەك ناچار بولارمۇ؟ ياشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇلار – ياشلىرىمىز نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى ئەپقاچقىلى بولمايدىغان ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەردۇر.

سوئال يۇقىرىقىدەك قويۇلغانىكەن، تەبىئىي ھالدا «بۇ قىيىنچىلىقلار ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قاپتۇمۇ؟ ئۇنىڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپ قىيىنچىلىقنىڭ ماھىيىتى توغرۇلۇق قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟» دېگەندەك قارشى پىكىر قويۇلۇشى مۇمكىن. بۇ ھەق، ئۇيغۇر ياشلىرى بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر يەردىن ئىزدەش مۇمكىن. ئەمما، مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم شۇكى، قىيىنچىلىقنىڭ ئىجتىمائىي يىلتىزىنى تونۇش، ھىس قىلىش بىلەن، ئازابلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قېلىش بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. قىيىنچىلىقنىڭ مەۋجۇدلۇقى راست؛ مەسىلىلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكىنىمۇ راست؛ ئەقلى بار ياشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى يۈزەكى بولسىمۇ تونۇپ يەتكىنى راست. مەسىلىنىڭ مائارىپقا، ئىجتىمائىي تۈزۈمگە، ھۆكۈمەت سىياسىتىگە، تارىخىي سەۋەبلەرگە تۇتىشىدىغان يىلتىزلىرىنى تەھلىل قىلىشنى كېيىنكى تەتقىقات نىشانلىرىمىزنىڭ دائىرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ، بۇ يازمىدا «قىيىنچىلىقنى تونۇدۇق، ئەمدى ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىمىزگە نېمە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ؟ نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ شەخسنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان دائىرىدىكى قايسى ئىشلاردا سەۋەنلىكلەرگە يول قويۇۋاتىمىز» دېگەن نۇقتىلار بويىچە تەھلىلىمىزنى قانات يايدۇرىمىز. تەھلىلىمىز ئاۋۋال ئۇيغۇر ياشلىرىمىز تونۇپ يەتكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن غالىپ كېلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان روھىي ئامىللارنى مۇھاكىمىگە قويۇش بىلەن باشلىنىدۇ.

1. قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋېتىش. ھەر ماڭدامدا «ئىش تاپماق تەس، ئۆگەنگەننىڭ پايدىسى يوق، قىلغۇدەك خىزمەت يوق ، پۇل چىڭ يەرگە كىرىپ كەتتى… دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. زاماندىن، ۋەزىيەتتىن زارلىنىش ئومۇمىيۈزلۈك بىر خىل خاھىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۆزىمىزنى ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغاندەك، ھېچكىمنىڭ دەردى بىزنىڭكىگە يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ بىرىمىز «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىشنى يەنە بىر چېچەن ياش ۋۇجۇدقا چىقىرىۋاتىدۇ؛ بىرىمىزگە يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىدىكى ئىشتەك بىلىنگەن قىيىن مەسىلىلەرنى يەنە بىر ئىرادىلىك ياش ھەل قىلىۋاتىدۇ. دەرد بىزنىڭ بېشىمىزغىلا كېلەمدىكىن دېسەك، پەلەستىندىكى 50 نەچچە يىلدىن بېرى مەسىلىسى ھەل بولمايۋاتقان، ھەر ۋاقىت بومباردىماندا، ئوقتا ئۆلۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ياشلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار. ھىندونېزىيە ، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوكيان بويىدا ياشىغۇچى كىشىلەر ئوخشاشلا دېڭىز-ئوكيان تاشقىنىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. «ئۇ يەرنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ئوخشىمايدۇ» دەپ باھانە كۆرسىتەيلى دېسەك، دۆلىتىمىز جۇڭگونىڭ باشقا يېرىدە ياشاۋاتقان ياشلارمۇ بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ. بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ زىيادە قىممەت بولۇشى تۈپەيلى ياشلار ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قېلىۋاتىدۇ. مەن دېمەكچى، قىيىنچىلىق بىزنىلا بوزەك قىلىۋاتقىنى يوق. ئادەم بولغانىكەن، تەڭسىزلىك ھامان مەۋجۇت ھەم تۈگىمەيدۇ. بىز يۈكسەك دەرىجىدە دېموكراتىك دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ئامېرىكىدىمۇ تەڭسىزلىك بار. بازار بار يەردە، كاپىتال كۆرىشى بار يەردە ھامان تەڭسىزلىك بولىدۇ ھەم بۇ تەڭسىزلىكنىڭ ماھىيىتى، خاراكتېرى، سەۋەبى ئوخشىمايدۇ. بىز دەل مۇشۇ تەڭسىزلىكنى، دەل ئۆزىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋەتكىنىمىز ئۈچۈن، روھىي ھالەتتە ئاۋۋال مەغلۇپ بولۇۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە يول يوقمۇ؟ بار. قىممەت يارىتالماسمىزمۇ؟ يارىتالايمىز، ھەرىكەتكە ئۆتسەكلا ، رېئاللىققا يۈزلەنسەكلا ، پوزىتسىيىمىزنى ئۆزگەرتسەكلا. ئەمما، قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋېتىش پسىخىكىسى تۈگۈلۈۋېلىشىمىزغا، بۇ نىشاندىن قېيىپ كېتىشىمىزگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئەسلى بازار بار يەردە ھامان پۇرسەت تېپىلاتتى. «ئارمان»، «بوغدا» شىركەتلىرىدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى قېزىش بۆلۈملىرى قۇرۇلدى. بازار بۇ شىركەتلەرنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى؛ رىقابەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تالىشىشقا مەجبۇر قىلدى . بىز ئۆگەنگەن كەسپىمىز، قۇربىتىمىز يېتىدىغان ئىشلار دائىرىسىدە بۇرۇنراق ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولساق ، ئىزدەنگەن بولساق ، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى بىر يەردىن تاپالايتتۇق. توغرىراقى، خىزمەت تاپالمىدۇق ئەمەس، قىيىنچىلىقنى مۇبالىغە قىلىۋېتىپ ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، سۇسلۇق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن پۇرسەتنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدۇق. بىز بۇ ئەھۋالدا ئەپسۇسلانغان ھالدا «باتۇرلۇق تۈگىسە ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ» دېگەن گەپنى ئەسلەشكە مەجبۇرمىز. «قاراڭغۇ گۆرنى تىللىغۇچە بىرەر تال شام بولسىمۇ ياندۇرغان ياخشى» دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان.

2. قىيداش پسىخىكىسى. قىيىنچىلىق ئالدىدا مەغلۇپ بولغان ئادەم ئۆزىنى بەزلەش ئۈچۈن بىر باھانە تېپىشقا مۇھتاج. ئادەم بۇ باھانىنى ھۆكۈمەتتىن، سىياسەتتىن، ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ۋە باشقا ھەرخىل ئىجتىمائىي ئامىللاردىن ئىزدەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۆڭگەپ قويۇش، قىيداش يولى بىلەن ئۆزىدىكى ئازاب، تايانچىسىزلىق، غېرىبلىق تۇيغۇسىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتمەكچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ قىيداش پسىخىكىسى ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەي رېئال تۈگۈنلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا، تەخىرسىز ۋەزىپىلەرگە سەل قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئېغىرراق بولغاندا، بىزنى ئېغىر مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىققا دۇچار قىلىدۇ. قىيداش پسىخىكىسى ئوبدان باھانىدىن بىرنى تېپىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلگىرىلەش يولىمىزنى ئۆزىمىز توسۇپ قويىمىز، تۈگۈلىۋالىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىمىز، ئىشەنچىمىز سۇسلىشىدۇ. ئەمما، بىز قىيداش يولى بىلەن يېڭى – يېڭى قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋەتكىنىمىزنى، ئالدىدىكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ، كېيىنكى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاشمايمىز. بىز قاقشىغان جەمئىيەت ئۆز ئوربىتىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ ، ھايات داۋام قىلىۋېرىدۇ. بىز ماكرو سىستېمىلارنى يەككە ھەرىكەت، شەخسىي تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزگەرتەلمەيمىز؛ كۆزىمىزگە بارغانچە سىغمايۋاتقان ئادەملەرنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيمىز. پەقەتلا ئۆزگەرتەلەيدىغىنىمىز ئۆزىمىز. ھىندىلارنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى داھىيسى گەندى: «سەن دۇنيادا بىرەر ئىجابىي ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىنى كۆرمەكچىمۇ؟ ئۇنداق بولسا ئېسىڭدە تۇتقىنكى، سەن ئاۋۋال كۆرۈشكە تېگىشلىك تۇنجى ئىش- ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىش » دېگەندە ئادەمدە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېنىق قەيت قىلغان.

3. تەسىرچانلىق كېسىلى. ياشلىرىمىزنى ئارزۇسىغا يەتكۈزمەيۋاتقان يەنە بىر ئامىل تەسىرلىنىش كېسىلى. بىر نەرسىلەردىن ئاسان ھاياجانلىنىمىز، تەسىرلىنىمىز، ئەمما ئۇزۇن قالماي شۇ ۋاقىتتىكى ئىلھاملاردىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ھەرىكەتتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئاددىي ھەقىقەتلەردىن تولىمۇ كېچىكىپ خەۋەر تېپىش ياكى سۇسلۇق، بىپەرۋالىق سەۋەبلىك خەۋەرسىز قېلىش – ئادەمدىكى بىر ئاجىزلىق. شۇڭا ھەر قايسى دەۋردە ھېكمەتلەر ھەر خىل شەكىللەردە قۇلاققا قويۇلۇپ تۇرىدۇ. توم – توم كىتابلار يېزىلىپ، نەسىھەت – ئۈگۈتلەر ئاڭلىتىلىپ تۇرىدۇ. «ئىجتىمائىي پەنلەر دۇنياسىدا دېيىشكە تېگىشلىك گەپلەر دېيىلىپ بولدى. ئەمدىكى گەپ ئوخشاش ئىدىيىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ ھەرىكەتكە سۇسلۇق قىلىۋاتقان ئۇنتۇغاق كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇش .» 2001-يىلى «ئانا يۇرت» رومانى نەشر قىلىنغاندا بىرەر يىلغىچە نۇرغۇن ياشلارنى سۆزلەيدىغان قىلىپ قويدى. ئەمما، ئانا يۇرت رومانىنى ئوقۇغان نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىدا ھازىر قالغىنى پارچە-پۇرات تەسىرات يىغىندىسى. ھالبۇكى، تەسىرات باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قېلىش روماننىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. تەسىرلىنىشكە توغرا كەلسە ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىختىرالارنىڭ ياردىمىدە بارلىققا كېلىۋاتقان ئالەمشۇمۇل ئىشلار، بۈيۈك گىگانت شەخسلەر كۈرمىڭ. ئەمما تەسىرلەنگەن قەلب تۇيغۇغا، كاللا ھەرىكەتكە بۇيرۇق بەرمىسە، بۇنداق ھېسسىيات ئادەمگە ھېچقانداق نەپ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. 2005-يىلى باھاردا «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى مەكتىپى» دە سۆزلىگەن بىر نۇتۇقۇمدا مەن لېكسىيىگە قاتناشقان 150 دەك ستۇدېنتقا «تەسىرچانلىق كېسىلى» نىڭ نېمە ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ نەق مەيداندا تەجرىبە ئىشلەپ بەرگەنىدىم. ئاۋۋال يېرىم سائەت ئادەمنىڭ يوشۇرۇن قۇدرىتى توغرۇلۇق ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلىگىنىمدە ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى بېرىلىپ ئاڭلىدى. نەچچىلىگەن ئوقۇغۇچىلار نۇتۇقنى ئۈنئالغۇغا ئالدى. تەسىراتنى بايان قىلىش باسقۇچىدا ئۆزىنىڭ قانداق ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى، قانداق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. مەن 10 مىنۇتلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن كېيىن: «سەل چارچىدىڭلار، ئارىمىزدا ناخشىنى ئاجايىپ ياخشى ئېيتىدىغان كېلىشكەن بىر يىگىت بار. ئېسىل ناخشىدىن ھوزۇرلىنىپ لېكسىيەنى داۋاملاشتۇرىمىز. لېكىن شەرت بىرلا ناخشا ئاڭلايمىز. بولامدۇ؟» دېدىم. ئوقۇغۇچىلار خۇشاللىق بىلەن: «بولىدۇ » دەپ ۋارقىراشتى. مەن دەرستىن بۇرۇن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىغا تەسىرلىك، يۈرەككە تېگىدىغان ناخشىدىن ئىككىنى تەييارلاپ قويۇشنى تاپىلىغانىدىم. بۇ ئوقۇغۇچۇم بوي-تۇرۇقى بەكمۇ قاملاشقان، ئېگىز، گىتار بىلەن ناخشىنى ياخشى ئېيتىدىغان يىگىت ئىدى. ئۇ گىتارنى كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىققاندا، ھەممەيلەننىڭ دىلى سۈيۈنۈپ كەتتى .
ياخشىكەن
(23)
88.5%
ناچاركەن
(3)
11.5%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر