روھى ھارغىنلىق ئىچىدە يۈرگەنلەرگە بېغىشلىما
يوللانغان ۋاقتى: 05:41 14-10-2011 مەنبە: مىھرى ئاي دۇنياسى ئاپتورى: مىھراي كۆرۈلۈشى: قېتىم
مېھىراي تەرجىمىسى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى روھى جەھەتتىن شۇنچە ھارغىن ھېس قىلىشىدۇ ؟ سەۋەبى: ئېرىشىش بىلەن ۋاز كېچىش ئارىسىدا ئ
مېھىراي تەرجىمىسى
كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى روھى جەھەتتىن شۇنچە ھارغىن ھېس قىلىشىدۇ ؟
سەۋەبى: ئېرىشىش بىلەن ۋاز كېچىش ئارىسىدا ئارسالدا بۇلۇپ مۇۋاپىق يەكۈن چىقىرالمىغانلىقتىن !
كىشلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان قەدىرلەپ قۇۋەتلەشكە تېگىشلىك ۋە چوقۇم ئۇنتۇشقا ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلىرىمىز بۇلىدۇ .ئېرىشىش بىلەن ۋاز كېچىش ئارىسىدا توغرا يەكۈن چىقىرالماي ،ئارسالدا يۈرۈش ،يا ئۇياققا بۇلالماي يا بۇياققا بۇلالماي يۈرۈش ئادەمنى روھى جەھەتتىن قىيناپ ،شۇنداق ئېغىر ئەمگەك قىلىپ ھېرىپ كەتكەن ئادەمدىنمۇ ئۆتە چارچاپ كېتىدۇ . شۇڭا چوقۇم ئېرادىلىك بىلەن ئۆزىمىزگە تەئەللۇق نەرسىنى قەدىرلەپ ، تەئەللۇق بولمىغان نەرسىدىن ۋاز كېچىشنى ئۈگۈنۋېلىشىمىزشۇنداقلا ھەرقانداق ئىشقا يۇلۇققاندا سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ، كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچۇرغاندا ئۆزىمىزگە بەك ئېلىپ كەتمەي ،ياخشى تەرىپىنى ئويلىشىمىز،ئۆزىمىزنى ئەركىن تۇتىشىمىز لازىم .
كىشىلەر نىمە ئۈچۈن بەزى ۋاقىتلاردا شۇنچە چېچىلىپ ئەركىن ئازادە ياشىيالمايدۇ ؟
سەۋەبى :كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنىڭ بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتكىنىدىن ! ئەسلەسكە تېگىشلىك ھەم ئۇنتۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قەلب خاتىرسىگە يېزىۋالغىنىدىندۇر !
بىز دائىم ئۇنتۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۇنتۇشقا تېرىشماي ،گەرچە ئەسلەسكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىمىز .
نىمە ئۈچۈن كىشىلەر ساراڭ كىشىلەرنى شۇنچە كۈلكىلىك ،غەم قايغۇسىز ،قاچانلا قارىسىڭىز ئۆزى بىلەن ئۆزى كۈلۈپ يۈرۈيدۇ دىيىشىدۇ ؟ چۈنكى ساراڭ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشلىرىنى، ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىقلىرىنى ، بۇ دۇنيانىڭ بارلىق خاپىلىق،بوران چاپقۇنلىرى ،مېھرى –مۇھەببەتلىرىنى ئۇنتۇغان .ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ياشايدۇ ، ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ھېچ بىر توسالغۇسىز كۈلۈپ ئويناپ ياشايدۇ .شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ خوشاللىقىدىن ۋاز كېچىشكە رازى بولدىكى ،ساراڭلاردەك ياشاشنى خالىمايدۇ .
ناۋادا ئۇنتۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ ، ئەسلەشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئەسلىسەك ، ياكى بولمىسا ئېلگىركىنى ئۇنتۇپ ،ھايات مۇساپىمىزنى قايتىدىن باشلىساق قانچە ياخشى بۇلاتتى ھە ! ئەپسۇس ، دىمەك ئاسان ، ئەمىليەتتە قىلماق بەك تەس !
كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى شۇنچە ئازاپ دەرت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ ؟
سەۋەبى :قوغلىشىدىغان نەرسىمىزنىڭ بەك كوپ بۇلۇپ كەتكەنلىگىدۇر ! كىشلىك ھاياتتا ھەممە ئىش ئادەم ئۆزى ئويلىغىنىدەك مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلىۋەرمەيدۇ ، بەزىدە پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ چۈشۈشىمىز مۇقەررەر . ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئادەم ئۆزىنى بەخىتسىز چاغلاپ ، تەغدىرىدىن زارلانماسلىقى، ئەترەپىدا ئۆزىدىنمۇ بەخىتسىز كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىشى لازىم .
ھەممىمىز بىلىمىز ،ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئارزۇ ئارمىنى بۇلۇدۇ ، ئەمما ئارزۇ دېگەن ھامان ئارزۇ ، بارلىق ئارزۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ كېتەلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس .بەزى مەسىللەر مەڭگۈ جاۋاپسىز قالىدۇ ، بەزى ھېكايىنىڭ مەڭگۈ ئاخىرى چىقمايدۇ ،بەزى كىشىلەر شۇنداق يېقىن مۇناسىۋەتتە تۇرۇقلۇق ناتۇنۇش ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ .
ئەمىليەتتە ئازاپنىڭ كېلىش نوقتىسى باشقىلار بولماستىن بەلكى ئۆزىمىز ، ئۆزىمىزنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىگىمىزدىن ، ئازاپقا بەرداشلىق بېرىش كۈچىمىزنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدۇر.ئەگەر بىز ئاددى ئىشلارنى مۇرەككەپ ئويلاپ كەتسەك ،ئۆزىمزىگە ئازاپ تېپىۋالغىنىمىز بولماي نىمە؟
ۋاز كېچىشنى ئۆگۈنۈپ ، روھىمىزدىكى ئاتالمىش يۈكلەرنى چۆرۈپ تاشلىيالىغاندىلا ،ئاندىن ئۆزىمزىنى يىنىك ،ئەركىن ئازادە ھېس قىلىمىز .
كىشىلەر نىمە ئۈچۈن كۈلۈپ ياشىالمايدۇ ؟
سەۋەبى : ھەممە نەرسىگە ھەسەت بىلەن قارىغانلىقىدا ! باشقىلارنىڭ بەختلىك خوشال توققۇزى تەل ئۆتىۋاتقىنى كۆرۈپ ، بۇنى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،ئۆزىدە بىر خىل باشقىلاردىن تۈۋەن چاغلاشتەك ئىدىيەدە بۇلۇش بىر خىل ئەخمەقلىقتۇر .بەلكى سىزنىڭ كۆرگۈنىڭىزنىڭ پەقەت باشقىلارنىڭ تاشقى شەكىل جەھەتتىكى بەختلىك مەنزىرسى بۇلۇپ ، بەلكىم ئۇلار سىزچىلىك بەخىتلىك،خوشال ئەمەسلىگى مۇمكىن .
كىشىلەر بەختلىك ،يۇقۇرى سەۋىيەلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھامان تېرىشىدۇ ، ئىزدىنىدۇ ،شۇ خىل تۇرمۇشقا ئېرىشەلىسە ئۆزلىرىنى بەخىتلىك ھېس قېلىشىدۇ ، قولغا كەلتۈرەلمىسە تەغدىرىدىن ،باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ ھەم ، ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرغانلارغا ھەسەت قىلىشىپ ،ساق بېشىنى ئاغرىتۋالىدۇ .
دۇنيادا نوقسانسىز نەرسە بولمايدۇ ، شۇنداقلا نوقسانسىز نەرسە ئەڭ گۈزەل بۇلىدۇ . پەقەت كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندىلا ، ئۇڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىرادە بولغاندىلا ، يىقىلىپ چۈشكەن يەردىن تۇرالىغۇدەك كۈچ مادار بولغاندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايدۇ !شۇنداقلا ئۆزىنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلالايدۇ .
|
------分隔线----------------------------