نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

نامراتلىق كىشىگە بەخت ئېلىپ كەلمە

يوللانغان ۋاقتى: 02:29 07-02-2011 مەنبە: يەتتەقىزلىرىم مۇن ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
پۇل نىجىس نەرسە ئەمەس

          بۇرۇن بىر بانكىر دىگەن كۆپ قىسىملىق كىنونى كۆرگەن، ئۇنىڭدا پارىژ ئىنقىلاۋىنىڭ (ئىسىمدە شۇنداقراق قاپتۇ) مەغلۇپ بۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلار  نۇرغۇن جايلارنى كونتىرول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىقتىسادى ئۇرۇنلارنى مەسىلەن، بانكا، مالىيە دىگەندەك ئۇرۇنلارنى كونتىرول قىلمىغان، ئۇلارنى ئىگەللەشكە، ئىشغال قىلىشقا، كونتىرول قىلىشقا سەل قارىغان، نەتىجىدە، غەلىبە قىلىشقا ئاز قالغاندە يەنىلا مەغلۇپ بولغان، چۈنكى، پۇل بولمىغاچقا، ئۇنى كونتىرول قىلمىغاچقا، قورال ۋە ياكى يىمەكلىككە ئوخشاش نەرسىلەرنى سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمەيتى، باشقىلاردا پۇل بولغاچقا، ئىقتىسادنى كونتىرول قىلغاچقا، ئۇلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان، ئەگەردە پارىژ ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلغان بولسا، سوتسىيالىزىم يېرىم ئەسىر بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولاتتى.....
     يۈسۈفجان سەمەتنىڭ پۇل ھەققىدە ئويلىغانلىرىم دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر جۇملە سۆز بار، ئامېرىكا، قايسى بىر جاينى( يەنى خەرىتىدىن قارىسا كاناداغا تەۋە بىر جاي، لېكىن، رەڭگىگە قارىسا، ئامېرىكىنىڭ رەڭڭى بىلەن ئوخشاش،) قورالغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى، پۇلغا سېتىۋالغان.
    پۇلى بار بۇلۇش يامان ئىش ئەمەس، يامانلىقى دەل تاپقان پۇلنى توغرا جايغا ئىشلەتمەسلىك، ئۇنى بۇزۇپ چېچىش، يوغانچىلىق قىلىش.
      ھازىر پۇل تېىپىش تەس بۇلۇپ كەتتى، لېكىن، پۇل ھەرگىزمۇ نىجىس نەرسە ئەمەس، پۇلدا گۇناھ يوق،  پەقەت ھالال يول بىلەن پۇل تاپمىغانلار، ئېتىقادىنى يوقاتقانلار، ئىپپىتىنى يوقاتقانلار، باشقىلارنى يامان يول ئارقىلىق پۇل تىپىشقا سېلىۋاتقانلار، مەجبۇرلاۋاتقانلار، زەھەر سېتىپ، كىچىل بالىلارنى ئالداپ سېتىش  ئارقىلىق پۇل تاپقان كىشىلەر نىجىس ۋە رەزگىلەردۇر، دوزاققا مەھكۇمدۇر، لەنەتگەرلەردۇر.
     ئارىمىزدا شۇنداق ياخشى كىشىلەر باركى، ئۇلار پۇل تاپتى، تاپقان پۇلىنى ياخشى، ساۋابلىق ئىشلارغا ئىشلىتىپ، خەلققە ۋە جەمئىيەتكە ياخشى ئىجتىمائى ئۈنۈم ياراتتى. مەسىلەن: نۇرتاي ھاجىم، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ يېتىم-يىسىرلار مەكتىۋى قۇرۇپ، ئۇقۇشسىز قالغان نامرات ،يىتىم بالىلارنى ئوقۇتتى ، ئەگەر نۇرتاي ھاجىمدا پۇل بولمىسا، شۇنداق قىلىشقا قۇربى يىتەمتى؟ قەشقەردىن چىققان ئوغلانىمىز سېلىمھاجى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇپ، كىچىك ياش نوتىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىلەپ، خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بارلىق تەرگەن تاپقىنىنى ئەۋلاتلارنىڭ چېنىقىشى ۋە تەربىلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارمان شىركىتى ۋە ئىخلاس شىركىتى نۇرغۇن ئىشىسزلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن، نامرات ۋە ياكى ئىختىسادى ئارقىدا قالغان جايلارغا مەكتەپ سېلىپ بەردى، ئەگەر ئۇلاردا پۇل بولمىسا، ئىختىساد بولمىسا، ئۇلار شۇنداق قىلالامتى؟ دۇنياغا مەشھۇر كىلاسسىك مەدەنيەت مىراسىمىز بولغان مۇقامنى ۋ س د،دۋد  قىلىپ ئىشلەش ئۈچۈن، دولەت قانچىلىق پۇل ۋە ئىختىساد، تېخنىكا كۈچى ، ئادەم كۈچى ئاجراتتى ؟ پۇل بولمىسا، ئۇلارنى روياپقا چىقىرىپ، دۇنياغا تۇنۇتالامتۇق؟
يەنە مىسال : دۆلىتىمىزدە ۋە رايۇنىمىزدا ئاۋستىرالىيە ۋە فىنلاندىيەدىن كەلگەن بىر نەچچە ساخاۋەت جەميىتى بار، ئۇلار بىلەن بىز تۇققان ئەمەس، ئۇلار بىزنى تۇنۇمايدۇ، لېكىن، ئۇلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نامرات جايلاردىكى خەلقنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا كۈڭۈل بۈلۈپ، نۇرغۇن مەبلەغ ، ئىختىساد، ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ،ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا بىزدىن ھىچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت ئىختىسادى كۈچى ئارقىلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىۋاتىدۇ، بۇنداق ياردەم پەقەت بۇ يەردىلا بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىمۇ بار، بۇلارنى نامرات دۆلەتلەر قىلالمايدۇ، بەلكى، ئىختىسادى ياخشى دۆلەتلەرلا قىلالايدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىسا، ئۇلار شۇنى  قىلالامتى؟ داۋاملاشتۇرالامتى؟ ..
   رايۇنمىزدا، قەشقەردىكى تۈمەن دەرياسى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇھىتى شۇنداق بۇلغانغان، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نىمە كېرەك بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىختىساد كېرەك بولار؟ ئۇندىن باشقا، دولىتىمىز تارىم دەرياسىغا يىلدا نەچچە مىليۇن پۇل ئاجرىتىپ ئېكېلوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا پۇل، ئىختىساد كېىتىدۇ. چوڭ بازار ۋە سەنشىخاڭزىغا بارساق، نۇرغۇن كىچىك ،مەكتەپكە ئوقۇشقا تىگىشلىك بالىلارنىڭ مايلامچىلىق قىلىۋاتقىنىنى كۈرىمىز، بۇلار نىمە ئۈچۈن مايلامچىلىق قىلىدۇ، بىر سوم ئۈچۈنغۇ؟ پۇل ئۈچۈنغۇ؟ ئىختىساد ئۈچۈنغۇ؟ مۇنبەردە نۇرغۇن مۇراجىئەتنامىلارنى كۆردۇق، ھەممىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ،داۋالىنىشقا پۇل يىتىشمەيۋاتقانلار، ئۇلارغا 1000000000 لىغان «شىپالىق بىرەر» دىگەن سۆزگە قارىغاندا بىر كوي پۇل ئەۋزەل.
     پۇل نىجىس ئەمەس، نامراتلىك كىشىگە بەخت ئېىلپ كەلمەيدۇ، ئىختىساد ياخشى بولسا، ياخشى كىتاپ سېتىۋالالايمىز، ياخشى بىلىم ئالالايمىز، قايسى دولەتلەرگە چىقىپ ئوقۇيمىز دىسەك ئوقۇيالايمىز، ئەۋلاتلارنى ئوقۇتالايمىز، زاۋۇت،كان كارخانا قۇرۇپ، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ نەتىجە قازىنالايمىز، بۇنىڭغا ئىختىساد كېرەك، ھەرگىزمۇ نامراتلىق كېرەك ئەمەس.
    دولىتىمىزمۇ ئىختىسادى قۇرۇلۇشنى   مەركەز قىلغان ئاساستا ئىسلاھات ئېىلىپ بېرىپ، ئالامشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەل پۇلىنى ئالماي ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتىدۇ، كوپلىگەن يول كۆۋرۈكلەرنى سېلىپ، بۇرۇن نەچچە كۈندە بارىدىغان جايلارغا ھازىر بىر كۈن ئىچىدە، نەچچە سائەت ئىچىدە بارالايدىغان بولدۇق، شۇنداق بولسىمۇ، نۇرغۇن جەھەتلەردىن كەملىك بار،مەسىلەن:  كانادا دا 18 ياشقىچە ھەقسىز داۋالايدۇ، چۈنكى، ئۇلاردا ئىختىساد بار، پۇل بار، دولەت قۇدرەت تاپقان. ئەگەر دۆلىتىمىزمۇ قۇدرەتلىك بولسا، بۇنداق ھەقسىز داۋالاش، ۋە ھەقسىز مائارىپ بىر كۈنلەردە بىز كۈرەلمىسەك، باللىرىمىز، ھىچ بولمىغاندا نەۋرىلىرىمىز شۇنداق ئوقۇيدۇ، بۇ مۇقەررەرلىك، پەقەت ئىىختىساد بولسىلا، قۇدرەتلىك ۋە باي بولسىلا.
      ئىختىسادىمىز گۈللەنسە ، بىزمۇ چەتئەللىكلەرگە ئوخشاش باشقا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلالايمىز، ساياھەت ئىزلىرىمىز مىسىرنىڭ ئەلئېھرامدا، ھىىندىستاننىڭ تاج ماخال مەقبەرىسىدە، دۇبەيدىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر بولغان 7 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا، ئامرىكىنىڭ سودا مەركىزى بار جاينىڭ خارابىسىگە، پارىژدىكى ئېفىر تۈمۈر مۇنارىغا ، رىمدىكى گىلادىئاتور مەيدانىغا ، سىدنىيدىكى دۇنياغا مەشھۇر تىياتىرخانىغا ، دىيارىمىزدىن تۇرپان ئىمىن ۋاڭ مۇنارىغا، ئالتايدىكى قاناسقا، غۇلجىدىكى ئىلى دەريا بويلىرىغا، كۈنەس يايلاقلىرىغا، بورتالادىكى سايرام كۆلىگە، قەشقەردىكى ھىيېتكاھ مەسجىتى، ئاتۇشتىكى جاي پەچچىم، سۇلتان سۇتۇق مازىرى، كۇچادىكى قەدىمى يادىكارلىقلار .....بار جايلارغا بارالايمىز،ساياھەت قىلالايمىز،  شۇ يەردە ئىزلىرىمىز قالىدۇ، ساياھەت قىلىش يامان ئىش ئەمەس، دۇنيانى ئايلىنىش يامان ئىش ئەمەس، پۇل بولغاندىلا ، ئىختىساد بولغاندىلا شۇ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا، ئۆزىمىزدىن ئېشىنىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلالايمىز، قېرىنداشلىرىمىزدىن باشقا بىزمۇ فىنلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىغا ئوخشاش ئۇرۇنلارنى بىزمۇ قۇرۇپ، بىزمۇ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ، باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلالايمىز، پەلەستىن، ئىراقلىق مۇساپىرلارغا ياردەم قىلالايمىز،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىختىساد بىلەن بولىدىغان ئىشلار. پۇل بىلەن روياپقا چىقىدىغان ئىشلار.
         دىمەك، پۇل ھەرگىزمۇ نىجىس ئەمەس، بىز نامراتلىققا مۇھتاج ئەمەس، نامراتلىق بىزگە بەخت ئېلىپ كىلەلمەيدۇ، شۇڭا بىز توغرا بولغان ئىختىساد ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزايلى، ھىچ بولمىسا، باللىرىمىز ۋە كەلگۈسىدە باللىرىمىزنىڭ ۋە نەۋرىلىرىمىزنىڭ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ، ۋىجدانىمىزنى يوقاتماي، ئېتىقادىمىزغا شەك كەلتۈرمىگەن، قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا ، پۇل تاپايلى،  ئىختىسادىمىزنى گۈللەندۈرەيلى. مېىھنەت تەرىمىز بىلەن ئەقلىمىز ۋە 2 بىلىكىمىزگە تايىنىپ، جاپاغا چىداپ ،ھالال يول بىلەن پۇل تاپساق، بىز چۇقۇم بىر كۈنلەردە قۇدرەتلىك ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان مىللەتلەر قاتارىغا كىرەلەيمىز، ھەرگىزمۇ نامراتلىق بىلەن ئەمەس.
   
مەنبە : يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر