نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

رومان-پوۋىستھىكايە شىئېرىيەت ماقالە ئەسەر چۆچەك،رىۋايەت يۇمۇر-لەتىپە تەمسىل ۋە ھېكىمەت قەلىب سىرى ئاۋازلىق ئەسەر
باش بەت

بالام، ئاخىرقى بېكەتتە چۈشكىن

يوللانغان ۋاقتى: 06:31 02-02-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالام، ئاخىرقى بېكەتتە چۈشكىن


 

 بالام، سەن ئەمدى چوڭ بولدۇڭ، قانات–قۇيرۇقۇڭ يېتىلىشكە باشلىدى. سەن ئەمدى ئۆزۈڭ يالغۇز ياكى مەندىن باشقا ئادەملەر بىلەن بىللە ھاياتلىق سەپىرىنى باشلايسەن. سەپەر جەريانىدا ماشىنا ياكى پويىزنىڭ ئەينىكىدىن سىرتقا قارىغان ۋاقتىڭدا، گۈزەل تاغۇ–دەريالار، رەڭگارەڭ گۈل–چېچەكلەر، ياپيېشىل يايلاقلار كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىڭدىن ئۆتۈپ سېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. سەن مۇشۇ پەيتتە پويىز ياكى ماشىنىنىڭ بىر نەچچە مىنۇت توختىشىنى ئۈمىد قىلىسەن. مۇمكىن بولسا ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ سېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان بۇ گۈزەللىكلەردىن بولۇشىچە ھۇزۇرلانغۇڭ كېلىدۇ. شۇنداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقىنىڭدا ماشىنا ياكى پويىز ئازراق توختىغانمۇ بولىدۇ. سەن ئۆزۈڭنى پەسكە ئاتىسەن–دە، گۈل–چېچەكلەرنىڭ خۇشبۇي پۇرىقىنى ھىدلاپ مەستخۇش بولىسەن. گۈزەل مەنزىرىلەردىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەي شۇ جايدا تۇرۇپ قېلىشنى ئويلايسەن. بالام، گۈزەللىكتىن زوقلىنىش، ئۇنىڭغا شەيدا بولۇش نورمال پسىخىكىلىق ھالەت، ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن پەيدا بولغان ھاياجانلىنىشمۇ نورمال ئەھۋال. بىراق نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن مەلۇم نىشاننى كۆزلەپ ئۇزۇن مەنزىلگە ئاتلانغان ۋاقتىڭدا يېرىم يولدا ياكى ئارىلىقتىكى بېكەتلەردە سېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان گۈزەللىكلەر ئۈچۈن سەپەرنى توختىتىشنىڭ، توپتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

   بالام، سەن بەلكىم ئۆتەڭلەردە ئۇچراتقان ئاشۇ نەرسىلەرنى ھاياتىڭدا ئۆزۈڭ ئۈچۈن قايتا ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەڭ گۈزەل نەرسىلەر دەپمۇ بىلەرسەن، شۇنداق دېيىلگەندىمۇ سېنى ھاياجانغا سالغان بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈۋېرىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ نەرسىلەردىن رايىڭ قايتىپ ئەتراپىڭغا قاراپ يەنە كىملەرنىدۇر سېغىنىسەن، مۇڭلىنىسەن، غېرىبسىنىسەن، سەپەرداشلىرىڭدىن تولىمۇ بالدۇر ئايرىلىپ كەتكەنلىكىڭنى، ئاخىرقى بېكەتكە بارمايلا، چۈشۈۋالغانلىقىڭنى ئويلايسەن–دە، ئۆكۈنىسەن، پۇشايمان قىلىسەن. بىراق، بۇ ۋاقىتتا تولىمۇ كېچىككەن بولىسەن، چۇنكى سەن چىققان ماشىنا ياكى پويىز سەن چۈشۈۋالغان ئۇ جايدىن ئەمدى ئۆتمەسلىكى مۇمكىن. ئۆتكەن تەقدىردىمۇ سېنىڭ سەپەرداشلىرىڭ ئاخىرقى بېكەتتە بىر–بىرى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەرنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتۇرغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان قەدىرلىك كىشىلىرى بىلەن تەرەپ–تەرەپكە تارقاپ كېتىشكەن بولىدۇ.

   بالام، ئەڭ چىرايلىق، سېنى ئۇزاقتىن–ئۇزاق مەپتۇن قىلالايدىغان جەلپكار، مۇكەممەل، ئىشەنچىلىك نەرسىلەر يەنىلا ئاخىرقى بېكەتتە. ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى ئاداققىچە ساڭا ھەمراھ بولغان سەپەرداشلىرىڭ ئارىسىدا. شۇڭا بالام ئېسىڭدە بولسۇن، ھەرگىز يېرىم يولدا توختاپ قالما، سەن چوقۇم ئاخىرقى بېكەتتە چۈشكىن.

ئاپتور: ئونسۇ ناھىيىلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپتە

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر