شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ئازابلاشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. بىلمىدىم، زادى قانداق مۇھەببەت ئەڭ گۈزەلدۇ؟

ئۆلۈمگىمۇ بوي بەرمەيدىغان مۇھەببەتمۇ؟ ياكى ئاداققى ۋاپادىن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەتمۇ؟ ۋە ياكى قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكەن، نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارغا دۇچ كەلگەن، ئاخىرى ۋىسالغا يەتكەن مۇھەببەتمۇ؟

تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرىدۇ، تۇرمۇشتا بەزىلەر مۇھەببەتكە بېرىلمەيۋاتقان، بەزىلەر مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان، يەنە بەزىلەر بولسا مۇھەببەتتىن قېچىۋاتقان….شۇنى ھېس قىلدىمكى، شۇنداق بىر مۇھەببەتمۇ بار ئىكەن، ئۇ ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن، شۇنداق بىر مۇھەببەتمۇ بار ئىكەن، ئۇ ئازابلاشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدىكەن.
ئېسىمدە قېلىشىچە، مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەمدىلا چۈشىنىۋاتقان بىر چاغلاردا مەن ئاسمانغا تىكىلىپ قارىغان پېتى ئۇنىڭدىن: «سەن مېنى قاچانغىچە ياخشى كۆرەرسەن؟» دەپ سورىغانىدىم. ئۇ ماڭا نازلىق بېقىپ، ئېڭىكىمنى ئالقىنىغا ئېلىپ، ئاندىن بۇرۇن ئۇچىنى بۇرنۇمغا يىنىك تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: «مەن سىزنى بەك ئۇزاق، بەك ئۇزاقلارغىچە سۆيىمەن» دېدى.

ئارقىدىنلا مەن يەنە: «بەك ئۇزاق، زادى قانچىلىك ئۇزاق؟» دەپ سورىدىم. ئۇ يەنىلا بالىلارچە بىر خۇلقى بىلەن: «بەك ئۇزاق دېدىمغۇ، شۇ بەك ئۇزاق، بەك ئۇزاق، بەك ئۇزاق، بەك ئۇزاق…» ئەسلىمە شىرىن، ئۇ چاغلاردا بىز بىر-بىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن ياخشى كۆرۈشەتتۇق. ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى شۇ قەدەر ئۇماق، شۇ قەدەر نۇقسانسىز، شۇ قەدەر گۈزەل ئىدى. مەن ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىنى شېئىر-داستانلارغا پۈتۈپ جەمئىيەتكە سۇناتتىم.
نەقەدەر قاباھەتلىك چۈش! ھەممە شىرىن تۇيغۇلار يۇقالدى، قالغىنى پەقەت ئازاب، نەپرەت ۋە پىچەكلىك! ئاستا-ئاستا، مەنمۇ ئۆزەمنى قوغداشنى ئۆگەندىم، مۇھەببەتنى خېلى چۈشەندىم، گەرچە مۇھەببەتنىڭ ئازابلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايقاپ يەتكەن بولساممۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكۈم كەلمەيتتى، ھەمىشە ئېلگىرى يازغان شېئىرلىرىمنى قايتا-قايتا كۆرۈپ شۇ چاغدىكى تۇيغۇلىرىمنى ھېس قىلاتتىم.
كۆڭلۈمگە ئايان بولدىكى، مۇھەببەتكە چىن قەلبىمىىزدىن بېرىلگەندە، كىمنىڭ بېغىشلىغانلىرى ئەڭ كۆپ بولسا، ئاخىرقى ھېسابتا شۇ ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە نەرسىگە سوغۇققانلىق بىلەن قاراشنى، پەرۋا قىلماسلىقنى ئۆگەندىم. ئۆز-ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەندىم.
«مېنى قاچانغىچە ياخشى كۆرەرسەن؟» دەپ قايتا سورىمايدىغان بولدۇم، چۈنكى مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇھەببەت ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن، ھەم ئازابلاشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن.
ئەپسۇس، ھېسسىيات قوينىغا قايتا چۆككىنىمدە مەن ئىلگىرىكى كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالغانىدىم، پەرۋاسىزلىقنى ئۆگىنەلمىگەن ئىدىم، ئەمما ھەر ھالدا ئۆز-ئۆزۈمنى قوغداشنى ئۆگەنگەن ئىدىم. مەن يەنە قۇربانلىق بېرىشتىن، بېغىشلاشتىن، قايتا ئازابقا قېلىشتىن قورقاتتىم. شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئەمدىلىكتە مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ قالغانىدىم.
ئەگەر سىز مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىز ئايرىلىپ كېتەيلى، چۈنكى مۇھەببەت ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، مۇھەببەت ئازابلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

 

ئاپتۇرى:خۇشخۇي

 

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. لاچىن
    ۋاقىت: 2011- يىل 22- ماي 09:05 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ھەقىقى مۇھاببەت بىر بىرىنى ھورمەت لەش ئۇستىگە قۇرۇل غان نىكاھ دىن كىيىن ئەقىيدە مەنبەسى konglum konglum

  2. ...كەپسىزشۇم...
    ۋاقىت: 2011- يىل 30- ئاپرېل 06:35 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    يەنە بىرگەپ …تورخۇماردا باشقىلادىن ئاشمايدۇ بۇ دىۋان….سىزنىڭكىدە …كەڭرىكەن….يازمىلانى يېڭىلاپ تۇرلىماندا. بلوگ ئاۋاتلىشىدۇ … xosh

  3. ...كەپسىزشۇم...
    ۋاقىت: 2011- يىل 30- ئاپرېل 06:31 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ھەي…..بۇيازمىنى ئوقۇپ ئاشۇچاغلار كۆز ئالدىمدىن رەڭلىك تېلىۋزۇردەك ئۆتۈشكە باشلىدى….شۇ كۈنلەر شۈنچىلىك گۈزەل ئىدىكى…. wah لېكىن ئەمدىچۇ؟! qaytil amas …مىنىڭغۇ ئەزەلدىن مۇھەببەتتىن تەلىيىم يوق ئادەم….بولدىلا كۆپ سۆزلىمەي…

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*