ئاپتورى : مەڭگۈ تاش
ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ھەققىدە سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. تۆت تەرىپى ئەجدادلارنىڭ باھادىرلىقىنى ئەسلىتىدىغان قامەتلىك تاغلار ئىچىدە قورشىلىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ، قاتناش ، سودا مەركىزى . ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى شۇنداقلا كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى توپلانغان مۇھىم ئورۇندۇر. بۈگۈنكى ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ پوزۇر ۋە تەكەببۇر سىياقىغا تەققاسلانغان مەغرۇر بىنالاردىن تەشكىل تاپقان، بىر قەۋەت سۇس تۇمانغا چۈمكىلىپ شېئىردەك پىنھان گۈزەللىكتە چاقناپ تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ چۈمپەردىسىنى 1990- يىلى پارچە- پارچە بوستانلىق ئىچىدە، تەكلىماكاننىڭ شەرقىي بۇرجىكىدە رىۋايەتتەك سوزۇلۇپ ياتقان مېھىرلىك قۇمۇل دىيارىدىن ئەيمىنىش ۋە خەۋىپسىرەش تۇيغۇلىرى ئىچىدە قەدەم قويغاندىن تارتىپ قىيا ئېچىشقا قادىر بولغانمەن. 5 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى تەرەققىيات سادالىرى ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئېغىر پۇشۇلداپ ياتقان ئۈرۈمچىنىڭ قۇچىقىدا ئۆتكۈزدۇم. ۋۇجۇدىدا ساددىلىق ۋە پاكىزە ئېتىقاد خۇرۇچلىرى چوغلىنىپ تۇرغان سەھرالىق يىگىت ئەمەس ھاياتنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرەلەيدىغان، تۇرمۇشىغا مەنا بېرىشكە تىرىشىدىغان قېنى قىزىق سىتودېنت سۈپىتىدە تۇنجى مۇھەببەتنىڭ غايىۋىي قۇدرىتىنى، نائەھلىلىك، مۇھتاجلىق، ساداقەتنىڭ چۇقانلىرىنى، ئادىمىيىلىك ۋە مىللەت، ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ شېرىن تەمىنى تېنىم ھەم دىلىم بىلەن سېزىپ ياشىدىم. سۆيدۈم، سۆيۈلدۇم. ماڭا بالىلىق دەۋرلىرىمدە پارىژدەك ياكى نىيۇ- يوركتەك تۇيۇلغان ئۈرۈمچى مېنى يات كۆرۈپمۇ كەتمىدى. ئۇنۋېرستىتتىن دۆڭكۈۋرۈككىچە بولغان كوچىدا 5 يىل ماڭدىم. دۆڭكۈۋرۈكنى ياخشى كۆرەتتىم. ئىتتىپاق تىياتېرى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئىتنىك توپنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى كۈزىتىشنىڭ ئۆزى ھۇزۇر ۋە بىلىم ئىدى. كەچلىك بازاردا ئولتۇرۇپ كاللا - پاچاق يېيىش، سۇ ئۈستى باغچىسىدا شەرق تەرەپكە قاراپ بالىلىق كەچمىشلەرنى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن ئۆتكۈزۇش، قارلىق سەھەرلەردە ئۇنۋېرستىتتىكى قىزىل كۆل بويىدىكى راۋاقتا كېلەچەك ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلارنى قاناتلاندۇرۇش ھاياتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىدى. ئۈرۈمچى ئەردىن قىز تولىدۇر سەندە،
يۈرەكتىن يۈرەككە باغلانغان بىر يىپ. بىر يىگىت ئاۋارە قازان بېشىدا،
قىزلىرىڭ ياسانغان توزدەك ئاجايىپ.
بۇ يەردە سالاپەت كېرەك ھەممىگە،
قۇشلارمۇ قارا تون كەيگەن چىرايلىق.
قورساق ئاچ بولسىمۇ، قۇرغاق بۇرۇتنى مايلىشىڭ كېرەكتۇر، بۇ نورمال قىلىق. ئاپتوبۇس قاتنايدۇ قاتتىق زىمىندا،
ئېغىزدا كۈلكىدۇر، قويۇندا پىچاق. دۆڭكۆۋرۈك ئالدىدا يىغلار رىشاتكا،
يانچۇقنى كولايدۇ قويمىچى بوۋاق. بۇ يەردە گۈللەر ئۇز ، تاراتماس پۇراق،
بۇ يەردە قىزلار ئۇز، كۆڭۈلدىن يىراق. ساۋابلىق ئىش قىلار ئاقكۆڭۈل ئەخمەق،
قارغايدۇ ئادەملەر شۇندىمۇ بىراق.
زېھنىنى ئۇپرىتار كەشى بىلەن تەڭ،
تەتقىقات ئۇستىدە غېرىپ زىيالىي. پۇل باردا ئەقىل يوق، ئەقىل باردا پۇل، مەن سېنى يامغۇردا كۈتتۇم خىيالىي. قۇشقاچلار بىناغا يازالماس شېئىر،
خىش- كاھىش يالايدۇ قۇرغاق ۋىجداننى.
پىچانگۇل... خىيالچان سەھرالىق قوزا، ئېھ ، كۆرۈپ باقمىدى پەقەتلا سېنى. ئۈرۈمچى زامانىۋىيلىق ئىچىدە يوقىلىۋاتقان ئەخلاقنىڭ قەبرىستانى. تاۋارغا ئايلانغان ھەم ئايلىنىۋاتقان سۆيگۈنىڭ ئاجىز چۇقانى. كامىل ئىنسان بىلەن لامزەللىلەر توپىدىن تەشكىل تاپقان مۇرەككەپ ئائىلە. رەڭلىك ئولتۇرۇش كۆلەڭگىسىدە يىمىرىلىۋاتقان مىللىي مەدەنىيەتنىڭ پىغانلىق كۈيى.ئۈرۈمچىنى تىللايمەنۇ يەنىلا كېچەلمەيمەن.
بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى "تىپ كۈزىتىش" ئىدى. يۇمۇرلۇق، ھەركىتى ياكى گەپ- سۆزىدە خاسلىققا ئىگە ھەرقانداق ئادەم بىزنىڭ كۈزىتىش ئوبيېكتىمىز ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنى چۈشىنىش پىراكتىكىسى ئىدى. شۇ يوسۇندا نۇرغۇن "تىپ" لارنى بايقىدۇق. ئالىي مەكتەپ ياتاقلىرىدىكى ھاراق ئېلىش ئۈچۈن كەچتە 3-4- قەۋەتلەردىن كارۋات كىرلىكلىرىنى ئۇلاپ پەسكە چۈشۈۋېتىپ، كىرلىك بىلەن بىللە پەسكە چۈشۈپ كەتكەن بالىلار، تاماق قاچىسىنىڭ تېگىگە ھەسەل سۈركەپ بېلەت ئوغرىلاشنى كەشپ قىلغان سىتودېنتلار، ئالىي مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئۈرۈمچىلىك <بالاڭزا>لار، 408- نومۇرلۇق ياتىقىمىزدا ئۇلىنىپ ئېيتىلىدىغان چاقچاق- ھەزىللەر ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلار ئۈرۈمچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرىمدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
ئۈرۈمچى ياشاش ئۈچۈن قەدەمدە بىر بەدەل تۆلەيدىغان شەھەر.ئۈرۈمچى پەسكەش، نائىنساپ ، دىيانەتسىز كىشىلەر بىلەن مېنى يىرگەندۇرسە، ئەخلاق، ئادىمىيلىك نىڭ يىگانە ساھىبلىرى بىلەن ئىپتىخارلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ شەھەردە تۇرۇپ خەلق قەلبىدىكى مەنىۋىي قەھرىمانلارنى، ئۆزۈم ئىلگىرى ئەسىرىنى ئوقۇپ غايىبانە ئىخلاس قىلىپ كەلگەن بولساممۇ دىدارلىشىشقا نېسىپ بولمىغان ساھىبقەلەم يازغۇچىلارنى ئۆز كوزۈم بىلەن كۆرۈش ، گاھىلىرى بىلەن بىۋاستە ئەسرارلىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم. بوغدا ئابدۇللا، شەرىپىدىن ئومەر قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئۇگۇت نەسىھەتلىرىدىن، ئەسەت سۇلايماندەك ئىزدىنىش روھىغا باي ياش ئالىملارنىڭ تەلقىنلىق پىكىرلىرىدىن ئوزۇقلاندىم. فاكۇلتىت تەۋەسىدە قانات يايدۇرۇلىدىغان تۈرلۈك مۇنازىرىلەر ھاياتلىق يولۇمدىكى نىشانلارنى نۇرلاندۇرسا، ئادىل تۇنىيازنىڭ قارلىق مەيداندا تاماق قاچىسىنى پۇلاڭلىتىپ، بېشىنى سىڭايان قىلىپ ، شېئىرىي ئىلھام قۇچىقىدا مەستخۇشلىنىپ كېتىۋاتقان ھالىتى شېئىردىكى چىن گۇزەللىكنى ھېس قىلدۇراتتى. ھەر قېتىم كانىكولدا ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە قەرىز ۋە مۇشەققەت دەستىدىن قەددى ئىگىلگەن ئاتا- ئانامنىڭ خىرە كۆزلىرىدىن ئەنئەنىنىڭ جۇلاسىنى ، ئەۋلاد بىلەن ئەجداد ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۇنمەس رىشتىنى سېزىپ تۇراتتىم. يۇرت مېھرى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى مېنى قايتىپ كېلىشكە چاقىرىپ تۇراتتى. ئۈرۈمچىدىن كېچىشكە شۇنچە تەشنا ئىدىم- يۇ كېچەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. ئاخىرى ئوقۇشمۇ پۈتتى. تەقدىر بورىنى رىقابەت تۇيغۇسى سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا تاشلىدى.
ئاي بېشىدا مولچىلىق،
پارقىرايدۇ بەتىنكە.
ئاي ئاخىرى يانچۇقتىن،
تېپىلمايدۇ بىر تەڭگە.
دەپ ناخشىلار ئېيتقان مەنىلىك سىتودېنتلىق ھايات ئاياغلاشتى. گىتارغا تەڭكەش قىلىنىدىغان:
مەن گۈلۈمنى ئۈزەي دېسەم،
غۇنچەسى ئاچىلماپتۇ.
ئون گۈلۈمنىڭ بىرسى يوق،
قاياقلارغا كەتكەندۇ؟
ئەگەر بولساڭ سەن تۇپراق،
چۈشەر ئىدىم باغرىڭغا.
تۇپراق ئەمەس لېكىن سەن،
بارالمىدىم يېنىڭغا.
دېگەن يالقۇنلۇق ناخشىلار ئەستىلىككە ئايلاندى. سىنىپتىكى جوزىلارنى چاتما دۇمباق قىلىپ ناخشىلار توۋلىغان كۈنلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرىمىزدە كەشتە بولۇپ قالدى ، خالاس. مەن ئۈرۈمچى ۋە ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى كەچمىش، روھىي داۋالغۇشلىرى ھەققىدە تونۇشقا ئىگە ئەمەسمەن. پەقەت مېنىڭ بىلىدىغىنىم ھەم ئەسلەيدىغىنىم: 1990- يىلىدىن 1995- يىلغىچە بولغان ئۈرۈمچىنىڭ ۋۇجۇدۇمدا قالدۇرغان ئەكس سادالىرى.
ئۈرۈمچىگە دەيدىغانلىرىم:
ئۈرۈمچى، سېنى ياخشى كۆرىمەن. گۇلدەك سىياقىڭنى، سېغىنىمەن، دۆڭكۈۋرۈك ۋە خانتەڭرى جامەسى ئەتراپىدىكى قىزغىن ھاياتنى. ..
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ قىزغىن ۋە ئەڭ ھاياتىي كۈچكە باي نەسىللىرى ھەم پەسىللىرى سەندە ئۆزىنى نامايان قىلغۇسى. چوغدەك يېلىنجاپ تۇرغان كوچىلىرىڭغا بەركەت يار بولسۇن.
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى |