نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ۋەتەن ۋە ئېمان

يوللانغان ۋاقتى: 16:24 18-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: ئابدىقادىر ج كۆرۈلۈشى: قېتىم
ۋەتەن ۋە ئېمان (ئابدىقادىر جالالىدىن) ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟ قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟ تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخ

ۋەتەن ۋە ئېمان


(ئابدىقادىر جالالىدىن)


ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟
قەلەمنى مەشئەل قىپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ .
ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
قۇۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،
چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،
كۆكتىكى يۇلتۇزلاربىلەن سىردىشىپ.
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.
سەپ تۈزۈپ ھەررەڭدە پەسىللەر ئۆتتى ،
«ۋەتەن » دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى .
ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ
باشلاردىن نى ئەقىل
نەقىللەر ئۆتتى .
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس، سەجدىگاھىڭدۇر،
ۋەيا ئەرمەك ئەمەس، باشپاناھىڭدۇر.
«ۋەتەن __ جانان » دېدىڭ ، جانان تېپىلار ،
ۋەتىنىڭ بولسىلا ھامان تېپىلار،
غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ ،
شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار .
بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ .
ۋەتەن ئەسقاتىدۇئۆلگەنلەرگىمۇ،
نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ ،
ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ ،
بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ .
لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.
ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟


 

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر