ئاپتورى: زۇلمەت(چىمبۇلاق مۇنبىردىكى تورنامى) يىراقتىنلا كۈلۈپ ئەركىلەپ،
سالام قىلدىڭ لىۋىڭنى يالاپ. قاپاقلىرىڭ سۈزۈلدى شۇ دەم، بېشىمدىكى دوپپامغا قاراپ. سەھرالىقتەك كىيەمسەن دوپپا،
خەخ كۈلمەمدۇ تۇرقۇڭغا قاراپ. تۈزۈككىنە يۇرسەڭ بولمامدۇ؟ چاچنى مايلاپ،قاتۇرۇپ تاراپ. بۇ گىپىڭنى ئاڭلاپ "گۈزەلىم" چوڭ مىڭەمدە چېقىلدى چاقماق.
ئۇرۇپ سالماي سىنى جانانىم، ئەڭ ياخشىسى مەندىن يۇر يىراق. مەن ئەسلىمدىن ئۇيغۇر بالىسى، دوپپام مىنىڭ، ئۇيغۇر بەلگىسى.
گۇزەللەرنىڭ قان -تەرى سىڭگەن،
باغلاپ،كوڭۇل ،يۇرەك رىشتىسى. ھەممە قىزلار مودا ياسانسا،
ئۇچۇق تۇرسا بىلەك ،ساغرىسى. پەرق قىلار سەندىن قانچىلىك، ساتراچخانا "گۇزەل پەرىسى" مەنبە: مەزكورشېئىر چىمبۇلاق مۇنبىرىدىكى تېمىغا يوللانغان ئېنكاس بولۇپ پايدىلىنىش مەقسىتىدە بېكىتىمىزگە يوللاندى. |