سىز ئاتا-ئانىڭىزغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
يوللانغان ۋاقتى: 16:54 24-09-2011 مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى ئاپتورى: ئەلىجان تەرج كۆرۈلۈشى: قېتىم
سىز ئاددىي بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بولسىڭىز، ئەگەر سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تېخى سالامەت بولسا: (مەيلى سىز ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان، ياكى
سىز ئاددىي بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بولسىڭىز، ئەگەر سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تېخى سالامەت بولسا: (مەيلى سىز ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان، ياكى تۇرمىغان بولوڭ.)
ئەگەر بىر كۈنى، ئاشخانا ئۆينىڭ ئىلگىرىكىدەك پاكىز تازىلانمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئۆيدىكى قازان-قۇمۇشلارنىڭ پاكىز يۇيۇلمىغاندەك تۇرغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئانىڭىزنىڭ قازىنىنىڭ پارقىرىمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتىڭىزنىڭ گۈللۈكىنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئۆيدىكى سەرەمجانلارغا توپا قونۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئانىڭىز ئەتكەن تاماقنىڭ بەك تۇزلۇق ياكى ئوخشىمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دائىم گاز تۇڭىنى ئېتىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ;
ئەگەر بىر كۈنى، سىز ياشانغان دادىڭىز، ئانىڭىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىدە غەيرىلىك بولغانلىقىنى (مەسىلەن، ئۇلار كۈندە يۇيۇنۇشنى خالىماس بولوپ قېلىشىدەك) بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كۆكتات، مىۋىلەرنى ياقتۇرماس بولوپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز ؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پىششىق قورۇلغان سەينى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئاتا-ئانىڭىز يول ماڭغاندا ھەركىتىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز؛
ئەگەر بىر كۈنى، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز......
ئەگەر راستلا مۇشۇنداق بىر كۈن بولسا، سىزگە دەپ قوياي، ھۇشيار بولوڭكى، ئاتا-ئانىڭىز راستىنلا ياشىنىپ قاپتۇ، تېنى ئاجىزلاپ، باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج بوپتۇ.
ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئادەم تېپىپ بولسىمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ، ھەم دائىم بېرىپ يوقلاپ تۇرۇڭ، چوقۇم يوقلاپ تۇرۇڭ، ئۇلار ئۆزىنى تاشلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالمىسۇن.
ھەممە ئادەم قېرىيدۇ، ئاتا ئانىمىز بىزدىن بۇرۇن قېرىدى، بىز ئەمدى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالساق، شۇندىلا ئۇلار سەۋىرچان بولىدۇ، بىزدىن ئاغرىنمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغان چاغدا، پەرزەنت بولغۇچى ھۇشيار بولوڭكى، ئۇلار ئىھتىمال چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماس بولوپ قالغاندۇ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالماس بولوپ قالغاندۇ، ئەگەر ھوجرىدا غەيرى پۇراق بولۇپ قالغان بولسا، بەلكىم ئۇلار ئۆزىمۇ سېزەلمىگەندۇ، ئۇنى سېسىقكەن ياكى مەينەتكەن دېمەي تازىلىۋېتىڭ، شۇندىلا ئۇلارنىڭ «غۇرۇرى»نى ساقلىيالايسىز.
ئۇلار يۇيۇنۇشنى خالىمايدىغان بولوپ قالغاندا، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنى يۇيۇندۇرۇپ قويۇڭ، چۈنكى، ئۇلار ئۆزى يۇيۇنسىمۇ پاكىز يۇيىنالماسلىقى مۇمكىن. بىز غىزالىنىۋاتقان چاغدا ئۇلارغا مۇۋاپىق، ئاسان چاينىيالايدىغان تاماقنى ئېلىپ قويايلى، چۈنكى ئۇلار چاينىيالمىغانلىقى ئۈچۈن يىگۈسى كەلمەيۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.
بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ، سۈت بېرىپ، زاكىلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ، ئاغرىپ قالساق كىرپىك قاقماي بىزنى بېقىپ، بىزگە ياشاشتىكى ئەڭ ئاساسى ئىقتىدارنى ئۈگىتىپ، مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ ئويناتتى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەركىتى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. ئەگەر بىركۈنى، ئۇلار راستىنلا ھەركەتلىنەلمىسە، بىز رولىمىزنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشىمىز كىرەك قۇ؟
پەرزەنت بولغۇچى شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، ئاتا-ئانىڭىزغا قارىغانلىق-كەلگۈسىڭىزگە قارىغانلىق، شۇڭا ۋاپادارلىقنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ «دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ، شامال جىم تۇرغۇزمايدىغان»ۋاقىتقىچە، «بېقىۋالاي،كۆرىۋالاي دېسەم سەن يوق» دەيدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ، ئاخىرى پۇشايماندا قالماڭ؛
يۇقىرىقىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاپ بېقىڭ، سىز ئاتا-ئانىڭىزغا زادى دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟؟؟
شىن زا ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما سەنباۋ تەرىپىدىن «داچىڭ گېزىتى» 2008-يىل11-ئاينىڭ 18كۈنىدىكى سانىدىن فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى 2009-يىل 1-ئايلىق كىيىنكى سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.
ئەلىجان تەرجىمىسى
|
------分隔线----------------------------