مۇشۇ قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئىدى، كەچلىك تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق. ئۆيدە ئۇكام بېقىپ قويغان 2 مۈشۈك بولىدىغان، ئوغلۇم ئۇ مۈشۈكلەرگە شۇنداق ئامراق بولدىكى، بىردەم ئارامىدا قويمايتى. ھېلى قورسىقىنى مىجىۋالىدۇ، ھېلى ئالدىغا يۈگرەپ كېلىپ قورقىتىدۇ، ھېلى ئېگىز كۆتۈرۈپ تاشلىۋېتىدۇ. ئىشقىلىپ ئامراقلىقىدىن خېلى قىيناپ قوياتتى. لېكىن ئۇكامنىڭ «ھاي ئۇنداق قىمما، ئۆتتۈرەپ قويىسە»، « ئۇنداق قوقاتما، قوقانچاق بولاپ قالىدا!» دېگەن «ھاي»لىرىغا پەرۋامۇ قىلمايتى. ئاخىرى ئۇكام قاتتىقراق قىلىپ «ۋاي ئۇنداق قىمما دېگەندىكىن گەپ ئاڭلىساڭ بوممامدا؟!» دېيىشىگە ئوغلۇمدىن ئىنجا كەلدى: - يووووو ، ھەجەپ دەۋىيىدىكەنشە، مۈشۈكۈڭ نەچچە پۇلتى؟ مەن بى ئالاي! ئىچىۋاتقان چاينى پۇقۇۋەتتىم! قورسىقىمنى تۇتۇپ دومىلاپ كېتىپتىمەن ئا گەپنى ئاڭلاپ. ھېيت بولۇپ قولىغا پۇل كىرىپتىكەن ئاۋۇ نوچىنىڭ، يانچۇق توم بولغاچ پۇلنى ئاقسا خەجلەپ مەيدىسىنى تىك كۆتۈرۈپ ماڭغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ ماۋۇ نوچىنىڭ، دىدى ئاپاممۇ قاتتىق كۈلۈۋېتىپ. مەن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىسى بىلەن تېخى بىر قېتىملا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئۆيدىكىلەرمۇ سېغىنغان چېغى، مەن ئۇنىمىسا ئۇنىماي ئۈلۈشكۈن كەچ ئاپىرىپ قويدۇم. كەچ بولغاچ ئۆيگە كەلگۈچە ئۇخلاپ قالدى. ئوغلۇم چىقمايمەن دېسە قېينى ئانام تېلفۇندا جىق بەزلىگەن ئوخشايدۇ، «ۋاي تاتلىق بالام، بىزنىڭ ئۆيگە كەلسەڭ ئۇنداق تاتلىق نەرسە بار، بۇنداق ئوبدان نەرسە بار» دەپ. ئەتىسى ئاپام ئۇ ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ نەۋرىسىدىن ئەھۋال سوراشقا تېلفۇن قىپتۇ: - ھە بالام قانداقراق ئۇخلاپسە؟ - ئوبداياق - تاتلىق ئاناڭ (چوڭ ئانىسىنى شۇنداق ئاتايدۇ) نېمە ئەپ قوياپتىكىن ساڭا؟ - پوق ئەپ قوياپتىكىن شۇنى يەتىمە! … ئەسلى ئۇ كەچتە ئۇخلاپ قالغاچقا ھېچنىمە بەرمەيلا كىرىپ ئۇخلىتىپ قويغانكەن. شۇڭا بەك كۆڭلىگە كەپكەتكەن چېغى. بۇ «يۇمۇر» نى ئاڭلاپ ئاجايىپ مەستلىكىم كەپكەتتى ئۇنىڭغا. شۇنداق سېغىنىپ كەتتىم. خۇدا خالىسا ئاخشاملىققا كىرىپ ئەچىقىۋېلىپ ئۆزۈم بىر سوراپ باقىمەن! تەبەسسۇم مال توشۇش ئورنىغا 2 يېشىك نەرسىمىز كەپتىكەن، جىددى ئىشىم بولغاچ كىرىپلا يۈكنى ماشىنىغا قويدۇم، مال بېرىدىغانلار ئىشىم ئالدىراشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشىكتىن چىقىشتا دەرۋازىۋەن ئاكىمىزغا بېرىدىغان ھېلىقى قەغەزنى بەرمەيلا بولدى مېڭىۋەرسىلە، مەن ئۆزۈم دەپ قويىمەن دېدى. ماقۇل دەپلا مېڭىپتىمەن. لېكىن ئۇ ئاكىمىز توسىۋېلىپ زادىلا ماڭغۇزمىدى. ئۇنى دېسەم بۇنى دەيدۇ، بۇنى دېسەم ئۇنى دەيدۇ، زادىلا قويۇپ بەرمىدى. - ئا قەغەزنى بەمىسىلىرى بوممايدۇ، بېرىپ ئەكەپ بەسە - ئاكا ئىشىم بەك جىددىي ئىدى، خاپۇمماي ئۆزلىرى سوراپ باقسا، مېنى كېتىۋەسىلە دېگەنتى ئاشۇلا ئۆزى -ياق ئۇكام، چىم بوسا ئوخشاش شۇ بوممىسا چىقامايمىز. بېرىپ ئەكىلىۋەتسە -ۋاي ئاكا يا بى تونىمايدىغان ئەدەملە ئەمەس بىزمۇ، بېرىپ ئەكىلىۋاسىلىرى بولىدىغۇ، ئىشىم بەك جىددىيتى دەيمە -يو ئاللا! دادىسى مىندۈرۈپ قويغان بولغىيمىتى، مېڭىۋەسىلە غوجام! ماشىنىلىرىنىڭ پودىقى چۈپ قاممىسۇن يانا! مەن ئۆزەم ئەكىلەي! دېدى ئاكىمىز قەغەزنى ئەكەلگىلى ماڭغاچ. ئا گەپنى ئاڭلاپ سوغاق تە چىكەتتى ۋە «جىددىي» ئىشىمغا مېڭىۋەردىم. بىر ئاغىينىمىز تاكسى شوپۇرى ئىدى. ئۆتكەندە بىر مەسنى كەچتە سوقىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. گەرچە بۇ بىر ياخشى بولمىغان ئەھۋال بولسىمۇ ئاغىينە بالىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دېگۈچە كۈلۈپ پەقەتلا ئاغزىغا گەپ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئاغىينىمىزنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆزىدىن ئاڭلىدۇق: ئۇ كۈنى كەچ يامغۇر يېغىۋاتقان، ماشىنىنى ئىككى خەنزۇ توستى. چىقىرىپ يۈەنفاڭ بازاردىن يېڭىشەرنىڭ يولىغا كېلىۋېتىپ ئەگىلىپلا بىر مەسنى كۆردۈم يولنىڭ قاق ئوتتۇرىدا. تورمۇزغا ئۈلگۈرمەيلا سوقاپ تاشلىدىم. ئاپلا مەن تۈگەشتىم دەپ ئويلاپ نېمە بولا ئەمدى دەپ ماشىنىدىن چۈشەي دەپ ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئا مەس دەس قوپاپلا ماڭا قاراپ دەلدەڭشىپ كەلدى: - ئوغاۋالوووووو! مۇشۇندا ھەيدەمتۇق ماشىنىنى؟ مەنمۇ نەدىن كەلدى ئۇ گەپ ئاغزىمغا، ئۆھتەملىك بىلەن دەپتىمەن: - سىلىگىمۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا پوق بامىتى چەتتە ماڭماي؟ - ھىق (ئىچىگە قەشقەرچە بىر تارتىۋېتىپ) ! سوقاشنى سوقاپ بولاپ گەپ بەك يوغانغۇ!؟ دەپلا مەن تەرەپكە كەلدى. مەن قورقۇنچتا ماشىنىدىن چۈشمىگەنتىم. ماشىنىنىڭ كەينىدىكى 2 تەتەيمۇ بەك قورقۇپ كېتىپتىكەن، ئا مەس تەتەينى كۆرۈپلا: - يوووووو! ماشىنىدا خۇجىنتاۋ بامىتى؟ نېماندا يوغان سۆزلەيدىكى دەيمە؟! ماڭسا غوجووووووم ماڭسا! دەپلا يولغا سەپ قويدى، كېتىۋەدىم. بۈگۈنگىچە ساق ھەيدەپ يۈرۈيمەن، بىرەسى ئىزدىمىدى، دىمەسما! نەدىن كەلدى بۇ كۈلكە! كۆزىمىزدىن ياش چىكىتىپتۇ كۈلۈپ … مەنبە: پاسىبان كولۇبى |