مېنى مۇنچە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابقا قويغۇچى ئەشۇ ئەرنى ئويلىغىنىمدا ئۇنى چايناپ - چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كېلىدۇ. ئەگەر ئۇچرىتىپلا قالىدىغانلا بولسام چوقۇم پىچاق بىلەن قيما - چىيما قىلىۋەتمىسەم، دېگەندەك خىياللار بېشىمنى ئەگىپلا يۈرۈيدۇ ... تۇرۇپ ئۆز - ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىپ چاچلىرىمنى يۇلۇپ يىغلاپ كېتىمەن . ئۆز ئۆزۈمگە ئۆزۈم مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغاندىن كېيىن ئۆزۈمگىمۇ ھەق .....
زېرىكىش ئېلىپ كەلگەن بالا - قازا مەن ۋە ئۇغۇل دوستۇم قۇدرەت ئىككىمىز ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىككىنچى يىلللىقىدا تونۇشقان ئىدۇق. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولۇپ، ساۋاقداشلىرىمىز ۋە ئۇستازلىرىمىزنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ ئوقىغان ئىدۇق. بولۇپمۇ قۇدرەتنىڭ ئوقۇشى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، مەكتىپىمىزدىكى ساناقلىق ئۆگىنىش سەركىلىرىنىڭ بىرى ئىدى ... ئىككىمىزنىڭ بىر - بىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزمۇ چوڭقۇر بولۇپ، بىر - بىرمىزگە تولىمۇ سادىق ئىدۇق. قۇدرەت ئۆگىنىشتە ماڭا كۆپ ياردەم قىلاتتى ، شۇنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك ، سىنىپىمىزدىكى قىزلار ئارىسىدا مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەممۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىدى. ئىشقىلىپ قۇدرەت بىلەن ئۆتكەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىم تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى ... شۇنداق قىلىپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن شەھرىمىزدىكى مەلۇم بىر ئىدارىگە ئىشخانا خادىملىقىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم . قۇدرەت بولسا مەكتىپىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بېيجىڭدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستېرلىقتا ئوقۇشقا ئىۋەتىلىدىغان بولدى . مەن تۇرۇپ خۇش بولسام تۇرۇپ جىمىپ قالاتتىم . قۇدرەتنىڭ ماگىسترلىقتا ئوقۇپ كېلىپ، مەكتىپمىزگە غوللۇق خادىم بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ شادلانسام، ئۇنىڭ ئوقۇش مۇددىتنىڭ 3 يىل بولىدىغانلىقى ، دېمەك ئۇنىڭدىن 3 يىل ئايرىلىپ ھېجران ئازابى تارتىدىغانلىقىمنى ئويلىسام ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كېتەتتى . ھەتتا كەلگۈسىمىزدىن ئەنسىرەپمۇ قالاتتىم . - قۇدرەت ، ئۇنى ئۇزاتقىلى چىققاندا، مېنىڭ ئازابلاۋاتقان ھېلىقى سۆزنى دەپ تاشلىدىم ، - ئەمدى كەتسىڭىز 3 يىلغىچە قايتىپ كەلمەيدىكەنسىز، بېيجىڭغا بېرىپ ئۆزگىرىپمۇ قالارسىزمۇ ؟! ... - بۇ نېمە دېگىنىڭىز ، سىز بىلەن مەن تۈنۈگۈن تونۇشقاندەك ، مەن قۇدرەتنى چۈشەنمەيدىغاندەكلا گەپ قىلدىڭىزغۇ ؟! بىمەنە ئويلاردا بولماڭ ، ماڭا ئىشەنمىسڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ .... ھەئە، ئۇ بېيجىڭغا ئوقۇشقا كەتتى ، مەن بۇ شەھەردە ھۇقۇشتەك يالغۇز قالدىم ، ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم بولسا يىراقتىكى بىر سەھرادا ئىدى. قۇدرەت كەتكەندىن كېيىنكى كۈنلۈرىم بارغانسېرى كالا سۆرىگەن ھارۋىدەك تەستە ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى. كۈندۈزى خىزمەت بىلەن مەلەك بولۇپ ئوڭاي كەچ قىلساممۇ ، كېچىلەرنىڭ تاڭغا ئۇلاشمىقىم بەك تەس ئىدى. ياتىقىمنىڭ تام - تورۇسلىردىن مۇڭ تۆكۈلۈپ مېنى قىينايتتى ، ئىختىيارسىز قۇدرەت بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ تولغىناتتىم ... قارا بېسىپ ئويغىنىپ كەتكەندە ، تىزلىرىمنى قۇچاقلاپ تاڭ ئاتقىچە يىغلاپ چىقاتتىم، مىسلىسىز يالغۇزلۇق، زېرىكىش جېنىمدىن ئۆتەتتى ... قۇدرەتكە تېلفۇن ئۇرمايدىغان كۈنۈم يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساملا يغا تۇتاتتى.... كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ، مانا قۇدرەتنىڭ كەتكىنىگىمۇ 9 ئاي تولۇپتۇ ، نېمە دېگەن ئۇزاقتا ئۆتكەن 9 ئاي ھە ؟! ... ئىدارىدىن مېنىڭ رايونمىزنىڭ شىمالىدىكى بىر ئاۋات شەھەرگە ھەپتىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتىنىشىشقا ئىۋەرتتى . كۈندۈزى يىغىنغا قاتنىشىش، كېچىسى مۇڭسىراپ ياستۇق قۇچاقلاپ تاڭنى كۈتۈش ... يىغىننىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئىختىيارسىز كاللامغا مېھمانخانىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى بەزمىخانىدا سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ ، مۇزىكا ئاڭلاپ كۆڭلۈمنى بەزلەش خىيالىغا كېلىپ قالدىم . قويۇق ياۋرۇپاچە ئۇسلۇبتىكى تولغۇما ئۇسسۇل مۇزىكسى ياڭراتقۇلاردىن ياڭراپ تۇراتتى ، زالنىڭ ئوتتۇرىسىدا جۈپ - جۈپ قىز - يىگىتلەر مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ تولىغىما ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى . مەن سەل ئەيمىنىپرەك ، زالىنىڭ بۇلۇڭ تەرىپگىرەك جايلاشقان ئىككى كىشىلىك ئورۇننى تېپىپ جايلىشىپ، كولا ئىچكەچ ئەتراپقا قارىدىم . بەزمىخانىدىكى ھەممىلا كىشىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى كۆترۈڭگۈ - جۇشقۇن ئىدى، پەقەت مەنلا ناھايىتى چۈشكۈن ، تۇرۇپلا ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چېغىمىزدا مەكتەپ تانسخانىسىدا قۇدرەت بىلەن تانسا ئوينىغان ئەشۇ گۈزەل مىنۇتلارنى ئەسلەپ ، خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ كەتتىم . - مۇمكىن بولسا، سىز بىلەن بىر قول تانسا ئوينىغان بولسام ... تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن خيالدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي مەڭدەرەپ قالدىم . كۆز ئالدىمىدا كېلىشىملىك بىر يىگىتىپ ئېگىلگەن ھالەتتە بىر قولىنى ماڭا سۇنۇپ تۇرۇپتۇ .... كاللامدىن چاقماقتەك چېقىن يېنىپ، قۇدرەت ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر ،بېرىشكەن ۋەدىلەر يالت قىلىپ ئۆتكەندەك قىلدى ... - مۇمكىن بولسا، سىز بىلەن بىر قول تانسا ئوينىغان بولسام ... تەكرارلانغان تەكلىپ تۈپەيلى خياللىرىم چۇگۇلۇپ، ئەس - ھۇشۇمنى يۇقىتىپ قويدۇم ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدىم . ئۆزۈممۇ تۇيماستىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قاپتىمەن، ئارقىمغا يېنىپ ئولتۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ... لېرىك مۇزىكىغا يېنىك قەدەملەر بىلەن تانسا ئويناۋاتىمىز ، كاللامدا يەنىلا شۇ قۇدرەت ، ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينىغان دەملەر ، مېڭەم قوماچتەك قوچىلىپ، گوياكى ساراڭ ياكى مەسكىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىم . شۇنداق قىلىپ ھېلىقى يىگىت بىلەن بىرقانچە مەيدان تانسا ئوينىدۇق، تانسا ئارىلىقىدا بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ تاغدىن - باغدىن پاراڭلاشتۇق ، مەن ئۈچۈن ھەممە ئىشلار گوياكى چۈشتەك .... ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قارايتتى ، كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان دەملەردە بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولىشىپ، ئاجايىپ بىر سېزىم ۋۇجۇدۇمنى ئورۇۋالاتتى ... تاڭ ئاتقاندا ياتىقىمدا ئۆزۈم يالغۇز قاپتىمەن، كېچىدىن بولغان ئىشلارنى ھېچ ئەسلىيەلمەيتتىم ، قاباھەتلىك بىر چۈشتىن ئويغانغاندەك تەرلەپ چىلىق - چىلىق بولۇپ كەتتىم، ئۆز - ئۆزۈمگە شۇنچىلىك نەپرەتلىنەتتىم ، چاچلىرىمىنى يۇلۇپ، باشلىرىمنى تاملارغا ئۇراتتىم ، مەن ھەتتا ئاخشامقى يىگىتنىڭ كىملىكىنىمۇ، ئىسمىنىمۇ بىلمەيتتىمغۇ؟ تاڭ ئاتقاندا ئىنسى - جىن يوق ، خۇددى ھېچ ئىش سادىر بولمغاندەك ... ئەمما ، مەن بۇلغانغان ئىدىم ، ئۆز- ئۆزۈمنى بۇلغاپ قۇدرەتگە بولغان مۇھەببىتىمگە ئاسىيلىق قىلغان ئىدىم ، مەن شۇتاپتا دۇنيادىكى ئەڭ ئەشەددىي خيانەتكار ئىدىم ، مەن ئۈچۈن ئۆلۈممۇ ئازلىق قىىلاتتى . شۇندىن باشلاپ كەيپىياتىم تېخىمۇ ئۇساللاشتى ، ئۆزۈمنى گۇناھكار ھېسابلاپ، باغرىم ئۆرتىنەتتى ، قۇدرەتگە قايسى يۈزۈم بىلەن قارارمەن، ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرەرمەن، دەپ پۇچلىناتتىم .... گۇناھ تۇيغۇسىغا قوشۇلۇپ يالغۇزلۇق مېنى مىسلىسىز دەرىجىدە ئازابلايتتى ، گاھىدا ئۆز جېنىمدىن ئۆزۈم تويۇپ قالاتتىم ، ھەر قېتىم قۇدرەت بىلەن تېلفۇن ئارقىلىق كۆرۈشكەندە بوغۇزۇمغا بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەك سۆز قىلالماي قىينىلاتتىم ، بارا - بارا ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ، پەقەت ھەپىتىدە ئارىلاپ - ئارىلاپ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ... يېرىم يىللار ئۆتتى ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاۋۋالقى گۇناھكارلىق تۇيغۇم سۇسلىشىپ ، ھېلىقى كەچتىكى تۇيغۇنى خيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . شۇنداق چاغلاردا تۇرۇپ ئۆزۈمنى تىللاپ قوياتتىم ، تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بانايى - سەۋەبلەر بىلەن بەزلەپ قوياتتىم . شۇنداق قىلىپ ماي بايرىمى مەزگىلىدە ھېلىقى شەھەرگە دەم ئېلىش ئۈچۈن باردىم ۋە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھېلىقى مېھمانىخانىغا ئورۇنلاشتىم . كەچتە 3 - قەۋەتكە جايلاشقان بەزمىخانىغا چۈشتۈم ، كۆزلىرىم ھېلىقى ناتونۇش يىگىتنى ئىزدەيتتى ، ئەمما ئۇ يوق ئىدى . قەلبىمدە ئۆزۈمگە ماس بولمىغان بىرخىل ھايۋانە غەرەز غەليان قىلاتتى ، بۇ قېتىم كولا ئىچمەستىن چەتنىڭ قىزىل ھارىقىنى ئىچىپ ئولتۇردۇم ، چۈشكۈنلۈك مېنى قىزىل ھاراققا خېلىلا ئوبدان ئۈگەتكەن ئىدى ... بۇندىن يېرىم يىللار بۇرۇنقى كۆرۈنۈش قايتا تەكرارلانماقتا ئىدى ، ئەمما بۇ قېتىمقىسى باشقا ئەر ئىدى .... ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كۈز ئايلىرى يېتىپ كەلگەندە، سۇغۇق تەگىدىمۇ تۇيۇقسىز قىزىپ قالدىم ، قىزىتمام ئانچە ئۆرە ئەمەس ئىدى ، تۇرۇپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ، بېشىم قاياتتى ، زۇكام بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ، دەسلەپ ئانچە كۆڭلەشمەپتىمەن . قىزىتمام 20 كۈنلەرگىچە يانمىدى ، شۇنداقتىمۇ ئاخىرى ساقايغان بولدۇم . يىل ئاخىرىدا كوچا - كويلاردا، خەلق مەيدانى ، ئىدارە ھويلىسىدا ھەرخىل - ھەرياڭزا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشىۋىقات لوزۇنكا - تاختىلىرى ئېسىلىپ، ئەيدىز ھەققىدىكى تەشىۋىقات ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. ئىدارىمىزمۇ ئىككى قېتىملىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى . نەگىلا بارماڭ شۇ ئەيدىزنىڭ پارىڭى ، ۋاي ئۇنداق يۇقىدىكەنەي ، ۋاي مۇنداق ئېچىنىشلىك ئۆلىدىكەنەي ... دېگەندەك پاراڭلار . مەن بۇلارغا ئانچە ئىرەنشىپ كەتمەپتىمەن . چۈنكى ئۇ گەپلەرگە قۇلاق سالغۇدەك چول نەدە دەيسىز ، مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق قىلىدىغان ئىشلىرىم دۆۋلىنىپ تۇرسا ... ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۆزۈمنى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش مۇمكنچىلىكىم بار دەپ خيال قىلاتتىممۇ ؟! ... بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ، ئىشخانىدا دەم ئالغاچ ئىختىيارسىز ھالدا، شىرەيمىگە قويۇپ قويۇلغان گېزىتتىكى ئەيدىزگە ئالاقىدار چوڭ ماقالىنى ئوقۇپ قالدىم . ماقالىدا ئەيدىزگە ئالاقىدار ئالامەتلەرمۇ ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىدى. تۇيۇقسىز بىر قانچە ئاي بۇرۇن قىزىتىپ قالغىنىم يادىمغا كېچىپ ، پۈتۈن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى . يۈرۈكىم سىقىلىپ، نەپىسىم يېتىشمەيۋاتقاندەك بولۇپ كەتتىم ، تېزلىكتە ماقالىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم . قانداق ئويلمىسام ماقالىدا بايان قىلىنغان ئالامەتلەر مەن ئۆتكەندە قىزىتىپ قالغاندىكى ئالامەتلەرگە بەك ئوخشايتتى . ياق ! ياق .... خىيالىمدىن ئىككى قېتىملىق بىر كېچىلىك مۇھەببەت چاقماقتەك يالت قىلىپ ئۆتتى ، يۈرۈكىم قارت قىلىپ قالدى ، باشلىرىم پىرقىراپ ، پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى ... قورقۇش ۋە تىت -تىتلىق ئىلىكىدە ئۆزۈم يالغۇز قوشنا شەھەردىكى مەركزىي دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرۈتتىم ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققۇچە بولغان بىر قانچە كۈننى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيمەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى . تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبىي دەپ يېزىلغان ئىدى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي داڭ قېتىپ قالدىم . ئاھ خۇدا - ئەجىبا بۇ مۇمكىنمۇ ؟! ... ئۆزەمنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۇتىۋېلىپ ، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈتتىم ، ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلىپ تىنىمسىز دۇئا قىلاتتىم ، يىلىناتتىم ، بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشپ قېلىشىنى قادىر ئىگەمدىن تىلەيتتىم ، مېنى مۇنچە ئېغىر ئازاب بىلەن جازالىماسلىقنى ئۆتۈنەتتىم .... ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ چىقتى ، ئوخشاشلا مۇسبىي ئىدى. ئۈمىدسىزلىكنىڭ قاباھەتلىك زۇلمىتى مېنى ئۆز قوينىغا ئالدى. باشلىرىم پىقراپ ، پۇتلىرىم سىقرايتتى ، مەن ئۈچۈن ئاسمانۇ - زىمىن ئالمىشىپ ، ھەممە نەرسە ئۆز ئەكسىنى يوقاتقاندەك يوچۇن بولۇپ كۆرۈنەتتى ... يىغلاي دېسەم كۆزۈمدىن ياش، چىقراي دېسەم زۇۋانىمدىن ئۈن چىقمايتتى . مېڭەم قۇپ قۇرۇق بولۇپ، كاللامدا ئۆلۈمدىن ئېبارەت بىرلا سۆز چۆگىلەيتتى .... ئۆزەمنى ياتىقىمغا سولاپ ، كارۋات بېشىمغا قويۇپ قويۇلغان ئىككى بوتۇلكا ئۇيقۇ دورىسىغا قاراپ خىيالغا پاتماقتىمەن. ئۆلۈشۈم كېرەك، ھازىرلا ئۆلۈشۈم كېرەك ، دەپ ئويلايتتىم . ئەمما جۈرئىتىم يوق ئىدى، يىراق سەھرادىكى ئاتا - ئانام ، بېيجىڭدىكى قۇدرەت كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى ... ئۆلۈۋالماقنىڭمۇ بۇنچە قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ! باشقىلار ئۆلۈم بارلىق ئازابنىڭ تۈگەللىسى دېيىشىدىكەن، ماڭا ئۆلۈم بارلىق ئازابنىڭ ئەۋجىدەك تۇيۇلۇپ كەتتى . قىسقىسى، مۇشۇنداقلا ھاياتىمنى خۇلاسە قىلىشقا قىيالمىدىم . ئاھ خۇدا ، ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ، نەقەدەر قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ھېس قىلغاندەك ئىدىم . ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ، ئىدارىغا بېرىپ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ، ئىدارە باشلىقىم ۋە خىزمەتداشلىرىم ھەيرانۇ - ھەس بولۇپ قېلىشتى ، ھەتتا ئىدارە باشلىقىم ھازىرغىچە تەستىقلانمىغان ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىمنى ھازىرلا تەستىقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ، مېنى داۋاملىق ئىشلىشىمنى ئۈمىد قىلىدغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن چىرايلىق رەت قىلىپ، خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ قايتىپ چىقتىم . ئەتىسى مەن تۇغۇلغان دىيار گۈزەل سەھراغا قاراپ يولغا چىقتىم . يول بويى ئاپتۇبۇس دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ، بىپايان يايلاق ، تاغۇ - تاش ، دەريا - ئېقىنلارغا قاراپ خيال سۈرۈپ كەلدىم ، ئاپتۇبۇستىكى كىشىلەر ئۈچۈن بۇلار ھېچ ئەھمىيەتسىزدەك، ئەمما مەن ئۈچۈن جەننەت سىياقىدا ئىدى ، كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنەتتى يۇ ، قەلبىمنى شەكىلسىز بىر پىچاق تىلغاپ ئۆتەتتى ، چۈنكى مەن ۋاقتىم سانانلىق قالغان ئادەم ئىدىم .... مېھرىبان ئاتا - ئانام مېنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇرسەن بولۇشۇپ كېتىشتى ، دېمىسىمۇ مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن تېخى ئۆيگە قايتىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇلارغا قارىساممۇ مېنى يىغا تۇتاتتى ، ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك ۋاقىت ئۇلارنى يوقلاپ تۇرمىغانلىقمنى ، ئوقۇش ۋاقتلىرىمدىمۇ ئۇنى ئۆگىنىمەن - بۇنى ئۆگىنىمەن دەپ تەتىللەردە كەلگىلى ئۇنماي قاقشاتقانلىرىمنى ئويلاپ، ئۆز - ئۆزۈمنى لەنەتلەپ كېتەتتىم . ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئەتراپمىدا پەرۋانىدەك پىرقىراپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ تېخىمۇ ئەلەملىنەتتىم . مەن كۈندە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشاتتىم ، ئانام بىلەن قوشنا - قۇلۇملارنىڭ ئۆيىگە پەتىگە چىقىپ كىرەتتىم . ئەمما ، تۆشۈك تۈۋىگە كېلىپ، ئانامىغا ياردەملىشىپ تاماق ئېىتشىشكە جۈرئەت قىلالمايتىم ، تاساددىبىي بىر يېرىم زەخىملىنىپ، ئۆيدىكىلەرگە ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ھەزەر قىلاتتىم ... مۇشۇ كۈنلەردە ، ئاتا - ئانامغا ئۆز قولۇم بىلەن ئوخشىتىپ بىرۋاق غىزا ئېتىپ بېرىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم ، ئەمما ، رەھىمسىز تەقدىر مېنى ئۇشبۇ ئاددىغىنە ئىمكانىيەتتىنمۇ مەھرۇم قىلغان ئىدى . يېرىم ئايدىن كېيىن مەن بۇ خىل ھالەتكە بەرداشلىق بېرەلمىدىم . بىلىمەن، ماڭىدىغان چېغىم بولۇپ قالغان ئىدى . بۇ ئۆيدە ئۇزۇن تۇرسام بولمايتتى ، ئاتا - ئانام مېنىڭ كېسەل ئازابى تارتقان ئېچىنىشلىق تۇرقۇمنى كۆرمەسلىكى ، تىرىك تۇرۇپ دوزاق ئازابىدا پۇچلانماسلىقى كېرەك ئىدى . ھەممە ئىش مەن بىلەن كېتىشى كېرەك ... مەن قايتماقچى بولغانلىقىمنى ، ئەمدى ئىدارىغا ئەمەس ، بېيجىڭدىكى بىر مەكتەپتە بىر قانچە يىل ئوقۇپ كېلىدىغانلىقىمنى ، ئۆيدىكلەرنىڭ كۆپ ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتتىم، ئەزەلدىن مېنىڭ تاللىشىم ۋە پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتا - ئانام ئۇنىڭغىمۇ رازىلىق بەردى . ئۇلار ئالقانلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىپ مېنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىم، بەختۇ - ئىقبالىم ئۈچۈن دۇئا بېرىشتى ، پىشانەمگە سۈيۈپ خوشلاشتى ، ئۇلار مېنى يەنە كېلىدۇ دېگەن ئۈمىدتە ئۇزۇتىشقان بولسا، مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم خوشلىشىش تەرىقىسىدە خوشلىشىۋاتىمەن، كۆزلىرىمدە ياش ، قەلبىمدە قان تەپچىيتتى .... قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، خالىي بىر كوچىدىن ئىككى ئېغىز كاتەكتەك ئۆينى ئىجارىگە ئالدىم . قۇدرەتكە تېلفۇن ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي ، ئېلخەت يازدىم ، خېتىمدە، مېنىڭ ئاللىقاچان باشقا بىر يىگىتىنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ، ئەمدى مېنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم . راست گەپنى قىلسام ئۇنىڭ ئەمدى مېنى ئىزدىمەسلىكىنى، ھەتتاكى خيالىغىمۇ كەلتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلاتتىم . ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈملا تۈگىشىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلاتتىم .... قاباھەتلىك ئاداققىي كۈنلەر كۈنلۈرۈم ئىجارىگە ئالغان ئۆيۈمدىن چىقماي بۇرۇقتۇملىقتا ئۆتمەكتە . مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئۆز مەنىسى ۋە ئەھمىيتىنى يوقاتقاندەك تۇيۇلماقتا ، ئۆزۈممۇ ھەم ئۆزۈمگە شۇنداق تۇيۇلاتتىم . خىيال ئاسمىنىدا بىرلا خيال ئۈزۈپ يۈرەتتى. نەدىن بولمىسۇن مەن بىلەن بىر كېچىلىك مۇھەببەتلەشكەن ھېلىقى ئەرنى ئىزدەپ تېپىشىم كېرەك ، دەپ ئويلايتتىم . كۆڭلۈمدە ماڭا ئەيدىزنى يۇقتۇرغىنى ئىككىنىچى قېتىمدىكى ئەر دەپ جەزىم قىلاتتىم . ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىدىغان - بىلمەيدىغانلىقىنى سورىماقچى ، ئەگەر بىلسە، ئەمدى ئۇنداق ناتوغرا ئىشىنى توختىتىشىنى ، باشقا قىز - ئاياللارنىمۇ مېنىڭ يۇقۇملاندۇرغاندەك يۇقۇملاندۇرۇپ يۈرمەسلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرماقچى بولدۇم . شۇنداق قىلىپ ، ھېلىقى شەھەردىكى ھېلىقى مېھمانخانىغا يەنە كەلدىم ، ھەر كۈنى كەچتە 3 - قەۋەتتىكى بەزىمىخانىغا چۈشەتتىم ، ئەلەم يۇتقاچ ھېلىقى ئەرنى ئىزدەيتتىم، ... مەن كۈن ياكى تۈننى ئايرىماي، ئۆي بېقىپ ياتاتتىم ياكى كوچا ئايلىناتتىم . گاھىدا نەۋرىلىرىنى يېتلىۋېىلىشقان بۇۋاي - مۇمايلانى كۆرسەم كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلاتتى . كۈننىڭ پېتىشى، شەپەق نۇرىغا قاراپ مىسلىسىز ئازابلىناتتىم . ئىلگىرى ئادەتتىكى ئىشلار قاتارىدا كۆرۈپ مەنستمىگەن ئىشلار- مەنزىرىلەر مانا ئەمدى كۆزۈمگە تۇتىيا بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى . شۇلارغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ گۈزەل ئۆتمۈشىنى ئويلاپ يۇلقۇناتتىم ... بىلىپ تۇرۇپتىمەن، ئەجەل ماڭا ئوڭ كۆزۈدە باقمايدۇ. مېنىڭ يىغلاشلىرىم، نالە - پەريادىلىرىمىغا قۇلاقمۇ سېلىپ قويمايدۇ ، مېنىڭ تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان ئاجىزە ئىكەنلىكىمگە پسەنتمۇ قىلىپ قويمايدۇ. مەنمۇ ئاۋۇ پېتىۋاتقان قوياشقا ئوخشاش ھاياتىمنىڭ ئاداققىي ئۇپۇقىغا پېتىپ كېتىمەن. ئەمما ، قوياش پېتىۋاتقان كۆرۈنۈش شۇنچىلىك گۈزەل ، شەپەق نۇرى شۇنچىلىك جەزبىدار بولىدۇ، مېنىڭ ئۆلۈمىم ئېنقكى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىك ، سەسكىنىشلىك بولىدۇ... مېنى مۇنچە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابقا قويغۇچى ئەشۇ ئەرنى ئويلىغىنىمدا ئۇنى چايناپ - چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كېلىدۇ. ئەگەر ئۇچرىتىپلا قالىدىغانلا بولسام چوقۇم پىچاق بىلەن قيما - چىيما قىلىۋەتمىسەم، دېگەندەك خىياللار بېشىمنى ئەگىپلا يۈرۈيدۇ ... تۇرۇپ ئۆز - ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىپ چاچلىرىمنى يۇلۇپ يىغلاپ كېتىمەن . ئۆز ئۆزۈمگە ئۆزۈم مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغاندىن كېيىن ئۆزۈمگىمۇ ھەق ..... يېقىندىن بۇيان، ئېسىمدىن قۇدرەت نېرى كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇ نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟! بەلكىم ئۇ ماڭا ئۆچ بولۇپ كەتكەندۇ ! ياكى مېنى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ ... ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تېلفون ئۇرغۇم بار ، بارۇ دەرت - ئەلىمىمنى ، قىلغان - ئەتكەنلىرىمنى ، بېشىمغا كەلگەن كۈنلەرنى بىرىنى قالدۇرماي ئۇنىڭغا ئېيتىقۇم كېلىدۇ. ئەمما ، ئىچ - ئىچىمدىن چىققان بىر نىدا تۇتۇپ قالىدۇ. مەن يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئارتۇق ئازابلايمەن ؟! !! ... ئۇ گۇناھسىزغۇ ؟! ... تېنىم كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىپ بارىدۇ. بۇرنۇمغا ئۆلۈم پۇراپلا تۇرىدۇ، ئاتا - ئانام بىلەن قۇدرەت كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. بىلىمەن ئۇلار بىلەن ئەمدى كۆرۈشۈششىم مۇمكىن ئەمەس، قانداق كۆرۈشىمەن، قايسى يۈزۈم بىلەن كۆرۈشىمەن ؟! ... ئاھ خۇدا ، خيانەتكارلىقىمغا بېرىلگەن جازامۇ بۇ ! ياكى بەندىلىرىڭگە قىلغان ئىبرەتمۇ بۇ ! ... ياق ، مەن نەپسىم توختىغۇچە قىلمىش - ئەتمىشلىرىمنى يېزىپ قالدۇرۇشۇم ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئىبرەت قالدۇرۇشۇم كېرەك . ئۇلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش بىردەملىك كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ، قاباھەت قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم كېرەك ! |