ئامالسىزلىق
شىياۋجاڭ، بۇگۈن چىرايىڭىز باشقىچە تۇرىدۇ. بىرەر ئىش بولدىمۇ - نىمە؟
مەن تاڭ ئاتاي دېگەندە ئۆيگە قايتىپ كەلگەنىدىم. ئەمدى كىيىملىرىمنى سىلىپ ئۇخلاي دەپ تۇرسام، ئايالىم ئويغىنىپ قىلىپ: <نېمانداق ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرۋالدىڭىز؟> دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە كىيىملىرىمنى كىيىپ ئىشقا كىلىشكە مەجبۇر بولدۇم.
________________________________
ئەپچىل چارە
ئايال كىنو ئارتىسى ئەمدىلا كۆڭلىكىنى كىيىپ تۇرۇشىغا، ئەر مۇلازىمەتچى ئىشكىنى چەكمەيلا كىرىپ كەپتۇ.
ئايال ئارتىس قاپاقلىرىنى سۈزۈپ، ئاچچىقلانغان ھالدا:
مايىك، ئەجەبا سىز ئىشىكنى چېكىپ كىرىشنى بىلمەمسىز، ئەگەر مەن يالىڭاچ بولغان بولسام قانداق قىلاتتىڭىز؟
ئەنسىرمەڭ خانىم، مەن كىرىشتىن ئىلگىرى ھەمىشە ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن قاراپ ئاندىن كىرۋاتىمەن...
______________________________
ئىشتىن قىلىش
مەلۇم شىركەت خادىمى ئىككى كۈن ئىشقا كەلمەپتۇ. خوجايىنى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپتۇ: بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە نەلەردە يۈردۇڭ؟
خادىم: ئېھتىياتسىزلىقتىن 3-قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن يىقىلىپ چۈشتۇم.
خوجايىن: بۇنىڭغىمۇ ئىككى كۈن كېتەمدۇ؟
______________________________
تېمىسىز
تاغقا چىقىش تەنھەركەتچىلىرىدىن بىرەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن قار- مۇزلۇق قىيادىن تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. يېنىدىكى ھەمراھى تۆۋەنگە قاراپ توۋلاپتۇ: <يارلانمىغانسەن!>
<بىلمىدىم ، تېخىچە چۈشۈپ كىتىۋاتمەن.>
______________________________
ساقچى بولىمەن
بىر ئوغرى ئايالىنىڭ يالغۇز ئوغلىنى ئۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈ پ سوراپتۇ:
--- ئوغلىمىزنى نىمە ئۈ چۈ ن ئۇرىسەن؟
-- ئۇ:"چوڭ بولسام ساقچى بولىمەن"دەيدۇ.
______________________________
پايدىسى بولدىمۇ
ئا: ئاڭلىسام روھى كىسەللەر دوختۇرخانىسىغا كۆرۈ نۈ پسىز،پايدىسى بولدىمۇ؟
ب: پايدىسى بولدى،دوختۇرغا كۆ رۈ نۈ شنىڭ ئالدىدا تېلفون جىرىڭلىسا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايتىم،ھازىر جىرىڭلىمىسىمۇ ئېلىۋىرىدىغان بولدۇم.
______________________________
ئۇخلىغانداچالىمەن
بالىسى:دادا،كىچىك داپتىن بىرنى ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
دادىسى:دەم ئېلىشىمغا تەسىر يەتكۈ زۈ پ قويارسەنمىكىن.
بالىسى:سىز ئۇخلىغاندا ئاندىن چېلىپ ئوينايمەن.
______________________________
رەنجىش
ئا: ئىككى رومكا ئىچىپلا بولدى قىلاتتىڭ،بۈگۈن ئەجەپ تۆت رومكا ئىچىپ قالدىڭغۇ؟
ب:بىر نەچچە كۈ ن بولدى،ئايالىم مەندىن رەنجىپلا يۈ رىدۇ.
ئا:نېمەدەپ رەنجىيدىكەن؟
ب:داۋاملىق چالا مەسىت يۈ رەمسەن دەپ.
______________________________
ئاجايىپ قىززىقارلىق يۇمۇر (چۇقۇم كۈلىسىز)
بىر كۈ نى ئالىم بازار دا كىتىپ بارسا ئالدىغا بىرئادەم ئۇچراپتۇ-دە شاتۇت ئالامسىز ؟دەپتۇ،
ئالم ھەئە،بۇ شاتۇت قا نچە پۇل دەپ بىرىنچىسىنى سوراپتۇ .
100يۈ ەن دەپتۇ شاتۇتچى ۋە بۇ شاتۇت ناھايتى ئەقىللىق ئۇ سىزگە ناخشا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ دەپتۇ،
بۇچۇ دەپتۇ ئالىم ئىككىنچى شاتۇتنى كۆرسىتىپ .
200 يۈ ەن دەپتۇ شاتۇتچى ۋە بۇشاتۇت ھەرقانداق سۆزنى دىيەلەيدۇ دەپتۇ،
ئۇنداقتا بۇچۇ دەپتۇ ئالىم ئۈ چۈ نچى شاتۇتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،
1000يۈ ەن دەپتۇ شاتۇتچى !
ئالىم ھەيران قالغان ھالدا بۇ شاتۇت نىمانداق قىممەت ،بۇ شاتۇتنىڭ نىمە ئالاھىدىلىكى بار؟
دەپ سوراپتۇ.
شاتۇتچى جاۋاپ بېرىپ: راستىنى ئېيىتسام مەنمۇ بۇشاتۇتنىڭ نىمە ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلمەيمەن ،لېكىن بۇئىككى شاتۇت ئۇنى (ئاكا) دەپ چاقىرىدۇ دەپتۇ.
---------------------------------------------------------
بىر ئىمام بىلەن بىر مەزىن بىللە يولدا كىتىۋاتقاندا ئىمامنىڭ ئالدىغا بىر سۇلياۋ قۇتا ئۇچراپتۇ،
بۇنى كۆرگەن ئىمام تاشتىن بىرنى ئېلىپ سۇلياۋ قۇتىنى چەنلەپ ئېتىپتىكەن ،تاش تەگمەپتۇ،
ئىمامنىڭ ئاچچىقى كىلىپ :ھۇ ئەبلەخ تەگمەي قالدى دەپ تىللاپتىكەن، مەزىن ئىمامغا نەسىھەت قىلىپ سىز دىگەن ئىمام شۇنۇڭ ئۈ چۈ ن بۇنداق سەت گەپ قىلماڭ دەپتۇ،
ئۇلار ئازىراق ماڭغاندىن كېيىن ئالدىغا يەنەبىر سۇلياۋ قۇتا ئۇچراپتۇ ، ئىمام يەنە تاشتىن بىرنى ئېلىپ سۇلياۋ قۇتىنى چەنلەپ ئېتىپتىكەن،تاش يەنە تەگمەپتۇ،ئىمامنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ: ھۇ ئەبلەخ يەنە تەگمىدىغۇ،دەپ تىللاپتۇ، مەزىن ئىمامغا نەسىھەت قىلىپ سىز دىگەن ئىمام بۇنداق سەت گەپ قىلسىڭىز قەتئى بولمايدۇ دەپتۇ خاپا بولغان ھالدا،
ئۇلار يەنە ئازىراق ماڭغاندىن كېيىن ئالدىغا يەنەبىر سۇلياۋ قۇتا ئۇچراپتۇ ، ئىمام يەنە تاشتىن بىرنى ئېلىپ سۇلياۋ قۇتىنى چەنلەپ ئېتىپتىكەن،تاش يەنە تەگمەپتۇ،ئىمامنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ غەزەپ بىلەن : ھۇ ئۆلگۈ ر ئەبلەخ يەنە تەگمىدىغۇ،دەپ ۋارقىراپتۇ،
مەزىننىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ :ئاھ خۇدا بۇنداق ناچار ئىمامنى چاقماقتا سوقۇپ ئۆلتۈ ر ۋەتكەيسەن دەپ ئىلتىجاقىلىپتۇ،
شۇھامان ئاسمان گۈ لدۈ رلەپ چاقماق مەزىننى چاقماق سوقۇپ ئۆلتۈ ر ۋېتىپتۇ -دە كەينىدىنلا ئاسماندىن قاتتىق بىر سادا ئاڭلىنىپتۇ: ھۇ ئەبلەخ يەنە تەگمەي قالدى !
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|