نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

تاجىك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئابىدە

يوللانغان ۋاقتى: 07:46 02-08-2011 مەنبە: ئۇيغۇررادىئوتورى ئاپتورى: پولات ئامانن كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

يېقىندا كىتابخانىنى ئارىلاۋېتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرى قاتارىدا قورال خاراكتېرلىك ئەسەر «جۇڭگو تاجىك تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» نى كۆرۈپ قالدىم. شېرىن قۇربان، مەدەلىخان بالۇن، مىرزايى دوسمۇھەممەدلەر قەلىمىدىكى بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئىلگىرى نەشر قىلىنىپ، جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاس قوزغىغانىدى.

«جۇڭگو تاجىك تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» — «مۇقەددىمە» (تاجىك مىللىتى ھەققىدە قىسقىچە بايان)، «پايدىلىنىلغان مۇھىم كىتاب-ئەسەرلەر كاتالوگى» ۋە «خاتىمە»دىن باشقا، «جۇڭگونىڭ رەسمىي تارىخى ئىچىدىكى جۇڭگو تاجىكلىرىغا ئائىت يازما ماتېرىياللار»، «چەت ئەل تىلى كىتابلىرىدىكى جۇڭگو تاجىكلىرىغا ئائىت يازما ماتېرىياللار» قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان. كىتابنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى كەڭ بولۇپ، تاجىكلارنىڭ گېئوگرافىيىلىك ياشاش مۇھىتى، ئىجتىمائىي تارىخى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، دىنىي ئېتىقادى، فولكلور مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇشبۇ كىتابنى تاجىك تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ ئېنىسكلوپېدىيىسى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشى تاجىكلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى كاتتا ئىش بولۇپ، تاجىكلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور رول ئوينايدۇ.

ئىلگىرى تاجىكلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت يازما ماتېرىياللار كەمچىل بولغاچقا، تاجىك مىللىتىنى تەتقىق قىلىشتا قىيىنچىلىق كۆپ ئىدى. بۇ ئۈچ ئاپتور قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاخىرى «جۇڭگو تاجىك تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك روياپقا چىقىرىپ، تاجىك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا ئاساس سالدى.

مەن بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە پروفېسسور شېرىن قۇربان بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشى مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى مەن، مەدەلىخان، مىرزايى ئۈچىمىز ‹تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى› تېمىسىدا بىر كىتاب يېزىشنى مەسلىھەتلەشكەن ئىدۇق. كىتابنىڭ تىزىسىنى ئىشلەش جەريانىدا كۆپ بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى، تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ تارقاق، چېچىلاڭغۇ ۋە يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى پىلانىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئالدى بىلەن ‹تاجىكلارنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى› نى، شۇ ئاساستا ‹تاجىكلارنىڭ قىسقىچە تارىخى› نى يېزىشنى ئويلاشتۇق. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ كىتابنى يېزىشقا 12 يىل سەرپ قىلىپ، زور مىقداردىكى تارىخىي ماتېرىياللارنى يىغدۇق. ئېلىمىز تاجىكلىرى ۋە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تارىخى، گېئوگرافىيىسى ۋە مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىگە ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارنى بىر-بىرلەپ رەتلەپ چىقتۇق ھەم ئۇلارنى تارىخىي تەرەققىيات يىلنامىسى ۋە ئەسلىي ماتېرىيال بويىچە رەتكە تۇرغۇزدۇق. زۆرۈر يەرلىرىگە ئىزاھات بەردۇق».

ئۇشبۇ كىتاب تاجىكلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيىتى تولىمۇ زور. ئۇنى تاجىك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئابىدە، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر