ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىق ـــــــــــــــــ نادانلىق
يوللانغان ۋاقتى: 17:37 12-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئادەملەر تەبىئى ھالدا«ئاقىل» ۋە«نادان»دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىلىپ كەلدى.
نادانلىق ــــــــــ «نادان»سۆزىگە«لىق» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىپ ياسالغان سۆز بىرىكمىسى.«نادان»-ئادەم پىسخىكىسىدىكى روھى ئاجىزلىقنى،«نادانلىق»-ئادەمدىكى ئاشۇ روھى ئاجىزلىقنىڭ رېئال ئىش -ھەركەتتىكى ئىپادىسىنى كۆرسۈتىدۇ.
ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئادەملەر تەبىئى ھالدا«ئاقىل» ۋە«نادان»دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىلىپ كەلدى.
ئاقىللىق ۋە نادانلىق بىرئادەمنىڭ ئەقلى، تەپەككۇر ئىقتىدارى،ماكان ۋە زامان چۈشەنچىسى،ماكان ۋە زاماننى ھاياتلىققا بىرلەشتۈرش ئېڭى،ئائىلە،مىللەت،ۋەتەنگە بولغان مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى،ئۆزۈنىڭ قىممىتى،رولىغا بولغان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇقۇمى،بۈگۈن ۋە ئەتىگە بولغا قارىشى قاتارلىقلاردىكى تاللىشى ۋە ئىنكاسىغا قاراپ ئايرىلىدۇ. ئاقىللىق-ئادەمدىكى بىر خىل روھى تاكاممۇللۇق،نادانلىق-روھى جەھەتتىكى ئەڭ زور گادايلىق ھېساپلىندۇ. ئاقىل ئادەم ئائىلە ،مىللەت ،ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى بىلەن ماكان،زامان مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ،شۇ زامان ،شۇ ماكاندا مىللەتكە، ۋەتەنگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ.
نادان ئادەملەر ئائىلە ،مىللەت ،ۋەتەن مەنپەتىنى ماكان ۋە زامان بىلەن قارمۇ- قارشى قۇيۇۋېلىپ ،ئويلىغاندا ،ئىش قىلغاندا،ھەمىشە شەخسى مەنپەئەتنى پۈتۈن ئىش ھەركىتىنىڭ ئاخرىقى مەخسىتى قىلىدۇ.پۇلى كۆپەيگەنسىرى نادانلىشىدۇ،ئەگەر ئۇلار ھوقۇققا ئېرىشسە باشقىلارغا قارىتا رەھىمسىزلىشىدۇ،ئۇنىڭدا ئائىلە،مىللەت ۋە ۋەتەنگە بولغان مەسۇلىيەت تۇيغۇسى تولىمۇ كەمچىل بولىدۇ،ھەتتا يوق بولىدۇ.
نادانلىق-مەلۇم بىر مىللەتكە خاس روھى ھالەت ئەمەس.بارلىق مىللەتلەردە مەۋجۇت.ئەمما بەزى مىللەت ئاھالىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان،بەزى مىللەت ئاھالىسىدە تارقىلىشى ئاز بولىدۇ.بەزى مىللەت لەر نادانلىقتىن بالدۇر قۇتۇلغان بولسا، بەزى مىللەتلەرنىڭ نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى ئاجىز بولۇشتەك پەرقلەر بولىدۇ.
نادانلىقنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئۇلغۇيىشىدا مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە ساقلانغان ھەسەتخورلۇق،چېقىمچىلىق،تەمەخورلۇق،نەپسانىيەتچىلىك،جاھىللىق،يۇرتۋازلىىق،مەزھەپچىلىك،ۋە شەھۋەتپەرەسلىك قاتارلىق روھى ئاجىزلىقنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ.
ئۆزۈمىزگە كەلسەك نادانلىقنىڭ ئىپادىلىرىنى ئىلگىركى زاماندىكى ھالىتىمىز ۋە ھازىرقى ھالىتىمىزدىنمۇ خېلە كۆپ تاپالايمىز..مەسىلەن:پۇل كۆپەيسىلا ئىسراپچىىلىق،بەدخەجلىكنى مىللەتننىڭ خاس ئۆرپ ئادىتى ئۈستۈگە دەسسىتىش(ھەشەمەتلەك سورون.ھەشەمەتلىك توي ،ھەشەمەتلىك چايلار،ھەشەمەتلىك قەۋرە ياساش،....قاتارلىقلار).تۇرمۇشى سەل ناچار بولسا جاھىللىشىپ ئاڭقاۋلىق قىلىش،كىچىككىنە ئىمتىياز ھوقۇققا ئېرىشسە قول ئاستىدىكىلەر ۋە باشقىلارغا غەيرى مۇئامىلىدە بولۇش ئەھۋاللىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت.بۇ ئايرىمىلىق بولسىمۇ لېكىن ئۇ بىر مىللەت ئاھالىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن خەتەرلىك.
|
------分隔线----------------------------