ئۇنتۇلغان روھ …K ℃432
روھى بولمىغان ئادەمنىڭ ئۈلۈكتىن پەرقى يوق دىگەننى ئاڭلىغان ئىدىم ئاپامدىن، لىكىن بۇ روھ دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئانچە چۈشىنىپ كىتەلمىگەن ئىدىم……
بۈگۈن مەن ئامراق يانفۇنۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، يانفۇنۇننى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ كۆڭلۈم غەش بولدى، تېپىلىپ قىلىشنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىپ بارغان يەرلىرىملا ئالا قويماي ئىزدىدىم ئاقىۋەتتە تاپالمىدىم، لىكىن تىلفۇنۇمنى تاپالمىغىنىم بىلەن يوقۇتۇپ قۇيۇشقا ئاز قالغان قىممەتلىك يەنە بىر نەرسەمنى ساقلاپ قالدىم، كۆڭلۈم يايراپ كەتتى……
قايسى كۈنى دوستۇمنىڭ جىددى توي تەييارلىقى قىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇدۇللا ئۆيىگە كىردىم دە مەن ياردەملىشىدىغان نىمە ئىش بار دەپ سورىدىم، دوستۇم جاۋابەن سىېنى ئاۋارە قىلغۇم يوق، ئىشلارمۇ بىرەر قۇر تۈگىدى دەپ جاۋاپ بەردى، مەن ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي چىڭ تۇرۋالدىم، دوستۇم ئاخىرى مەيلى ئەمسە بۇ بىر قانچە تەكلىپنامىلەرنى ئىسمى بويىچە يەتكۈزۈپ بەرگىن دىگىنىچە بىر تۇتام تەكلىپنامىنى ماڭا سۇندى.
تويغا يەنە ئىككى كۈن بار ئىدى ، بۇ تەكلىپنامىلەرنى ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ تارقاتماقچى بولدۇم، مەن كۆڭلۈمدە بۇ باغاقلارنى ئەتە چۈشكىچە چۇقۇم تارقىتىپ بولىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئويلىغىنىمدەك بولمىدى، بىر كۈندىمۇ تارقىتىپ بۇلالمىدىم، چۈنكى مەن كىرگەن كۆپ ئويلەرنىڭ ئىشىكى تاقاق ئىدى، ئېتىزغا ئىشلىگىلى كىتىپتۇ دەيدىغانغا ياكى ياز پەسلى بولمىسا، بۇ قىش پەسلىدىمۇ ئۇلار نەگە كەتكەندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم، بەزى ئويلەرنىڭ ئالدىغا كىلىپ كانىيىم يىرتىلىپ كەتكىچە توۋلىساممۇ بىرەر ئىنسان چىقمىدى، بەزى ئويلەرنىڭ ئىشىكى يېپىقلىق، بەزى ئويلەرنىڭ ئىشىكى ئىچىدىن تاقاقلىق دىگەندەك، بىلىدىغان تۇنۇش بىلىشلەرگە تىلفۇن قىلىپ تەكلىپنامىنى يەتكۈزۈپ بەردىم، بىر كۈن تارقىتىپمۇ قۇلۇمدا يەنىلا كۆپ تەكلىپنامىلەر شۇ پېتى تۇرۇپتۇ.
بىر زامانلاردا مەھەللىمىزدە كۈندۈزى ئەمەس كىچىسىمۇ ئىشىكنى تاقايدىغانلار ناھايتى ئاز ئىدى، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشى سەھەردە سەل ۋاقچە ئېچىلىپ قالسا دادام ناھايتى كايىپ كىتەتتى، ئىشىكنى چۇقۇم جامائەتلەر مەسچىتتىن يېنىشتىن بۇرۇن ئېچىپ بۇلۇش كىرەك، ئويگە خىزىر كىرىدۇ دەيدىغان. ئەمما ھازىر كىشلەر ئوغرى كىرىشتىن قوققان بولسا كېرەك ئىشىكنى كۈندۈزىمۇ ئەنە شۇنداق مەككەم تاقىۋاپتۇ……
ھىچكىم بالىلىقتىكى ئەسلىملىرىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ، چۈنكى بالىلىق چىنلىق، ساددىلىققا تولغان. شەخسەن مەن ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئون مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بىر كۈنلۈك شۇنداقلا ئۈتۈپ كەتكەن ۋە كەلگۈسۈمدىكى ئىشلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمەن قىسقىسى خىيال سۈرىمەن ۋە بىلىپ بىلمەي ئۇخلاپ قالىمەن، مەن ئۈچۈن ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بەك قىممەتلىك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مەندە خۇشال بۇلۇش، ئەندىشە قىلىش قاتارلىق كەيپىياتنىڭ ھەممىنى تاپقىلى بۇلىدۇ، بۈگۈن نىمە ئىش قىلدىم؟ ئۆزۈمگە ئوخشىيالىدىممۇ؟ دىگەنلەر توغرىسدا ئويلىنىمەن ۋە ئۆز ـ ئۈزۈمنى سوراق قىلىمەن. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇغان چېغىمدا تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ قسقا ئارلىققا يۈرۈشتە مۇئەللىمنىڭ سائەت باسقاندا سەن بىر مىنۇت ئون ئىككى سىكۇنىت تۇققۇز دەقىقە دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ۋاقىت بىرلىكىنىڭ ئەك كىچىكى دەقىقە بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم، بەلكىم ۋاقىت بىرلىكىنىڭ دەقىقىدىنمۇ كىچىكى بولسا كېرەك،
ئەمما بىز ئىشلىتىپ باقمىدۇق، مەن چەتئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتنى سىكۇنىت بويىچە ھىسابلاندىغىنىنى ئاڭلىغان، ئەمما بىزدە ۋاقىتنى مىنىۇت، سائەت بويىچە ھىسابلاندىغانلارمۇ بەك ئاز، ۋاقىتنى كۈن، ئاي بويىچە ئەمەس تېخى ۋاقىتنى يىل بىرلىكى بىلەن ھىسابلاندىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. مەن تەسەللىي ۋە نەسىھەت بەرگەنلەرنىڭ تولىسى ئالدىڭغا قارا دىگىنىنى تولا ئاڭلىغان ئىدىم، ئەمما ئارقىغا قاراپ مىڭىشمۇ ئىنساننى ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان كۈچ.
بەش ئالتە ياش ۋاقتىم بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك ۋاقتىم بولسا كېرەك، تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن چېغىم ئىدى، بۇۋام ھاسىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتسە مەن كەينىدىن بوۋامنىڭ ھاسىسى سۆرەپ كەينىدىن ئاپىرىپ بىرەتتىم، بۇ ئىشلارنى ئويلىسام كۆز ئالدىمدا ناھايتى غۇۋا ئەكىس ئېتىدۇ… خۇددى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن چۈشكە ئوخشاشلا، ئۇ چاغلاردا ھەممە ئۆيلەردە جىن چىراغ ئىشلىتەتتى، ھەر پەيشەمبە كۈنى ئاپام بازاردىن سەي كۆكتالارنى ئالغاچ يەنە شۇ جىن چىرققا يېقىلغۇ قىلغىلى كىرسىنمۇ ئالغاچ كىلەتتى،
ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ تۈۋتۈككە مەخسۇس چىراغ ئاسىدىغان چىراغدان ئورنۇتۇغلۇق ئىدى، ئۆيلەرنىڭ تۇرىسى چىراغ ئىسىدا بەك تىزلا قارىداپ كىتەتتى، مەن شۇ خىرە كۈرۈنۈشلەرنى خۇددى رەڭسىز كىنودەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزدۈم، ھازىر مۇشۇ خەتلەرنى خەتلەرنى كومپىيوتېردا بېسىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەمدى ئويلۇرۇم كۆز ئالدىمدا يۇرۇپ تۇرغان مۇشۇ سىرلىق نەرسىگە چۈشتى، مەن بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىمەن، ئەگەر كۆز ئالدىمدىكى بۇ كومپىيوتېر دىگەن سىرلىق نەرسە بولمىغان بولسا نىمە قىلاتتىم؟ ئۈندىدار ئاچاتتىم. ئۈندىدار بولمىسىچۇ؟ چ چ ئوينايتىم. ئەگەت بۇلارمۇ بولمىسىچۇ ؟ تىلۋۇزۇر كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئۇۋال قىلىپ ئۇيقا بەرمەيتىم. تىلۋۇزۇر بولمىسىچۇ؟ ئۆيدىكى ئەسەر ئەتىقە بۇلۇپ كەتكەن داڭقان رادىئۇنى ياكى ئۈنئالغۇنى ئېلىپ چىقىپ، لىنتىلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئۈنئالغۇ پىلاستىنكىلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئەخمەتچان گىتتارنىڭ ۋە مەمەتتوختى ساتتارنىڭ دۇتتار بىلەن ئۇرۇندىغان ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ياتاتتىم،
كۆزلىرىمگىمۇ ئۇۋال قىلمايتىم. ئەگەر بۇلارمۇ بولمسىچۇ؟ دادامنىڭ تۈگىمەس ھىكايىلىرىنى ئاڭلاپ ياتقان بۇلاتتىم، دادام ھېرىپ كەتكەن بولسا مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن قىزىقارلىق ئويۇن ئوينايتىم ياكى دوقمۇشتىكى دۆۋلەپ قويغان ياغاچ ئۈستىدە ئاي يۇرىقىدا ئولتۇرۇپ سىرلىق مۇڭدىشاتتىم. ئاتا ـ بوۋىلارنىڭ بىزگە قىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزلىرى ئالتۇندىن قىممەتلىك، ئەمما مەن بۇۋامنىڭ ماڭا قىلغان بىر ئېغىز سۆزىنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم، كۆز ئالدىمدا پەقەت غۇۋا كۆرۈنشلەر، خۇددى ئاۋازسىز كىنودەك.
بىز ھازىر بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالاي دەۋاتمىز، ئۇ بالىقتىكى ئەسلىملەر ئەمەس، بەلكى ئاتا ـ بوۋىلار روھىدۇر. بىزدە ھازىر يوق بولغىنى ئاتا ـ بوۋىلار روھى ئىكەن، شۇڭا قولىمىزدا تۈمەنلەپ پۇل، تەرەققىياتقا بېقىپ ئىقدىدارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسۋاپلىرى بولسىمۇ روھى نامراتچىلىق بار ئىكەن، ئىلگىرى كىشلەرنى ئىقتىسادى نامراتچىلىق تۈگەشتۈرگەن بولسا ئەمدىلىكتە كىشلەرنى روھى نامراتچىلىق تۈگەشتۈرۋاتىدۇ. بىزدە ئاتا ـ بوۋىلار روھى بولمىغاچقا روھى نامراتچىلىقنىڭ قۇلى بۇلۇپ ئۆتىۋاتمىز، سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلار ئۈلۈمدىن قورقۇپ تەشۋىشلەنسە، ئۈلۈمدىن خەۋىرى يوقلار قانداق ياشاشتىن قورقۇپ تەشۋىشلىنىۋاتىدۇ، يانچۇقنى پۇلغا تولدۇرۇپ تۇرۇپمۇ بالا ئاتىسىدىن، ئاتىسى بالىسدىن، يولدىشى ئايالىدىن، ئايالى يولدىشىدىن، دوست بۇرادەرلەر بىر ـ بىرسىدىن تېنىپ دىگەندەك ئايرىلىپ روھى دۇنياسىغا كۈشەن سېلۋاتىدۇ.
ئىقتىسادى نامراتچىلىقتىن قۇتۇلدۇق، ئەمدى روھى نامراتچىلىقنىڭ قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەسلىمىزنى ئۇنۇتمايلى! ئاتا ـ بوۋىلار روھىنى ئۇنۇتمايلى! ئاتا ـ بوۋىلار روھىنى ھەر قاچان ئۆزىمىزگە مۇستەككەم تۈۋرۈك قىلايلى، شۇندىلا يىقىلمايمىز، يىقىلساممۇ ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ كېتىمىز.
ئۇلۇغدۇركى ئاتىلار روھى
ئاڭا جاندۇر چۈنكى ھەقىقەت
تالاي يىللار كەتسىمۇ ئۆتۈپ
ئۇنۇتمايلى بۇ روھنى پەقەت
روھچىن
كەچكۈز
كەچكۈز
كەچكۈز
كۆنچى
روھچىن
روھچىن
روھچىن