نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

بىزدە ھازىر زادى نىمە كەم؟--- ئىزدەن

يوللانغان ۋاقتى: 03:19 09-04-2011 مەنبە: ئىزدەن بلوگى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۇ يازما ئىزدەن بلوگىدىكى ئىنكاس بولۇپ پايدىلىنىش ئۈچۈن تەھرىرلىنىپ سالام ئۈرۈمچى توربېكىتىگە يوللاندى.

1. بىزدە يۇقىرى ساپالىق ئىقتىساس ئېگىلىلىرى ئىنتايىن كەم.
 ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىز بىلەن پاراللېل ئوقۇيدىغان ئىككى سىنىپ بولۇپ، بىر خەنزۇ سىنىپ، يەنە بىرى بىزنىڭ سىنىپ ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ئالدىدا ماگىسىتىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىدىغان چاغدا بىزنىڭ سىنىپتىن ئاران 10 نەپەر ئوقۇغۇچى تىزىملىتىپ ئىمتىھان بەردۇق.لېكىن ھېچقايسىمىز ئۆتەلمىدۇق. لېكىن خەنزۇ سىنىپتىكى 32 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن 28 نەپەر ئوقۇغۇچى تىزىملىتىپ 10 نەچچىسى ئۆتتى. مۇشۇنداق زور پەرق بىلەن يەنە نەچچە ئون يىلدىن كېيىن يەنە نىمە بولماقچىدى؟! نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغاننىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ باقسام، ئېنىق گەپنى قىلغاندا مىللى ئوقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپتە دىگەندەك تىرىشمايدۇ.بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، تېزراق خىزمەت تېپىپ، ئائىلە قۇرۇشنى ئويلايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى شۇ مىللەت ئىچىدىن چىققان ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ ئاز كۆپلۈكى ۋە شۇمىللەتنىڭ جەمىيەت تەرەقىياتىغا قوشقان  تۆھپىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
مېنىڭچە بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە، بولسا چەتئەللەردە ئوقۇغان ئادەم قانچە كۆپ چىقسا شۇنچە ياخشى.

2. بىزدە ئىزدىنىش روھى ۋە تېرىشچانلىق كەم.
بىزنىڭ بارىلىق نىشانىمىز مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا ياخشى بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش. ( ئائىلە شارائىتى ياخشىراقلىرىمىز مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولۇپلا ئاتا -ئانىمىزنىڭ خىزمەت تېپىپ بېرىشىنى كۈتۈش )ئۆزىمىز ئۆگەنگەن كونا بىلىملەرنى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىپ جان بېقىش.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بىلىم ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئادەم بىر ئۆمۈر ئۆگەنگۈچى، ئىزدەنگۈچى.
 ئادەتتە بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ مەڭگۈ بىلىم يېڭىلىمايدىغان، ماتېرىيال كۆرۈپ ئىزدەنمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن كۆپ. كومپۇيۇتېر ئاللىقاچان ئومۇمىيلىشىپ بولغان ھازىرقى زاماندا بىرەر تال سۇئالىنى تاشلاپ بەرسە قىينالماي تەھرىرلەپ، بېسىپ چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا سۇنالايدىغان ئوقۇتقۇچى ساناقلىقلا. كومپۇيۇتېر مەكتەپتىكى ھەر قايسى ئىشخانىلاردا 2005- يىلىلا ئومۇملىشىپ بولغان. لېكىن ھازىرغىچە كومپۇيۇتېرنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى كۆپىنىچە ئادەمگە نامەلۇم.

3. بىزدە ئىقتىساد ئېڭى كەم.
ئىقتىساد دىسە قىزىقمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. قارىماققا بۇنىڭ مائارىپ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنىسمۇ، لېكىن ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىقتىسادى ئاڭنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن مائارىپنىڭ تەرەققى قىلىشى بىۋاستەمۇناسىۋەتلىك. مىسال ئالساق: ئۆتكەندە مەكتىپىمىزدە بىر قېتىملىق پۈتۈن يېزا ناھىيە ئىچىدىكى ھەر قايسى مەكتەپ ۋەكىللىرى قاتناشقان مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلىدى. بۇنىڭىدا مۇنداق بىر سۇئال مەيدانغا چىقتى. بۇ سۇئالنى بىر يىراق يېزىدا ئىشلەيدىغان بىر مۇئەللىم ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ بىزنىڭ مەكتەپ ناھىيە بازىرىدىن 40 نەچچە كېلومېتىر يېراقلىقتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، ئۇيەردىكى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ساپاسى ئىنتايىن تۆۋەن. بىز مەيلى قانداق ئۇسۇلدا دەرس ئۆتەيلى ئوقۇغۇچىلار قەتئىي قىزىقمايدۇ. ھەر يىلى بىز شۇنچە تەربىيە قىلساقمۇ، ئاران بىر ياكى ئېشىپ كەتسە ئىككى بالا يېزا مەركىزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. ئاتا ئانىسغا مىڭ تەربىيە ئىشلىسەكمۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش. مۇشۇ ئەھۋالنى قانداق قىلغاندا ئوڭشىغىلى بولىدۇ؟››
 بۇ سۇئال ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدۇ...
بۇنىڭغا خىلمۇ خىل جاۋاب بېرىلدى. بەزىلەر« بۇ يەرگە چوقۇم ھەر يىلى تېخمۇ يۇقىرى ساپالىق ئىقتىساس ئېگىلىرىنى ئەكىلىپ ئائىللەرگىچە كۈچەپ تەربىيە ئىشلەش كېرەك» دىسە، يەنە بەزىلەر «شارائىتى ياخشى يەرلەرنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىش كېرەك»دېيىشتى. مېنىڭچە بولغاندا مەسىلىنىڭ تۈپكى ماھىيىتى- بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش ساپاسى تۆۋەن. ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا ئىقتىسادى ئېڭى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بۇ يەرگە ئىلغار مائارىپ ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز دەپ قۇرۇق شۇئار توۋلىغاندىن كۆرە ئاۋال چوڭ چوڭ كارخانىلارنى بۇ يەرگە جەلىپ قىلىپ، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇيەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز دىگەن ياخشىمىكىن دەيمەن. كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى ئاڭ سەۋىيىسى ئاشقاندىلا تەبىئىيكى كىشلەر يۇقىرىنى كۆزلەيدىغان بولىدۇ. كونكىرىتنى ئېيتساق، كىشىلەر بىز مەجبۇرلىمىساقمۇ باللىرىنى ئوقۇتىدىغان، تېخىمۇ شارائىتى ياخشى بولغان جاينى ئىزدەيدىغان بولىدۇ.
مەن ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. ئەگەر بىزنى بىرەر ئىش سەۋەپلىك خىزمەتتىن قالدۇرىۋەتسە، جەمئىيەتكە چىقىپ دەماللىققا ھېچقاندا ئىش قىلالمىغۇدەكمىز.سەۋەبىنى ئىزدىسەك، يەنىلا شۇ ئىقتىسادى ئېڭىمىزنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكى...
ئاخىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىپ بېقىپ دادىل ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


يازما يازغۇچى : ئىزدەن

بۇ يازما ئىزدەن بلوگىدىكى ئىنكاس بولۇپ پايدىلىنىش ئۈچۈن تەھرىرلىنىپ سالام ئۈرۈمچى توربېكىتىگە يوللاندى.

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر