نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

ئاتا، سىزنى سېغىندىم (تۇلۇق نۇسقىسى)

يوللانغان ۋاقتى: 01:38 06-07-2011 مەنبە: چىچەن مۇنبىرى ئاپتورى: ئىزھار420 كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەنبە:چىچەن مۇنبىرى

ئىزھار420


بەش يىل بولۇپ قالدى،"ئاتا" دىگەنگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ ، "قىزىم "دىگەنگە تەلمۇرۇپ، كوز ياشلىرىمنى، ھەسرەتلىرىمنى ئۈن-تىنسىز ئىچىمگە يۇتۇپ سىزنىڭ ئۈمىد قىلغىنىڭزدەك ياخشى، ئەھمىيەتلىك ياشاش ئىستىكىدە تىركشۋاتقىلى. دوسلىرىڭىزنى ھەر بىر ئۇچراتقىنىمدا،قەدىمىڭىز تەككەن جايلارغا ھەر بىر دەسسىگىنىمدە، ئىچ-ئىچىمدىن ئورتىنىپ كېتىمەن، ۋۇجۇدۇمنى قاپساپ كېلىۋاتقان پۇشايمان،ئۈكۈنۇش ھىسلىرى تىنىمسىز تىپچەكلەپ ئەسلىمە بۇلاقلىرىنى چالغىتىدۇ...
     ئېسىمنى بىلسەم، سىزنى ئىزدەيدىغانلار شۇنچىلىك كوپ ئىدى، ھېلى تىلۋۇزۇر،كىرئالغۇ بۇزۇلۇپ قالغان دىگەن، ھېلى  سۇ، توك يوللىرىنىڭ كاشلىسىنى كورۇپ باقسىلا دىگەن،ھېلى ئوي سالماقچى ئىدىم، لايھىلەپ بەرسىلە دەۋاتقان...بۇ ئادەملەرگە شۇنداق ئاچچىقىم كېلەتتى.
 "ئوزىمۇ ئەر كىشى بولغاندىكىن نىمىشقا قىلالمايدىكىن، ئاتامنى ئويدە ئولتۇرغىلى قويماي!" دەپ تۇمشۇقىمنى ئۇچلايتىپ كەتسەم:
     "قىزىم، دىل ئىزا، خۇدا بىزار " دىگەن گەپ بار، ئۇنداق قىلسىڭىز ئويگە كىرگەن ئادەم ئىزا تارتىپ قالىدۇ!"دەپ نەسىھەت قىلاتتىڭىز، بۇ گەپلىرىڭىز شۇ ۋاقىتنىڭ ئوزىدە مېنى قاتتىق تەسىرلەندۇرسىمۇ،  ئىشتىن ھېرىپ كېلىپ ئەمدى"ئۇھ" دىيىشىڭىزگە،  كىشىلەر ئىزدەپ كىرىپ يەنە سىرتقا ماڭغىنىڭزدا، تۇمشۇقۇم ئوزلىكىدىن ئۇچلىيىپ غۇتۇلداپ قوياتتىم.
     ھەر قېتىم ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاپام بىلەن خاپىلىشىپ قالاتتىڭلار،  خوشىنىلار قۇربانلىق قىلماقچى بولغان  قويلىرىنى سۇيۇپ بېرىشنى ئېيتىشى بىلەن ھىچنىمىگە قارىماي چىقىپ كېتەتتىڭىز، سىز قايتىپ كىرمىگەنسىرى ئاپام تىتىلداپ غۇدۇڭشىپ كېتەتتى، چوڭئاپامنىڭ ئويىگە كەنجاخۇن بۇلۇپ باراتتۇق، ئويدىكى خاپىلىقلار ھېيىت خوشاللىقى بىلەن بىر دەمدىلا ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى.
     كىشلەرنى سىزنىڭ ھۇقۇقىڭىزدىن بەكرەك كىچىك پېئىللىقىڭىز، ھەممىگە قابىللىقىڭىز ئوزىگە تارتامدىكىن دەيتىم، دوسلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە دېھقانلار كوپرەك ئىدى.كېيىن سىزنىڭ ھاراق ئىچمەسلىكىڭىز، يۇقىرىدىن كەلگەن باشلىقلارغا خوشامەت قىلىشنى خالىمىغانلىقىڭىز ،كەچلەردە ئولتۇرۇشقا چاقىرسا رەت قىلغانلىق تۇپەيلى ھاكىمنى نارازى قىلىپ قويۇپ،ئاشۇ چوڭ ئىدارىنىڭ مەسئۇللىقىدىن قالدۇرۇلۇپ، كىچىك بىر پونكىتقا يوتكىۋېتىلدىڭىز، بىراق شۇ چاغدا دىگەن بىر ئېغىز گېپىڭىز ھازىرغا قەدەر يۇرىكىمنى تىتىرتىدۇ.
     "بىر ھىساپتا ھازىرقى خىزمىتىم بولىدىكەن، باش ئاغىرىقى نىسبەتەن ئاز، ئەڭ مۇھىمى، كوڭلۈم خالىمايدىغان ئاشۇ ئىشلاردىن تەلتۇكۇس قۇتۇلۇپ قالدىم."
     شۇ چاغدا شۇنداق ئازادە بولۇپ قالغاندەك يىنىكلا تەلەپپۇزدا گەپ قىلغان ئىدىڭىز، نۇرغۇن كىشلەر ئېرىشەي دەپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان ھۇقۇققا ھىچقانداق تارتىشىشمۇ يوق ئىدى.    ئوزىڭىز تاللىغان كەيىپ-ساپاسىز، ئاددىغىنە تۇرمۇشقا كونۇپ قالغاچقا، ھۇقۇق، راھەت-پاراغەتلەرمۇ سىزنى جەلىپ قىلالمىغان ئىدى.
 ئەمدى ئويلاپ باقسام، سىزنىڭ بۇ تاللىشىڭىز تەۋرەنمەس  ئېتقاد، كۈچلۈك ئىرادە بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئىكەن!
 
 باشقىلارغا نىسبەتەن كەڭ قورساق، سەۋىرچان ئىدىڭىز،  نامرات، ئاجىز كىشىلەرنىڭ  كۆڭلىنى شۇنچىلىك ئاۋايلايتىڭىز،مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرمنىڭ ئىچىدە توۋەندىكى ئىككى ئىش قەلىپ بەتلىرىمدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئىدى.
    بىر كۈنى چۈشلۈك ئارام ئېلىپ ئولتۇراتتۇق، مەھەللىمىزدىكى ئەڭ نامرات بىر كىشى ناسۇس سوراپ كىردى، دىككىدە قوپۇپلا ئامبارغا كىرىپ ناسۇسنى ئېلىپ چىقىپ بەردىڭىز،ئاپام چاخچاق قىلىپ:
   ئاستاراق مېڭىڭلار، يەل توپتەك سەكرەپ مېڭىپ قان بېسمىڭلار ئورلەپ كەتمىسۇن يەنە، بىر نەرسە سوراپ كىرگەندىكىن ساقلاپ تۇرىدۇ،-دىۋىدى، دەرھال بېشىڭىزنى چايقاپ رەددىيە بەردىڭىز:
 خەقنىڭ بىر نەرسە سوراپ كىرمىكى ئاسان دەمسىلەر، ئىتىكرەك بەرمىسەك  كىرگىنىگە ئىزا تارتىپ قالىدۇ،-دە، ئىككىنچى قېتىم بىرنەرسە سورىيالماي قىينىلىپ قالىدۇ.
   بىر كۈنى يېزىغا تۇققانلارنىڭ ئويىگە باردۇق ،بىر ئىشەك ھارۋىسى يولنىڭ ئوتتۇرىدا تۇراتتى، ئاكام قايتا-قايتا سىگىنال بەرسىمۇ ھارۋىدىكى كىشى مىدىر-سىدىر قىلمىۋىدى، قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن ئاكام ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ :
   كاللىسىنىڭ دەردى بارمۇ ماۋۇنىڭ!،-دىۋىدى، دەرھال خاپا بولدىڭىز.
   ھەممە ئادەم سىلەرگە ئوخشاش غەمسىز ئەمەس، بىچارىنىڭ كاللىسىدا نىمە غەم مۇشۇ تاپتا، بىر دەم ساقلىسا بولىدىغان ئىشقۇ، ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ساقلاش شۇنچىلىك ئېغىر كېلىۋاتامدا؟!
   ئاكام گەپ قىلماي بېشىنى توۋەن سېلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى، دىگەندەك ئۇ دېھقان ماشىنىنى كۆرۈپلا ئالدىراش-تىنەش يول بېرىپ، ماشىنىنىڭ  يېنىدىن ئوتكەندە:
 خاپا بولمىسلا،خىيال بىلەن كورمەي قاپتىمەن،-دىدى.
 ھازىر ھۇقۇقى، پۇلى بارلارنى كۆرگەندە دوڭغىيىپ كېتىدىغان، ئەمما نامرات، ئاجىزلارنى كۆرگەندە گىدىيىپ كېتىدىغان ئاشۇ  كىشلەرنى ھەر بىر كورگىنىمدە، سىزنى سېغىنىش، مېھرىم بىلەن ئەسلەيمەن!
 قوشكېزەك سىڭىللىرىم بىراقلا ئالىي مەكتەپكە ئوتتى، ئاپامنىڭ خىزمىتى بولمىغاچقا سىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر بېسىم چۇشىدىغانلىقىنى ھەمدە بىر سىڭلىم تۇلۇق كۇرىسقا قۇبۇل قىلىنماي مەخسۇس كۇرسقا چاقىرىق كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئىككى ئاكام بىلەن بىرلىكتە بىرسى ئۇقۇپ تۇرسۇن، يەنە بىرسى قايتا ئوقۇپ كېلەر يىلى تۇلۇق كۇرىسقا ئۇتۇپ قالسا ئۇقۇتايلى دەپ مەسلىھەتلەشتۇق،بىراق سىز ئاڭلاپلا قۇشۇلمىدىڭىز. سىزنىڭ قارارىڭىزدىن ئاسانلىقچە يانمايدىغانلىقىڭىزنى بىلسەكمۇ، بىزمۇ جاھىللىق بىلەن قارارىڭىزغا نارازىلىق بىلدۇردۇق.
 - ئاتا، چوڭ ئاكام ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇدى، مەن توت يىل ئوقۇدۇم، ئىزھار بەش يىل ئوقۇدى، بۇ يىل 14مابەينىدە سىزگە ئاراملىق بولمىدى،ئەمدى بۇ ئىككىسى بىراقلا ئۇقۇسا سىزگە بەكلا جاپا بولۇپ كەتمەمدۇ؟
 - ھازىر تۇلۇق كۇرىسنى ئوقۇپ كەلگەنلەرگىمۇ تۈزۈك خىزمەت يوق تۇرسا مەخسۇس كۇرىستا ئۇقۇتساق قانداق بولار؟
 -ئىقتىسادى جەھەتتە بىزمۇ قاراپ تۇرماسمىز، بىراق ئىككىسىنى بىراقلا ئوقۇتساق چا رچاپ قالارسىزمىكىن ، ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭمۇ ئوقۇش پۇلى شۇنداق قىممەت تۇرسا!
     بىز تۇشمۇ-تۇشتىن قاراشلىرىمىزنى دەپ بولۇپ ئاغىزىڭىزغا قارىدۇق، گەرچە سىزنىڭ قارارىڭىزدىن يانمايدىغانلىقىڭىزنى بىلسەكمۇ يەنىلا ئويلىنىپ قارار چىقىرشىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتۇق،
 سىلەرنىڭ دىگىنىڭلارنىڭمۇ ئاساسى بار، بىراق قۇندۇز كېلەر يىلى يەنە تۇلۇق كۇرسقا ئوتەلمەي قالسا قانداق قىلىمىز؟ يەنە كېلىپ ھازىر قۇبۇل قىلنغان كومپىيۇتىر كەسپى قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك ، ياخشى كەسىپ، خىزمەتكە ئۇرۇنلىشالماي قالسىمۇ ئۆزىنىڭ نېنىنى تېپىپ يىيەلەيدۇ،قۇندۇز ئۈچ يىل، يۇلتۇز توت يىل ئوقۇيدىكەن، قىز بالا ئوقۇمىسا خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالىدۇ، ئوغۇل بولسىغۇ بىرەر ھۇنەر ئوگىتىپ قويساقمۇ بولاتتى ، ئۇقۇش پۇلىغا كەلسەك مائاشمۇ ئوسىۋاتىدۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۇتۇپ كېتەر ،-دىدىڭىز.
 گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ يۈزە پىكىر قىلغانلىقىمىزنى ھىس قىلىپ بىردەك قوشۇلدۇق، شۇنداق قىلىپ ئىككى سىڭلىم بىراقلا ئوقۇشقا بارىدىغان بولدى،
 بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاكىسى، ئاچىسى بولغاندىكىن ئوقۇش پۇلىنى كوتەرسۇن دەپ بالىنىڭ چوڭلىرىغا بەلگىلىك ۋەزىپە بەلگىلەپ بەرگەنلىكىنى ، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھۇكۇمەتتىن ياردەم پۇلى تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغاندىم، بىراق سىزچۇ؟!
 ھەر يىلى ئۇقۇش پۇلى تولەيدىغاندا بىز ئاپارغان ئازغىنە پۇلنىمۇ ناھايتى تەسلىكتە ئالاتتىڭىز ھەمدە سىڭللىڭلار ئۇقۇپ بولغاندا چۇقۇم قايتۇرۋاتىمەن دەپ تۇرۇۋالاتتىڭىز،سىڭلىم يۇلتۇز ئىجتىمائىي پەندە ناھيە بويىچە بىرىنچى بولغانلىقى ھەم ئىككى سىڭلىم بىراقلا ئوقۇيدىغانلىقى ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ھۇكۇمەتتىن ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئېيتاتتى.بۇنداق چاغلاردا قىلچە ئىككىلەنمەستىن:
 بالا ئۆزەمنىڭ ، ئۆزۇم ئۇقۇتۇپ كېتىمەن،- دەيتىڭىز ،بەش پەرزەنىتنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 21يىل ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتۇشنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى بالا ئوقۇتۇپ باققانلار تەسەۋۇر قىلالايدۇ، بىراق ئاتام شۇنچىلىك شەخسيەتسىز، بارلىقىنى بالىلىرى ئۈچۈن ئاتىۋاتقان ئۇلۇغ ،مېھرىبان ئىنسان بولغاچقا ،ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى ئۈن-تىنسىز،داغدۇغىسىز يېڭىپ چىققان ئىدى!
 ئاتامنىڭ ئېيىتقانلىرى دەرھەقىقەت بولۇپ چىقتى، مەخسۇس كۇرىسنى ئوقۇغان سىڭلىم ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ 15كۈندىن كېيىن ۋىلايەتتە ناھايتى ياخشى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئۇزۇن ئوتمەيلا ئۆيگە 3000يۇۋەن ئەۋەتتى، شۇ چاغدا ھەممىمىز سىزنىڭ ئەينى چاغدادانالىق بىلەن قارار چىقارغانلىقىڭىزدىن  تولىمۇ مەمنۇن بولغان ئىدۇق.


مەنبە : چىچەن مۇنبىرى

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر