نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

مەكتەپنىڭ دەرىجىسى مۇھىممۇ ياكى پىروفىسسورمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى: 01:37 08-04-2011 مەنبە: جېك بلوگى ئاپتورى: رەيھان بەكتۇ كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۇ دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش توغرىسىدىكى يەنە بىر يازمىسى

رەيھان بەكتۇر


كۆپىنچە ھاللاردا بىز  مەكتەپ تاللىغاندا مۇنداق بىر تاللاشقا دۇچ كېلىمىز، مەكتەپتنىڭ دەرىجىسگە قاراش كېرەكمۇ، پىروفىسسورغىمۇ ياكى كەسىپكىمۇ؟ مەن بۇ توغرۇلۇق ئۆزۈمىنىڭ   ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتمەكچىمەن.
ھەر بىر ئادەم چوقۇم  ئۆزىگە مۇۋاپىق  بولغان  قارارنى چىقىرىشى كېرەك.  چۈنكى ھەممىزنىڭ  ئارقا كۆرىنىشىمىز  ئوخشىمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن  مېىنىڭ بۇ يەردە  دەپ ئۆتمەكچى بولغانلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ  بۇ مەسىلىگە بولغان شەخسى پىكرىم خالاس، بۇ كۆز قاراشلىرىم بەلكىم سىزنىڭ  ئەھۋالىڭىزغا ماس بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن  ئېيتىپ ئۆتكەن  ئەھۋاللارنى بىر تەرەپتىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلغان   ئاساستا كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن بار مەسلىھەت ئىش كۆرىشىڭىزنى  ئۈمىت قىلىمەن.

مەكتەپتىنىڭ دەرىجىسى مەسىلسىنى  ئىككىگە بۆلۈپ سۆزلەشنى مۇۋاپىق تاپتىم. 1. خەلىقئارالىق  دەرىجىمۇ ياكى ئامىرىكىدىكى دەرىجىمۇ؟  2.  ئامىرىكىدىكى دەرىجە ھەم پىروفىسسور مەسىلىسى.

ئەگەر سىز مەكتەپنىڭ رەت تەرتىپىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا بويىچە تىزىلغان رەت تەرتىۋىگە قاراپ داڭلىق مەكتەپ تاللىسىڭىز بۇلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئاۋال ئويلىشىدىغىنىڭىز ئامىرىكىغا كىلىش بولسا، ئۇنداقتا مەكتەپلەرنىڭ دەرىجىسىگە بەك قاراپ كەتسىڭىز بولمايدۇ.  ئەگەر سىزنىڭ ئاخىرقى نېشانىڭىز ئامىرىكىدا تۇرمۇش كەچۈرۈش بولسا، ماگىستىرلىققا ياكى دوكتۇرلۇققا  ئوقۇشقا كېلىش سىز  ئۈچۈن بەلكىم ئاسانراق بۇلۇشى مۇمكىن.  لېكىن، ئەگەر سىز دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ مەكتەپنىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىغى بىلەن كارىڭىز بولمىسا  ئۇنداقتا نىمىدىن رازى بولسىڭىز شۇنى تاللاڭ. ئۈزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىڭ.

مەكتەپلەرنىڭ ئامىرىكىدىكى  رەت تەرتىۋى مەسىلىسگە كەلسەك، ئەگەر سىز  بۇ يەردىكى  ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان  مەكتەپ ھەم ئېنتايىن  ياخشى بىر پروفىسسور تەرىپىدىن  قوبۇل قىلىنغان بولسىڭىز ئۇ سىزئۈچۈن ئەڭ ياخشى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا سىز ئۆزىڭىز  بىلەن مېجەز خاراكتىرى  چىقىشالايدىغان بىر پروفىسسورنى  تاللىسىڭىز بولىدۇ.  مېىنڭ كۆز قارىشىمچە ئەگەر سىز ئەڭ ياخشى مەكتەپتىكى ئەڭ ياخشى پروفىسسورغا ئىرىشكەن بولسىڭىز سىز ئىھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىگە ئىرىشكەن بۇلىسىز.  ئەگەر  سىز بىردىن ئارتۇق تاللاش پۇرسىتىگە ئېگە بولغان ئەھۋال ئاسىتىدا  مەكتەپتىنىڭ دەرىجىسى ھەم پروفىسسورنىڭ قانداقلىقىنى  تەڭ  ئويلانسىڭىز مۇۋاپىق. مەكتەپلەرنىڭ دەرىجىسى تەڭ بولغان ئەھۋال ئاسىتدا ئەلۋەتتە  يېتەكچى پروفىسسورنىڭ  قانداق بولىشى مۇھىم، بۇ يەردە كۆزدە تۇتماقچى بولغىىنىم تەتقىقات تېمىسى ھەم پروفىسسورنىڭ مېجەز خاراكتىر مەسىلىسى. ئەگەر سىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان ئىككى مەكتەپنىڭ دەرىجىسىدە خېلىلا زور پەرق بولسا ئۇنداقتا ئالدىنقىراق قاتارغا تىزىلغان مەكتەپنى ئالدى بېلەن ئويلىشىڭ، شۇنداق قىلغاندا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن خىزمەت تېپىشىڭىز قولايلىقراق بولىدۇ.  بىراق سەمىڭىزدە شۇمۇ بولسۇنكى  دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىمۇ ياخشى بولىشى مۇمكىن.  مەسىلە شۇ يەردىكى  پەقەت سىز ئۆزىڭىزلا تىرىشپ ئۆگەنسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تىرىشسڭىزلا يەنە بىر قېتىملىق خىزمىتىڭىزئېنتايىن ياخشى بولۇش مۇمكىنچىلىقىمۇ  خېلى چوڭ. ھەر بىرئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولغاندەك  تۇنجى خىزمىتىڭىزنى ئىزلەش  قېيىنغا توختىغان بىلەن  كېيىنكىلىرى ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى  كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى مەكتەپنىڭ دەرىجىسى ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ئالدىنقى خىزمىتىڭىزدىكى ئىقتىدارىڭىز.

ئەڭ ئاخىرىدا دەپ ئۆتمەكچى بولغىنىم شۇكى  كەسىپ تاللاش ۋە مەكتەپنىڭ رەت تەرتىۋى.ئەگەر سىزدە باشقا بىر كەسىپنى تاللاش ئەركىنىلىكى بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ھەم سىزگە پارلاق كېلەچەك ئېلىپ كېلەلەيدىغان  كەسىپنى تاللاڭ.  مەسىلەن ئېيتايلۇق، سىز ھازىر گئولىگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان شۇنداقلا نەتىجىلىرىڭىز ياخشى بولغان بىر ئوقۇغۇچى، بۇ ئىپادىڭىز سىزنى ئېنتايىن ياخشى بىر مەكتەپنىڭ دوكتۇرلىقىغا قوبۇل قىلىنىشىڭىزغا شەك شۈبھىسىز يېتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا  سىز كومپىيوتىر كەسپىنىمۇ  ياخشى كۆرىشىڭىز ھەم دەرس ئالغان بولىشىڭىز مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا سىز كومپىيوتىر كەسپى بويىچە بىر كىچىكراق ھەمدە رەت تەرتىۋىمۇ تۆۋەنراق مەكتەپكە  قوبۇل قىلىنىشىڭىز مۇمكىن. سىز قايسىسنى تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىسىز.  مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، كومپىيوتىر كەسپىنى تاللاش  مۇھىم. چۈنكى ئۈ مەن ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېرىلىپ ئىشلەيدىغان كەسىپ. يەنە بىر قەدەم  ئىلگىرىلەپ ئېيتساق، سىز ئۈگەنگەن بۇ كەسىپ سىزنىڭ شۇغۇللىنىدىغان خىزمىتىڭىز بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بەكلا يۇقىرى، بۇ سىز سۆيۈپ ئىشلەيدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت بولۇش مۇمكىنچىلىقىمۇ بار. بۇنى نەزەردە تۇتقاندا، مەكتەپنىڭ دەرىجىسى ئۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرالمايدۇ. سىزنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتەپكە بېرىش ۋاقتىڭىز ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ  يەتتە يىللا خالاس، شۇنداق ئىكەن ئۇ جاي سىزنىڭ مەڭگۈ ياشايدىغان يېرىڭىزمۇ  ھەم  ئەمەس. بىراق سىزنىڭ كەسپىڭىز سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ،، شۇنىڭ ئۈچۈنكى  سىز ئۆزىڭىز ئەڭ  ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى تاللىشىڭىز كېرەك.

بۇ يازمىنىڭ سىلەرنىڭ بەزى سۇئاللىرىڭلاردىكى مەسىلىنى ئىنىقلاشتۇرۋېلىشىڭلارغا ياردىمى بۇلۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. يەنە قايتىلاپ قويىدىغىنىم .قارار چىقىرىشتا ئۈزەڭلارنىڭ ئۈلچىمىنى ئىشلەتكەيسىلەر.


مەنبە:جېك بلوگى  JeckBlog.Com  

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر