ھايات ھاسىلاتلىرى ℃707
پەيلاسوپتىن سورىشىپتۇ:
_ قانداق ئادەمنى ئەقىللىق دەيمىز؟
_ يېتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان نىشانغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان ئادەمنى.
بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ ئەقىللىق ئادەم دائىم ئەينەككە قاراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق پايدىسى بار: ئەگەر چىرايى كۆرۈمسىز بولسا، ئەينەك ئۇنى ھېچ بولمىغاندا يامان ئىشلارنى قىلماسلىققا، يۈزىگە قارا سۈركىمەسلىككە ئۈندەيدۇ؛ ئەگەر چىرايى كېلىشكەن بولسا، ئەينەك ئۇنى بولمىغۇر قىلىقلار بىلەن چىرايىغا داغ تەگكۈزمەسلىككە ئۈندەيدۇ.
بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ نادان ئادەملەر پەقەت باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنىلا كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ. بۇ خۇددى چىۋىننىڭ ئادەم بەدىنىدىكى پاسكىنا جايغىلا چاپلىشىۋالغىنىدەك بىر ئىش.
بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ ۋاقىتلىق زىيان تارتىش ۋاقىتلىق غەلىبە قىلىشتىن كۆپ ئەۋزەل.
ئارقار ئۆزىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئوۋ ئىتىغا مۇنداق دەپتۇ:
_ سەن ماڭا مەڭگۈ يېتىشەلمەيسەن. چۈنكى، مېنىڭ يۈگۈرۈشۈم ھاياتلىق ئۈچۈن، سېنىڭ يۈگۈرۈشۈڭ بولسا ئىگەڭگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن.
ئەتىلىككە ئېرىشكۈڭ كەلمىگەن نەرسەڭدىن بۈگۈن ۋاز كەچكىن؛ ئەتىلىككە ئېرىشسەمكەن دېگەن نەرسىنى بۈگۈن تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگىن.
بىر ئاقىل مۇنداق دەيدۇ:
_ بەدەن يېمەكلىككە ئېھتىياجلىق بولغانغا ئوخشاش، روھ ئەقىل – پاراسەتكە موھتاج.
ئەرلەر مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندا، خىزمەتكە بېرىلىش ئارقىلىق دەردىنى چىقىرىپ ئۆچ ئالىدۇ؛ ئاياللار مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندا، دەردىنى چىقىرىپ ئۆچ ئېلىشنى ئۆزىنىڭ خىزمىتى قىلىۋالىدۇ.
شادلىق دېگەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس، ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىن يەكۈنلەنگەن مول تەجرىبىلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر.
ئېسىڭدە بولسۇن: 20 ياشتا چىرايلىق، 30 ياشتا ساغلام، 40 ياشتا باي، 50 ياشتا ئەقىللىق بولالمىساڭ، بۇ نەرسىلەرگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.
مىجەز – خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان قىز – يىگىتلەرنىڭ توي قىلىشى _ «بىر – بىرىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ نىكاھتىن ئاجراشقاندا بولسا «مىجەزى چىقىشالماسلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.
شەيتان بىرەر كىشىنى يوقلاپ بارماقچى بولسا، ھاراقنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەۋەتىدۇ.
ئىرادىنى يېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئىرادىسىزلىك ئادەمنى ھەرقانداق نەرسىنى يەيدىغان قىلىۋېتىدۇ.
مەنبەسى:تور
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى