رىستۇراندىكى كۈلكە ۋە ھەسرەت
يوللانغان ۋاقتى: 20:41 22-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
دۇسىت دىمە بۇلسا ئۇ راھەتتە ئناق ، ئايرىلسا سىنىڭدىن غۇربەتتە بىراق. سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن ، تۇرۇقتا بىللە يۇ زۇلمەتتە يى
دۇسىت دىمە بۇلسا ئۇ راھەتتە ئناق ،
ئايرىلسا سىنىڭدىن غۇربەتتە بىراق.
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن ،
تۇرۇقتا بىللە يۇ زۇلمەتتە يىراق.
قىزىمنى ئۇخلىتىپ قويۇپ يىزىق ئۈستىلىگە كىلىپ ئولتۇرغىنىمغىمۇ خىلى بۇلسىمۇ ،كۆڭلۈمدىكى دىلغۇلۇق مىنى بىر ھازاغىچە ئاۋارە قىلىپ ،يىزىش ھەۋسىمدىن ئككىللەندۇرۇپ قويۋاتاتتى. لىكىن ئۆيۈمنىڭ بۇلۇڭ بۇلۇڭلىردىن خىيالى ئاڭلىنۋاتقان ھىلىقى يىقىمسىز كۈلكىلەر،ھاياسىز چاقچاقلار كەيپىمنى بۇزۇپ ،ئەسەبلىرىمنى قاقشاتسا ،ۋىقدانىم ھامان
قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا قىستايتى ...ئاخىر خارەكتىرىمدىكى تەۋەككۇلچىلىك ،قىنىمدىكى تۇغما ھەۋەسنىڭ دادىللىقى بىلەن يىزىق ئۈستىلىگە مۈكچەيدىم.
ئېسىمدە قېلىشچە شۇ كۈنى پەيشەنبە ئدى . بىر دۇستىمىز نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش ئۈچۈن رىستۇرانغا بارغاندىم .
رىستۇراندا ئون نەچچە ئۈستەللىك مېھمانلار بار بولۇپ يىنىمىزدىكى ئۈستەلدىكىلەرنىڭ پاراڭ كۈلكىللىرىنى ئچىگە سىغدۇرالماي ۋەيىت-ۋەيىت دىيىشلىرىباشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزۋاتاتتى .
ئەتراپقا نەزەر سالدىم . بۇ غەلىتە كۈل- چاقچاقلاردىن ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان چىرايى تىكەنلىشىپ ،كۆزلىردە نەپرەت ،كەمسىتىش ۋە بىزارلىق ئۇچقۇنلىرى چاقنايتى .
-پاھ ،ماۋۇ گاۋداڭ چۇكانلارنىڭ بۈگۈنكى قايسى چىيىدۇ؟-سورىدى يىنىمدىكى دۇستۇم ،-ئۇلارنىڭ چىكىدىن ئاشقان شوخلىقىدىن بىزار بولغاندەك ،چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
-ئاۋۇ ھەدىمىزنىڭبالسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپتىكەن ،شۇ بالىنى ئۇزىتىش چىيىكەن .-دىدى يەنە بىر دۇستىمىز.
-ئەمسە ئۇ ئۈستەلدە ئۇزتىدىغان بالىنىڭ ئۆزى يوققۇ؟
-بالسى ئۈچۈن ئاپسىنى ئۇزتىدىغان ئوخشايدۇ .
-ئالىيمەكتەپكىمۇ بالسى بارماي ،ئانسى باردىغان ئشلار چىقامدىمۇ نىمە-ھە ؟
كەينى كەينىدىن دىيىلۋاتقان مەسخىرلىك چاقچاقلاردىن بىنىڭ ئۈستەلدىمۇ كۈلكە ياڭرىدى
-ۋاي،نىمە دەيدىغانسەن، بۇنىڭغۇ بالسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىگۈدەك خوشاللىق ئشكەن،بەزى زاڭلار ئۆلۈمگە خام تاۋاق ئىلىپ كەلگەنلەرنى رىستۇرانغا باشلايدىغان بولۋالدى ،بۇنىڭغا نىمە دەيسىلەر ئەمدى ؟
-ئشقىلىپ نىمە يىڭىلىق بولسا مۇشۇ ئوخشىغان چوكانلار ئجاد قىلىشىدىغۇ ؟
-ئاداش، ئۇلار دىگەن دەم ئېلىشقا چىقتى .باللىرىمۇ قولدىن چقىتى . كىم بىكار مۇشۇلار بىكار بىكارچىكىقتا خىياكىغا كىلىپ باققان ئشنى قىلار ھەر قاچان ...
-ئۇلارنىڭ بىكارچىلىقتا ئجاد قىلغان قائىدىلىرىگە بويسۇنمىز دەپ ،ئشلەۋاتقان بىزدەك بىچچارىلەرنىڭ كەشىمىز چۇشۇپ قالدىغان ئوخشايدۇ
دەل مۇشۇ چاغدا ۋالىس مۇزىكىسى بىلەن تەڭتانسا باشلىنىپ كەتتى .مەنمۇ دوستۇم بىلەن ۋالىس مۇزىكىسىغا لەرزان پىقىرغىنىمچە ئەتراپتىكى ئۈستەللەرگە قاردىم .ئون نەچچە ئۈستەللىك مېھماننىڭ ئون ئۈستەلدىكى ئايال مېھمانلار ،قالغىنى ئەرلەر بولۇپ،ئاياللار ئاساسەن ۋالىسقا پىقىراۋاتاتتى .
ئەرلەرنىڭ بەزىسى بىخۈدۈك ئولتۇرۇپ ،خۇددى تىياتىرخاندا ئويۇن كۆرىۋاتقان تاماشىبىندەك بىزنىڭ تانسا ئوينىشىمىزنى تاماشا قىلىشسا ،بەزىللىرى چىلاشقۇدەك ئچىۋىلىپ،بىر بىرىگە
مەيدىللىرىنى يىرىپ ،قەلبىنى ئزھار قىلىشۋاتاتتى مۇزىكا ئاخىرلاشتى .ئاياللار ئورنىغا بىرىپ ئولتۇرۋىتىپمۇيەنە بىر قىقاس چىقىرىپ كۈلۈشتى .
مەن مۇزىكا ساداسىغاچۆكۈپ خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ كەتتىم.بىر چاغدا رىستۇراننى لەززىگە سىلىپ دىسكو مۇزىكىسى چىقىپ ،سورۇندىكىلەرنىڭ بەدەنلىرىنى يىنىك تىتىرتىشكە باشلىدى .بىزنىڭ ئۈستەلدىكى قىزلارمۇ بىر بىرگە شەرەت قىىلىشىپ ، ئورۇنلىرىدىن تۇراي دەۋاتقاندا ،يىنىمىز دىكى ئۈستەلدىكى ھىلىقى چوكانلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئورنىدىن دەس تۇردى -دە ،ناھايتى ياڭراق ئاۋازدا ؛
-مەرھۇم دوستىمىز x x نى خوشال قىلىش ئۈچۈن ،مەن ئۇنىڭ دىسكوسىنى ئويناپ بىرەي !-دىيىشى بىلەن ئۈستەلدىكى چوكانلار قىقاس چىقىرىپ كۈلۈشتى ھىلىقى چوكان مەيدانغا چۈشۈپ ،قۇيغان ئۆپكىدەك قۇيغان يەرلىرىنى لىغىرلىتىپ ،دىسكو ئويناشقا باشلىدى .شۇ چاغدا بىزنىڭ ئۈستەلدىكى ئورۇنلىردىن تۇرۇشۋاتقانلارمۇ لاسسىدە بولۇپ ئولتۇرۇپ قىلىشتى .
-توۋا بۇ ئايالنىڭ نىمە دىگىنىدۇ ؟ئوينىسىمۇ ئۇ مەرھۇمنىڭ ئسمىنى ئاتماي ئوينىسىچۇ ؟
-شۇ ئەمەسمۇ ؟ئاۋۇ ئۈستەلدىكىلەرنىڭمۇ كۈلۋاتقىننى ئۆرمەمسىلەر ؟
-مەرھۇمنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى دوسىت تارتىشىپ بىرگە ئوينىغان يىقىن دوسلىرىغۇ ئۇ ،ھىچبولمىسا ئۇ پۇل تۆلىگەن تاكسىلاردا ئولتۇرغان بولغىيدى ...
-توۋا دەيلى ئاداشلار ، بۈگۈن ئۇ مەرھۇمنىڭ ئككىنچى ئازنا ئاخشىمى .ئۇنىڭ ئازراق قارسىنىي تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن تىخى روھىنى قورۇندۇرۇپ ،مۇشۇنداق ئامۋى سورۇندا ئسمىنى ئاتاپ... ئادەملەر نىمانچە رەھىمسىز لىشىپ كەتتى ؟...
بىز شۇنداق دىيىشكەچ كۆزلىرىمىز دىكى ئاچچىق ياشنى يۇشۇرۇپ ھەسرەتلىك مۇڭغا پاتتۇق.تىل بىلەن ئپادىلەش مۇھىم بولغان بىر ئاچچىق ئازاپ ئسكەنجىسىدە ياشلىرىمنى يۇشۇرۇش
ئۈچۈن كۆزلىرىمنى يۇمغىنىم بىلەن يۇمغىنىمدا ئاشۇ مھرھۇمە ھەم شۇ ئۈستەلدىكى كۈلكە چولپانلىرىنىڭ سىمايىسى كىنو لىنتىسىدەك كۆرۇنۋاتاتتى .
شۇ رەھمەتلىكمۇ مۇشۇ ئۈستەللەردە نۇرغۇن قىتىملاپ ئولتۇرۇپ ،مۇشۇ دوسلىرىنى ھەم پۇتۇن رىستۇراندىكىلەرنى كۈلدۇرگەندى .
مانا مۇشۇ ئۈستەلدىكى دوسىت يارەنلەرنى كۈلدۇرگەن چوكان باشقا ئۈستەلدىكى ئەقلى -ھوشى بار ھەر قانداق بىىر ئادەمنىڭ يۇركىگە ئازاپ خەنجىرى سانجىدى .ئۇلارنىڭ دوسلىرىغا بولغان ئشەنچىگەگۇمان سىلىپ قويدى ...
-دوستەكلەر ،بىر بىرمىزگە گۇمان قىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتۇقمۇ؟ سائەت بىر يەرگە بىرىپ قاپتۇ قايتايلى .
-شۇنداق قىلايلى .ئەجەپ خوشال كىلىپ چىۋىن يەۋالغاندەك غەش قايتىدىغان بولدۇق ...
-ئاداش ،ئەنسىرىمە .بىز قىيامەتكىك دوسلار ،جۇمۇ!
-ئاداش ،ئادەم شۇنداق دىگەنلەردىن بەكراق قورقىدىكەن!
ئاچچىق بىر كۈلكە بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق،يولدا كىتۋىتىپ كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تىكىلدىم .
ئنسان ئۈچۈن بىر بىردىب جىلۋىدار كۆرۈندىغان يۇلتۇزلار ئچىدىن ئۆز يۇلتۇزۇمنى تاپماق قىيىن بولغىندەك ،كىشلىك ھاياتتا ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقى دوستىنى تاپماق قىيىنلىقىنى ئازاپ بىلەن ھىس قىلدىم.
بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ تىخى كىرپىكىگە تۇپا قونماي تۇرۇپ،ھايات چىغىدا مەنپەئەت يەتكۈزگەن دوسلىرى تەرپىدىن مەسخىرىگە قىلۋاتقان مەرھۇمەنىڭ ئاشۇنداق مەنسىز كۈلكىلىر ئچىدە
ئۆتكەن كاج تەغدىرىگە ئېچىندىم .
|
------分隔线----------------------------