نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

بالىغا قۇرئان يادلىتىشتىكى يىگىرمە بەش خىل ئۇسۇل

يوللانغان ۋاقتى: 00:55 23-09-2011 مەنبە: مەرىپەت تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىغا قۇرئان يادلىتىشتىكى يىگىرمە بەش خىل ئۇسۇل

بۇ ئۇسۇللاردىن مەقسەت:


1. بالىنى قۇرئاننى ياخشى كۆرىدىغان قىلىش
2. قۇرئان يادلاشنى ئاسانلاشتۇرۇش
3. بالىنىڭ تىل ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش
بۇ ئۇسۇللار كۆپ ۋاقىت ئالمايدۇ، پەقەت بەش ئون مېنۇت كۇپايە قىلىدۇ.
بۇ ئۇسۇللارنى بالىنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىغا ۋە شارائىتىغا قاراپ تەدبىقلاش كېرەك.
بۇ ئۇسۇللارنى ئاتا – ئانىلار ھەمكارلىشىپ ئىزچىل تۇردە داۋاملاشتۇرىشى زۆرۈر.
ئانا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغان بىرىنچى شەخس بولغانلىقى، خۇسۇسەن بالا كىچىك ۋاقتىدا ئانىسى بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ئانىغا خىتاپ قىلىمىز.

1. بالىڭىز قوساقتىكى ۋاقىتتا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاڭ.
ھامىلە يەنى قوساقتىكى بالا ئانىنىڭ روھىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىدىن تەسىرلىنىدۇ. ئەگەر ئانا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قۇرئان ئاڭلاپ بەرسە روھىي كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ. ئانىنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولىشى ھامىلىگە ھەم ئىجابىي تەسىر قىلىدۇ. قۇرئاننىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا بەرگەن روھىي تەسىرى ھەتتا ئەرەبچە بىلمەيدىغانلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ.
قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلىغان چاغدىكى خۇشال روھىي كەيپىياتىڭىز = ھامىلىنىڭمۇ خۇشاللىقىدۇر.
ئەتىگەندە ئازراق بولسىمۇ قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاپ قويسىڭىز كەچكىچە سىزگە ۋە بالىڭىزغا تەسىر قىلىدۇ.

2. بوۋاق ھالىتىدا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاپ بېرىڭ
ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بوۋاق ئەتراپىدىكى نەرسىلەردىن تەسىرلىنىدۇ ۋە ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئىشقا چۈشكەن بولىدۇ. چوڭلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى كونتىرول قىلغىلى ۋە ئاڭلاپ قاچىلىۋالغان سۆزلۈكلەرنى كىيىن قايتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما بوۋاق ئاڭلاپ قاچىلىۋالغان مەلۇمات ۋە سۆزلۈكلەرنى ئېمىۋاتقان مەزگىلىدە قايتۇرۇپ ئىشلىتەلمىسىمۇ، ئېمىش يېشىدىن ئاشقاندىن كىيىن ئىشلىتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقنىڭ كۈندە بەش – ئون مېنۇت قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاپ بېرىشى بىلەن، مەسىلەن ) ئەتىگەندە 5 مېنۇت، كەچتە 5 مېنۇت (، ئۇنىڭ مېڭىسىگە قاچىلانغان سۆزلۈكلەر سانى ئاشىدۇ دە كىيىن ئەسكە ئېلىپ قايتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يەنى كىيىن قۇرئان كەرىمنى يادىلاش ئاسان بولىدۇ.

3. بالىنىڭ سىزنى دورىشى ئۈچۈن بالىنىڭ ئالدىدا قۇرئان ئوقۇڭ
بۇ ئۇسۇل بالىدا سىزنى دوراش ئېستىكى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي پىترەت بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە مۇنداق بايان قىلغان: تۇغۇلغان ھەر قانداق ئىنسان بالىسى پاك ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلغان بولىدۇ. ئەمما يەھۇدى، ياكى ناسارا ۋەياكى ئوتپەرەس بولغانلار ئاتا – ئانىسىنىڭ تەسىرى بىلەن بولغان بولىدۇ. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ ئالدىدا قۇرئان ئوقۇسىڭىز، ياكى بالىڭىز بىلەن بىللە ئوقۇسىڭىز بۇ بالىدا قۇرئان ئوقۇش ئېستىكى پەيدا قىلىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەمما بالام قۇرئان ئوقۇ! دەپ قويۇپ ئۆزىڭىز ئوقۇمىسىڭىز، بالا سىزنىڭ قۇرئان ئوقۇغىنىڭىزنى كۆرمىسە، بالىڭىزمۇ قۇرئان ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، كۈنلىكى ئازراق بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇسا بۇنىڭ تەسىرى زور بولىدۇ.

4. بالىڭىزغا خاس بىر قۇرئان ھەدىيە قىلىڭ
كىچىك بالا ئۆزىگە خاس بولغان نەرسىنى قەدىرلەيدۇ. بەلكى بەزى نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ خاس مۈلكى بولىشىنى خالايدۇ. بۇ بالىلاردىكى تەبىئىي تۇغما خۇسۇسىيەت. بۇ ئۆزىنىڭ خاس ئويۇنچۇقلىرىنى باشقىلارغا تۇتقۇزماسلىقتا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا خالىغان چاغدا ۋاراقلاپ ئوقۇيدىغان بىر كىچىك قۇرئان ئېلىپ بېرىڭ.

5. بالىڭىز قۇرئاننى خەتمە قىلغان كۈنى مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىڭ
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنىڭ قەلبىنى قۇرئانغا باغلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىككى پارە يادلاپ بولساڭ، مۇنداق ھەدىيە بېرىمەن، 5 پارە يادلاپ بولساڭ مۇنداق نەرسە ئېلىپ بېرىمەن دەپ رىغبەتلەندۈرۈڭ، ئەگەر شەرتنى تولۇقلىسا، ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىڭ. دوستلىرىنى تاماققا چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بالىڭىزغا ھەدىيە بېرىڭ.

6. بالىڭىزغا قۇرئان كەرىم قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
بالىلار قىسسە ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا قۇرئان كەرىمدىكى قىسسىلەرنى بالىنىڭ سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىپ قىزىقارلىق شەكىلدە سۆزلەپ بېرىڭ. قىسسىنىڭ ئاخىرىدا شۇ قىسسىگە ئالاقىدار ئايەت ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈڭ. نەتىجىدە بالا شۇ ئايەتنى ئوقۇغاندا سىز سۆزلەپ بەرگەن قىسسە يادىغا كېلىدۇ. ھەمدە ئايەتنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ زېھنىدە مەھكەم ئورۇن ئالىدۇ.

7. بەش ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق بالىلار ئۈچۈن قۇرئاندىكى قىسقا سۈرىلەر ھەققىدە مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىڭ.
بۇ خىل مۇسابىقە بالىلار ئارىسىدا سۇئال – جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەسىلەن: سوئال، ئەلخەۋف دېگەن سۆز قايسى سۈرىدە چىقىدۇ؟ جاۋاب: سۈرە قۇرەيش،
سوئال، يىلنىڭ پەسىللىرىدىن ئىككى پەسىل سۈرە قۇرەيشتە زىكىر قىلىنغان، ئۇلار قايسى؟ جاۋاب: قىش ۋە ياز،
ئەرەبچىسى نېمە؟ جاۋاب، شىتا ۋە سەيف.
مۇسابىقە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالىلارنىڭ يىشى ۋە سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان سوئاللارنى سوراپ توغرا جاۋاب بەرسە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

8. بالىڭىزنى تەبىئەتتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قۇرئان ئايەتلىرىدىن تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ.
مەسىلەن:سۇ، ئاسمان، زېمىن، قوياش، ئاي، كېچە، كۈندۈز، ئەنجۈر، ئۈزۈم، ئۆمۈچۈك قاتارلىقلار.

9. “بۇ سۆز قايسى سۈرىدە بار؟ ” مۇسابقىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇڭ،
مەسىلەن، يۇقىرىدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ ئەرەبچە مەنىسى ۋە قايسى سۈرىدە كېلىدىغانلىقىنى سوراپ تۇرۇڭ. مۇشۇ تەرىقىدە يېڭى – يېڭى سۆزلەر ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىتىپ تۇرۇڭ، نەتىجىدە ھەر كۇنى بالىنىڭ مېڭە قامۇسىغا يېڭى سۆزلەر قوشۇلىدۇ، بىلىمى زىيادە بولۇپ ماڭىدۇ، ھەم يەنە قۇرئاننى ئەستە ساقلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

10. قۇرئان بالىڭىزنىڭ ھەمراھى بولسۇن.
مەسىلەن: سومكىسىغا ئەممە پارىسى بار ھەبدىيەكنى ياكى كىچىك قۇرئاننى سېلىپ قويۇڭ، قۇئان بالىغا ھەمرا بولسا ئۇ ھېچ نەرسىدىن قورقمايدۇ. ئەمما قۇرئاننى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئەدەبلىرىنى ئۆگىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

11. بالىڭىزغا قۇرئان ۋە قۇرئان ئىلىملىرىگە ئالاقىدار ۋاستىلەرنى تونۇشتۇرۇڭ ۋە ئېلىپ بېرىڭ.
مەسىلەن، قۇرئان تىلاۋەت لېنتىلىرى، قۇرئان كەرىم قانىلى ۋە رادىئوسى يەنە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت مۇسابىقە ژورناللىرى قاتارلىقلار. ئەگەر بالىڭىزغا كىچىك ئاۋاز قويغۇچتىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ، مەشھۇر قارىيلارنىڭ تىلاۋەتلىرىنى قاچىلاپ بەرسىڭىز، بالا ئۇنى تىڭشاپ شۇلارنى دورايدۇ.
ئەگەر بالىڭىز كىچىك قارىيلارنىڭ قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭدا شۇلارغا ئوخشاش بولۇش ئېستىكى پەيدا بولىدۇ.

12. بالىڭىزغا قۇرئاننى تەجۋېد بىلەن ئوقۇشنى ئۆگىتىدىغان كومپىيۇتىر دىسكىلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ. بۇ خىل پروگراممىلاردا بالا بىر ئايەتنى بىر نەچچە قېتىم تەكرار قايتۇرۇپ ئاڭلىيالايدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئېلىپ توغرا قىرائەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىۋالالايدۇ.

13. بالىڭىزنى قۇرئان مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇڭ.
بالىلاردىكى بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش بىر تەبىئىي خۇسۇسىيەت. بالىڭىز مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۆزى بىلەن تەڭ ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈپ ئۇلار بىلەن بەسلىشىش ئېستىكى پەيدا بولىدۇ دە قۇرئان يادلاشقا كۆپ ئەھىمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ. ئەگەر مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشسە رىغبىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

14. بالىڭىزنىڭ قۇرئان ئوقۇۋاتقاندىكى ئاۋازىنى تېلىفۇنغا ئېلىپ قويۇڭ، كىيىن ئۇنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بېرىڭ، بالا ئۆزىنىڭ توغرا ئوقۇغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ خاتالىقلىرىنى تۈزىتەلەيدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئاۋازىنى بىلەلەيدۇ.

15. ھەر خىل پائالىيەت ۋە سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ.

16. بالىڭىز سىزگە قۇرئان قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بەرسۇن، سىز دېققەت بىلەن ئاڭلاڭ.
بەزى تەربىيىچىلەر بالىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايدۇ، ئۆزىنىڭكىنى دېققەت بىلەن ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بىر تەربىۋىي خاتالىقتۇر. سىز بالىڭىزنىڭ سۆزلىرىنى دېققەت بىلەن ئاڭلاپ بەرسىڭىز، بالىڭىز مۇ سىزدىن دېققەت بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىدۇ. بالىڭىز سىزگە قۇرئان قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بەرسە، سىز دېققەت بىلەن ئاڭلاپ، خاتا چۈشەنگەن جايلىرى بولسا چۈشەندۇرۇپ قويىسىز، ھەم يەنە بالىدا ئۆزىنىڭ چۈشەنگەنلىرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ سۆزلەپ بېرىدۇ.

17. بالىڭىزنى نەپلە نامازلاردا ئىمام قىلىپ قويۇڭ،
ئۆيدە ئانىسى ۋە باشقا بالىلار غا ئىمام بولۇپ كۈنگەن بالا سىرتتا باشقىلارغىمۇ ئىمام بولالايدۇ.

18. ئۆيدە بالىلار بىلەن ھالقا بولۇپ ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇڭ.
كۈندە 5 مېنۇت بولسىمۇ بىللە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش ۋە بالىنىڭ تىلاۋىتىگە قۇلاق سېلىش بالىدا باشقىچە بىر تەسىر پەيدا قىلىدۇ. قۇرئاننىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىدۇ.

19. مەسچىتتىكى قۇرئان يادلاش ۋە تەكرارلاش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇڭ.

20. بالىڭىزنىڭ قۇرئان ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ، چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرنى ئاسان سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.

21. ئون ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بالىلارغا قۇرئان ئاتالغۇلىرى ئەرەپچە قامۇسى ئېلىپ بېرىڭ. بۇ ئارقىلىق بالا قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ.

22. بالىڭىزغا قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى، تەپسىر كىتاپلىرى ۋە ئاۋازلىق قۇرئان دەرسلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر كۇتۇپخانا ھازىرلاپ بېرىڭ.

23. بالىڭىزنى بىر ئالىمغا تۇتۇپ بېرىڭ، ئىلگىرى ئۆتكەن ئالىملار شاگىرتلىرىگە ئىلىم ۋە ئەمەلنى بىرلىكتە ئۆگەتكەن.

24. بالىڭىزنىڭ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىكى تېمىلار بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمىي مۆجىزىلىرىنى باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىڭ.

25. كۈندىلىك ۋەقەلەرنىمۇ قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈڭ، مەسىلەن، ئىسراپچىلىق، ئوغۇرلۇق ۋە غەيۋەتخورلۇقلارغا ئوخشاش كۈندىلىك مەسىلىلەرنى قۇرئان كەرىمگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇ ئىشلارنىڭ قۇرئان تەلىماتىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ.

بۇ ئۇسۇللاردىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
1. بۇ ئۇسۇللارنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىۋېلىڭ!
2. بۇلاردىن قۇلاي بولغانلىرى ۋە تەتبىقلاش مۇمكىن بولىدىغانلىرىنى ئايرىڭ!
3. بۇلار دىن، ئەقەللىسى ئۈچ ئۇسۇلنى چىڭ تۇتۇڭ ۋە بالىنىڭ سەۋىيىسىنى سىناپ تۇرۇڭ!
4. ئەڭ مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ!
5. بالىنىڭ سەۋىيىسى ۋە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئۇسۇللارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ!
چۈنكى ئاستىدىكى ئۇسۇللار چوڭ بالىلارغا مۇناسىپ كېلىدۇ.
6. بۇ ئۇسۇللارنى دوستلىرىڭىز غا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


مەنبە: مەرىپەت تورى

ياخشىكەن
(12)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر