ئىسلام دىنى ئىنسان،ھايات ۋە كائىنات بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك يول.ئىسلام دىنى خەلقئارالىق دىن،ئىسلام دىنى مەدەنىيەت يارىتىپ ئالەمنى مەرىپەت بىلەن نۇرلاندۇرغان دىن،ئىسلام گۈزەل ئەخلاق كۆرسەتملىرى بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىب قىلالىغان دىن.ئىسلام دىنى تەڭپۇڭلۇق دىنى بولۇپ،دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، روھ بىلەن ماددىنى، ۋەھيى بىلەن ئەقىلنى، يەككىلىك بىلەن كوللىكتىپلىقىنى، نەمۇنىلىك بىلەن رىئاللىقنى، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى،مەسئۇلىيەت بىلەن ئەركىنلىكنى، مەجبۇرىيەت بىلەن ھوقۇقنى،ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى بىلەن ۋە ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەرنى، ئۆزىنى ئىززەتلىك تۇتۇش بىلەن كەڭچىللىك قىلىشنى بىرلەشتۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئىمان بىلەن مەرىپەت، ھەقى بىلەن كۈچ-قۇۋۋەت، ئەقىدە بىلەن ئەمەل، دىن بىلەن دۆلەت، تەربىيە بىلەن قانۇن، ماددى ئىجادىيەت بىلەن ئەخلاق ئۈستۈنلۇكى، ھەربى كۈچ بىلەن مەنىۋى كۈچنى بېرلەشتۈرىدۇ. يۇقىرىقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرمايدۇ، بەلكى بىرسى يەنە بىرسىنى تولۇقلايدۇ.ئىسلام دىنى دۇنياغىلا بېرىلىپ ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان ياكى ئاخىرەتكىلا بېرىلىپ دۇنيانى ئۇنتۇپ قالغان ئادەمنى نەمۇنىلىك مۇسۇلمان دەپ قارىمايدۇ. ھەر ئىككى مەسىلىدە نورمال يول تۇتۇشنى بۇيرۇيدۇ.يەنى ئىبادەت دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ياكى دۇنيالىق ئىشلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈشنى قوبۇل قىلمايدۇ… مۇسۇلمان كىشى بولسا ئەسلىدە يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىسلامنىڭ ئەزالىرى، ھىدايەت مەشئەللىرى، ياخشىلىق مەنبەلىرى…ئۇنداقتا مۇسۇلمانلاردا ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە خۇسۇىيەتلىرى مۇجەسسەملىشىشى پەرز.قانداقتۇر بۈگۈنكى كۈنىمىزدە بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئىسلام دىنى ئازغۇن ھەللاجىنىڭ (ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد) تەسەۋۋۇف نەزىرىيىسى ئەمەس.شۇنداقلا ئىسلام دىنى ئاساسلىق بەش پەرز بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇ مەدەنىيەت دىنى، ھەزارەت دىنى، بىلىم-مەرىپەت دىنى، ئەقىل ۋە مۇتەپەككۈرلەرنىڭ دىنى، ئۇ ھايات پرىنسىپى… بىزنىڭ ئارقىدا قېلىشىمىز ۋە بۈگۈنكىدەك خارلىق ھالەتكە چۈشۈپ قېلشىمىزغا ئىسلام دىنى سەۋەبچى ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىمىز، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىمىغانلىقىمىز سەۋەبتۇر. دەلىل پاكىتى ناھايىتى ئاددى، مىلادى8-ئەسرىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئىسلامنى ھايات قانۇنى قىلغان ۋاقتىمىزدا مەدەنىيەت ياراتقان، مەرىپەت گۈللەنگەن، ئىززەت-شەرەپ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن، دۇنياغا مەرىپەت مەشئىلىنى يەتكۈزگەن ئىدۇق…شەكتە بولسىڭىز بۇرمىلانمىغان دۇنيا تارىخىغا ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تارىخىغا نەزەر تاشلاڭ! بەلكىم بىزلەر دىنىمىزنى توغرا چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىسلامدىن ئاغرىنىمىز، بىزنىڭ ئاغرىنىىش ھەققىمىز يوق، چۈنكى بىز ئاتا-بوۋىللىرىمىزدەك ھەقىقى مۇسۇلمان بولالىدۇقمۇ؟ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماڭدۇقمۇ؟ بىلىم-مەرىپەت، تەپەككۈر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە مەدەنىيەت يارتىشنى قۇرئان پەرز قىلغان، بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلدۇقمۇ؟؟؟ بىز ئىسلامدىن ئاغرىنىشتىن ئىلگىرى مەن مۇسۇلمانمۇ؟ ئىسلامغا ئەزا بولۇشتا قانچە پىرسەنگە توغرا كىلىمەن؟ ئىسلام مەندىن رازىمۇ؟ مەن ئىسلامغا مۇھتاجمۇ ياكى ئىسلام ماڭا مۇھتاجمۇ؟ دېگەن سوئاللارنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ!… ئىسلام دىنى ئەقىلسىز، نادان، مەدەنىيەتسىز، ئەخلاقسىز، غايىسى چاكىنا، توغرا ئېتىقادقا ئىگە بولالمىغان كىشلەردىن بىزار… ئاساسى مەقسەتتىن چەتنىمەسلىك ئۈچۈن مەن تۆۋەندە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدى شەرىفكە تايىنىپ مۇسۇلماننىڭ ئۆلچىمىنى ئوتتۇرغا قويىمەن، ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ئۆزىمىزنى مىزانغا سېلىپ بېقىپ، مىزاندا ئورۇن باسقان بولساق تېخىمۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭساق، مىزانغا چۈشمەي قالغان بولساق ئۆزىمىزنى توغىرلىۋالساق ئەجەب ئەمەس.ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلسۇن… مۇسۇلماننىڭ ئۆلچەملىرى: * ئېتىقادى كۈچلۈك ۋە ساغلام * پەرز ئىبادەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئىجرا قىلىدۇ. * ئەخلاقى گۈزەل * ئىرادىسى كۈچلۈك * ھىممىتى يۇقىرى * باشقىلارغا گۈزەل ئۆلگە بولىدۇ. * ۋەدىسىگە ۋاپادار * قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە * ۋاقتىنى ھەرگىز پايدىسىز ئىشلاردا زايا قىلىۋەتمەيدۇ. * ئىشلىرى رەتلىك ۋە ئىنتىزاملىق بولىدۇ. * ماددى ۋە مەنىۋى تازىللىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. * گۇمانلىق ئىشلاردىن ساقىلىنىدۇ *ھارام ئىشلارغا يېقىنلاشمايدۇ. *ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئارلىشىپ يۈرمەيدۇ. * خىزمىتىدە ئىخلاسمەن بولىدۇ. * داۋاملىق ئۇمىدرۋا روھ بىلەن ياشايدۇ. * ئالىم ۋە بىلىملىك بولىدۇ. * ئىقتىساتجان بولىدۇ ۋە پۇل-ماللىرىنى ئورۇنلۇق يەرگە ئىشلىتىدۇ. * ھالال تىجارەت ياكى ھالال كەسىپنى پەرز دەپ بىلىدۇ. * مەنىۋى تەربىيەگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. * ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئەھمىيەتسىز پاراڭلاردىن خالى بولىدۇ. * مۇناپىقلىق قىلمايدۇ. * قېرىنداشلىرىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. * ئىستىلى ئەدەب-ئەخلاقلارغا رىئايە قىلىدۇ. * پاكىز ۋە چىقىشقاق بولىدۇ. * ئۇچراشقان قېرىنداشلىرى بىلەن تونۇشىدۇ. * دوستلارنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ دوست تۇتىدۇ. * ماددى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلگەندەك مەنىۋى تەرەپكىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ ھاياتىنىڭ بىر قىسىمىنى مەسجىدتە ئۆتكۈزىدۇ. * ئائىلىسىنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىشىغا تۈرۈتكە بولىدۇ. * قېرىنداشلىرى بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولىدۇ. * ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەپ، ناچار ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. *يەككىلىك بىلەن كوللىكتىپلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. * ئىقتىسادى ياخشى بولسا ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ. * ئىدارە قىلىشقا ماھىر بولىدۇ. * ئىشلارنى پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. * تەپەككۈر قىلىشنى ئىبادەت دەپ بىلىدۇ. *توغرا بىلىم- مەرىپەت ئېلىشنى پەرز دەپ قارايدۇ. * دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى بىرلەشتۈرىدۇ. * مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىمانى مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ. * ئەقىدىسى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتايدۇ. * ئەقىدىسى بېسىپ ئۆتۈۋاتقان باسقۇچ ۋە شارائىتلارنى ياخشى ئۆزلەشتۈرىدۇ. * ئىيجابى رول ئالىدۇ، سەلبى رول ئوينىمايدۇ. * يۇقىرى غايىلەرگە ئىنتىلىدۇ. * ئۇششاق ۋە ئىختىلاپ يۈز بېرىدىغان ئشىلاردىن يىراق تۇرىدۇ. *بىرلىككە كىلەلىگەن نوقتىلاردا ئىتىىپاقلىشىدۇ، بىرلىككە كىلەلمىگەن نوقتىلاردا ھەر بىر تەرەپ ئۆز كۆز قارشىدا قالىدۇ، مەجبۇرلاش ياكى خاپۇلاش بولمايدۇ. * شەخسى مەنپەئەتتىن خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئارتۇق بىلىدۇ. * مۇسۇلماننىڭ قەلبى-كۆكسى كەڭرى بولىدۇ، ئىچى تار ياكى ئىچى يامان بولمايدۇ. * مۇسۇلمان-ۋەزىپىسىگە قارىتا-يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. * مۇسۇلمان ئالدىراڭغۇ ۋە تەرسا بولمايدۇ. * مۇسۇلماننىڭ ھاياتى ھارام ياكى ئىسلام چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولسىلا ئىبادەت قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇلار قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف كۆرسەتكەن مۇسۇلماننىڭ ئۆلچىمى… |