ۋىسالە قارشىبايېۋا
«ئەگەر تېلېۋىزىيەنىڭ ھازىرقىدەك راۋاجلىنىشى داۋام قىلىۋەرسە، بۈگۈن تۇغۇلغان بالا 18 ياشقا توشقۇچە ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى ئۇيقۇدا ۋە تېلېۋىزور قارشىسىدا ئۆتكۈزىدۇ» دەپ يازغانىدى ئانتونى گىددەنس «سوتسئولوگىيە» ناملىق ئەسىرىدە. ئالىم پىكرىنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىگە ۋاقىت ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئومۇمەن، ئۇ ھۆكۈمنى كۈتۈشنىڭ ئورنى يوق، گىرابوۋسكىي كەشىپ قىلغان «قارا قۇتا» ئۆزىنىڭ نېمىلەرگە قادىرلىقىنى خېلى ئىلگىرىلا كۆرسىتىشكە باشلىدى.
تېلېۋىزور ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆيلەرگە كىرىپ، مەلۇم مەنىدە ئىنسان ھاياتىنىڭ مەزمۇنىغا ئايلاندى. ئەجەبلىنەلىكى شۇكى، بۇ قەدەر كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلغان باشقا شۇنىڭدەك نەرسىنى تارىخ ھېچبىر زاماندا كۆرگەن ئەمەس. پۇتبول ــ پەقەت شۇ ساھەدىن خەۋەردار ئادەملەرنىلا قىزىقتۇرىدۇ، لېكىن پۇتبولچىلارنىڭ ئارىسىدا تېلېۋىزور كۆرمەيدىغىنى بولمىسا كېرەك. توغرا، قاچانلاردۇ بىر زامانلاردا كىتاب ئوقۇش ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئىشلىرىدىن بىرى بولغان. لېكىن بۇ مەشغۇلات بىلەن ھەممە كىشى شۇغۇللىنالمايتتى، كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن ساۋات كېرەك ئىدى. بۈگۈن تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان يەڭگىل پىرگراممىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ساۋاتنىڭ بولمىغىنى ياخشى.
ئادەملەر كۈندىلىك تۇرمۇشىنى يېڭىلىقلارسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، كۈن تەرتىپىنى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا قاراپ تۈزىدىغان بولۇپ كەتتى. تىزگىنەك بىلەن باشقۇرىلىدىغان تېلېۋىزورلار دەسلەپتە مۆجىزىدەك كۆرۈندى، كېيىنچە بىز ئولتۇرغان ئورنىمىزدىن بىر نەچچە مېتىر يىراقلىقتىكى «قۇتا»نى باشقۇرۇشقا كۆنۈپمۇ قالدۇق. بىراق، كىم كىمنى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ ئېلىش كېرەك-تە.
تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى بىر تىياتىر، مۇزىي، ساياھەت ۋە مۇتائىلەلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرغاندەك بولۇۋاتىدۇ. ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئاخباراتلار، مەدەنىي رەۋىشتە ئارام ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغان پىروگرامملارنىڭ تېلېۋىزور ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقىنىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ، بىراق ئېكران ئارقىلىق دۇنيانى تونۇغىنىمىزدا بىز مۇستەقىل ئىزدىنىش ۋە پىكىر قىلىش قابىلىيىتىدىن بارا-بارا مەھرۇم قالىمىز. سەنئەتكە، گۈزەللىككە بولغان ئېھتىياج ۋە بۇ چۈشەنچىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى يوقىلىپ كېتىدۇ.
نەزىرىمىزدە تېلېۋىزور ئالدىدا چوڭلاۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ۋەتەنگە، ھاياتقا، ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن مۇناسىۋىتى ھەم ئاۋالقىدەك ئەمەستەك.
كۆپلىگەن ئۆسمۈرلەر ئۆزى سۆيگەن قەھرىمانلارغا تەقلىد قىلىشىدۇ،، ھەتتا ئىلاجىسىز قالغانلىرىدىمۇ...
«ئەگەر مەسىلىلىرىڭىز كۆپىيىپ كېتىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بولسىڭىز، سەھەرلىك خەۋەرلەرنى كۆرمىگىنىڭىز ياخشى» دەپ مەسلىھەت بېرىشىدۇ چەتئەل روھشۇناسلىرى. دەرھەقىقەت كۆپرەك تاماشىبىننى جەلب قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن چەتئەل قاناللىرى تاڭ سەھەردىلا سۇ، ئوت ئاپەتلىرى ۋە قاتىللىقلاردىن تەييارلانغان خەۋەرلىرىنى كۆرسىتىشىدۇ. چوڭ جاھاندىكى كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ۋاقىپ بولغان ئاھالە كۈن بويى ئۇلارنىڭ تەسىرىدە يۈرگەندىن كېيىن، چۈشكۈنلۈكى تېخىمۇ ئارتىپ كېتىدۇ.
ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئېكراندا بولىنىۋاتقان ۋەقەلەر ئادەملەرنىڭ روھىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. مەسىلەن، نۆۋەتتىكى فانتازىيەلىك فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ، تاشقىرىدىكى شاۋقۇننى «باشقا سەييارىلەردىن كەلگەن بولسا-ھە!» دېگەن پىكىرگە كېلىشىڭىز ۋە بۇنى ئادەتتىكى ھالدەك قوبۇل قىلىشىڭىز مۇمكىن. يالماۋۇزنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان بەش ياشلىق بالا بۇنداق فىلىمنى كۆرۈپ ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كارىۋىتى ئاستىغا قارايدىغان بولۇپ قېلىشى تەبىئىي. ئەپسۇسكى كۆپ ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تېلېۋىزوردىن قانداق پىروگراممىلارنى قانچىلىك ۋاقىت كۆرۈشىگە تازا ئېتىبار بېرىشمەيدۇ.
ئاخبارات ئەسىرىدىكى پەرزەنتلەر ھەتتا بىز بىلگەن «تۇتۇشماق»، «يوشۇنماق» ئويۇنلىرى ھەققىدە ھېچنەرسە ھەم ئاڭلاشمىغان. ئۇلار لايدىن ئۆي ياساش ياكى دەرەخ ئارقىغا يوشۇرۇنغان دوستىنى تېپىشتىن كۆرە «ئۇرۇش-ئۇرۇش» ئويناشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. ئويۇنچۇقلىرى ھەم شۇنىڭغا يارىشا ۋەھىمىلىك. كوچا-كويلاردا ئاپتومات كۆتۈرۋېلىپ، «پاق-پاق»، «ئاتىمەن»، «ئۆلدۈڭ» دەپ ۋارقىراپ يۈرگەن بالىلارنى كۆرۈپ قالسىڭىز ھەيران قالماڭ. ئويۇنلارنىڭ بۇقەدەر دەھشەتلىك كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇشىدا تېلېۋىزور بىلەن بىرگە كومپىيوتېرنىڭ ھەم ھەسسىسى بار. ئەجەبلىنەلىكلىكى يوق. تېلېۋىزور ئاتا-ئانىسى كۈن بويى ئىشتە بولىدىغان بالىلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ بولغان.
خارۋاد ئۇنىۋېرستېتى ئالىملىرى بالا 18 ياشقا توشقۇچە تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق 180 مىڭ ئارتۇق زوراۋانلىق سەھنىلىرىگە گۇۋاھ بولىدىغىنىنى ئېنىقلىدى. ئۇلاردىن 80 مىڭدىن كۆپرەكى قاتىللىق. ئاددىغىنە كۆرۈنۈشلەر بالا ئوگانىزىمىغا نىسبەتەن سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. بېرىتانىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە بىر يىل مابەينىدە «پىروگراممىلار ئارىسىدىكى تەنەپپۇسلار»نى كۆرىۋاتقان مۇنتىزىم كۆرۈۋاتقان ئالتە ياشلىق بالىلار قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش ئەمەللىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان تەڭتۇشلىرىدىن %15 ئارقىدا قالىدىكەن.
كۆپ ۋاقتىنى تېلېۋىزور كۆرۈشكە سەرپ قىلىدىغان بالا تەڭتۇشلىرى ئۇنى چۈشەنمەيۋاتقانلىقىدىن قاقشايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى كىنو قەھرىمانلىرىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئەپسۇسكى بۈگۈن ئۇلار رېئاللىقىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن. تېلېۋىزوردا ئەكس ئېتىۋاتقان ھايات چىن ئەمەس، بەزىدە ناھايىتى زۇلمەتلىك، بەزىدە ھەدىدىن تاشقىرى گۈزەل تەسۋىرلىنىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز.
پەقەت كۆرۈشىلا ئەمەس، ئۆيدە تېلېۋىزورنىڭ تېز-تېز «سۆزلەپ» تۇرۇشى بالىدىكى ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاجىزلاشتۇرىدىغىنى مەلۇم بولدى. ئاتا-ئانا ئۆز ۋاقتىنى ئائىلە ھاياتىنىڭ سىرتىدا كۆپ ئۆتكۈزىدۇ، پەرزەنتى بىلەن كەم ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ جىق سۇئاللىرى جاۋابسىز قالدۇرىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ نۇتقىنىڭ ياخشى راۋاجلانماسلىقى، مەكتەپتىكى دەرسلەرنى ئۆزلەشۈرۈشىدە مەسىلە تۇغۇلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
بالا تېلېۋىزور ئارقىلىق دۇنيانى تونۇغانىكەن، ئاتا-ئانىسى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بولىنىۋاتقان ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك. مىللىي قاناللار بۈگۈن 7-11 ياشدىكى بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپىلەرنى كەمدىن كەم تەييارلايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى يىغىلىپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا، كىنولار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ قانداق زەرەرلىك تەرەپلىرى بار؟ ئاتا-ئانىسى كىنو كۆرۈۋاتقاندا بالا ئۇلارغا «شېرىك» بولىدۇ. زامانىۋى فىلىملارنىڭ كۆپىنچىسىدە سەلبىي خاراكتېرىدىكى پېرسوناژلار ئىجابىي قەھرىمان سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. 7-11 ياش بولسا ئۇلارنىڭ ياخشىنى ياماندىن ئاجرىتىدىغان دەۋرى. 3-6 ياشتىكى بالىغا «بۇنداق قىلما، يامان بولىدۇ» دەپ چۈشەندۈرسىڭىز، ئۇ تەبىئىي رەۋىشتە سىزگە بويسۇنىدۇ، لېكىن كېيىنكى باسقۇچتا پەرزەنتىڭىز ھەممە نەرسىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. «نېمىشقا شۇنداق؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب قىلدۇرىدۇ.
بالا تەربىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۆي خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپ ۋاقتىنى تېلېۋىزور ئۇدۇلىدا ئۆتكۈزۈشى تۇرغان گەپ. دائىمى رەۋىشتە ئاتا-ئانىسىنىڭ كىنو ئالدىدا مىخلىنىپ ئولتۇرۇۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتقان بالا كىتابلارغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ماختىنالمايدۇ، ئەلۋەتتە. خۇداغا شۈكرىكى، مىللىي قاناللىرىمىز خەلقىمىز ئادەتلىرىگە خاس پىروگراممىلارنى تەييارلاشقا ئالاھىدە ئېتىبار قىلماقتا. مەسىلە شۇ يەردىكى، تاماشىبىنلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە بېرىلىۋاتقان كۆپچىلىكى شۇنچىلىك ئومۇمىي، «بىز بىلگەن» گەپلەردىن زېرىكىپ، پۇللۇق بولسىلا كابېل ئارقىلىق رۇسىيە قاناللرىنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئاقىۋەتتە، رۇسىيەنىڭ ئۆزىدە ھەم ياشلار تەربىيەسى ئۈچۈن ناھايىتى خەۋپلىك سانىلىپ، قاتتىق تەنقىد قىلىنغان «دوم-2» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش رەئالىتى-شائۇلار بىزنىڭ ھاياتىمىز بىلەن ئارىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەخلاقسىزلىكى تۈپەيلى مەشھۇر بولغان شائۇ قەھرىمانلىرى ياشلىرىمىزغا قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. ۋەھالەنكى، بىزدە ياخشى پىروگراممىلار ياكى فىلىملەر تەييارلاش ئىمكانىيەتلىرى ھەم بار.
مەنبە:«مەرىپەت» گېزىتىدىن
|