يالىڭاچلىقنىڭ غەرپچە جەلپكار يۈزى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇياتچان سۆزى يالىڭاچ بەدەنگە، تەن گۈزەللىكىىگە مەھلىيالىق دېڭىزنى، دېڭىزچىلىقنى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان غەرپ مەدەنىيىتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بىر تەرىپى. ئامېرىكىدا دېڭىزدىن شۇنچە يېراق ياشايىدىغان كانزاسلىقلارمۇ ئۆيلىرىدە قولۋاق ساقلايدىكەن، ئىشىك ئالدىلىرىغا، گۈللۈكلىرىگە يالىڭاچ پەرىلەرنىڭ بولۇپمۇ يۇيىنىۋاتقان يالىڭاچ ساھىپجامالنىڭ ھەيكەللىرىنى ئورنۇتىۋالىدىكەن. بۇنداق ھەيكەللەر ھەر خىل قىياپەتتە ھەر خىل چوڭلۇقتا بولۇپ نەگە قويسا ماسلاشقىدەك ھالەتتە ياسالغان ئىكەن، ياۋرۇپادىكى ئاممىۋىي سورۇنلارغا تىكلەنگەن يالىڭاچ لەۋەنلەرنىڭ ھەيكەللەرنى دېمىسەكمۇ جاھانغا ئايان. . غەرپ مەدەنىيىتىدە گۈزەللىك تولىمۇ كونكىرىت بولىدۇ. غەرپتە گۈزەللىك قارىسا كۆرگىلى، تۇتسا ھىس قىلغىلى بولىدىغان شەكلى بار نەرسە. شۇڭا غەرپلىكلەر رەسساملىقنى، ھەيكەلتاراشلىقنى راۋاجلاندۇرغان. غەرىپلىكلەردە يالىڭاچ ئاپتاپقا قاقلىنىش، يالىڭاچ چېنىقىش، يالىڭاچ دالا سەيلىسى قىلىش قاتارلىقلار نورمال تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنى. غەرپلىكلەر گۈزەللىكنىڭ تۇتقىلى، تەسۋىرلىگىلى ، سىزغىلى، ياراتقىلى بولىدىغان پائالىيەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەچكە ئاشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسى بولغان گۈزەللىك ئىلمى- ئىستىتىكىنى مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان. غەرپلىكلەر ھەتتا گۈزەللىكنىڭ سانلىق ئۆلچەملىرىنى بېكىتىپ چىققان، مەسىلەن، مەشھۇر ئالتۇندەك بۆلۈش نوقتىسى قارىشى دەل گۈزەللىكنىڭ ماددىي ئۆلچىمى ھەققىدىكى قاراش. شۇڭا غەرپتە رەسساملارنىڭ ئادەم ئاناتومىيىسى ھەققىدىكى بىلمى شۇ پەننىڭ كەسپ ئەھلىدىن قېلىشمايدىكەن. چۈنكى غەرپلىكلەرچە گۈزەللىك شەكىلدە، شەكىلنى ياراتقان سىزىقتا، شۇنداقلا شەكىللەرنى تەشكىللىگەن قورۇلمىدا. مۇشۇ مەندىن ئېيتقاندا ئادەمنىڭ گۈزەللىكى، ئۇنىڭ تېنىدىكى ھەر بىر ئۈگىسىدە ۋە بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشتىكى ماسلىقىدا، نەپسلىكىدە. غەرپلىكلەر بىزدەك تىل سەنئىتىدە ئىپادىلىنىپ ئادەمنىڭ يۈرىكىگە ئاقىدىغان مەنەۋىي گۈزەللىكنىڭ قۇدرىتىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. غەرپلىكلەرنىڭ سۇغا زىيادە ئامراقلىقىمۇ ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىققا نەقەدەر خۇشتارلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان ئامىل. بۇلار ئادەتتە سۇغا چۈشۈپ يالىڭاچ ئاپتاپقا قاقلىنالمىغان ياز ئايلىرىنى تولىمۇ ئېغىر كۈنلىرى قاتارىدا تىلغا ئالىدۇ. غەرپ دۆلەتلىرىدە ئومۇملاشقان بەدەن گۈزەللىكى كۇلۇبى، مودىل مۇسابىقىسى، گىمناستىكا يارىشمالىرى ئەمەلىيەتتە بەدەن گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش سورۇنىدىن بۆلەك نەرسە ئەمەس. شۇڭا غەرپتە چېنىقىش ھەممە ئادەمنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە ئايلانغان. مەقسەت بەدەننىڭ گۈزەللكىنى ساقلاش، نامايان قىلىش. .ئامېرىكىدا يازدا ئوغۇللار مايكا كېيىپ چېنىققان ساغلام بىلەكلىرىنى تومپايتىپ كېرىلىپ يۈرسە، قىزلارئۈزلۈكسىز چېنىقىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان جەلپكار ئۇسقىنىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئاچسا مۇۋاپىق يەرلىرىنىڭ ھەممىنى ئېچىپ مەغرۇر يۈرىشىدۇ. ئۇيغۇردىكى گۈزەللىك چۈشەنچىسى بىرخىل تۇيغۇ، مەنە، تەسەۋۋۇر گۈزەللكىدۇر. تەسەۋۋۇردىكى گۈزەللەكنى بەرپا قىلىدىغان سەۋەپ تىل، بۇ سەۋەپنىڭ نەتىجىسى پەقەت يۈرەكتە ئەكسىنى، كۆلەڭگىسىنى تاپىدۇ. بۇنداق كۆلەڭگە ھەركىمنىڭ قەلبىدە ھەرخىل بولىدۇ. شۇڭامىكىن گۈزەللىك ھەققىدىكى كۆرگىلى بولىدىغان پىرىنسىپ بىزدە ئەمەس غەرپتە پەيدا بولغان. ئۇيغۇرنىڭ چۈشەنچىسدە گۈزەللىك شەيئىنىڭ پۈتۈنلىكىدە، مۇكەممەللىكىدە،غايىپلىقىدا(كۆرۈنمەسلىكىدە)، شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ەگۈزەللىكنى تەشكىل قىلىدىغان كونكىرىت ئامىللار ھەققىدىكى ئىزدىنىش بىزدە ئانچە ئۇمۇلاشمىغان، كۈچلۈك ئاناتومىيە بىلىمى تەلەپ قىلىدىغان يالىڭاچ رەسىم سەنئىتى ئىزچىللىققا ئىگە بولمىغان. بەزىلەر بەلكىم كۈسەن كىمىرلىرىنى مىسال قىلىپ قارىشىمنى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر يازغانلىرىمغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز مىڭ ئۆي رەسىم سەنئىتىدىكى يالىڭاچلىق بىلەن غەرپ رەسساملىرىنىڭ قەلىمىدىكى، ھەيكەللىرىدىكى يالىڭاچىلىق، مۇددىئا، ۋاستە ۋە مەقسەد قاتارلىق تەرەپلەردىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. مىڭ ئۆيدىكى يالىڭاچلىق ئاياللارنىڭ تېنى ئىنساننى گۇناھقا باشلايدىغان ئېزىتقۇ، دېگەن بۇددىزىم چۈشەنچىسىگە خىزمەت قىلىدۇ. بۇددىست رەسساملارنىڭ مەقسدى، مالائىكە مۇئەككەلىرىنىڭ ئاشۇنداق ۋەھشى ئېزىتقۇلارغىمۇ پەرۋا قىلمايۋاتقانلىرىنى سىزىش ئارقىلىق مەبۇدلىرىنىڭ بارچە گۇناھقا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئالدانمايدىغان ئىلاھىي پەزىلەتلىرىنى ئايان قىلىش. يەنە بەزىلەر قىيا رەسىملىرىنى مىسالغا ئېلىشى مۇمكىن. مەن بۇنداق بىر مىسال دەي، سىز ئاۋال كېسەك تامغا ھىچ بىر بوياق ئىشلەتمەي بىر كېيىم كەيگەن ئادەمنى سىزىپ بېقىڭ، ئاندىن 7-8 مىڭ يىل بۇرۇنقى قىيا تاش رەسىملىرىدىكى ئادەملەرنىڭ كىيم كەيگەن كەيمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىڭ. تاشقا شەكىل چىقىرىش شۇنچە تەس تۇرسا كېيىم كېچەكنى قانداق سىزىپ چىقارغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاشۇ تاشقا ئىز سالالايدىغان مىتاللار تېخى تولۇق بايقالمىغان ئۇ تەيپىنەم زامانىدا. شۇڭا ئۇيغۇرلار تەسۋىرى سەنئەتتە ئىنساننىڭ شەكىل گۈزەللىكىگە مەنسۇپ يالىڭاچ بەدەن سىزمىچىلىقىغا بەك خۇشتار بولغان ئەمەىس. بۇنىڭ ئەكسىچە بىزدە بىناكارلىق، نەققاشلىق، كەشتىچىلىك، ەگۈلباسمىچىلىق، نەپىس ھۈنەرۋەنچىلىك، زىننەتچىلىك تەرەققىي قىلغان. بۇ يەردەئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە مەنسۇپ ئىنساننىڭ قەلبىدىكى گۈزەللىكنى كۈزىتىش، مەنىۋىي ھاياجانغا ئايلاندۇرۇش، شۇنداقلا شۇ ئىچكى گۈزەللىكنى تاشقىلاشتۇرۇشتىكى ۋاستە ۋە مۇددىئانىڭ پەرقلىق بولۇشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. مۇشۇ يەردە بىر مىسال ئالاي، ئۇيغۇرلار قىزلارنىڭ قامىتىنى ئىلىپتەك تۈز، مەجنۇن تالدەك نازۇك، دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ تەسۋىرلەردىن غەرپلىكلەر سىزىپ، يېزىپ ھارمايدىغان ئىككى دومباق بىر جومباق دېگەندەك ئامىللارنى تاپقىلى بولمايدۇ. غەرپلىكلەر ئىلىپتەك قىزلارنى ئەمەس قىز ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئەگرى بۈگرى يەرلەرنى مەدھىيەلەيدۇ. ھەرگىز بويۇن قىسماي شۇنى دەيمىزكى، ئۇيغۇرنىڭ گۈزەللىكنى شەكىلدە ئەمەس مەنادا، تەركىپتە ئەمەس تاكامۇللۇقتا، زاھىردا (كۆرۈنگەن) ئەمەس باتىندا(كۆرۈنمىگەن)، ئاشكارىدا ئەمەس پىنھاندا، ئوبىكتىپ شەيئىدە ئەمەس مەزكۇر شەيئىنىڭ ئىنسان قەلبىدىكى ئوبرازىدا دەپ تونۇشى بۇ مىللەتنىڭ خاسلىقى، مىللىيلىكىدۇر. يازغۇچىلار ئۇزۇنراق ھىكايەتنى قىسسە دېمەي رومان دەۋاتقان بۇ زاماندا بىر ئۇيغۇر رەسسامنىڭ يالىڭاچلىقنى سىزىشى خۇددى يازغۇچىنىڭ بوۋىسىنىڭ قىسسىسى تەسىرىدە ئەمەس ئەمەس غەرپ رومانىرىنىڭ زەرەتلىشىدە جىنسىي تەسۋىرگە كۈچەپ رومان يازغىنغىدەكلا بىر ئىش. ئەمەلىيەتتە سەنئەتننىڭ مىللىي بولىدىغانلىقىنى، مىللىي مەدەنىيەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەن ئالساق بىر مىللەت ئەقىلگە ئۇيغۇن دەپ قارىغان نەرسىنىڭ ئىنكارلىق بولمايدىغنانلىقى رۇشەندۇر. |