سالام ئۈرۈمچى
ئابدۇقادىر ھەسەن خالىس
سېغىنىپ قوينۇڭغا كەلسەم ئۇزاقتىن،
قات – قات تاغ ئارىسى توققۇزبۇلاقتىن،
ئۆي – ئۆيدە ئەتكەن چاي ئېتىپ قايماقتىن،
‹‹ھەرھابا، كەل مېھمان!›› دېدىڭ ھەر ياقتىن،
ئەسسالام، ئۈرۈمچى يالقۇنلۇق شەھەر،
چىن ھايات قاينىمى، دولقۇنلۇق شەھەر.
  
ھۆسنۈڭ چوغ، رەڭمۇ رەڭ گۈللەر ياپقاندەك،
يوللۇرۇڭ خۇش پۇراق ئىپار چاچقاندەك،
ئەل – ئاۋام چىن ئىجىل، ئۇرۇغ – تۇغقاندەك،
ئۈزۈپسەن بەيگىدە گويا ئۇچقاندەك،
ئەسسالام، ئۈرۈمچى يالقۇنلۇق شەھەر،
گۈزەللىك قاينىمى، جۇشقۇنلۇق شەھەر.
  
ئىجادنىڭ قوينىدا كاراپتەك ئۈزۈپ،
كۈندە مىڭ يىپ – يېڭى دۇر – زەرلەر سۈزۈپ،
ئىلىمنىڭ باغىغا گۈللەرنى تىزىپ،
ئۆرلەپسەن سەپەردىن زەپەرلەر قېزىپ،
ئەسسالام، ئۈرۈمچى يالقۇنلۇق شەھەر،
مەرىپەت قاينىمى، يۇلتۇزلۇق شەھەر.
  
چىمەنزار ئوتقاشلىق، جامالىڭ سۇمبات،
پەلەككە تاقاشقان بىنالار قات – قات،
داغدامدۇر كوچىلار ئەجەبمۇ ئاۋات،
نېمەتلەر بېھىساپ، بوپسەن باياشات،
ئەسسالام، ئۈرۈمچى يالقۇنلۇق شەھەر،
يۈكسىلىش قاينىمى، بۇلبۇللۇق شەھەر.
  
ئەڭ ئېسىل خىسلىتىڭ دوستلۇق، ئىناقلىق،
قىز – ئوغلۇڭ خۇش چىراي، مېھماندوست، ئىللىق،
قېرى – ياش ئەدەپلىك، سۆزلىرى سىلىق،
پەزىلەت بابىدا ئىكەنسەن داڭلىق،
ئەسسالام، ئۈرۈمچى يالقۇنلۇق شەھەر،
ئىناقلىق قاينىمى، زەر چوغلۇق شەھەر.
  
يار بوپتۇ بۇدەمدە ساڭا گۈل ھايات،
ئۆرلە، ئەي ئۈرۈمچى، قېقىپ گاڭ قانات،
ئىجادنىڭ يولىغا سېلىپ تۇلپار – ئات،
توسقۇننى يەكسان قىپ ئەيلىگىن بەربات،
ئەسسالام، ئۈرۈمچى يالقۇنلۇق شەھەر،
چىن ھايات قاينىمى، دۇلدۇللۇق شەھەر.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ( 2008-10-13)
|