بىر قەبرىنىڭ ئالدىدىن ئۇچىرغان شېئىر
روزى سايىت بۇ لەھەت ئىچىدە بىر زات يېتىپتۇ ، دۇنيانىڭ غېمىدىن ئازاد يېتىپتۇ . تىرىكى جاھانغا پاتمايتى،توۋا ، ئۈلۈكى-بىر غۇلاچ يەرگە پېتىپتۇ . گەپدانتى -ھېچكىمگە گەپ بەرمەيتى ئۇ ، سورىساڭ بىلگەننى دەپ بەرمەيتى ئۇ ، خەق تۈگۈل ئۆزىگە نەپ بەرمەيتى ئۇ ، ئەمدى «نەپ»ئىستەشتە جىسمى قېتىپتۇ . بۆلەكچە تىپ ئىدى -ئۆلۈپ باقمايتى ، ئىمتىياز ئۇتۇقنى بۆلۈپ باقمايتى ، بىراۋنىڭ چېھرىگە كۈلۈپ باقمايتى ، ئاڭلىساق گۆردىمۇ كەكرى سېتىپتۇ . كېلىننى ئوغلىدىن كۈنلەيتى دائىم ، قىزنىڭ ئېرىنى دەيتتى «بول سايىم »، قۇدىسى كەلسىغۇ قىيامەت قايىم ، شۇلارنىڭ دەردىنى ئەمدى تېتىپتۇ ! دېمەڭلار :«كۆنگەن خۇي ئۆزگەرمەس ئېمىش ، (باقى)دا تەقسىملەپ يۈرگەندۇ يىمىش ؟...» ئۇ ،يىمىش بار باغدا قىلىدۇ نېمىش ، «پانىي»دا قىلغىنى بەندكە چېتىپتۇ ! ئاڭلاڭلار قەبرىدىن كەلگەن سادانى : -كىبىرھال چىقاركەن باشقا ھامانى ، يالماركەن ئوتىدا ۋەيلۇن زىنداننى ، كىم ئۆزى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتۇ ... تېرىشنىڭ ئاخىرى ئورىماق ئىكەن ، توختىماي سانجىلدى تېرىغان تىكەن ، ئۆلگەندە ئاقامدۇ پۇشايمان يىگەن ، ئاھ پۇرسەت ،ئاھ ئۆمرۈم زايە كېتىپتۇ . ئۆلگەندە بولسىمۇ دەپتۇ ھەق گەپنى ، تىرىكى دېمەستى ئەسلا نەق گەپنى ، (مۇنكىرلەر ئۆگەتكەن چېغى ئەدەپنى ) بىچارە ئاڭىمۇ ئىزا ئۆتۈپتۇ . مەرھۇمنى ھەرقانچە دەيلى بەتقىلىق ، ئۆلگەننى غەيۋەتكە كۆمۈش سەت قىلىق ، ئەپۇچان قۇۋم بىز ،ئەپۇ مەرد قىلىق ، رەنجىمە ئەي مۇردا ، مەندىن كېتىپتۇ . بۇ لەھەت ئىچىدە بىر زات ياتىدۇ ، كىم ئۆلسە شۇنچىلىك يەرگە پاتىدۇ ، جاھاننىڭ ۋاپاسى مەلۇم تۇرۇقلۇق ، بەزىلەر نېمىشقا ھەيۋە ساتىدۇ ؟... مەنبە : نۇر ئىسلام مۇنبىرى خوتەن شىۋىسىدىكى غەزەللەر
|