نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبى ئەسەر >

دانالار ھىكىمەتلىرىدىن تاللانمىلار

يوللانغان ۋاقتى: 23:24 21-03-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
قوي مىچى بىخوت ئادەمگە ، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە ، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە ، ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىدۇ . شۇنى ئۇنتۇشقا

Www.SalamURUMQI.Com

قويمىچى بىخوت ئادەمگە ، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە ، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە ، ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىدۇ .
شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى جەڭ مەيدانىدىكى ئوقيا تېگىپ ئۆلمىگەن قەھرىمان ، زىياپەت ئۈستۈلىگە تىزىلغان ھاراقتا ئۆلىدۇ.
ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق ، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق . بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ .
بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخىت ئىزلەش ھېسقىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقى بەخىتسىزلىكتۇر .
 سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە . سېنىڭ ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ .
خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت . لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما !
ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش ، ھەقىقى زىرەك تەدبىركار ئادەمنىڭ ئىشىدۇر .
دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆمۈش ھەم ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش .
كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش .
ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھەقىقى ھالدا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ .
مۈشكۈلات ئالدىدا ئېگىلمىگەن باش ھاراق ئالدىدا ئېگىلىدۇ .
 قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكۈلىدۇ .
سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا ئانا .
ئادەم ئەڭ بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ .
 پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي ، دۈشمىنىگە قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقى زېرەل ئادەمدۇر .
 رىقابەت مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ : بىلىم ئىقتىدار رىقابىتى ، يەنە بىرى خوشامەت سوغا سالام رىقابىتى ، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بۇ ئىككىسى تەڭلا مەۋجۈت .
 قۇلدارلار ، بايلار ۋەيران بولۇپ تەس كۈنگە قالغاندا ، ئىككى ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان يەيدۇ : بىرى يوقسۇللاردىن خەۋەر ئالمىغىنىغا ۋە جەمىيەتكە تۆھپە قۇشالمىغىنىغا ، يەنە بىرى تازا قېنىپ ئەيىش – ئىشرەت ۋە راھەتتە ياشىيالمىغىنىغا .
 بەزىلەرنىڭ كۆزى توق لېكىن قۇسقى ئاچ .پارىخورنىڭ بولسا قورسقى توق كۆزى ئاچ كېلىدۇ .
 سەن چۈشەندۈرەلمىگەنكەنسەن ئاغزىڭنى يۇم .
 مۇتىھەم مۆتىھەمدىن قورقىدۇ .
 ھەرقانداق شەكىلدىكى چېكىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ .
 سەن ئۆزۈڭنى بىلەلمىسەڭ باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىسەن .
 ئارام ئېلىشنى بىلمەي دائىملا ئىشلەيدىغان ئىشۋاز بىر بولسا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار نامرات كىشى . بىر بولسا بالدۇر ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى .
 ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ .ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق ، جۈرئەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ .
سېنى ھۆرمەتلەيدىغان ، سۆيىدىغانلار نەدە بولسا شۇ يەردە ياشا !
 ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى راۋانلاشتى بىراق سالام خەت يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق . ئۇنى يەنە خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇ دوستلۇق رىشتى ، ھىسىيات كۆۋرۈكى ، ۋە زىمىستان قىشتىكى ھارارەتلىك ئوت ، تومۇز ئىسسىقتىكى مۇزدەك سۈزۈك بۇلاق سۈيى .
 ئادەتتىن تاشقىرى باغرى يۇمشاق كىشى ھىچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ .
 كىمكى ھاراق سورۇنىدا ياكى ئادەم ئەڭ كۆپ سورۇندا ۋىجدان ، غورۇر ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىدىكەن سەن ئۇنۇڭدىن سەگەكلىك بىلەن ئاگاھ بول !
 ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر ، پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ .
 ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتىۋېلىش ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى زور پەرىقتۇر .
 كۆپ بىلىم بىلمىسىمۇ لېكىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەم ھەقىقى ئالىم دىيىشكە مۇناسىپ .
يۈرەك ئوڭشالمىغىچە ئادەم ئوڭشالماس ، يۈرەك ساغلام بولمىسا ئادەم خاتىرجەم ياشىيالماس .
 دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاياللار ، بەخىت – سائادىتىنى ئەرلەر يارىتىدۇ .
 جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى قانۇننى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقتىن ، چېكىنىشى مائارىپنى ھەقىقى قوللىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ .
 بالىلارغا قاراپ جەمىيەتنى ، ئەۋلاتلارغا قاراپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
 ھايۋانلارنىڭ ئەخمەقلىقى دۆتلىكىدىن كۆرۈلسە ، ئادەملەرنىڭ ئەخمەقلىقى دورامچىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ .
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرقۇنۇچلۇق ۋاقىت ئادەم ئۆزىدىن زېرىككەن ۋاقتىدۇر .
 جەمىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئاڭلىق تۈزەت ، كېسەلنى ئۇرۇپ – سوقۇپ تۈزەتكىلى بولمىغاندەك يامان ئىللەتنى تىللاپ تۈزەتكىلى بولمايدۇ . پەقەت ئادەملەر ئاڭلىق ھالدا ئۆز ئۆزىنى تۈزىشى كېرەك . ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئويناپ – كۈلۈپ يايراۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا ئەمەس بەلكى مۈكۈنۈپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغىمۇ بېرىپ ياشاپ باق .

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر