ئۇيغۇر دىگەن قىزىقخەق ، بىرەر خەۋەر ياكى ھۆكۈمگە تېزلا ئىشىنىپ كىتىدۇ ، ئالدىراپ شادلىنىپ ئىتتىكلاخاپا بولىدۇ . مانا مەن شۇنداقلارنىڭ تىپىدىن . بىر چاغلاردا مەتبۇئاتلاردائۇيغۇرلارنىڭ ئەيىپ ، نوقسانلىرىنى سۆكىدىغان ماقالىلەر ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەكبەس - بەستە ئېلان قىلىنىپ چىقىۋىدى ئەجەپ ناچار مىللەتكەنمىز دەپ ئۆزۈمدىنمۇ رايىمسوۋۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى ئاقلايدىغان ۋە ماختايدىغان ماقالىلەرنىكۆرۈپ ئەسلى ئېسىل بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىپمۇ قالدىم . بۇ قارىشىمنىڭيەنە ئۆزگىرىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن ، ئەممائۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارىشىم ئۈمىدۋارلىق قىرىغا مايىللىشىپ كىتۋاتقاندەك قىلىدۇ . بۇ مەندىكى ياخشى يۈزلىنىش بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن ، بۇ يۈزلىنىشنىڭمۇ سەۋەبىبار ئەلبەتتە .
<< دۇنياۋىمەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گىپى» ، ئاڭلاپ بېقىڭا ، نىمىدېگەن قالتىس خەۋەر -ھە ! دەلمۇشۇ خەۋەر مېنى ئۈمىتلەندۈردى . بىز دىگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆزىمىزگە بەرگەنباھاسىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان خەق ، ماختىسۇن ياكى تىللىسۇن ئۇيغۇرنىڭ نامىخەلقئارادا تىلغا ئېلىندىمۇ ، مۇشۇنىڭ ئۆزى ئاجايىپ زور ئىش ، پۈتۈن دۇنيا بىزگەدېققەت قىلدى دىگەن گەپ .
ئەسلى گىپىمگەكەلسەم ، چەت ئەل تىلى ئۈگەنگىنىم ئۇچۇرغا بولغان قىزىقىشىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى . مۇشۇ قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە چەت ئەل يېزىقىدا چىقىدىغان ئىككى نەشىر ئەپكارىنىڭئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالىسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ماقالە مېنىبەكلا جەل قىلغان بولغاچقا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىشقا ئالدىرىدىم . مەزكۇر ماقالەخەلقئاراغا ئوچۇق تارقىتىلىدىغان ، تراژى ئەڭ كۆپ ۋە داڭلىق << مەنسەپمەدەنىيىتى >> ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ يېڭى يىللىق تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان، ماقالىنىڭ ئاپتورى دۇنياغا مەشھۇر مەنسەپشۇناس ئالىم ، پىسخولوگ ، ئىجتىمائىيمەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى جېك ھونتېر ئەپەندى . ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلاخەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ئېتىقاد كىرزىسىگە يېقىنلىشىپ ،ھەممىلا يەرنى ئۈمىتسىزلىك كەيپىياتى قاپلىغان مۇشۇ كۈنلەردە ، ئۇيغۇرلارغا يۇقىرىباھا بىرىلگەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئالەمشۇمۇل ئەھمىيەتكە ئىگە .
ماقالىدە مۇنداق دىيىلگەن :
كەمىنەمەنسەپشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن ئۇزاق يىل شۇغۇللىنىپ ، تۈرلۈك ئىرق ۋەمىللەتلەرنىڭ مەنسەپ پىسخىكىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن ھەم بۇ خۇسۇستا بىر قاتار چوڭھەجىملىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولساممۇ ، لېكىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەتراپلىقئويلىنىپ باقمىغانكەنمەن ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا يۈزبەرگەن « 11 - سېنتەبىر»تىرورلۇق ۋەقەسىدىن كىيىن «ئۇيغۇر»دىگەن بۇ مىللەت دۇنياجامائەتچىلىكىنىڭ ئېغىزىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئىلگىرى غىل - پال ئاڭلىنىپتۇرىدىغان بۇ نام ئەمدى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلاندى . بۇ مىللەتكە سەل قارىغانلىقىمنى ھېسقىلىپ بۇرۇن باشلىغان تەتقىقاتىمنى دەرھال قولۇمغا ئالدىم . بىرىنچى ئىشىم ئۇلارنىتەكشۈرۈش ، كۆزىتىش ئىدى . مۇشۇ جەرياندا قايىللىق ۋە ھەيرانلىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى . خېلى ئۇزاق تاتقىق قىلىشتىن كىيىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى ، بۇ مىللەتتىكى «مەنسەپ پىسخىكىسى بايلىقى» راستىنلا كۆمۈلۈپ قاپتۇ ، مەنسەپ تۇتۇشقا بۇ قەدەرماھىر مىللەت دۇنيادا تېخى يوقكەن ، مەنسەپشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆزۈم ماختاپ كەلگەنئېنگىلىز ، نېمىس كەبى مىللەتلەر بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپبىرەلمەيدىكەن . ئىلگىرى ئالدىراپ يەكۈن چىقارغىنىم ئۈچۈن تولىمۇ خىجىلمەن .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭقەدىمكى ، پارلاڭ مەدەنىيەتكە ئىگە ، پاراسەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىشەنچبىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەنسەپ تۇتۇشتىكى تەڭداشسىزماھارىتىنى تىزىس شەكلىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن :
1. ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىئىنتايىن ساداقەتمەن
ساداقەتمەنلىك - دۇنيادىكىبارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىشقا بولىدىغان ئېسىل خىسلەت . شۇنداقتىمۇ ،ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتە ھېچقانداق بىر مىللەتكە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ . ئاتا - ئانىسىغا ، قەۋم - قېرىنداشلىرىغا ، ئىمان - ئېتىقادى ۋە يۇرت ۋەتەنگە سادىقبولالمىغان تەقدىردىمۇ ، ئەمەل مەنسەپكە سادىق بولۇش ئۇلارنىڭ مۇھىم بىرئارتۇقچىلىقى . بۇ ئەلدە ئەمەلدار سايلانمايدۇ ، بەلكى تەيىنلىنىدۇ . دېمەك ، ھەربىر مەنسەپدارنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى تەيىنلەيدىغان ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئەمەلدار بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار ئۆز ئەمىلىگە سادىق .
ئەمەلگە سادىقلىق - ماھىيەتتە ئادەمگە سادىقلىق . ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىنىڭ چوڭىدىن - كىچىكىگىچەئەمىلىگە شۇ قەدەر سادىق بولۇشتىكى مەقسىدى ۆزلىرىگە مەنسەپ ھەدىيە قىلغانكىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ، بىر ئۆمۈر ئۇلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ . ھەممە ئىشنى ئۇلارنىڭ قاش - قاپىقىغا قاراپ قىلىدۇ . < ئاش بەرگەن قازاننىچاقماسلىق > ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك دەستۇرى بولغىنى بىلەن ، تەيىنلىگۈچى بىر قېتىم << ئاش بەرگەن >> باھانە بىلەن كىيىنكى ئىز باسار مەنسەپدارلارنىڭكۆزىچىلا ھەر قانداق يوچۇقلارنى ئېچىپ خالىغان ئىشلىرىنى قىلالايدۇ ، مەنسەپدارلاربۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ . بۇ ھال بىزنىڭ بۇ ئەلدە دەل ئەكىسچە ! بىزنىڭ بۇئەلدىچۇ ؟ سايلام دەپ ئاي - ئايلاپ تالىشىپ كىتىمىز ، سايلاپ چىققان ئادىمىمىز ئۆزيېقىنلىرىنى ئىشقا قويىدۇ . ئارىدىن بىر كۈن ئۆتە ئۆتمەيلا ، تەيىنلەنگەن كىشىلەرتەيىنلىگەن شاپائەتچىللىرىگە دۈشمەن بولۇپ مۇشت كۆتۈۈپ چىقىدۇ . ھوقۇقىدىنپايدىلىنىپ ئۆز نەپسىنى قاندۇردى دەۋاتقان ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ چاچتى دەۋاتقان، ئاشنا ئويناپ كەتتى ، ھەتتا بىكار ۋاقتىدا ئىت ئويناتتى ....... دىگەن ، ۋاي - ۋۇۇۇيي ... تەيىنلەنگەن بۇ مەنسەپدارلارنىڭ دىمەيدىغىنى يوق ، بەزىسى تېخى ئىستىپابىرىمەن دەپ ئۈستەل مۇشلاپ كىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغان يوغان سەۋەبى < دۆلەپمەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن > بولىدۇ ، لېكىن زىيان تارتىدىغىنى ئۆزيېقىنى - < ئاش بەرگەن قازىنى > بولۇپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ خەلقىئالەم ئالدىدا يۈزئابرويى تۆكۈلىدۇ . پۇقرالارنىڭ لەنەت نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ . بۇ ، ۋاپاسىزلىق ،ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك - دە ئەلبەتتە !
لېكىن ئۇيغۇرمەنسەپدارلىرى ئارىسىدا بۇنداق ئىشلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ . بۇنىڭ ئۆزى ۋاپا ،ئۇلارنىڭ مۇشۇ پەزىلىتىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ .
2. پرىنسىپال ۋەئېھتىياتچان بولۇش ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى
بۇ ئىككى ئالاھىلىكنىمەنسەپشۇناسلىقنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەدبىقلاپ چۈشەندۈرۈشكەبولسىمۇ ، ئۇيغۇرلاردائاساسلىقى ھوقۇقنى قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . يەنى ، ئۇلارئۆزىگە بىرىلگەن مەنسەپنى قانۇن دائىرىسىدە تولۇق يۈرگۈزۈپ ، قېرىنداشلىرىنى ۋەئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بىلەن ، مەنسىپىنىڭ كۈچقۇدرىتىنى ئۇلارغا ۋاقتى - ۋاقتىدا كۆرسۈتۈپ تۇرۇشنى ناھايتى پىششىق بىلىدۇ . ئۇلارھوقۇقىنىڭ دائىرىسىدە بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ قىلىشقا كۆزى يەتمىگەن ، قولىدىنكەلمەيدىغان ئىشلارغا كەلگەندە ناھايتى پرىنسىپال . چىڭىغا چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، سەل نازۇكراق ئىش بولسا < سىياسەتنىڭ روھى بويىچە ئىش قىلمىساق بولمايدۇ > دەپ قەتئىي بېجىرمەيدۇ . قېرىندىشىمكەن ، بىلىشىدىكەنمىز دەپ يۈز خاتىرە قىلىپئولتۇرمايدۇ ، ھەتتا ئۇلارنى ئاي - ئايلاپ مېھمان قىلىپ ، دوست - تونۇشلاردىن بولۇپكەتسىڭىزمۇ بەرىبىر ، < قىلالمايمەن > دېمەسلىك ، ئەمما قەتئىي قىلالماسلىقئۇلارنىڭ ئېسىل خىزمەت ئىستىلى . قولىدىن كېلىدىغان ئېشلاردا ئۇلار تولىمۇ .ئېھتىياتچان ، بۇنداق چاغلاردىمۇ ئۇلار < قېرىندىشىمكەن > دەپ مۇھىمئېغىزىنى ئاسانلىقچە قويۋەتمەيدۇ . بۈگۈن بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشنى ئەتىگە ، ئەتىكىئىشنى كېلەر يىلغا سوزۇپ ، ئۆز قەۋمىنىڭ ئىرادىسىنى < سىنايدۇ > . مۇشۇنداقچاغلاردا ھەتتا بەزى كىشىلەر < ئەتە كېلىڭ > ، < ئۆگۈن كېلىڭ > دېگەنگەپتىن زېرىكىپ قىلماقچى بولغان چوڭ - چوڭ ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ . دېمەك ، ئۇلارسىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ ، بۇنداق ئىرادىسى بوشلارنىڭ ئىشىنى بېجىرمەيلا قويغان تۈزۈك . بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ئۇلاردىن ئۈگىنىشى ، ئۇلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغانپرىنسىپاللىق ۋە ئېھتىياتچانلىقنىڭ مەنە دائىرىسىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشى لازىم .
3. «پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ،ئاغىرمىسا كىشىگە»دېگەن ماقال دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردا بارلىققاكەلگەن
بۇنداق دېسەم ،بىزنىڭ ئەلنىڭ كىشىلىرى ھەيران قېلىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ قىلچە مۇبالىغا قىلىنغانگەپ ئەمەس ، ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى بۇ ماقالنى ئاللىبۇرۇن خىزمەت ئەمەلىيىتىگەتەدبىقلاپ ، قېرىنداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشكەن . بۇنىڭغا ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭھەممىسى كۆنۈك . << پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ، ئاغىرمىسا كىشىگە >> دېگەنماقال ئەلدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقىنى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر مەنسەپدارلار ئەمەل پىچىقىنىئالدى بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرىغا سالىدۇ . قېرىنداشلىرىدىن ئەكىس سادا چىقمىغاندىنكېيىن ، ئاندىن ئۆزگىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىشقا ئۇرۇنىدۇ . ( دېققەت قىلىشكېرەككى ، ئۆزگىلەرگە سالىدۇ ئەمەس ، يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىشقا ئۇرۇنىدۇ ) . يەنى ،گەپنىڭ ئاچچىق - سېسىقىنى قېرىنداشلىرىغا قىلىدۇ ، ئىشنىڭ ئېغىرىنى قېرىنداشلىرىغابېرىدۇ . بارلىق سىناق ، قۇربانلىقلارنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىدۇ .... بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ مەنسەپ پىچىقى ئىنتايىن ئىتتىك ، ھەتتا قانۇن يول قويغان < ئىتتىكلىك > دائىرىسىدىنمۇ ھالقىپ كېتىدۇ . قۇرۇق ئۇستىخان گەۋدىلەرگە تولاسېلىنىپ ، بىسى يانغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزگىلەر ئېسىگە كېلىدۇ بۇ پىچاقنىڭ . بىلىشكېرەككى ، بۇ پىچاقنى ئۆزگىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىش توغرىسىدا باشقاتۇرۇلۇۋاتقاندا پىچاق ئىشلىتىشنىڭ ئاللىقاچان زۆرۈرىيىتى قالمىغان بولىدۇ . قاراڭ، ئۇلار قالتىسمىكەن !؟ << ئۆزگىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئەڭ زوركىشىلىك ئەخلاق >> دىگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان مەنسەپدارلىرىمىزغا ئۇيەرلەردىكى يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ بېقىشنى ، ئەڭ ياخشىسى ، ھەممىنى < ئۆز > ىدىنباشلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
4. ئۇيغۇرلار تەڭ ھوقۇقلۇقمەنسەپدارلار بىر - بىرىنى چەكلەپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ماھىر
گەپنىڭ دەسلىپىدىلادەپ قويىدىغىنىم ، ئۇ ئەلدە بىزنىڭكىگە ئوخشاش«ئۆكتىچى پارتىيە»، «ئاۋام پالاتاسى»، «كېڭەش پالاتاسى»دېگەندەك كېلەڭسىز ۋە بىر - بىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇن بولۇپتۇرىدىغان ئۇقۇم ، ئاپپاراتلار يوق . پەقەت «يولداش»، « سىلى ئۆزلىرى»دېگەندەكسىلىق تەكەللۇپ سۆزلىرى بار . يەنە ئەدەپ ۋە ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىر - بىرىنى پۇستانىنازىر ، پالانى ھاكىم ، پوكۇنى بۆلۈم باشلىقى .... دەپ ، ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا مەنسەپنامىنى قوشۇپ ئاتايدۇ . ھەتتا ئۆزىدىن باشقا خىزمەتچى خادىمى يوق ئەڭ كىچىك بىرئىشخانىنىڭ مەسئۇلىنىمۇ ئەمەل نامى بىلەن قوشۇپ ئاتايدۇ .
كىچىكمەنسەپدارلارنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇندىكى مەنسەپدارلارنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭھەر ئېغىز گېپىگە شەرتسىز بويسۇنۇشۇ ئۇ ئەلدىكى ئەقەللى مەقسەت ئەخلاقى . لېكىن ،تەڭ دەرىجىلىك مەنسەپدارلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا سەل ئوخشىمايدۇ . باشتا دېگىنىمدەك، بۇنداق مەنسەپدارلار ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ تەبىي ھالدىلا بىر - بىرىنىچەكلەپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن . ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى ، ئۇلاربىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ ( ئۇلارنىڭ خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىشىپيۈرۈشىدىن بۇنداق ئەھۋالنى سېزىش تەس .يەنىلا ئۆز ئارا بىر - بىرىنى << باشلىق >> دىيىشىپ ، ئەمەل نامى بىلەن ئاتىشىدۇ . بۇ بىزنىڭئەمەلدارلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە نىمە بولسا يوشۇرمايلا دەۋېتىش ، بىر - بىرىگەتەكەللۇپسىز سوغۇق مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن نەقەدەر روشەن پەرق قىلىدۇ - ھە !
ئۇيغۇرلاردىكى تەڭدەرىجىلىك مەنسەپدارلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى ، ئوچۇق قارشى چىقماسلىق ، ئەمما بىر - بىرىنى زادىلا ئېتىراپ قىلماسلىقتا . ئۇلار تەكەللۇپقا ۋە << بولىدۇ >> دىيىشكە ئامراق ، < سىلىدىن قابىليەتلىك ئادەم يوق > دېگەن گەپنىمۇئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ . بىراق ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى مەنسەپدارلارغاھېچكىمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلمايدۇ . ئەكىسچە ، ئاۋۇ ئۇنداق قىلىپ كەتتى ، ماۋۇبۇنداق قىلماقچى .... دەپ دوكلات قىلىپ ، بىر - بىرىنى يۈرەكئالدى قىلۋېتەلەيدۇ . نەتىجىدە ھېچقايسى دادىل ئىشلىيەلمەيدۇ . ئۇ ئۇنىڭدىن ، بۇ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ،ئەنسىرەپلا ئۆتىدۇ . بۇنداق ئاڭلىق نازارەت قىلىش ئۇسۇلى دۇنيادا ھەقىقەتەن كەمئۇچرايدۇ . بىزدىكى << ئۆكتىچى >> دەپ ئوچۇق مەيدانغا چىققانلارمۇئۇلاردەك ھەممىنى دوغا تىكىپ ، بىر - بىرىنى نازارەت قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن . مېنىڭچە نازارەت قىلىش ئەنە شۇلارنىڭكىدەك مەدەنىي ، مەخپىي ، ماجراسىز ، ۋە قاتتىقبولغىنى ياخشى . شۇندىلا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر خىزمەتنى خاتىرجەمئىشلىيەلەيدۇ . << ئۆكتىچى >> ، << مۇتەئەسسىپ >> ، << رادىكال >> ........ دېگەن مۇجمەل ئۇقۇملار مەۋجۇت بولمايدۇ . تېخىمۇ مۇھىمى مەخسۇس نازارەت ۋە چەكلەش ئاپپاراتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن << ئاۋام پالاتاسى >> ۋە << كېڭەش پالاتاسى >> دېگەندەك بىر - بىرىگە توسقۇن بولىدىغان مەنمەنچى ئورۇنلار ئۈزۈل - كېسىل يوقىلىدۇ .
5. ئۇيغۇرمەنسەپدارلىرىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى بار
ۋەزىيەت ئۇ ئەلدىكىھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل . شۇڭا ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇش ، ئۇنىڭ خارەكتىرىنىچۈشىنىش - كىشىلەرنىڭ ساپاسى ، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بەخت ۋەمۇۋاپىقىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلە . ۋەزىيەتنى چۈشىنىپ ماڭغانلار ئۆزيولىنى تېپىپ ، بايلىق يەنە مەقسەت ، نام - شۆھەت ..... قىسقىسى ھەممىگەئېرىشەلەيدۇ . ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا تونۇپ يېتەلمىگەنلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ .
بۇ ئاددىي قائىدىنىھەممىدىن بەك بىلىدىغانلاريەنىلا ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى . ئۇلار << ماسلىشىشپىسخىكىسى >> نى يېتىلدۈرگىنى ئۈچۈن ھەر قانداق ۋەزىيەتنى ئالدىن كۆرەلەيدۇ . ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن ۋەزىيەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ . ھەر قەدىمى ۋەزىيەت شامىلىنىڭيۆنىلىشى تامان بېسىلىدۇ بۇ تېخى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ ھادېسە تەرىپى . ئەڭمۇھىمى شۇكى ، ئۇلار ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىش بىلەن بىرگە ، روھى دۇنياسى ،ھەتتا ئېتىقادىنىمۇ ۋەزىيەت تەقەززاسىغا ئويغۇن ھالدا ئۆزگەرتىپ تۇرالايدۇ . قىلۋاتقىنى قانۇنغا خىلاپ ئىش بولغان تەقدىردىمۇ ۋەزىيەت ، سىياسەت ئېھتىياجى ئۈچۈنلەۋزىنى ئۆزگەرتىپ ، قەۋم - قېرىنداشلىرىغا ، يۇرت خىەلقىگە باشلامچى بولۇپ ئازاربېرەلەيدۇ . خەلقى ئۈچۈن سالغان بىر قېتىملىق تەستىقى ئۆتمىسە ئۇنى سۈرۈشتەقىلىشنىڭ ئورنىغا قايتا - قايتا تەستىق سېلىشقا ئادەتلەنگەن . تەستىقى زادىلائۆتمىسە ، ئاجىزلىقىغا تەن بىرىشنىڭ ئورنىغا << ۋەزىيەت مۇشۇنداق ئوخشايدۇ >> دەپ قاراپ ، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەر قانداق ئىلتىماسىغا << قوشۇلمايمەن >> دىيىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىمۇ بار . ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى ، << قانۇن بويىچە ئىش قىلىمەن >> دەپ پرىنسىپقا جاھىللىق بىلەنئېسىلۋالمايدۇ ، ئالدىنقى مەنسەپدارلار بېكىتكەن پىلاننى كېيىنكى مەنسەپدارلارئەزمىلىك بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ . ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغا پىلان تۈزىۋېرىدۇ . ئالدىنقىسىنىڭ پىلانىنى دادىللىق بىلەن بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ . تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى ،ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋەدە ، يوليۇرۇقلىرىدىن يېنىپ ، ئۆزىنى يېڭىچە ۋەزىيەتئۆزگۈرۈشلىرىگە ماسلاشتۇرالايدۇ . ھەركىتىدىنلا ئەمەس ، روھ ، ئىدىيە ، ھەتتا ئۆمۈربويى شەكىللەندۈرگەن ئىمان ۋە مەپكۇرىسىنىمۇ ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتەلەيدۇ . زامانتەقەززا قىلسا ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن قېرىنداشلىرىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدۇ . بۇبىزدىكى << قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن >> ، << ھەققانىيەت خەلقتە >> دەيدىغان قاتمال مەنسەپ قارىشىدىن نەچچە ھەسسە ئەلا ماسلىشىش ئەمەسمۇ .
6. ئەڭ كەسكىنمەنسەپدارلارمۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلمايدۇ .
ئۆز بېشىمچىلىقبىزدىكى ئەڭ يامان ئىللەت . پرېزىدېنتلىرىمىزدىن تارتىپ كىچىككىنە بىر كارخانىنىڭدېرىكتورلىرىغىچە << مۇستەققىل ، ئىجاتچان ، دادىل >> دېگەننى باھانەقىلىپ ھە دېسىلا يەڭگىللىك بىلەن تەدبىر تۈزىدۇ ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ ، بۇيرۇق بېرىدۇ . << دۆلەت مەنپەئەتىگە ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىساق بولدى >> دەپكاللىسىغا كەلگەنچە ئىش قىلىپ ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايدۇ . << ئويلىنىپ باقاي ، مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي >> دېگەن گەپ ئۇلارغا يات . بىر ئىشقا يولۇقسا << ھەل قىلايلى >> ئەمەس ، << ھەل قىلىمەن >> دەپلا كېسىۋېتىدۇ . ھەتتا نەق مەيداندىلا ئىش بېجىرىدۇ . بۇ دۆلەت ،كارخانىلار ئۈچۈن زىيانلىق قىلمىشتۇر . بۇ يەردە سۆيۈنۈش بىلەن جاكارلايدىغىنىم ،ئۇيغۇر مەنسەپدارلار بۇنداق ئىللەتتىن تامامەن خالىي ، ئۇلار ھەر قانداق ئىشقامەسئۇلىيەتچان ، ئۆز ھوقۇقى دائىرىسىدىكى بارلىق ئىشلاردا ئۆز بېشىمچىلىق قىلمايدۇ . باشقا مەنسەپدارلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش - ئۇلاردىكى ئەڭ گۈزەل مەنسەپئەخلاقى . ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسىڭىز ، ھەر قانداق مەنسەپدار << بۇ ئىشمېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ >> دېمەيدۇ . لېكىن بىرەرسىمۇ << مەن بېجىرىپبېرەي >> دېگەن گەپنىمۇ قىلمايدۇ . ھەممىسى دىيىشۋالغاندەكلا << مەسلىھەتلىشەيلى ، مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى >> دېگەن دادىل جاۋابنى بېرىدۇ . ئۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ كەسكىن ، كېسەر پىچاق باشلىقلارمۇ << شۇجى بىلەنمەسلىىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاپ بېرەي .. >> دېگەن دادىل جېۋابنى بېرىپ ،باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشتەك ئېسىلخىسلىتىنى نامايەن قىلىدۇ . مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي دېگىنى سوراپ باقاي دېگىنى ، بىرسىيەنە بىرسىدىن سوراپ ، پىكىر بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئىش ھەل قىلسا نېمىدېگەنبىخەتەر - ھە ! قېنى بىزدىكى مەنسەپدارلاردا مۇشۇنداق ئۆملۈك ، ھەمكارلىق روھىبارمۇ ؟!!!!
7. ئۇلار ھۆرمەت قىلىشنىمۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنىمۇ بىلىدۇ
بىزنىڭ بۇ يەردىكىمەنسەپدارلارنىڭ بىر ئاجىزلىقى - چوڭ - چىكىك ھەممىنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرۈپتۇرۇۋالىدۇ . پرېزىدېنت تىلەمچىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يەپ كېتىدۇ تېخى . ئەرزىمەس بىر ئوقۇغۇچى دۆلەت باشلىقلىرىغا مەسلىھەت كۆرسۈتۈپ كېتىدۇ . بۇنىڭ ئۆزىياراشمىغان باراۋەرلىك بولماي نېمە . ھەر كىم ئۆزىگە ئوخشىشى ، ھەم ئۆز ئۆزىنىتېپىشى كېرەك . مانا بۇ مەسلىنى ئۇيغۇر مەنسەپدارلار ناھايتى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان . ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى كۆرگەندە ئىنتايىن پرىنسىپال ۋە قاتتىق قول ، بۇنداق چاغلاردائۇلار ئىشلىگەن خىزمەتنىڭ >ۇختىلىقىدىن شامال ئۆتۈشمەيدۇ ، بولىدىغان ئىشلارنىمۇبولمايدىغانغا ، ياخشى ئىشنى يامانغا چىقىرىپ ، كىچىك بىر مەنسەپدارلارمۇپۇقرالارنى ئەتراپىدا پەرۋانىدەك پېقىرتىۋېتەلەيدۇ . ھە دېگگندىلا << نو!! >> دەپ ۋاقىراپ ، قەۋم - قېرىنداشلىرىنىڭ بۇرنىدىن بۇلاق چىقىرۋېتىدۇ ،ھەممىنى << سۇبھاناللا !!! >> دېگۈزۋېتەلەيدۇ ، بۇ چاغلاردا ئۇلار گويابىر ئەۋلىياغا ئايلىنىدۇكى ، مانا بۇ ھەقىقى مەنادىكى ئۆزىنى كۆرسىتىش . لېكىنئۇيغير مەنسەپدارلارنى گەپ يېمەيدىغان ، باغرى تاش ئادەملەرمىكىن دەپ قالماڭ ،ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن چوڭ مەنسەپدارلارنىڭ ئالدىدىكى قىياپىتىنى كۆرسىڭىز ، دۇنيادائۇلاردەك ياۋاش ، ئاقكۆڭۈل ، ۋە كىچىك پېئىل ئادەملەرنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىسىز ،بۇنداق چاغدا ئۇلار ھەممىگە << ماقۇل >> لا دەيدۇ ، باشلىقنىڭ كۆڭلىنىئېلىش ئۈچۈن قۇرت يېگەن ئېزىق چىشلىرىغىچە كۆرسىتىپ كۈلىدۇ ، تولا غادايغىنىدىنئالدىغا تومپىيىپ چىقىپ كەتكەن قورسىقىمۇ بىردىنلا ئىچىگە تارتىلىپ ، ئۇلارنىڭكامالەكتەك ئېگىلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ . مانا بۇ پەرقلىق مۇئامىلە ، ھەركىم ئۆز ئورنىنى تېپىشى كېرەك دېگەن قائىدە دەل مۇشۇ مانا ، بۇ يەردە مېنىڭئىزاھلاپ قويىدىغىنىم ؛ ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى مۇشۇنداق ئېسىل خىسلەتكە ئىگە بولغىنىئۈچۈن پۇقرالىرى ئۇنى << پۇرسەتپەرەس >> دەپ ماختىشىپ كىتىدىكەن ، بۇدېگىنى بىزچە << ئۆزىنى بېغىشلاش >> ، << رېئاللىققا ماسلىشىش >> دېگەنلىك . بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغانمەنسەپدارلىرىمىز بولىدىغان بولسا بىزمۇ ماختىماي قالارمىدۇق ..... ؟!!!!
8. مەنسەپدارلىق رىقابەتئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك
مەنسەپنى رىقابەتئارقىلىق تالىشىش دۇنياۋى ھادىسە . بىزنىڭ بۇ ئەلدە مەنسەپ ئۈچۈن ھەممىنى دوغاتىكىپ ، ئاپئاشكارە ئوتتۇرغا چىقىمىز . يۇرت - يۇرتلارغا بېرىپ ئۆزىمىزگە ئاۋازتوپلايمىز ، خەلققە نېمىلەرنى قىلىپ بېرىدىغانلىقىمىز ھەققىدە تالاي ۋەدىلەرنىبېرىپ كىتىمىز . مەلۇم پارتىيە گورۇھ بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ يىغىلىش ئۆتكۈزىمىز ،رىقابەتچىمىز بىلەن جامائەت ئالدىدىلا مۇنازىرىلىشىمىز . لېكىن ، ئۇيغۇرلاردابۇنداق يامان ئادەت يوق . ئۇلار ھە دېسىلا ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىپ يۈرمەيدۇقىلمىغان ئىش ئۈچۈن ۋەدىمۇ بەرمەيدۇ . مەقسەت رىقابىتى تېخىمۇ قالتىس بۇلارنىڭ ،ئۇلارنى خەلقى ئەمەس باشلىقى سايلايدۇ . سايلايدۇ دېگىنىم نېمىسى ، تەيىنلەيدۇ ! مانا مۇشۇ يېرى ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ، مەنسەپدارنى ئۆستۈرۈشئۈچۈن << ئىشىنىش ۋە چۈشىنىش >> شەرت بولغانلىقتىن ئۆستۈرگۈچى بىلەنئۆسكۈچى زىچ ئالاقىدار بولىشى ، مۇناسىۋەتنى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پىكىردە ، قاراشتا ، ھەركەتتە ، تاماقتا ، ئويۇن - تاماششا ......... دا بىرگە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ . بىز بۇ يەردە ياشاپ بىلمىگەن بىلەن ،يۇقىرقى شەرتلەرنى ئورۇنداش تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مۈشكۈل ، يەنە كېلىپ بۇشەرتلەرنىڭ ھەممىسى مەدەنىي ۋە خۇپىيانە يول بىلەن ھازىرلىندىغان بولغىنى ،مەنسەپنى خەلق ئەمەس مەنسەپدارلار بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن رىقابەت ھەددى - ھېسابسىزكەسكىن . بىزدە بىر يىل سايلىنالمىسا كېلەر يىل يەنە قايتا رىقابەتكە چۈشۈشئادىتىنىڭ ئەكىسچە ئۇلاردا قايتا - قايتىلاپ رىقابەتلىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ ، بىرئورۇنغا بىر ئادەم شۇنداقلا چىقىپ قالدىمۇ ، بولدى ، ئۇنىڭ باشقا جايغا ئۆسۈپ ئۆرۇنبىكارلىشىنى ساقلىسىڭىز سىزنىڭ يېشىڭىز << ئۆستۈرۈش ياش چېكى >> ھالقىپكەتكەن بولىدۇ - دە ، بىر ئۆمۈر شۇ پېتىڭىزدە قېلىۋېرىسىز . بۇنىڭ ئۈچۈن قانداققىلىش كېرەك ؟ جاۋاپ بىرلا ؛ ئەمەل ئۈچۈن ئار - نومۇس ، ۋىجدان ، غورۇر ،،،،،،ئىشقىلىپ ھەممىدىن ۋاز كېچىش كېرەك ! مەن تەكشۈرۈش داۋامىدا ، ئۇلارنىڭھەقىقەتەنمۇ ئەمەل ، مەنسەپ ئۈچۈن قۇربان بىرىش روھىغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنىچۈشىنىپ يەتتىم ، ھەر كېچىسى مەنسەپ ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭكۈندۈزى يەنە نورمال خىزمەت قىلالايدىغانلىقىغا ھەيران بولماي تۇرالمىدىم . ئويلاپبېقىڭا ، بۇ خىل قاتتىق رىقابەت ، بۇ قادەر ئېغىر بەدەل ئالدىدا بىزنىڭ ئەلدىكىئاشكارا مەقسەت رىقابىتى قانچىلىك دەيسىز ..... ؟؟؟؟
9. تۆۋەنگە چۈشكەنسېرىمەنسەپنىڭ كۈچى ئېشىپ بارىدۇ
( بۇنى بىزنىڭ ئەلنىڭئادەملىرى چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشكە قادىر ئەمەس ، قوبۇلمۇ قىلالمايدۇ ، شۇڭائايرىم كىتاب يازغاندا بۇ ھەقتە تەپسىلى ئىزاھات بېرىپ ئۆتىمەن )
10 . دۇنيادا ھوقۇق ،مەنسەپنىڭ قەدرى بۇ قەدەر ئۆتۈلگەن مىللەتتىن ئىككىنچى بىرسى يوق
( ئادەمدە نېمە كەم بولسا، شۇنىڭغىلا ئىشلىسە كېرەك . دۇنيادا بولۋاتقان ھوقۇق، مەنسەپ غەۋغاسىنىڭ ھەرقاندىقى ئۇيغۇردىن تېپىلغاندىن سىرت ، ئۇلارنىڭ يېپيېڭى مەنسەپ پەلسەپىسى پۈتۈندۇنيا ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدۇ دىيىشكە تامامەن بولىدۇ . بۇنىڭ تېخىمۇ يېڭى ھاياتىكۈچكە ئىگە مەزمۇنلىرىنى يازماقچى بولغان كىتابىمدا ئاشكارىلايمەن . )
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداقدىيىلگەن :
ئانچە تولۇق بولمىغانيۇقىرقى دەلىللەردىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى ، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ مەدەنىيەتلىكمىللەت ، ئۇلار ئۆزىگە خاس مەنسەپ مەدەنىيىتىگە ئىگە . ئەمدى سوراپ باقاي ؛ئۇنداقتا ، نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالدى ؟ ئىلغارلىقنى قوغداپ ۋەئوغىرلاپ يۈرۈپ دىگۈدەك قۇبۇل قىلىدىغان دىموكراتىك ۋە مەدەنىي ئەللەرنىڭ بۇمەدەنىيەتنى تاشلىۋېتىشىگە يەنە قانداق ئاساسلىرى بار ... ؟ مەن خەلقئارادىكى ب د تقاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ ، ھەتتا ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە قاتارلىقمەدەنىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەنسەپكە تەكلىپ قىلىشىنى ، ئۇلارنىڭ مەنسەپمەدەنىيىتىنى دۇنياۋى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىنىتەۋسىيە قىلىمەن ... ھەممىمىز ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن تونۇيلى . مەركىزى ئاسىيانىڭئوت - ئاتەشلىك زىمىنىدا ياشاپ كېلۋاتقان بۇ مەدەنىي مىللەتنى ئۇنتۇپ قالمايلى .. !!
بىز چەت ئەللىكلەرنىڭئۆزىمىز ھەققىدە بەرگەن باھاسىدىن بەكلا قورقىدىغان خەق . بۇ ماقالىنى ئوقۇپ مەندەكبىر تىل ھەۋەسكارى ھاياجاندىن نەچچە كېچە ئۇخلىيالمىغان يەردە ، مەنسەپتۇتۇۋاتقانلارنىڭ زادىلا ئۇخلىيالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ! .........ھەيييييي .... ھېلىمۇ ھاياجىنىمنى باسالماي تۇرۇپتىمەن ، غەزەبلىنىشىمكېرەكمۇ ؟ چەت ئەللىك يازغۇچىلارغا غەزەپلىنىشكە بولسۇنمۇ ؟ ئىككىلىنىپ تۇرساممۇكاللامدا يەنىلا شۇ شادلىق : << دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى !!!! ... >>
تۇرپان ژۇرنىلدىنئېلىندى.
|