نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىغا نەزەر

يوللانغان ۋاقتى: 01:17 18-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىغا تىك يۆنىلىش بويىچە قارىغاندا ، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى روشەن ھالدا ياخشىلاندى ،

«شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىغا تىك يۆنىلىش بويىچە قارىغاندا ، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى روشەن ھالدا ياخشىلاندى ، پەنلەرنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ؛ توغرا يۆنىلىش بويىچە قارىغاندا ،قەرز بەك كۆپ بولۇپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن بولغان پەرق پەيدىنپەي چوڭىيىۋاتىدۇ .» 14–يانۋار ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىدىكى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالار مۇزاكىرە قىلغاندا ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جاڭيوڭچىننىڭ سۆزى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قارىشىنى قوزغىدى ، كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز ، بۇبىر ئېغىزدىن پىكىر بايان قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىنى قانداق قىلىپ ياخشى باشقۇرۇش ئۈستىدە كەڭ–كۇشادە سۆزلەشتى .

  ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى ئاز ئۇنىڭ ئۈستىگە جەلپ قىلىشكۈچى ئاجىز

سىياسىي ڭېكەش ئەزاسى لى شۇشەن ھازىرقى باسقۇچتا شىنجاڭ ئالىي مائارىپى بايلىقى مائارىپنى ئاممىباپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ نىشاندىن خېلى يىراق ، دەپ قارىدى .

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جاڭ شىنلىڭ تېخىمۇ بىۋاستە ھالدا : «شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى بەك ئاز ، تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىدىن ئاران 11 ى بار ،لېكىن ئىچكىرىدىكى بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىكشەھەردىلا بىر تولۇقكۇرس ئالىي مەكتىپى بار . شىنجاڭنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش لازىم» دېدى .

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بۇ لىيەن مۇنداق دېدى : «مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېخىمۇ ئالدىرىدىم . ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئارزۇ تولدۇرغاندا ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملىتىدۇ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئويلاشمايدۇ » . شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا سىرتنىڭ كۈچىگە تايانغاندىن تاشقىرى ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ «قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى» نى كۈچەيتىشىمىز كېرەك ، يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئالىي دەرىجىلىك بىرىكمە تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ، يېتىشتۈرىدىغان ئالىي مائارىپتىن ئىبارەت .ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان دۆلەت ياكى رايونلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مائارىپ تەرەققىيقىلغان جايلاردۇر . شىنجاڭ چېگرا رايونغاجايلاشقان ، ئەگەر تەرەققىي قىلغان ئالىيمائارىپ ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بولماي ، يالغۇز باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ياردىمىگىلا تايىنىش ھەرگىزمۇ كۇپايەقىلمايدۇ .

  بىرمۇ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى يوق

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى لى باۋچېڭ : «شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى ، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى ۋە سانى جەھەتتە ئىپادىلىنىپلاقالماي ، يەنە پەنلەرنىڭ تەسسىس قىلىنىشىۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ» دەپ ئوچۇقىنى ئېيتتى .

ئۇ مۇنداق دېدى ، ھازىر شىنجاڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ، دېھقانچىلىق–چارۋىچىلىقنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر–بازارلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاۋاتقان بولۇپ ، زور تۈركۈمدىكى سانائەت پەنلىرى ۋە ئەمەلىي پەن ئىختىساسلىقلىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ،ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا ھازىرغا قەدەر بىرمۇ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى يوق ،«ئۈچلەشتۈرۈش» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان پەنلەرمۇ بىر قەدەر ئاز . ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتىمۇ ماسلىشىشچانلىقى ناچار بولۇش ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش مەسىلىلىرى ساقلانماقتا .

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى لى باۋچىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : نۆۋەتتە ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپتايانچ ئىختىساسلىقلىرى يېتەرلىك ئەمەس ،پەن باشلامچىلىرى كەمچىل . بۇندىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى‹‹ تەڭرىتاغ ئالىملىرى ›› تۈرى تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى . بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ تۈر ئارقىلىق بىر تۈركۈم تايانچ ئىختىساسلىقلارنى ۋە باشلامچىلارنى جەلىپ قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىشتىن، كۆپ يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ ئالىي مائارىپنى قوللاشتىن ئىبارەت .

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇزاكىرە داۋامىدا مۇنداق قارىدى ، ھازىر ئالىي مائارىپ سېلىنمىسىمەسىلىسى بولۇپمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ ، قاتتىق ماتېرىيالمۇھىتى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ .

  مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ھەر يىلى ئوقۇغۇچى بېشىغا ئاجرىتىلىدىغان پۇل 8500 يۈەن ئەتراپىدا ، بېيجىڭ ، شاڭخەي ۋە دېڭىزياقىسىدىكى تەرەققىيقىلغان رايونلاردا 15000 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ھەر يىلى ئوقۇغۇچى بېشىغا ئاجرىتىلىدىغان پۇل 5000 يۈەنگە يەتمەيدۇ .

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سېرجان مۇنداق دېدى : مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن ، دۆلەتۋە ئاپتونوم رايون مائارىپقا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتتى ، لېكىن مەجبۇرىيەت مائارىپى ، «قوش تىل» مائارىپىغىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ ، ئالىي مائارىپقا بىرئاز سەل قارىلىۋاتىدۇ .

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى لى باۋچىڭ ، ئاپتونوم رايون ئالىي مائارىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ ، مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللىشىنى ئىزدىشى كېرەك دېدى .

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سۇبىن تەكلىپ لايىھەسىدە مەخسۇس ، مائارىپ سېلىنمىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ ، ئالىي مائارىپ خىراجىتىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە، ئالىي مائارىپ مەخسۇس فوندى تەسسىس قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىسە، بىرقاتار مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، شىنجاڭدىكى ۋە شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلاشقان چوڭ ، ئوتتۇرا تىپتىكى كۆمۈر ، نېفىت– خىمىيە كارخانىلىرى ئالىي مائارىپقا پۇل ئىئانە قىلىپ ، ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇلسا ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.


 

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر