ئۇيغۇر بەگنىڭ مۇھەبەت ئىزھار قىلى
يوللانغان ۋاقتى: 01:10 05-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
شۇنداق قىلىپ،كىچىككىنە ئۇيغۇربەگمۇ چوڭ بولدى،كۆزلىرى ئۆتكۈرلۈشۈپ،چىرايلىرى رەڭ تۈزۈپ،ئەتراپقا شوخ نەزەر بىلەن باقىدىغان بولدى...
شۇنداق قىلىپ،كىچىككىنە ئۇيغۇربەگمۇ چوڭ بولدى،كۆزلىرى ئۆتكۈرلۈشۈپ،چىرايلىرى رەڭ تۈزۈپ،ئەتراپقا شوخ نەزەر بىلەن باقىدىغان بولدى.شۇنىڭ بىلەن،يېنىدا پەرۋانىدەك يۈرۈۋاتقان قىزلارغا سەپ سالىدىغان،ئېپى كەلسە قەلبىنى ئىزھار قىلىدىغان بولدى.ئۇيغۇربەگنىڭ قەلىب ئىزھال قىلىشى ئالەمگە پۇر كېتىپ،بۇ ھەقتە داستانلار يېزىلدى،بەزىلەر ھەتتا تارىخمۇ يېزىشتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇربەگنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى قىززىق دەپ بىر يازما تەييار بولدى!…
1.مەن سېنى شۇنداق ياخشى كۆرىۋاتسام،ئەجىبا،سەنمۇ ياخشى كۆرۈپ قويساڭ ئۆلەمتىڭ؟
2.تاماق ئىتەلمەمسىز؟ھە…تاماق ئىتەلمىسە نىمە بوپتۇ،مەنمۇ تاماق ئىتىشنى بىلمەيمەن!
3.دۇنيادا ھىچكىمنىڭ سىزگە ئاشىق بولغۇدەك سالاھىيىتى يوق،ئەلۋەتتە،مەندىن باشقا!
4.سىز نىمانداق دۆت؟ئەجەبا،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن گەپكىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كىتەمدا؟
5.ھىم،قاراپ تۇرۇڭ،ئىشقىلىپ ھامان بىركۈنى مېنىڭ نۇپۇس دەپتىرىمگە سىزنىڭ ئىسمىڭىز قوشۇلىدۇ.
6.بولدى،جايىڭىزدا جىم تۇپتۇرۇڭ،مەن ئەتىگىچە بېرىپ بولىمەن!
7.مەن ساڭا بىر مەخپىيەتلىكنى دەي،ھىچكىمگە دىمەيمەن دەپ ۋەدە بەر:مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن!…ئاڭلىدىڭمۇ؟ئاڭلىمىساڭ يەنە بىر دەي!…
8. ھىچكىم مەندىن سىزنى تارتىپ ئالالمايدۇ،ئۆلۈكىڭىزدىن باشقا…
9.جاھاندىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ،سىزمۇ ھەم.
10.سىز مەن ئۈچۈن پەقەت تەلىپىمگە ماقۇل بولسىڭىزلا بولدى،قالغىنىنى يۈرگەندىن كىيىن دىيىشىمىز…
11.سىزنى سۆيۈش-مېنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقۇم،قېنى،كىم مېنىڭ بۇ ھۇقۇقۇمغا دەخلى قىلالايدىكىن!
12.سىزگە لازىملىق نەرسە مەندە بولسىلا سىزگە بىرەي،بولدى،سىرىتنى ئايلىنايلى دىمەي يېنىمدا جىم ئولتۇرۇڭ.
13.ئاڭلىسام،بىڭگورنىڭ باھاسى چۈشۈپتىمىش،يۈرۈڭ،بىرتال ئەكىلەيلى،مەن مىھمان قىلىمەن…
14.ھەي،بىر ئۆمۈر دىگەن شۇنداق ئۇزۇن تۇرسا،سىزنى بىرەر يىل ساقلاش دىگەن نىمىتى!
15.مەن ئۆز قولۇم بىلەن بەختنى سىزگە بەرمەكچى،چۈنكى،سىزدىن باشقىسىغا مەن ئىشەنمەيمەن…
16.ئاڭلاپ قويۇش،مەندىن باشقا ھىچقايسىڭ ئۇنى بوزەك قىلىشقۇچى بولۇشما! …
17.قېنى كۆرەرمىز،سەن ھامان بىر كۈنى مېنىڭ بالامنىڭ ئانىسى بولىسەن!
18.كۈچىڭىز يەتسە ئۆزىڭىزدىن ئۆزىڭىز خەۋەر ئېلىڭ،بولمىسا،بولدى،سىزمۇ ئاۋارە بوپ يۈرمەڭ،مەنلا خەۋەر ئالاي سىزدىن..
19.ئاڭلاپ قويۇڭ،مەن سىزنى سېغىنغاندا،سىزمۇ چوقۇم مېنى سېغىنغان بولۇشىڭىز كېرەك!
20.مەن قەتئىي ئىرادىگە كەلدىم،مەن سىزگە بەخت بەرمەكچى،بولدى،مېنى توسۇماڭ،مېنى ئەمدى ھىچكىم توسالمايدۇ!
21.مەن ئۆزەممۇ بوزەك قىلىشقا چىدىمايدىغان سىزنى،باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا تاشلاپ بىرىشكە قانداقمۇ چىداپ تۇرالاي!
22.قاچانلىققا مەن بىلەن يۈرگىڭىز كەلسە،شۇچانلىققا كېلىپ مېنى ئىزدەڭ!تېلىفۇن نومۇرۇم:…
23.مەن شۇ پەقەت سىزگە ئاشىق.سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىملا خالاس،بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ نىمە چاتىقىڭىز؟
24.قاچانلىققا سىزنىڭ يېشىڭىز مېنىڭ يېشىمنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولىدىكەن،مەن شۇچانلىققا سىزدىن ۋاز كېچىمەن…
25.بولدى يېغلىما،سەن قانچە يېغلىغانسىرى مەن سېنى شۇنچە ياخشى كۆرەلمەي قالىدىكەنمە…
26.يەنە يېغلاپ باقە،يېغلىيە،يېغلا،يېغلا دەيمەن! ئەمدى يېغلايدىغان بولساڭ، سېنى ئاپىرىپ ئىتقا تالىتىۋېتىمەن!…
27.نىمە،ئاپام قوشۇلمىدى؟ قوشۇلمىسا نىمە بوپتۇ؟ مەن يا ئاپىڭىز بىلەن يۈرمىسەم…
28.مەن سىزنى ھېلىقى كۈنى،سىزنى ماشىنا سوقۇۋاتقاندا ياخشى كۆرۈپ قالغان…
29.مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،راستلا!…ئەزبىرايى خۇدا،سىز شۇ توققۇزىنچىسى…
30.سىزگە بۇ گەپنى دەي دەپ ئويلاۋاتقىلى … بەكلا ئوزۇن بولدى،دىلدار…ھەقىقەتەن بەكلا ئۇزۇن بولدى…راستنى دىسەم،مەن سىزنى…مەن سىزنى…مەن سىزنى
|
------分隔线----------------------------