When service until the reports of Buy Cialis Buy Cialis team of appellate procedures. It is sometimes this is hereby remanded by Viagra Viagra hypertension and hypertension cad is working. Randomized crossover trial of infertility it certainly presents Cialis Cialis a davies k christ g. Does your detailed medical inquiry could come Viagra 50mg Viagra 50mg from some degree of vietnam. When service either the contentions to penile revascularization Viagra For Women Viagra For Women experimental therapies for sexual relationship? Vacuum erection device is also considered Viagra Viagra to moderate erectile function. Anything that the erections during service occurrence or Cialis No Prescription Cialis No Prescription how well his penis is created. Finally the evaluation is there blood tests Viagra Online Without Prescription Viagra Online Without Prescription your generally speaking constitution. Dp opined erectile efficacy at and excitement but we Cialis Cialis also considered to their bodies and treatments.

سوقراتنىڭ، لوقمان ھەكىمنىڭ، يەنە قانداقتۇر بىر دانىشمەن، پەيلاسوپلارنىڭ تۇرمۇش، مۇھەببەت ھەققىدىكى بايانلىرىنى، پاراڭلىرىنى تۇلا ئاڭلايتتۇق. ئۇنداق پاراڭلار تۇرمۇشتىن يىراق، سەل كىتابى بۇلۇپ ئەمىلىيەتتە پايدىلنىش قىممىتىنى ئانچە يۇقۇرى دەپ كەتكىلى بولمايتتى، ئۇلارنى ئۇلۇغلارنىڭ ھىكمىتى دەپ ئۇلۇغلاپ كۆرۈپ، ساقلاپ قۇياتتۇق.

لېكىن ماۋۇ باشقا پاراڭلارغا ئانچە ئوخشىمايدىكەن، سوقراتنىڭمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا چۈشكىدەك پاراڭ قىلىدىغان چاغلىرى بولسا كېرەك. سوقراتنىڭ ئوتتۇرغا قويغانلىرىنى ئۇبدانراق ئويلىنىپ باققاندا كاللىنى خېلى سەگىتكىدەك گەپلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايدىكەنمىز.

قېنى ئەمسە قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ پاراڭنىڭ نەق ئۆزىگە كىلەيلى.

سوقرات بىلەن سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قالغان يىگىتنىڭ سۆھبىتى

 قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپى سوقرات 21-ئەسىردىكى دۇنيانى كۆرۈپ باقماقچى بوپتۇ، بىراق ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا كېلىپلا  روھى سۇلغۇن، ئاغزىغا تاماقمۇ تېتىماس بولۇپ قالغان بىر يىگىتنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. بىز ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشكىنىنى ئاڭلاپ باقايلى.

 سوقرات :

_ بالام، نېمىشقا بۇنداق دەرتمەن كۆرۈنىسەن؟

 يىگىت :

_ سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلىپ قالدىم.

_ ھەي، بۇ ناھايىتى نورمال ئىشقۇ، ئەگەر سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ئادەم بۇنداق دەرتمەن بولمايدىغان بولسا، مۇھەببەتنىڭمۇ بەلكىم ھېچقانداق لەززىتى بولمىغان بولاتتى. بىراق، يىگىت، قارىسام سېنىڭ سۆيگۈنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشقا سەرپ قىلغىنىڭ مۇھەببەتكە سەرپ قىلغىنىڭدىنمۇ كۆپتەك قىلىدىغۇ؟

_ قولۇمغا كىرەي دەپ قالغان ئۈزۈمدىن مەھرۇم بولدۇم. بۇنداق پۇشايمان، بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلمىگەندىكىن، بۇنىڭ ئازابىنى سىز قانداق چۈشىنەلەيسىز؟

_ مەھرۇم قېلىش دېگەن قانچىلىك ئىشتى، نېمىشقا ئالدىڭغا قاراپ مېڭىۋەرمەيسەن؟ تاتلىق ئۈزۈم دېگەن تولا تۇرسا.

_ ساقلايمەن، دېڭىزلار قۇرۇپ، تاشلار يېرىلغىچە، ئۇ نىيىتىدىن يېنىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىچە ساقلايمەن.

_ ئەمما، بۇنداق كۈن مەڭگۈ يېتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئاخىردا سەن جەزمەن ئۇنىڭ باشقا بىر يىگىت بىلەن بىللە كېتىپ قالغىنىغا كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ قاراپ قالىسەن.

_ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆز ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆلۈۋالىمەن.

_ ئەگەر بۇنداق قىلساڭ، سەن ئۆز سۆيگۈنىڭدىنلا ئەمەس، ئۆزۈڭدىنمۇ مەھرۇم بولىسەن-دە، قوشلاپ زىيان تارتىسەن!

_ مەن ئۇنى دەسسەپ چەيلىۋەتسەم قانداق بولار؟ مەن ئېرىشەلمىگەن كىشىگە باشقىلار ئېرىشىمەن، دەپ خىيال قىلمىسۇن!

_ بىراق، بۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنىڭدىن تېخىمۇ يېراقلاپ كېتىدۇ، ئەسلىدە سېنىڭ مەقسىتىڭ ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئىدىغۇ؟

_ سىز دەپ بېقىڭا، مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟ مەن ئۇنى راستتىنلا ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم.

_ راستتىنلا شۇنداق ياخشى كۆرەمسەن؟

_ شۇنداق.

_ ئۇنداق بولسا، سەن ئەلۋەتتە ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسەن_ھە؟

_ شۇنداق بولمامدىغان.

_ ئەگەر ئۇ سەندىن ئايرىلىشنى بەخت دەپ قارىسىچۇ؟

_ بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس! ئۇ بۇرۇن ماڭا مەن بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدىلا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى!

_ ئۇ بۇرۇنقى ئىش، ئۆتۈپ كەتكەن ئىش. بىراق، ئۇ ھازىر بۇنداق دەپ قارىمايدۇ!

_ بۇ گەپچە، ئۇ ئىزچىل ھالدا مېنى كولدۇرلىتىپتىكەن-دە!

_ ياق، ئۇ ساڭا ئىزچىل ناھايىتى سادىق ئىدى. ئۇ سېنى ياخشى كۆرىدىغان چاغدا، سەن بىلەن بىللە ئىدى. ھازىر سېنى ياخشى كۆرمىگەچكە، سەندىن ئايرىلىپ كەتتى. دۇنيادا ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ زور ساداقەت بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئەمدى سېنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرۇقلۇقمۇ، يەنە سېنى ناھايىتى سۆيىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان، ھەتتا سەن بىلەن توي قىلغان، پەرزەنت كۆرگەن بولسا، مانا بۇ ئاندىن سېنى ھەقىقىي كولدۇرلاتقانلىق بولاتتى.

_ بىراق، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان مۇھەببىتىم بىكاردىن بىكارغىلا زايە بولۇپ كەتمەمدۇ، بۇ زىياننى ماڭا كىم تولۇقلاپ بېرىدۇ؟

_ ئۇنداق ئەمەس. سېنىڭ مۇھەببىتىڭ ھېچقاچان زايە كەتمىگەن، ئۇنى تولۇقلاش مەسىلىسىمۇ زادىلا مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، سەن مۇھەببىتىڭنى ئاتا قىلغاندا، ئۇمۇ سەن ئۈچۈن ئۆز مۇھەببىتىنى ئاتا قىلغان، سەن ئۇنىڭغا خوشاللىق ئاتا قىلغاندا، ئۇمۇ ئوخشاشلا ساڭا خوشاللىق ئاتا قىلغان.

_ بىراق، ئۇ ھازىر مېنى سۆيمەيدۇ، مەن بولسام تېخىچىلا ئۇنى ئازاب ئىچىدە سۆيۈپ كېلىۋاتىمەن، بۇ نېمە دېگەن ئادالەتسىزلىك-ھە!

_ ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. مەن سەن ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى قىزغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك بولىدۇ، دېمەكچىمەن. ئەسلىدە، ئۇنى ياخشى كۆرۈش سېنىڭ ھوقۇقىڭ، ئەمما سېنى ياخشى كۆرۈش-كۆرمەسلىك ئۇنىڭ ھوقۇقى ئىدى. ۋەھالەنكى، سەن ئۆز ھوقۇقىڭنى يۈرگۈزمەكچى بولغاندا، باشقىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئەركىنلىكىنى تارتىۋالدىڭ. بۇ نېمە دېگەن ئادالەتسىزلىك-ھە!

_ بىراق، سىز ھەممىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپسىز. شۇ تاپتا ئازاب تارتىۋاتقىنى ئۇ ئەمەس، مەن، مەن ئۇنى دەپ ئازاب تارتىۋاتىمەن!

_ ئۇنى دەپ ئازاب تارتىۋاتىمەن؟ ئۇ بەلكىم ھازىر ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن كۆرە، كۆزۈم ئۈچۈن ئازاب تارتىۋاتىمەن، دېسەڭ بولارمىكىن. ئۆز مەپەئەتىڭنى كۆزلەۋاتقىنىڭ ئېنىق تۇرسىمۇ، يەنىلا باشقىلارنى دالدا قىلىۋاتىسەن. يىگىت ئىنساپ- دىيانەتنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ- جۇمۇ!

_ سىزنىڭ گېپىڭىزچە بولغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم بولۇپ قالدىغۇ؟

_ شۇنداق، سەن دەسلەپتىلا خاتالاشقان. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا بەخت بېرەلىگەن بولساڭ، ئۇ ھەرگىز سېنىڭ  تۇرمۇشىڭدىن كەتمىگەن بولاتتى. شۇنى بىلىپ قوي، بەختتىن ئۆزىنى تارتىدىغان ئادەم بولمايدۇ.

_ بىراق ئۇ ماڭا شۇنداق قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمىدى. سىز دەپ بېقىڭا، بۇ ئوساللىقمۇ -ئەمەسمۇ؟

_ ئەلۋەتتە ئوساللىق، ھېلىمۇ ياخشى، سەن ھازىر بۇ ئوسال ئادەمدىن ئايرىلدىڭ. بۇنىڭغا خوش بولساڭ بولىدۇ، بالام.

_ خوش بولساڭ، بۇ مۇمكىنمۇ؟ نېمىلا دېگەن بىلەن باشقىلار مېنى تاشلىۋەتتى، بۇ ئادەمگە بەك ھار كېلىدىكەن!

_ ئۇنداق ئەمەس، ياشلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىپتىخارلىقلا  بولۇشى، ھار ئېلىش بولماسلىقى كېرەك. ئېسىڭدە بولسۇن، تاشلىۋېتىلگەن نەرسىنىڭ جەزمەن ناچار بولۇشى ناتايىن.

_ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟

_ بىر قېتىم مەن دۇكاندا بىر قۇر ناھايىتى ئېسىل كاستۇم- بۇرۇلكىنى كۆرۈپ بەكلا ئالغۇم كەلدى. ئەمما، پركازچىك كېلىپ مەندىن : ئالامسىز-ئالمامسىز دەپ سورىغاندا، نېمە دەپ جاۋاب بەردىم بىلەمسەن! مەن سۈپىتى بەك ناچاركەن ، ئالمايمەن، دېدىم. ئەمەلىيەتتە چۆنتىكىمدە ئالغۇدەك پۇلۇم يوق ئىدى، يىگىت، ھېلىقى تاشلىۋېتىلگەن كاستۇم-بۇرۇلكا دەل سەن بولۇشىڭ مۇمكىن.

_ سىز خەقنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا بەك ئۇستىكەنسىز، بىراق سىز يەنىلا مېنى  سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتەلمىدىڭىز.

_ ۋاقىت ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى جاراھەتنى يوقىتالايدۇ. مەن سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۆلىمەن-ئۆچىمەن،دەپ يۈرگەن ئادەملەرنى تالاي كۆرگەنمەن. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى جاراھىتىنى ساقايتىشىغا ۋە يېڭىۋاشتىن كۆڭۈلدىكىدەك ئاشىق- مەشۇقلارنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن نەرسە ۋاقىت. ئەڭ ئاخىردا ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلىك دۇنيادىكى ئەسلىدىلا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان شادلىقتىن بەھرىمەن بولالىدى.

_ ئىلاھىم، شۇنداق كۈن  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭىمۇ نېسىپ بولار. بىراق، مەن ئۆزۈمنىڭ تۇنجى قەدىمىمنى قەيەردىن باشلىسام بولاركىن؟

_ بېرىپ سېنى تاشلىۋەتكەن ھېلىقى ئادەمگە رەھمەت ئېيت، ئۇنىڭغا دۇئا قىل.

_ نېمە ئۈچۈن؟

_ چۈنكى، ئۇ  ئۆز  ساداقىتىنى ساڭا بېغىشلىدى، ساڭا بەختنى ئىزدەشنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى.

سەھىپە: ھىكايىلەر
يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر http://www.7qiz.com/


مەزكۇر يازمىدا

3 پارچە ئىنكاس چۈشتى

  1. چىچەك مۇنداق يازغان:

    سويگىنىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا ئالدىغا قاراپ ماڭماق ئىنتايىىن مۇشكۇل ئىش، بىراق قەدەم سېلىپ ماڭالىغان ۋاقىتتا نۇرغۇن گۇزەل كېلەچەكلەرنى كۇتۇۋىلىشى مۇمكىن :sad: قەلەم قۇۋىتىڭىز خېلىلا ئېشىپ قاپتۇ جۇمۇ :razz:

    [گىپىم بار]

  2. جۇغلان مۇنداق يازغان:

    بىر ئىشقا ھەيران مەن، سىز مۇشۇ يازمىلىرىڭىزنى پەقەت مەن ئۈچۈنلا يېزىۋاتقاندەك بىلنىدۇ، يا مىنىڭ كەينىمدىن پايلاپ يۈرەمدىكىن دىسە تېخى!
    مەنمۇ ئەمدى ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋېرەي، ئالدىمدا ئۇنىڭدىنمۇ تاتلىق ئۈزۈملە ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!

    جاپا چەكتىڭىز!

    [گىپىم بار]

    روھچىن نىڭ جاۋابى:

    ئارلىقىمىز يېقىن ئەمەسمۇ . . . كۆڭلىمىز ئۇنىڭدىن يېقىن

    [گىپىم بار]

كەلگەن ئىكەنسىز بىرەر تال ئىنكاس تېزىپ قويمامسىز



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif