ياخشىمۇسەن ؟
ئۇزۇن بولدى تۈرلۈك سەۋەبلەر دىدار كۆرشۈشىمىزگە راۋانلىق يەتكۈزمىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇچۇرلىشىش ۋاستىلىرىدا ئوتلۇق سېغىنىشلىرىمىزنى ۋە ھىجرانلىق تەلپۇنۇشلىرىمىزنى يۈرەكتىن يۈرەككە ئۆتۈشتۇرۇپ تۇردۇق . ئارمانلىق ئېچىرقاشلىرىمنى ، ھەسرەتلىك ، ئاچچىق تىنىقلىرىمنى ئوچۇق خەت يېزىش بىلەنلا بايان ئەيلەشنى توغرا تاپتىم . ھازىرغىچە ئۆز ئاشنىسىغا ئوچۇق خەت يېزىپ باققان بىرەرسىنى ئۇچراتماپتىمەن . كۆپ ئوچراتقىنىم مەشھۇرلارغا يېزىلغان ئوچۇق خەتلەركەن . ئاشنىلار مەشھۇر ئەمەسمۇ ؟! ئۇلارنىڭ تاتتىقلىقىنىلا نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇلۇغلىقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق نېمە دېگەن چاكىنىلىق - ھە ! دۇنيا مەشھۇرلىرىدىن سانالغان گېتلىرمۇ ئاشنىسى ئېۋا برائۇنغا ، مۇسسولىن ئاشنىسى كلارا پېتتاسسىغا ھۆرمىتى چەكسىزكەن . ئەپسۇسكى ، ئۇلار ئاشنىلىرىغا ئوچۇق خەت يېزىپ باقماپتىكەن . يىراق تارىخقا نەزەر سالماي ، يېقىنغا كۆز تاشلىساق ، كىلىنتونمۇ ئاشنىسىغا ئوچۇق خەت يېزىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۇنىڭدىن تېنىش ئۈچۈن كۆپ ھەرەج تارتتى ئەمەسمۇ ؟ مانا مەن سېنى چوڭقۇر ياد ئېتىش بىلەن كۆز ياشقا تولغان بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرماقتىمەن ، سېنىڭ قەلبىمگە سۈرىتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ مۆھۈردەك بېسىلغان كۈيچى بۇلاقتەك ۋىلىق - ۋىلىق سۆزلىرىڭنى ۋە ئوماققىنە كۈلگەن چېغىڭدىكى ئاي شولىسىدەك ئىللىق بىر تەبەسسۇمىڭنى مۇڭلىنىپ تۇرۇپ ئەسلىمەكتىمەن . سېنىڭ لىرىكىغا تويۇنغان ، سۆيگۈ تۇيغۇسىغا باي گۈزەل بىر كۈيدەك سۆزلىرىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئاتەش پەيدا قىلسا ، قىنىڭغا سىغماي ئېتىلىپ چىققان كۈلكىلىرىڭ روھىمدىكى زۇلمەت تۇمانلىرىنى نەلەرگىدۇر ئۇچۇرۇپ تاشلايتتى . سەن كۈلسەڭ ھايات بار مېھىرى بىلەن كۈلەتتى ، سەن تۇتۇلساڭ ، بۇ دۇنيا زۇلمەتكە تولۇپ ، ھايات تولىمۇ شەپقەتسىز ھەم مېھىرسىز كۆرۈنەتتى . ئېسڭدىمۇ بىر كۆرۈشكەن دەسلەپكى چاغ ، ئۇ كۈنى قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى . كۆك ئاسمان يۈزىنى نېپىز بىر قەۋەت تۇمان باسقان بولسىمۇ ، سوغۇق يۈزلەرنى نەشتەردەك چېقىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن تۇيغۇلىرىمىز رومانتىكىلىق ئىزگۈ بىر دۇنيادا ئۆركەشلەيتتى . سېنىڭ ئەشۇ قىزارغان چىرايىڭدىن ، نېمىدىندۇر ھودۇقۇپ كىيىكنىڭكىدەك مۆلدۈرلەپ تۇرغان ، چەكسىز بىر قايغۇ - ھەسرەت ئۈستىدىن غالىب كەلگەن مۇھەببەت قاينىمى دولقۇنلاۋاتقان كۆزلىرىڭدىن تاتلىق بىر كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇراتتى . ئەشۇ كۈلكەڭ ۋۇجۇدۇمغا ئېقىپ كىرىپ ، شېرىن بىر ھېسلاردا تېنىمنى شامال سوققان ياپراقتەك تىترىتىپ ئۆتكەنلىكىنى سەن بىلمەيسەن ... مەن ئەنە شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ ساڭا يىپسىز باغلىنىپ قالغانلىقىنى ، سېنىڭسىز بۇ ھاياتنىڭ ھېچ بىر مەنىسى يوقلىقىنى ، سېنىڭسىز ئۆتكەن كۈنلىرىمدە پايانى يوق غېرىبسىزلىق ئىچىدە چۆلدەرەپ قالدىغانلىقىمنى سېزىپ يەتكەن ئىدىم . دېرىزە سىرتىدىن بەختىمىزگە قۇت تىلىگەندەك يېغىۋاتقان ئاپئاق قارلارغا ، بىر نانغا زار بولۇپ تىترەپ دۇگدەرىگەن دىۋانىدەك يالىڭاچلانغان دەرەخلەرگە ، ئېغىر سۈكۈتتە ئەللەيلىنىپ يېيىلىپ ياتقان ئايسىز ھەم سوغۇق شەھەر مەنزىرىسىگە قاراپ ، ھايات ، كىشىلىك تۇرمۇش ، مۇھەببەت ھەققىدە قىلغان پاراڭلىرىمىز ھېلىمۇ ئىسىڭدىمۇ ؟ ئۇ شۇنداق رومانتىكىغا تولغان گۈزەل بىر كېچە ئىدى ... قىپقىزىل چوغدەك يېنىپ تۇرغان يۈرەكلەردە ئۆركەش ياساۋاتقان سۆيگۈ - مۇھەببەت بىلەنلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ھاسىل قىلىپ تۇراتتى . مۇھەببەت ھەر قانداق پاسىلنى كۇمپەيكۇم قىلغۇچى كۈچ . ئۇ مىللەت ، دىن ئايرىمايدۇ . دېمەك ، مۇھەببەتنىڭ چېگرىسى يوق . بىز چەكلىمىسىز بىر دۇنيادا ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىك تۇغىنى قادىغان ئىدۇق . ۋاقىت ئېقىن سۇ كەبى ئاقاتتى ... شۇ چاغدىلا << ۋاقىت ئاتقان ئوق >> دېگەن ھېكىمەتكە چىن پۇتەتتۇق . گۇناھنىڭ مۇزدەك تۇيغۇلىرى سۆيگۈنىڭ ئوتلۇق تەپتىدە پارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى . سەن كۆزلىرىمگە بار مېھىرىڭ بىلەن ئوتلۇق باقاتتىڭ ، مەنمۇ ھەم ساڭا ۋۇجۇدۇمدىكى سۆيگۈ تەپتىنى بىغىشلاشقا ئۇرناتتىم . ئارىمىزدا بىر بىرىمىزدىن نەپ ئۇندۇرۋىلىش غەرىزى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . پەقەت ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرىدە زېدە بولغان ، سۆيگۈ - مۇھەببەتتىن نۇر ئىمىپ باقمىغان قەلىبلىرىمىزگە روھىيەت ئالىمىنى يورۇتقۇچى ساپ ھەم چىن بولغان << مۇھەببەت >> قۇياشىلا كېرەك ئىدى ... مەلۇم غەرەز ھەم پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت نېمە دېگەن چاكىنا ! بىز ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدۇق ... شۇڭىلاشقىمىكى ، ھايات بىزگە كۈلۈپ باقاتتى ، ھەقىقىي گۈزەللىكنى قىسمەتنىڭ مۇدھىش پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ كۆرەتتۇق . مەن شۇ چاغدا : ناۋات بىلەن يۇغۇرغاندەك ، شېرىن سۆزلىكىم يارىم . .............................. دېگەن مىسىرالارنى ئەسلەپ قالىمەن . سەن تۇمانلىق ، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ، سوغۇق تەنلەرگە نەشتەر ئۇرۇپ تۇرغان سەھەردە مەندىن مېھرىڭنى ئۈزەلمىگەن ھالدا خوشلاشتىڭ . شۇ چاغدا دۇنيا كۆزلىرىمگە زۇلمەت بولۇپ تىقىلدى . ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمايلا قالدىم ... تېخى تۇنۇگۈنلا تاتتىققىنە كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقان ھايات بۈگۈن كۆزلىرىمگە ۋەھشىي جاللاتتەك قاراۋاتاتتى . مانا شۇ دەقىقىدە مۇھەببەتنىڭ تەڭداشسىزلىقىنى بارغانچە ھېس قىلىپ يەتتىم ... ئۇ زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن قۇرۇلغان ھەر قانداق نىكاھنى بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ . بىر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى توم - توم كىتابلار ئۆزگەرتەلمىسىمۇ ، مۇھەببەت ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ . كۆڭۈلنى بۆلۈش ئاسىيلىق ، لېكىن ئۇنىڭ ئارمىنىنى بىتچىت قىلىش جىنايەت ! بۇ سۆزۈمدە زىتلىق مەۋجۇت بولسىمۇ ، سەن ئاشۇ قارمۇ - قارشىلىق ئىچىدە ئۆزۈڭنىڭ سۆيۈملۈك ئوبرازىنى ھامان نامايەن قىلىپ تۇرىسەن . مەن ئىنسان ئۆمرىدە ئىككى قېتىملىق مۇھەببەت پەسلى بولىدۇ ، دەپ قارايمەن . خۇددى يازنىڭ كۈزدە << كالتە ياز >>ئى بولغىنىدەكلا ... ئىنساننىڭ روھىي ئۆزىگە تەئەللۇق ئەمەس . ئۇ مەلۇم كۈچ تەرپىدىن پەسىللەردەك قانۇنىيەتلىك ھالدا ئۆزگىرىش ياسايدۇ . يۈز ياشلىق بوۋاي << ئاھ ، مايمۇنخان خېنىم ، ئوتۇڭدا كۆيدۈم >> دەپ ناخشا ئېيتسا ، باشقىلارغا تولىمۇ كۈلكىلىك ئاڭلىنىدۇ . ئون سەككىز ياشلىق بالىلار ئېيتسا ، ئۇنىڭغا باشقىلار ھېسداشلىق بىلەن قارايدۇ . مەن قەلبىمنىڭ تولغۇنۇپ تۇرۇپ ، ئىزگۈ بىر ئىستەكتە ، مېنى تاتلىققىنە مەيۈسلەندۈرگەن ھەر بىر تىنىقلىرىغا جىددىي قارايمەن . بۇ يولدا تارتقان ئەلەملىرىمنىمۇ ياكى قىيناق ئازابلىرىمنىمۇ بەخت دەپ تونۇيمەن . ئىنساننىڭ بەختكە بولغان قارىشى مۇجىمەل بولغانسېرى ، ئۇنىڭ ياشاش يولى تارلىشىپ ، ھاياتنى گويا بىر قەپەسكە ئايلاندۇرۋالىدۇ . ئۆزلىرى بولسا ، تۈرلۈك چەكلىمىلىك ۋە ياسالمىلىقلار ئىچىدە پائىىشە ئۆز سەۋەنلىكىنى يېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى گېرىم ۋە كېيىمگە زورلىغاندەك سۈنھىيلىكنىڭ قۇربانى بولۇشىدۇ . ھايات ئۆزىنى دەڭسەپ ، تەبىئىي ياشىغۇچىلارغا ئىللىق مېھرىنى ئاتا قىلىدۇ ... قايسى بىر كىتابتىن ئوقۇشۇمچە ، ياخشى كۆرۈشكىچىلەر بەدەنلىرىدىن ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلىپ يەتمىگەن نۇرلار تارىلىپ قوشۇلىدىكەن . شۇندىن كېيىن ئۇلاردا بىر - بىرىنى كۆرمىسىمۇ ھىجرانلىق تۇيغۇلار ئۇلارغا ھامان پاراكەندە سېلىپ تۇرىدىكەن ... بىز ئوت مەزگىلىرىمىزدىكى كۆيۈشتىن ھالقىپ كەتكەن بولساقمۇ ، ئەمما ، سۆيگۈنىڭ << كالتە ياز >>ئى بىزگە ھاياتنىڭ بىز كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن يېڭى بىر دۇنياسىنى سەيلى قىلدۇردى . مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈشنى بىلمىگەن ئادەم ياشاش ئۈچۈن قايتا تۇغۇلىشنى بىلمەيدۇ . بىز قايتا ئاپىرىدە بولۇپ ، ئۆزىمىزنى تاپقانلار ئىدۇق . << مۇھەببەت ئىنساننىڭ تەلەپ - ئۆتۈنۈشلىرى بىلەن ئەمەس ، خۇدانىڭ ۋەھىيسى بىلەن دىلىمىزغا سېلىنىدىكەن . >> ( جىبران ) شۇ ئىشقا ھەيرانمەنكى ، بەزى ئەدىبلەر << كىملىك >> ۋە << ئۆزلۈك >> ئوقۇمىنى ھە ، دېسىلا ، مىللەتكە ئاپىرىپ تاقىۋىلىپ ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەڭ نازۇك بولغان مۇھەببەت - سۆيگۈسىدىكى ئۆزلۈك ۋە كىملىكىنى ئىزچىل چەتكە قېقىپ ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاسان تۆرىلىپ ، ئاسان ئۆلىدۇ . تولىمۇ تار دائىردىكى مىللەتچىلىك قارشىمۇ ئادەمنىڭ دۇنيا قارشىنى كېڭەيتىش رولىنى ئۆتەلمەيدۇ . بەزىلەر ئىئانە يىغىش ۋە شۇ يول بىلەن يېتىم - مىسكىنلەرگە ساخاۋەتلىك قولىنى سۇنۇشنى ئارمان قىلىدۇ . بۇ يەردە مۇھەببەت ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقاچقا ، ئادەملەر ئۆزىگە ئوخشىماي قالدى . قەلبىمدە ساڭا دەيدىغانلىرىم بەكمۇ كۆپ ، بىراق ئۇنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمىدىم . خەير ، سېنى غېرىبلىق ئىچىدە ئەسلەپ تۇرغۇچى : قارا خەنجەر ئەسكەرتىش : ۋاقتىم بولسىلا ساڭا خەت يېزىپ تۇرىمەن .
|