زىنا قاتىللىققا ئېلىپ بارىدۇ…. بىر ئىنكاستا بىر ئوقۇغۇچى قىزنىڭ مۇنداق بىر سۇئالىنى ئوقۇغۇنىم ئىسىمدە،« ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىرگە بولسىمۇ، زىنا ھىسابلىنامدۇ؟» . شۇ چاغدا، بۇ سۇئالنى ئوقۇپ، جاۋابىنى تەپسىلى توختالغىنىم يادىمدا، شۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابنى ئۇ قىز كېيىن ئوقۇدىمۇ ئوقۇمىدىمۇ بىلمەيمەن. گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزگە سەل قاراش، بىلىمىمىزنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى، ئىختىسادى ماددى ھاياتقا بىرىلىش ، پاكلىق،شەرمى ھاياغا ئېتىبارسىز قاراش، ئىپپەتنى قەدىرلىمەسلىك، نىكاھقا، ئائىلىۋى مۇناسىۋەت ۋە مەسئۇليىيەتكە سەل قاراش نەتىجىسىدە، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، قىز ئوغۇللىرىمىز چەكلەنگەن مېۋىنى نىكاھسىز يەپ قويىدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئوغۇللاردا شەكىللەنگەن «ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىش كېرەك » دىگەن خاتا كۆز قاراشنىڭ سەۋەبىدىن مەن ئوغۇلبالا بولغانلىقىم ئۈچۈن قىلىپ بېقىشىم كېرەك دەيدىغان خاتا ئىدىيە سىڭىپ قالغان. ئەگەر ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك دەپ قارالسا، ھەم شۇنداق قىلىشى دۇرۇس دەپ قارالسا، ئۇنداقتا، ئوغۇللارنىڭ زەھەر سېتىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ زەھەر چېكىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ ئاتا ئانىسىنى ئۇرۇپ، قاقشىتىپ، ئۇلارنى زار زار يىغلىتىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ قىمار ئوينىشى، ئالدامچىلىق، بۇلاڭچىلىق قىلىشى، قاتىللىق قىلىشى، قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ زىنا قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ بەچچىۋازلىق قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ پوق نىجاسەت چىقىدىغان جايغا زىنا قىلدۇرۇش دۇرۇس بولامدۇ؟ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشى، قاقتى سوقتى قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟…..ئەگەر ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك دىيىلسە، يۇقاردا دىيىلگەن، ئېيتىلغان، ئادەمنى ھالاكەتكە باشلايدىغان ئىشلارنى قىلىشمۇ توغرا دەپ قارالغان بولىدۇ، لېكىن، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكى بىزگە ئايدىڭ، خاتا بولغاچقا، زەھەر ساتقانلار ئۈلۈمگە مەھكۇم، باسقۇنچىلىق قىلغانلار تۈرمىگە يول ئالىدۇ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلغانلار ھامىنى ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ… شۇنداق تۇرۇپ، بىز يەنە شۇ خاتا ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىدە ياشامدۇق؟ ئۇنى يەنە داۋاملىق توغرا دەپ قۇبۇل قىلامدۇق؟ قېنى بىزدىكى ئەقىل؟ قېنى ئاتا ئانىمىز، ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار بىزگە بەرگەن تەلىم تەربىيە؟ بوپتۇ بىز زىنانى توغرا دەپ قارايلى، ئەمدى زىنا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەرگە قاراپ باقايلى، بىرىنچى.زىنا ئەيدىز ۋە باشقا يامان سۈپەتلىك كىسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئەجىبا كىسەل بۇلۇش ياخشى ئىشمۇ ؟ گاندون ئىشلەتتىم دەيلى، كىسەل يۇقمايدۇ دەيلى، بىزدە« كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ» دىگەن گەپ بار، ئەيدىز ۋە ياكى باشقا كىسىلى بار ئادەم بىلەن قىلىنغان شۇ زىنادا ، شۇ ئىشەنگەن، كىسەل يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دىگەن گاندون يىرتىلىپ كەتسىچۇ ؟ بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىدىغىنى يەنە شۇ ئۆزىمىز. ئىككىنچى، زىنا ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ، ئابرويىنى تۈكىدۇ، چىراينى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ، ئەۋلاتلارنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرىدۇ. ئۈچۈنچى، زىنا قاتىللىققا ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن: بىر ئايالى بار كىشى يەنە بىرسى بىلەن زىنا قىلسۇن، ئەگەر ئىككىلا تەرەپ نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا، زىنا قىلغان قارشى تەرەپنىڭ ھامىلدار بۇلۇش نىسبىتى بەكمۇ يوقىرى، بۇ چاغدا، بىر بولسا ئايال شۇ قوساقتىكى بالىنى دەپ ئەردىن پۇل ئۈندۈرىشى مۇمكىن، ياكى، ئەرنىڭ ئايالىغا دەپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇشى مۇمكىن ،ۋە ياكى ئەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن بىر ئاپىرىدە بولغان جانلىقنى دوختۇرخانىلاردا سۈنئى ئۇسۇلدا ئالدۇرۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ئالدۇرۋەتكەن بالا ئەسلى ھايات ياشاشقا تىگىشلىك ئىدى، لېكىن ،ئۇنىڭ ھاياتى شۇ زىنا قىلغۇچىلار سەۋەبلىك، دوختۇرلارنىڭ پىچىقى ئارقىلىق كېسىپ،قىرىپ تاشلىنىدۇ، ياكى ئۇكۇل ئارقىلىق چۈشۈرۋېتىلىدۇ، چۈشۈرۋېتىلگەن، قىرىپ، كىسىپ تاشلىۋېتىلگەن بۇ تۆرەلمىلەر، بالىلار بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا ئۇجۇقتۇرۋېتىلىدۇ. بۇ خۇددى ئەينى چاغدىكى نۇمۇستىن، كەمبەغەل بۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، بالىلىرىنى تىرىك كۈمۈۋەتكەن جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىلىقلىرىدىن پەرقى يوق ئىشلاردۇر… قىسقىسى، زىنا ياخشىلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ، بىردەملىك ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەنلەر شۇ زىنا سەۋەبلىك يۇقارقىدەك ئەھۋاللارغا دۇچار بولىدۇ. يۇقاردىكى ماقالىنىڭ مەنبەسى: ئۆزەم ئاخىرىدە زىنانىڭ نىمىشقا ھارام قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن. زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر سوئال: جاۋاب: بىرىنچى: مۇسۇلمان كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ھېكمىتىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن بۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇنۇشى، ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈمنى ئالى ھېكمەت بىلەن ئىنسانلارغا ياخشىلىق ۋە ئومۇمى مەنپەئەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىقنى توسۇش ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر» سۈرە نۇر 51-ئايەت. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان كىشى شەرىئەتنىڭ كامالىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى ھېكمەتلەرنى بىلىش ئۈچۈن تەتقىقات ئىلىپ بېرىشى چەكلەنمەيدۇ. بەلكى بۇ ئارقىلىق غەيرى دىندىكىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش، ئۇلارنى شەرىئەتنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادىل پرىنسىپ ئۇستىگە قۇرۇلغان دىن ئىكەنلىكىگە قانائەتلەندۈرۈشكە قادىر بولالايدۇ. ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا زىنانى كەسكىن ھارام قىلدى. بۇ گۇناھنى ئىشلىگەن كىشىگە دۇنيادا ئىجرا قىلىنىدىغان ھەد ئۇرۇش جازاسىنى بېكىتتى(يەنى شەرىئەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن جازا)، بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنى تەپسىلى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇنى كۆپچىلىك كىشىلەر بىلىدۇ، لېكىن بىز زىناغا ئالاقىدار بولغان بەزەن ھۆكۈملەرنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمىز: 1- زىنانىڭ ھارام قىلىنىشى ئىنسانلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇغما تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كېلىشى( ئىسلام ئەقىدىسى ئۇستىگە تۇغۇلۇشى)، ئابرۇيىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈنلەمچىلىك، ئىززىتىنى ساقلاشنىڭ پەيدا بولىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بەزى ھايۋانلاردىمۇ كۈنلەمچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. بۇخارىيدا سۆزلەنگەن 3849- نومۇرلۇق ھەدىستە: ئەمىر ئىبنى مەيمۇن ئەل ئوۋدى مۇنداق دەيدۇ: مەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئەركەك مايمۇن بىلەن بىر چىشى مايمۇننىڭ زىنا قىلغانلىقىنى كۆردۈم، كېيىن مايمۇنلار توپلىشپ كېلىپ بۇ زىناخور مايمۇننى تاش-چالمىلار بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. مايمۇنلار زىنانى يامان كۆرۈپ ئابرۇيىنى قوغداپ كۈنلىسە، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ئىززىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈنلىمەمدۇ؟ قايسى بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئايالى، قىزى، ئاچا-سىڭىللىرى ۋە ئانىسى بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىشىنى خالايدۇ؟!. بۇنىڭغا رازى بولغان ئىنسان ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى دەۋرىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرىدە، ئاياللارنى ئالماشتۇرۇش زالى ئېچىلغان بولۇپ، زالغا كۆگۈل ئىچىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئۆز-ئارا ئاياللىرىنى ئالماشتۇرۇپ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىشىدۇ، بۇ قىلمىشلار دەييۇزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. 2-كىشىلەرنىڭ نەسەبلىرى ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش؛ زىنا قىلىشنى توغرا ياكى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى دەپ قارىغان شەخس ۋە جەمئىيەت، ئۆز پۇشتىدىن تۆرەلمىگەن بالىنى پەرزەنتىم دەپ ئۆز ئائىلىسىگە ئەكىرىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن مىراسقا شېرىك قىلىدۇ، نامەھرەم بولىدىغان ئورۇندا مەھرەمدەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. 3- گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش؛ زىنا ئۆز خانىدانى ۋە ئائىلىسىدىكى ئىللىق ھاياتنى بۇزۇپلا قالماستىن ئائىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق، جەمئىيەتتىكى نورمال مۇناسىۋەت ۋە ئىتتىپاقلىقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. ئەر ئاشنا ئوينىسا ياكى ئايال ئاشنا تۇتسا، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتىكى ئىللىق ھايات، ئىتتىپاقلىق ئائىلە ۋەيران بولىدۇ. 4- جىسىمنى كېسەللىكتىن ساقلاش؛ زىنا ئاشكارا تارقالغاندا پەيدا بولىدىغان بەزى كېسەللىكلەر ئاللاھ تائالانىڭ زىناخورلارغا بەرگەن دۇنيادىكى مەلۇم جازاسى ھېسابلىنىدۇ. بىنورمال جىنسى مۇناسىۋەت ئاشكارا تارالغان مىللەت ۋە جەمئىيەتتە يۈزبېرىۋاتقان سېپىلىپ كېسىلى ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىغان ۋە تەھدىت سېلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. 2006-يىلى دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 45 مىليونغا يەتكەن. 20 مىليون كىشى مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. 300 مىليوندىن كۆپرەك كىشىدە بۇ كىسەلگە مۇناسىۋەتلىك ۋىرۇس ۋە باكترىيا بايقالغان. ئافرىقىدا ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ۋاپات بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغۇچىلار كۆپلۈك جەھەتتە 4- ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ئازراق ئەقلى جايىدا ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە مۇشۇنداق ئىپلاس كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرامدۇ؟. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر مىللەت ئىچىدە زىنا-پاھىشە ئاشكارا قىلىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇ مىللەتنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى كۆرۈپ باقمىغان ھەر تۈرلۈك ۋابا كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە 4019-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ۋابا كېسەللىرى ھازىر كۆپلىگەن جەمئىيەتلەردە كۆرۈنىۋاتىدۇ. 5- ئاياللارنىڭ ئىززىتىنى ساقلاش؛ ئەگەر زىنا يولغا قويۇلسا ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ، ئىنسانلىقى دەپسەندە قىلىنىدۇ ۋە خارلىنىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى بولۇپمۇ ئاياللارنى ئىززەت-ھۆرمەت قىلىدىغان دىندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلامدىن بۇرۇن ئاياللار ئەڭ خارلىنىپ ئېتىبارسىز قارىلاتتى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئاياللارنىڭ قوغدىلىنىدىغانلىقى رەسمى قانۇنلاشتۇرۇلدى. 6- جىنايەتنىڭ تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش؛ زىنا ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بولۇپ، كۆپ ۋاقىتتا ئەر ئايالى بىلەن ئاشنىسىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى زىناخور ئۆز مەشۇقىنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بۇ ئايالنى كۈنلەپ ئۇ ئايالنىڭ يەنە بىر ئاشنىسىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئايال باشقىلار تەرىپىدىن زىناغا مەجبۇرلانغان بولسا ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئايال غۇرۇرلۇق ئەر بىر تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “زىنا سەۋەبىدىن يۈزبېرىدىغان بۇزۇقچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىكتۇر. زىنادىن توسۇش ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئىمانى ۋە ئىنسانى بۇرچى بولۇپ، نەسەب ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، جىنسى كېسەللىكتىن ساقلىنىش، ئەخلاقسىزلىقلاردىن يىراق بولۇش قاتارلىق ئىشلاردا بۇ ھۆكۈم مۇھىم رول ئوينايدۇ”. زىناغا سۈكۈت قىلىش دۇنيا ئىسلاھات پرىنسىپىغىمۇ زىت كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئۆچكۆرۈش ۋە ئاداۋەتلىشىش پەيدا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ ئايالىنى، ئانىسىنى، ئاچا-سىڭىللىرىنى ۋە قىزلىرىنى يولدىن چىقىرىشقا ئۇرىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ۋەيران بولۇپ بۇزۇقچىلىق ئۇۋىسىغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زىنانى ئاللاھ قۇرئاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتتە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە جۈپلەپ سۆزلىگەن. ئىمام ئەھمەد: “ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدىن كىيىن زىنادىنمۇ چوڭ جىنايەت بارلىقىنى بىلمەيمەن” دېگەن. ئاللاھ تائالا زىنانىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھغا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ گۇناھلارنى قىلىدىكەن ئاخىرەتتە ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاپ قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بۇ دۇنيادىكى چېغىدا تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» سۈرە پۇرقان 68-69-70- ئايەتلەر. زىنانى شېرىككە ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشكە يانداپ زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئوخشاش بېكىتتى. دوزاختا مەڭگۈ قىلىپ ھەر تۈرلۈك دەرتلىك ئازابنى تىتىشتۇر، بۇنداق ئازابتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى، ئاللاھغا ئىمان ئېيتىش، تەۋبە قىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت». ئاللاھ زىنانىڭ ئۆزىنىڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. بۇ قەبىھلىكتە چېكىگە يەتكەن ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، بۇنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغان قىلىق ئىكەنلىكى ئەقىلغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.( ئەلجەۋابۇل كاپى 105-بەت) مەنبە: بۇ ماقالە ئىسلام ئۆيى تور بېكىتىدىن ئېلىنغان بولۇپ .ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېكىتىدىن مەزكور بېكەتكە كۆچۈرۈلدى. |