ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

جېنىم ئۈرۈمچى ---‹ شېئىر › شەھلا

يوللانغان ۋاقتى: 03:42 14-10-2011 مەنبە: مېھرى ئاي دۇنياسى ئاپتورى: شەھلا كۆرۈلۈشى: قېتىم
جېنىم ئۈرۈمچى شەھلا ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدە يىغلار ئۈرۈمچى، تۈن كۈننىڭ پاسىلىدا تۈنەر ئۈرۈمچى . ئۆلۈمنى ئويلىساڭ گۈلساي غا بارغىن ، قەبر

 جېنىم ئۈرۈمچى

 

شەھلا


ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدە يىغلار ئۈرۈمچى،
تۈن كۈننىڭ پاسىلىدا تۈنەر ئۈرۈمچى .
ئۆلۈمنى ئويلىساڭ « گۈلساي» غا بارغىن ،
قەبرىلەر قېتىدا تۈگەر ئۈرۈمچى .
ئۇ شۇنداق شاۋقۇنلۇق ھايات ،
«ئىتتىپاق»نىڭ ئالدىدا كۆيىدۇ كاۋاپ.
بىر چاغلار قان بىلەن يۇيۇلغان يولنى ،
ساناقسز ئەرۋاھلار قىلىدۇ تاۋاپ .
«بۇغدا» نىڭ ئېتەكلىرى سېلىنجا ئۇنىڭغا .
«قىزىلتاغ» نەئۈچۈن قىزىل دىمەيلى !
كۈجىنىڭ كۈللىرى ياققاندا يامغۇر ،
ئايلانغان پاتقاققا رەڭلىگەن تاغنى .
ھەر سەھەر سۈكۈتتە تۇرغان ئىككى تاغ ،
سۆيەلمەس ئەبەتكە بۇلۇتنى ئۇلار .
«يامالىق » ھەسرەتتە بېرىدۇ سالام ،
«ئۆستەڭ» دە جاۋاپقا چىقالماس سۇلار .
ناسوستا ياشارغان سىز كۆرگەن باغلار ،
چۈنكى سۇلار قۇرىدى نىۋاق .
كۆك ئاسمان ئىس ئىچرە كۆرۈنەر ئاپپاق ،
تومۇزدا بىر بۇۋاي كەيگەندەك تۇماق .
ئەلمىساقتىن ئۈنگەندەك يەردىن ،
توپىرەڭ تاملىرى ئالتۇنمۇ كۈمۈش؟
«كاتتا بازار» كىچىك بىر ۋەتەن ،
تۇنۇش چىراي ، تىنىقلار تۇنۇش .
تۈن ئاسمىنى ياققاندا چىراق ،
ئەگىپ باقتىم «كونسول» نى ياياق  .
ئاچچىق، تاتلىق جېنىم ئۈرۈمچى ،
دىلخانەمگە تاشلىدى پىراق .
«بۇلاق بېشى» دا قاينايدۇ ھايات ،
«ئاق مەسچىت» كە قوشنىدۇر « قۇتاد».
بۇ كوچىلار قېنىمدۇر ، جېنىم ،
چۈنكى ساپلىقى يىگىرمە تۆت كارات .
« شامالباغ» ئاخىرقى بىر يول ،
ھامان بىر كۈنى قەبرىگە تۇتاشقان.
تۇغۇلدۇق، ياشىدۇق ، قانمىدۇق بىراق ،
تارتىشقان قاراقتا قاتقان ئۈرۈمچى...


مەنبە :مېھرى ئاي دۇنياسى شەھلا يازمىسى

ياخشىكەن
(17)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر