نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

بايراملىرىمىزنىڭ ئاتىلىشى توغرىسىدىكى تەھلىل

يوللانغان ۋاقتى: 14:22 06-08-2011 مەنبە: ئەلكۈيى مۇنبىرى ئاپتورى: كانىۋاي كۆرۈلۈشى: قېتىم
جۈملىدىن بىزنىڭ بايراملىرىمىزنىڭ ئىسمىمۇ ئەنە شۇ مەدىنىيەت دولقۇنلىرىدا پىشىپ چىققان بولدى،مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ "روزا ھېيت،قۇربان

بىز  ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان تۈرلۇك مەدىنىيەتلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدۇق، نەتىجىدە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ شۇ مەدىنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ خەنزۇچە،ئەرەپچە،پارىسچە،رۇسچە ۋە ئېنگىلىسچە ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلى تەركىۋىگە ئايلاندىن.جۈملىدىن بىزنىڭ بايراملىرىمىزنىڭ ئىسمىمۇ ئەنە شۇ مەدىنىيەت دولقۇنلىرىدا پىشىپ چىققان بولدى،مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ "روزا ھېيت،قۇربانلىق ھېيت،نورۇز بايرىمى"توغۇرىسىدىكى تەھلىلىمنى تورداشلارغا سۇندۇم .

             روزا ھېيت--روزا ئەرەپچە سۆزلۈك بولۇپ لۇغەت مەنىسى :ئۆزىنى چەكلەش،ئۆزىنى تۇتىۋېلىش بولۇپ.ئاللانىڭ بىرلىك بارلىقىغا ھەقىقى ئىشەنگۈچىلەر 30 كۈن ئۆزىنى تۇتىۋېلىش يەنى رامىزان ئېيىدا ھەر كۇنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن تاماق يەپ بىر كۇن پاكلىنىشنى نىيەت قىلىپ ئاللانىڭ رازىلىقىنى تىللەپ تاكى شۇ كۇنى كۇن ئولتۇرغىچە يىمەكلىك يىمەيدۇ،يامان ئىش قىلمايدۇ،ھەتتا يامان نىيەتتىمۇ بولمايدۇ،ئىپتاھارلىق ۋاختىدا ئاللانىڭ رازىلىقىنى تىللەيدۇ ھەمدە ئاللادىن ياخشىلىقلار تىللەيدۇ،بۇ بىر ئايدا ئاللاغا سادىق كىشىلەر ئاللانىڭ قانۇنىنى (قۇرئان كېرىمنى) تەھلىل تەپەككۇر قىلىپ تولۇق ئوقۇپ چىقىدۇ يەنى ئاللانىڭ رەھمىتى غەزەپلىرى، ئاللانىڭ بەلگىلىمىلىرى توغۇرىسىدا تەپەككۇر قىلىپ ،ئۆزلىرىنىڭ سۆز -ھەركەتلىرىنى ئاللانىڭ قانۇنىغا سېلىپ توغرا يولدا مېڭىشقا يۇزلىنىدۇ.بەش ۋاق نامازنى تولۇق ئوقۇغاندىن باشقا كەچلىك تاراگا نامازنى تولۇق ئۆتەيدۇ.ئۆيلىرىدە روزا تۇتقانلارغا ئىپتارلىق بېرىدۇ. ئۆچ-ئاداۋىتى بارلار ياخشىلىشىدۇ،ئاجىزلارغا ياردەم بېرىلىدۇ. ھەتتا بەزىلەر تىجارەتلەرنى بىر ئاي توختۇتۇپ پۇتۇن زىھنى بىلەن ئاللانى يات ئېتىپ،ئاللادىن كۆچۇرۇم تىللەپ،ئاللادىن ياخشىلىق تىللەپ  ئاللانىڭ رازىلىقى ئۇچۇن قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدۇ ،باشقىلارغا ئازار بەرمەيدۇ،باشقىلار يامانلىق قىلسا ئۇلارغا سەۋرە قىلىپ ئۇلارنى كۆچۇرىدۇ.قىسقىسى بۇ بىر ئايدا ئاللانىڭ ياىشى بەندىلىرى ئاللا بۇيرۇغان ئىشلارنى جان-دىلى بىلەن قىلىپ،چەكلىگەن ئىشلاردىن قەتئى يىراق تۇرىدۇ.
             روزىنىڭ يۇققۇرقىدەك ئارقا كۆرۇنۇشلىرىنى تەھلىل قىلساق روزا -پاكلىنىش دىمەكتۇر .چۇنكى ئاللاغا ئىشەنگەن بەندە مۇشۇ بىر ئاي رامىزان كۇنلىرىدە ئۆزىنىڭ نەپسىنى،دىلىنى،كۆز،قۇلاق،پۇت-قولىنى زىيانلىق(ھارام) يەنى ئاللا قانۇنىدا(قۇر'ئان كېرىمدە) چەكلىگەن بارلىق ئىشلاردىن قەت'ئى چەكلەيدۇ.تىلى بىلەن ئاللاغا مەدىيە ئوقۇيدۇ(قۇر'ئان ئوقۇيدۇ،نامازلىرىدا مەدىيە ئوقۇيدۇ،تىلەك(دۇئا) لىرىدە ئاللادىن ياخشىلىق تىللەيدۇ،خاتالىرىنىڭ كۆچۇرۇم بولۇشىنى تىللەيدۇ)،ماللىرى بىلەن مۇھتاجلارغا سەدىقە قىلىش،ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئاللانىڭ ياردىمىنى ،رازىلىقىنى تىللەيدۇ،تەنلىرى ئاللادىن قورقۇپ سۇ بولغان ئاللاغا ئادەتتىكىدىن زىيادە سالام بېرىدۇ،باش ئۇرىدۇ(تاراگا نامىزى ئۆتەيدۇ).ئاللا مۇشۇ رامىزان كۇنلىرىدە ئاللاغا سېغىنىپ گۇنالىرىنىڭ كەچۇرۇم بولۇشىنى تىللىگەنلەرنىڭ تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ گۇنالىرىنى كەچۇرۇم قىلىدۇ،ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ(ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن ۋەشېۋى قادىر كېچىسى تىللىگەن تىلەك ئىجاۋەت بولىدۇ)......شۇڭا بىز ئاتاپ كېلىۋاتقان روزا ھېيتنى پاكلىنىش بايرىمى دىسەك توغرا بولىدۇ.
        قۇربانلىق ھېيت- ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىبراھىمنىڭ ئاللانىڭ بۇيرۇقىغا قىلچىلىك بويۇنتاۋلىق(ئىككىلەنمەي) قىلماي دەرھال بوي سۇنغانلىقى.ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمايىلنىڭمۇ ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن كېچىشكە رازى بولغانلىقى يەنى بۇ ئىككى بەندىنىڭ ئاللاغا بولغان چەكسىز ساداقىتى مۇھەببىتى،شۇنداقلا ئاتا-بالىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى، ھۇرمىتى ،كۆيۇمى .ئاخىرىدا ئاللانىڭ بەندىلەرگە بولغان چەكسىز مېھرىبانلىقى(ئاللانىڭ ئىبراھىمنى سىناش مەقسىتىدە ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىغانلىقى ،ئىبراھىمنىڭ بۇ بۇيرۇققا خوشاللىق بىلەن بوي سۇنغانلىقى،نەتىجىدە ئاللانىڭ ئىبراھىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ)  .ئاللاغا ساداقەتمەن كىشىلەرنىڭ ئاللانىڭ بۇ مېھرىبانلىقىدىن سۆيۇنۇپ ئاللاغا مەدىيە ئوقۇش،ئاللانىڭ مېھرىبانلىقىنى ئەسلەش ،ئاللانىڭ ئىنسانلارغا تولىمۇ كۆيۇمچان ئىكەنلىكىنى تونۇش مەقسىتىدە بۇ كۈننى خاتىرلەپ بايرام قىلىپ كەلگەن.بۇ مەنىدىن ئىيتقاندا قۇربانلىق ھېيت--"مېھرى-مۇھەببەت بايرىمىدۇر".
         نورۇز بايرىمى-باھار بايرىمى دىمەكتۇر ،بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر بار .


ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر