ئەسەر ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
ئۇزار تورى بىلەن يانغىن تورى ھەمكارلىشىپ ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان .
سىرتتا قار لەپىلدەپ ياغماقتا . ۋۇجۇدۇم ئازاب ئىچىدە تولغانماقتا. پۈتكۈل كائىنات شىرىن ئۇيقۇدا ، پەقەت مەنلا خىياللارغا بەند بۇلۇپ ئۇخلىيالمىدىم . ئادەم ھاياتىدا بەزى ئىشلارغا توۋا دەپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىكەن .بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھېچقانداق بىر يىگىت ماڭا كۈيۈپ باقماپتۇ ، ھېچكىم مېنىڭ ئۈچۈن ئازابلىنىپمۇ باقماپتۇ .قانداقسىگە ئۆزۈمدىن ئون ئالتە ياش بىرسىنى شۇ قەدەر ياخشى كۈرۈپ قالغاندىمەن ؟ بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .بۇ يىشىلمەس بىر سىر . قىسقىسى ،ئۆزۈممۇ شور پىشانە ، سىرلىق بىر قىز .
مەن تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندە ئانام تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ دادام كىيىن ھازىرقى ئانام بىلەن توي قىلغان ئىكەن . بەش يېشىمدىن باشلاپ ئۆينىڭ چاكىرىغا ئايلاندىم . قانداقلا بولمىسۇن ئالتە يېشىمدا مەكتەپكە كىردىم .مەن مەكتەپتىلا ئەركىن ئىدىم، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن جەزمەن ئۆيگە بېرىشىم كىرەك ئىدى ، چۈنكى ئۆگەي ئانام تۇلىمۇ رەھىمسىز ، زالىم ئايال ئىدى . ئۆي سۈپۈرۈش ئۈچۈن قۇلۇمغا سۈپۈرگىنى ئالسام : ‹‹ جۇۋاينىمەك ، ماڭ ئاۋۋال مەشنىڭ كۈلىنى ئال ! ›› دەيتتى . سەي توغراۋاتقان چېغىمدا بولسا :‹‹ ھەي ، مەرەز، جالاپ ...دەزمالغا چوغ سېلىپ قىزىت ...!›› دەپ ۋارقىرايتتى . تىل -ئاھانەت ، دەككە-دەشنام تۈپەيلىدىن خۇدۇمنى يوقىتىپ ، قايسى ئىشنى بالدۇر ، قايسى ئىشنى كىيىن قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرەتتىم . ياز كۈنلىرى ،ساۋاقداشلىرىم سايە -سالقىنلاردا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلىسا ، تاپشۇرۇق ئىشلىسە ،دەريا بۇيىغا توپلىشىپ سۇغا چۈمۈلۈشسە ياكى بولمىسا كوچا بويلاپ چۇقان سېلىپ يۈگرەشسە ، مەن ئۆيدە ئۇششاق -چۈششەك ، ئايىغى چىقماس ئىشلارغا بەند ئىدىم . مەن تۇغۇلۇشىمدىنلا سىمىز بولغاچقىمىكىن ،پات -پات دوستلىرىم مېنى گەپكە سېلىپ قوياتتى . تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ھاياتتىمۇ ئوخشاشلا بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىۋەردى . ئائىلە ماڭا ھېچقانداق خۇشاللىق بەخش ئەتمىدى . ماڭا شۇ نەرسە مەلۇمكى دادامنىڭ ،ئانامنىڭ مېنى بالا ئورنىدا كۈرۈپ بىرەر قېتىم ئەركىلەتكىنىنى ، بېشىمنى سىلىغىنىنى، خۇشخۇي كۈلۈپ مۇئامىلە قىلغىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى چوڭقۇر مىھرى -مۇھەببەت بىلەن ئەركىلىتىدۇ، سۆيىدۇ ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . بالىنىڭ كۆزلىرىدە تاسادىپىي پەيدا بولغان ياش ئۇلارنىڭ قايغۇسىنى كۈچەيتىدۇ . بالا ئازغىنا قىزىپ قالسا ئانا بىچارىنىڭ باغرى پۇچۇلىنىپ كىتىدۇ ، تۇغماس ئاتا -ئانىلارمۇ بېقىۋالغان بالىلىرىنى جاندىن ئەزىز كۆرىشىدۇ -غۇ ؟ بىراق مىنىڭ ھاياتىمدا بۇنداق ئىش ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. مەن ئاتا -ئانا مىھرىدىن مەھرۇم ئىدىم ، دادام بولسا تەرى سوغ ، زەھەردەك ئاچچىقى بار ، مىجەزى چۇس ،ئۇرۇشقاق ئادەم ئىدى ،لىكىن ئۇ تاپىنىغىچە ئەشمە چاچ سېلىپ ، قۇشۇمىسىدىن چىكىسىغىچە دەمدەك ئوسما قۇيۇپ ، كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىپ ، گىرىم دىگەننى ئۇن زاۋۇتىدىن چىققاندەك قىلىدىغان ياسانچۇق ...ھاكاۋۇر ئۆگەي ئانامدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى. ئەپتى يىرگىنىشلىك ئىككى مەخلۇقنىڭ ئارىسىدا مەن ئۈچۈن بۇ ئۆي گويا دوزاخنىڭ ئۆزى ئىدى . تۇغۇلۇشىمدىنلا بېشىمغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەردىن قۇتۇلۇشنى قانچە قېتىم ئارزۇ قىلساممۇ بەرىبىر ئامال قىلالمايتتىم . كونىلار ‹‹ قىز بالا ئاجىز ›› دىيىشىدىكەن ، ماڭا پەقەت ئاشۇ ‹‹ئاجىز ›› لىققا تەن بىرىپ ، تەقدىرگە بويسۇنۇپ ياشاشقا توغرا كەلدى . ئائىلىدىكى بۇ دەرتلەر ماڭا ئاز كەلگەندەك ، تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىلىقىغا چىققان چاغدا ئۆزۈمدىن 6- 7 ياش چوڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى كۆڭلۈمنى ئوغۇرلىۋالدى .ئۇنى ھەقىقەتەن ئۆلگۈدەك ياخشى كۈرۈپ قالدىم ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام ، ھايات مۇساپىسىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باسسام دىگەنلەرنىلا ئويلايتتىم . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ مەكتەپتىكى يەنە بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن توي قىلىۋالدى . كۆڭلۈم قاتتىق ئازار يىگەچكە ، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ نىمىلىكىنى ئويلىيالماس بۇلۇپ قالدىم . ئائىلىدىكى تۈگىمەس دەشناملار ، تۇنجى مۇھەببەت زەربىسى ئاز كەلگەندەك ،ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدىم . چىرايىم سارغىيىپ ، گېلىمدىن ھېچنەرسە ئۆتمىدى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆيگە سەل كەچ قالدىم .گۇگۇم چۈشكەندە ئۆيگە كىردىم ، مېھمانخانىمىزدا ئېگىز بوي ،قاپقارا ، يۈزلىرى بىرخىللا قېتىپ تۇرىدىغان بىر ئادەم تېلىۋىزور كۆرگەچ ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇراتتى .بۇ ئادەمنىڭ بۇرۇنمۇ دادام يوق ۋاقىتلىرى ئۆيىمىزگە ئانچە -مۇنچە كىلىپ تۇرىدىغانلىقى ماڭا مەلۇم ، ئۆگەي ئانامنىڭ چىرايى ئېچىلغان ھالدا قاشلىرىنى ئوينىتىپ ھېلىقى ئادەمنىڭ ئالدىدا يورغىلاپ يۈرەتتى .ئۆگەي ئانام مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ : _ نەدە ئويناپ يۈردۈڭ ؟...مەرەز ...! _دېدى ۋارقىراپ . _ نەدە ئويناپتىمەن ؟ _ بۇ سۆزنى دىيىشكە ناھايىتى تەستە جۈرئەت قىلدىم ،_ ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلدىم . _ ماڭا تىل ياندۇرغىدەك بولدۇڭمۇ ؟ يىتىم ئوغلاق ، جالاپ ... قاتتىق ھاقارەتتىن كىيىن يۈزۈمگە كىلىشتۈرۈپ ئۇرلغان قاتتىق تەستەك زەربىسىدىن كەينىمگە ئۇچۇپ كەتتىم . كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ،يۈزۈم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېچىشىپ ئاغرىيتتى . _ ماڭ ،ھۇ ...كارغا كەلمەس ، قاپاقباش ...تېز بول ، تاماق ئەت ! سەل تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغۇدەك بولسام بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق ھاقارەتلەرگە دۇچار بۇلاتتىم ، شۇڭا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشتىم ،سەي ئادالاۋىتىپ قايسىبىر ساۋاقدىشىمنىڭ خاتىرىسىدە كۆرگەن مۇنۇ سۆز ئىسىمگە كەلدى : ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ، سائادەتلىك ئۆلۈم ياخشى ! مەن ئۆزۈمگە مىڭ قېتىم ئۈلۈم تىلىگەندىمەن ،ئەجەلنى رەھمىسز دىيىشىدۇ ، لىكىن ئەجەل نىمە ئۈچۈن ماڭا رەھىمسىزلىك قىلمايدۇ ؟ شۇ كۈنى دادام ئۆيگە كەلمىدى ، مەن تاماقنى پىشۇرۇپ بۇلۇپ ، مېھمانخانىغا داستخان كۆتۈرۈپ كىرسەم ھېلىقى ئادەم بىلەن ئانام بىر -بىرىگە يېقىن ئولتۇرۇپ كۇسۇرلىشىۋاتقان ئىكەن، مېنى كۆرۈپلا جىم بۇلۇشتى .تاماقمۇ يىيىلىپ بۇلۇندى ، ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئەمدى كىتاب كۈرەي دەپ ئولتۇرسام ، ئۆگەي ئانامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : _ ماڭ ، بازارغا چىقىپ تۇز ئەكىر ! _ ئۆگەي ئانام شۇنداق دەپ بەش يۈەن پۇلنى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى. سىرتقا چىققىنىمدا تالا قاراڭغۇ بۇلۇپ ، ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايتتى . مىڭبىر تەسلىكتە بازارغا بېرىپ تۇزنى ئېلىپ ئۆيگە كەلسەم ئىشىك ئىچىدىن قۇلۇپلانغان ئىدى . ئىشىكنى چىكىپ بىرھازا تۇرساممۇ ئۆگەي ئانام ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىدى . بىر كىچە سىرتتا ئايلىنىپ يۈردۈم ، ئۆزۈمنىڭ بەختسىزلىكىمگە ، ئاجىزلىقىمغا ئېچىندىم ، سىرت تۇلىمۇ سوغۇق بۇلۇپ ، بەدەنلىرىم ئۈششۈكتە قالغان ياپراقتەك تىترەيتتى .ئىچ -ئىچىمدىن مېنى ئاچچىق يىغا تۇتۇپ بىر كىچە مىت قىلىپ كۆز يۇمماي تاڭ ئاتقۇزدۇم . ئەتىسى ئەتىگەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ھېلىقى قارا ئادەم تېخىچە كەتمىگەن بۇلۇپ ئۇ يەنىلا مېھمانخانىدا بەخىرامان ھالدا تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتى .مەن ئاستا ماڭغىنىمچە ياتاق ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم ، ھىس قىلىپ تۇراتتىم ، ئۇ ئادەمنىڭ ئوغرى كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىم ئۇچرىشىپ قېلىپ تېنىم شۈركىنىپ كەتتى .ۋۇجۇدۇم غايىبانە بىر ئازاب ئىچىدە ئۆرتىنەتتى ، خەۋپسىرەيتتىم .نىمىنىدۇر تۇيغاندەك قىلاتتىم ،لىكىن ئالدىمدىكى نامەلۇملۇق ئۈستىدىن ھۈكۈم چىقىرىشقا ئاجىز ئىدىم . ئەقلىم مېنى نىمىنىدۇر ئېھتىيات قىلىشقا رىىغبەتلەندۈرەتتى ، دىگەندەك ئۆگەي ئانام ئاشخانا ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، مېنى ئۇ ئادەمنىڭ قۇلىغا سۇ بىرىشكە ، چاي قۇيۇشقا ، كۈتۈشكە بۇيرۇق قىلدى .ھەر بىر قەدىمىمنى قورقۇنچ ئىچىدە باساتتىم ، مېھماننىڭ يۇمشاق سافا ئۈستىدە ئولتۇرۇپ گەۋدىسىنى قىمىرلىتىشىدىن ، پۇشۇلداشلىرىدىن ، ئۆلۈم شەپىسىدىن ھۈركىگەن كىيىكتەك چۆچۈيتتۈم . تاماقتىن كىيىن سىرتقا چىقىپ ، سەلكىن شامالغا يۈزۈمنى تۇتۇپ ، پەرىشان ھالدا ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىمنى خىيال قىلىپ بىر ھازا كۆككە قاراپ تۇردۇم . قانچىلىك ئۆتتىكىن -تاڭ ، ئۆگەي ئانامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئانام مېنى يىتىلىگىنىچە مېھمانخانىغا ئېلىپ كىردى ، قارا ئادەم كۆزلىرىنى مۇلۇننىڭكىدەك پارقىرتىپ ئولتۇراتتى . ھېچنىمىنى چۈشەنمەستىن ئىسەنكىرەپ قالدىم ، ئۆگەي ئانام شارتتىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ بۇسۇغىدىن ئاتلىدى -دە . ئىشكنى سىرتتىن قۇلۇپلىۋالدى .. نىمە ئىشلار بۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە قارا ئادەم ھىجايغان پېتى ماڭا قاراپ كىلىۋاتمامدۇ ؟ دەھشەت ! نىمە دىگەن دەھشەت ...!! تىترەپ تۇرۇپ كەينىمگە داجىدىم ، قارا ئادەم جىددىيلىشپ ھۇجۇمغا تەييارلاندى ، دېرىزە تەكچىسىدىكى قارا چەينەكنىڭ قانداقسىگە قۇلۇمغا چىقىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن ، زەرپ بىلەن ئېتىۋىدىم ، خىرىس قىلىپ كىلىۋاتقان يىرتقۇچنىڭ سول قاپىقىغا تەگدى ...بىرلا سەكرەپ دېرىزە تەكچىسىگە چىقتىم، ئۆيىمىز بىنا ئۆي بولمىغاچقا ، بارلىق كۈچ بىلەن ئەينەكلىك رامنى تەپتىم . سۇنۇۋاتقان ئەينەك پارچىلىرىنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازلىرى ئىچىدە ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم . مەن بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ قېچىشقا باشلىدىم .قېچىپ ئادەتتە مەكتەپتە بەكمۇ يېقىن ئۆتىدىغان بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدىم . _ ئاداش ..سەن ..نىمە ئىش بولدى ؟ ساۋاقدىشىم مېنىڭ ھاسىراپ ، يىغلاپ تۇرغان ھالىتىمنى كۈرۈپ سورىدى . _ مەن ..مەن ... شۇ سۆزدىن كىيىن بىر ھازاغىچە تىلىم گەپكە كەلمىدى . بىراق ، گويا كەينىمدىن ئۆگەي ئانام ياكى ھېلىقى قارا ئادەم قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك ،يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سالاتتى . ساۋاقدىشىمغا چىڭ يېپىشتىم ، ئۇنىڭغا ئېسلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم . شۇ كۈنى ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالدىم ، ئىككىمىز كىچىچە ئۇخلىمىدۇق ، ئۇنىڭغا ھەممىنى سۆزلەپ بەردىم . ئۇ مېنىڭ تارتقان خورلۇقلىرىمنى سىر تۇتۇشقا ۋەدە بەردى . ئەتىسى دادام مېنى ئىزدەپ كىلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەتتى .ئۆيگە كەلگىنىمدە بىلدىمكى ئۆگەي ئانام ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن ئىكەن . ئۆزەمنى بىردىنلا يىنىكلەپ قالغاندەك ، ئازادىلىككە چىقىپ قالغاندەك ، خورلۇقلاردىن ، دەشناملاردىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە چىقىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. دادام مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەسكى ئادەممۇ ئەمەس ئىكەن ، ئۇنىڭدىن ئەڭ خۇشال بولغان ئىشىم ئۇ بىر ئاغىنىسىنىڭ ياردىمىدە مېنى شەھەردىكى پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ گۈزەل -سەنئەت سىنىپىغا ئەكىرىپ قويدى . قېرىشقاندەك گۈزەل -سەنئەت سىنىپىغا بىر -بىرىدىن گۈزەل قىزلار قۇبۇل قىلىنىپتۇ . پەقەت مەنلا سىمىز ، سەت ئىدىم . خۇدا شۇنداق ياراتقان تۇرسا ، ئۇنىڭغا مەندە نىمە چارە ؟ قىزلار مېنى ئانچە ياقتۇرمايتتى . بىراق سىنىپ مۇدىرىمىز مېنى خېلى ياخشى كۆرەتتى .چۈنكى مەن دەرستە تۇلىمۇ تىرىشچان ئىدىم . ھەممىدىن ئۆچ بولغىنىم تەنتەربىيە مۇئەللىم ئىدى . ئۇ ئۇرۇق كەلگەن ئىگىز بىر ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ، مېنى ئىشلەش قىيىن بولغان ھەركەتلەرگە سېلىپ قىزلار بىلەن مازاق قىلىپ كۈلەتتى. كىيىنچە ئۇنىڭغا سالاممۇ قىلغۇم كەلمەس بۇلۇپ قالدى . دادامنىڭ مېنى نىمە ئۈچۈن باشقا كەسىپتە ئوقۇتماي ، بۇ كەسپتە ئوقۇتقانلىقىغا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىمەن . بىراق دادامنىڭ مېنى ئوقۇتقىنىغا بىر ئۆمۈر رەھمەتلەرنى ئېيتقۇم كىلىدۇ . شۇ چاغلاردا ھېچقانداق بىر ئوغۇللارنىڭ دىقىتىنى تارتالمايدىغان بۇ سىمىز ئەپتىم تۇيۇقسىز مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بۈلۈمىنىڭ باشلىقىنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ . ھېلىھەم ئېنىق ئىسىمدە ، شۇ كۈنى مەن كۈندىلىك ئادىتىم بۇيىچە مەكتەپ باغچىسىدا ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ ئولتۇرغان ئىدىم . تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ‹‹ قايسى سىنىپتا ئوقۇيسىز ›› دىگىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ،ئۇ بىز دائىم ئەيمەنگىنىمىزدىن گەپمۇ قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بۈلۈم باشلىقى ئىكەن . شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرلەردە ئۇچرىشىپ قالساق ئاز -تولا پاراڭلىشىدىغان بولدۇم . ئۇ ماڭا كۆڭۈل بۈلۈپ سىنىپىمنى ئالماشتۇرۇپ قويماقچىمۇ بولدى . بىراق مەن ئۇنىڭ مەندىن نىمە كۈتكىنىنى بىلمەستىن ئۇنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلغۇم كەلمىدى .بۇنىڭ بىلەن مەن يەنىلا ئۆز سىنىپىمدا ئوقۇۋەردىم . بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن يېنىپ ياتاققا قايتىپ مېڭىۋاتسام ئۇ مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپتۇ .مەن سەل خۇدۇكسىرەپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم . چۈنكى ئۆگەي ئانام بىلەن قارا ئادەمنىڭ ئىشى يۈرىكىمدە ئۆچمەس جاراھەت قالدۇرغانىدى . بۈلۈم باشلىقى مېنىڭ كىرگىنىمنى كۈرۈپ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . مەن چىرايلىقچە رەت قىلىپ ئۇنىڭ باشقا سۆزلىرىگىمۇ قۇلاق سالماستىن يېنىپ چىقتىم . شۇندىن كىين ئۇمۇ ماڭا گەپ قىلماس بولۇپ قالدى . بەلكىم تەقدىرنىڭ ئازغۇن شاماللىرى مېنى بىر ئاز سەگىتىپ قويدىمۇ قانداق . شۇندىن كىيىن ئەرلەردىن ئېھتىيات قىلىدىغان ، ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىشتىن قورقىدىغان بۇلۇپ قالدىم . تىرىشىپ -تىرمىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئوقۇشۇممۇ پۈتتى .مەن يۇرتقا قايتىپ بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندىم . يېڭى خىزمەت مۇھىتى مېنى خېلى خۇشال قىلغان ئىدى . داداممۇ كۆپ ئۆزگەرگەن بۇلۇپ ، مېنى كۆپ قوللايدىغان بولدى . مەكتەپتە ئۇدا ئىككى يىل ئىلغار ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ باھالاندىم . بۇ جەرياندا ئۆزۈمدىن 5-6 ياش چوڭ ئۈچ يىگىتنىڭ توي قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلدىم . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى كۆزىگىمۇ ئىلىپ قويمايدىغان بىرىگە كۆڭۈل بىرىدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسام ئاللىبۇرۇن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولماسمىدىم .مەن يىگىرمە ئۈچ ياشقا كىرىپ قالدىم ، تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ ئۇنچە سەتمۇ ئەمەسلىكىمنى ھىس قىلىپ قالاتتىم ، قەلبىم كىمگىدۇر تەلپۈنەتتى .كىچىلەر ئۇزاق تۇيۇلۇپ ، خىياللار چىرمىۋالغان شۇ كۈنلەردە ، دوستۇم بىلەن بىر سۇرۇنغا بېرىپ قالدىم . بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى رەت رىستۇرانغا كىرىشىم ئىدى . توۋا ، بۇ سورۇندا ئولتۇرغان قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى مەن دىمەتلىك بولسىمۇ ، يىگىتلەر 40 ياشلار چامىسىدىكى چوڭلار بولغاچقا ،ئىختىيارسىز ‹‹ توۋا ›› دەپ ياقامنى تۇتتۇم . شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشتىم .ئۇلارنىڭ پۇلدارلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى .ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى مېنى ‹‹ ئالمىدەك قىز ›› دەپ يۇمۇرغا قۇشىۋەتتى . ئۆزۈمنىڭ سىمىزلىكىمدىن يەنە بىر قېتىم ئازابلاندىم . كىيىن بىلسەم ئۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالغانىكەن ،ئۆزۈمنىڭ بۇ بايۋەتچىگە نىمە ئۈچۈن ياراپ قالغانلىقىمنى كىيىن چۈشەندىم . چۈنكى خېلى ئېغىر -بېسىق قىز ئىدىم . بىز يۇمۇر ئېيتىشىپ ،ئۇسۇل -تانسا ئويناپ دىگەندەك سائەت ئون بىرلارغىچە ئولتۇرۇشتۇق . كەچتە ئۇ ماشىنىسى بىلەن بىزنى دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى . شۇنداق قىلىپ بىز بىر نەچچە قېتىم سورۇنلارغا بىللە باردۇق . ئۇ ھەرقېتىم بىزنى ۋاقتىدا ئۆيگە ئەكىلىۋىتىپ قايتاتتى . بىزنى ئوقۇغان ، بىلىملىك قىزلار دەپ ماختاپ تۇراتتى . بەزىدە ماڭا چاقچاق قىلىپ ‹‹ ئالما قىز ›› دەپ تۇرىۋالاتتى،. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاچچىقلاش تۈگۈل ،توغرا چۈشىنىپ كۈلىدىغان بولدۇم . چۈنكى مېنى ھاياتىمدا ھېچكىم مۇنچە كۈلدۈرەلمىگەنىدى. كىيىنچە ئۇنىڭ پۇلدار بولسىمۇ كەمتەر ، خۇشچاقچاق ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان مىجەزىنى ياقتۇرۇپ قالدىم .ئۇنىڭ بىلەن گويا كونا تۇنۇشلاردەك ئېچىلىپ -يېيىلىپ پاراڭلىشىدىغان بولدۇم . ئۇ ماڭا دائىم : _ سىز بىلىملىك ياخشى قىز ، مەن سىزدەك قىزلارنى ھۆرمەتلەيمەن . ھازىر جەمئىيەت قالايمىقان ، قانداق ئىشلار بولسا ماڭا دەڭ . قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن ..._ دەيتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا تامامەن ئىشىنىدىغان بولدۇم . ئۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم نۇرغۇن سۇرۇنلارغا باراتتىم ،ھەرقېتىم ئۇ مېنى ئۆيگە بىخەتەر ھالدا ئەكىلىپ قۇياتتى ، مېنىڭ نەزىرىمدە مەن ئىشىنىدىغان ئەر دەل مۇشۇنداق بۇلىشى كىرەك ئىدى .ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىم بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى . بىر كۈنى بىز سورۇندىن قايتىپ مېھمانخانىغا باردۇق ، ئۇ ئۆزىگە بىر ياتاق ، ماڭا بىر ياتاق ئالدى . مەن ئۇنىڭغا تامامەن ئىشەنگەچكە ياتاقتا قۇنۇپ قالدىم . يېرىم كىچە بولغاندا ، ئۇ مېنىڭ ياتىقىمغا كىردى . _ قەدىرلىكىم ، سىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتىمەن . زادىلا چىدىيالمىدىم ، مەندىمۇ ئامال يوق ...ماقۇل كۆرسىڭىز ، ماڭا ياتلىق بۇلۇڭ . سىزنى بىر ئۆمۈر بەختلىك قىلىمەن ..._ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مېنى باغرىغا بېسىپ سۆيگىلى تۇردى . ۋۇجۇدۇم تۇنجى رەت سۆيگۈ ھارارىتىدە ئېرىپ كەتكەنىدى . تۇيغۇلىرىمنىڭ ئۇنىڭغا نىمە ئۈچۈن رام بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئېيتتى . بىراق بىر قىز ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ خىل تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۆزىنىڭ بارلىقىنى دوغا تىككەنلىك ئەمەسمۇ ؟ قانداق قىلىش كىرەك ؟ _ مېنى كەچۈرۈڭ . مەن ...مەن ھازىر ..تويدىن كىيىن بولسۇن . مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم ، ئۇمۇ پىكرىمنى ھۆرمەت قىلىپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى بىر كىچە شۇنداق قىلىپ خاتىرجەم ئۆتۈپ كەتتى ، شۇندىن تارتىپ ئۇ مېنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئەتىۋارلاپ ئىزدەيدىغان بولدى . نىمە دىسەم شۇنى قىلاتتى ، تېلفۇن ئۇرۇپ بولغىچە يېنىمدا پەيدا بۇلاتتى . مەن تېزلا مودا كىيىملەرنى كىيىپ ‹‹ باي خېنىم ›› لاردىن بۇلۇپ قالدىم . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ غەمخورلىقىدىن ئىدى . نىمىشقىدۇر ئۇنى دائىم كۆرگۈم كىلىدىغان بۇلۇپ قالاتتى ، بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇراتتۇق ... بىر كۈنى ئۇ مېنى تەكلىپ قىلىپ ياتاققا ئاپاردى . سىرتتا سىم -سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى . ئۇ مېنى سۆيۈپ تۇرۇپ : _ قەدىرلىكىم ، سىزگە ماشىنا ئېلىپ بىرەي ، ئۆي ئېلىپ بىرەي ، نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلىپ بىرەي ، تەلىپىمگە قۇشۇلۇڭ ،_ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا توختىماي يالۋۇراتتى . _ بەلكىم تالاي قىزلارغا مۇشۇنداق يالۋۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەنسىز . بىراق مەن توي قىلماي تۇرۇپ تەلىپىڭىزگە قۇشۇلمايمەن ..._ دېدىم سۇس كۈلۈپ . ئۇ تولا يالۋۇرۇپ چارچىغىنىدىن ئۇخلاپ قالدى ، ئۇ شىرىن ئۇيقۇغا غەرق بولغانىدى ، يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . تاڭ ئېتىپ سائەت يەتتىلەردە ئۇنى ئويغاتتىم . ئۇ قايتىش ئالدىدا ئاستاغىنە بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ : _ ئالما قىز ، كاللاڭ خېلى ئىشلەيدۇ جۇمۇ ..._ دېدى . ئۇ مېنى بىر تاكسىغا سېلىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى . شۇ كۈندىن كىين ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرسام ئۇ زادىلا ئالمىدى ، تېلفۇن بىرىپ ئاران ئالغىنىمدا ،قوپاللىق بىلەن ‹‹ تەلىپىمنى ئوبدانراق ئويلانغىن ، ئەمدى مېنى ئەخمەق قىلما ›› دەپ تېلفۇننى قۇيىۋىتەتتى . ئەمدى ئۇ مېنى بۇرۇنقىدەك ئىزدىمەيتتى ، سۇرۇنلارغىمۇ تەكلىپ قىلمايتتى . مېنىڭ جىمجىت ، زىرىكىشلىك كۈنلىرىم يەنە باشلاندى ، كىچىلەر ئۆزۈمنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئىشلىرىمنى ئويلىۋىلىشىمغا تامامەن يىتەتتى . مەن ھايات قاينىمىدا ، ئۇنىڭ بىلەن قانداق تاسادىپىي تۇنۇشقان بولسام ، شۇنچە تاسادىپىي ئايرىلىپ قالدىم .ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك ، ماڭا شىرىن ۋەدىلەرنى بىرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى . بىراق ئۇ ھازىر كىمگە نىمىلەر توغۇرلۇق ۋەدىلەرنى بىرىۋاتىدۇ ...بۇنى بىلىپ بولمايتتى . ئەمدى بىلسەم ، ئۇ مېنى پۈتۈنلەي شىرىن سۆزلەر ئارقىلىق پۇل خەجلەپ يۈرۈپ كەينىگە سېلىپ گىدىيىپ يۈرۈپتىكەن . ھېلىمۇ ياخشى بەڭباش تۇيغۇلىرىمنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنىڭغا بارلىقىمنى ئاتىۋەتمەپتىمەن . ئەپسۇس ، ئۇ مېنى مىھرى بىلەن سۆيگەن شۇ كۈنى مەن ئۇنىڭغا بىغۇبار كۆڭلۈمنى بەرگەنىدىم . تەڭرىم ماڭا نىمانچە چاكىنا كۆڭۈل ئاتا قىلىدىغاندۇ ؟ دائىم ئۇنى ياد ئىتىپ قالىمەن ... ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسزلىقىغا ئۆكۈندۈم . ئاخىرى دادامنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن ، بۇ ھەشەمەتلىك شەھەردىن ، مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۇ قەدىرلىك ئادىمىمدىن ئايرىلىپ ، چەت بىر يېزىغا يۆتكىلىۋالدىم . چۈنكى مەن سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ پاك تۇيغۇلىرىمنى قايتۇرۋىلىشنى ئويلايتتىم . ھەشەمەت پاتقىقىغا قايتا پېتىپ قېلىشنى مەڭگۈ خالىمايتتىم . ئەمدى مىنى ھېچكىم سۆيمىسىمۇ ، ھېچكىم مېنىڭ ئۈچۈن كۆيمىسىمۇ ئارمىنىم يوق. ئۆزۈمنىڭ ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ ساپ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىمدىن ئۆكۈنىمەن . تەلىيىمگە يارىشا ئۇنىڭغا ئالدىنىپ تەلىپىگە قۇشۇلماپتىمەن . ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى ئىزدىمىگەنلىكىنىڭ سىرىنى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چۈشىنىپ قالدىم . مۇھەببەت مېنىڭ سۆيگۈ رىشتىمنى ھەممىنى پۇل ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان چاكىنا بىرسىگە باغلىۋەتتى . ئۇنىڭ شىرىن ۋەدىلىرى يۈرىكىمگە سۆيگۈ تامغىسىنى بېسىۋەتتى . ئۇ ئايالى بار ، بالىسى بار ئادەمغۇ ؟ بارغانسىرى ئۇنى ئويلاشتىن ئىزا تارتىدىغان بۇلۇپ قالدىم . ناۋادا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالسام : _ قىز قوغلاشقا سەرپ قىلغان ئاشۇ پۇللىرىڭىزنى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىڭ ، بۇ ھەر ھالدا پاك قىزلارنىڭ قەلبىگە ساختا سۆيگۈ ئازابى سالغاندىن كۆپ ياخشى ...._ دەپ قويماقچىمەن . قۇياش ھەركۈنى يېڭىدىن چىقىدۇ . مەن بۇ يىراق سەھرادا يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالدىم . ئىشىنىمەنكى ، بۈگۈن چۇقۇم مەنىلىك ئۆتىدۇ . چۈنكى مەن چوڭ بولدۇم ، تۇرمۇش قاينىمىدا پىشىپ يىتىلدىم . مەن بىر سەبىيلەرنىڭ قەلبىگە بىلىم ئۇرىغى سالىدىغان خەلق ئوقۇتقۇچىسى ...بۇندىن كىيىن ھالال ئەمگىكىمگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىمەن .مەن ئۆزۈمگە ئۆكۈنىمەن ... مەنبە: يانغىن مۇنبىرى |