-
ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى-------1 - [ئىلمىي ماقالىلەر]
Apr 17, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62271626.html
ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى
گاگا ئويۇنىگاگا ئويۇنى - نىسبەتەن تۈزلەڭ جايلاردا ( خامانلاردا ) ئوينىلىدۇ . گاگا ئويۇنىغا گاگا بىلەن كالتەك لازىم بولىدۇ . ئادەتتە چوت دەستىسى توملۇقىدىكى ياغاچنى 10 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ ئىككى ئۇچى ئۇچلىنىدۇ .گاگا ئويناش ئۈچۈن بىر گاگا بىلەن كەتمەن دەستىسى توملۇقىدىكى 80 سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىلگەن ياغاچتىن كالتەك ياسىلىدۇ . يەنە ئورەك كولىنىپ گاگا ئورەكنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا قىلىپ قويۇلىدۇ . گاگا ئوينىغۇچى كالتەك بىلەن گاگانى ئېلىپ كۆتۈرۈپ ، گاگا يۇقۇرى ئۆرلىگەندە ، گاگانى ئۇرۇپ يىراققا كەتكۈزىۋېتىدۇ . ئۇنى ئوينىغۇچى 2 دىن ئادەم جۈپ بولۇپ ئوينايدۇ . ئۇنىڭدا ئۇتۇش ھەم ئۇتۇلۇش بولۇپ تۇرىدۇ .
ئا تەرەپ كالتەك بىلەن گاگانى ئۇرغاندىن كېيىن ، ب تەرەپ ئۇرۇلغان گاگانى گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگا ئۇرۇلغان ئورەكتە قويۇپ قۇيۇلغان كالتەككە قارىتىپ ئاتىدۇ . گاگا كالتەككە تەگسە ب تەرەپ ئا تەرەپنى ئۇتقان بولىدۇ . ناۋادا گاگا كالتەككە تەگمىسە ب تەرەپ ئا تەرەپكە ئۇتتۇرغان بولۇپ ، ب تەرەپ گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگا ئۇرۇلغان جايغا « ۋاللەي ... ۋاللەي ... ۋاللەي ... » دەپ ۋاللەي توۋلاپ بىر پۇتلاپ دىڭگۇسلاپ يۈگۈرۈپ كېلىدۇ . بۇ ئۇتتۇرۇلغۇچىنىڭ جازاسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇتتۇرۇلغۇچى ب تەرەپ بۇ جازانى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ، 2 - قېتىم كالتەك بىلەن گاگا ئۇرۇش نۆۋىتى كېلىدۇ . ب تەرەپ كالتەك بىلەن گاگا ئۇرغاندا ئا تەرەپ ئاۋالقى ئۇسۇل بويىچە گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگانى ئۇرۇلغان ئورەككە قۇيۇپ قويۇلغان كالتەككە قارىتىپ ئاتىدۇ . ئاتقان گاگا كالتەككە تەگسە ئۇتقان بولىدۇ . كالتەككە تەگمىسە ئۇتتۇرغان بولۇپ ئاۋالقىدەك ۋاللەي توۋلاپ بىر پۇتلاپ دىڭگۇسلاپ يۈگۈرۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ .
گاگا ئويۇنىنىڭ تەنھەركەتلىك خۇسۇسىيىتى بولۇپ ھەم ئوينىغۇچىنىمۇ ھەم كۆرگۈچىنىمۇ جەلىپ قىلىدۇ ، ئويۇن ئارقىلىق ئوينىغۇچىنىڭ چىدامچانلىقىنى ، غەيرەت - شىجائىتىنىمۇ ئاشۇرىدۇ . ھازىر بۇ ئويۇن شەھەرلىرىمىزدىكى بالىلاردا ئۇنتۇلدى بولغاي شەھەر ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلاردىن گاگا ئۇسۇلىنى بىلەمسىز ؟ دەپ سورىسا نۇرغۇنلىرى بىلمەيدۇ . لېكىن بىزنىڭ چەت يىراق يېزا - قىشلاقلىرىمىزدىكى مەھەللىلەردە بۇ ئويۇن يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە .
ئۆچمەس مىراس ئويۇنلىرىمىز .ياڭاق ئويۇنى
ياڭاق ئويۇنى - نىشانغا تەگكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ياڭاق كۆپ چىقىدىغان قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان .بۇ ئويۇن ئادەتتە ھېيت - بايرام ۋە ھەر خىل سەيلە پائالىيەتلىرىدە ئوينىلىدۇ . بۇ بىر قەدەر ئاددىي ئويۇن بولۇپ ، قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . كىمنىڭ ياڭىقى بولسا ئىختىيارىي ئويناۋېرىدۇ . بۇ ئويۇن ئۈچۈن تامنىڭ تۈۋىگە ياكى تۈزلەڭ يەرگە ئون - يىگىرمە ياڭاق سىغقۇدەك بىر ئورەك كولىنىدۇ . ئوينىغۇچىلار ئۆز - ئارا كېڭىشىپ ، ئورەككە ياڭاق ئاتىدىغان چېگرا سىزىقى بەلگىلىۋالىدۇ ياكى تامغا بىر پارچە تاختاينى يانتۇ تىكلەپ ، تاختاينىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن پەسكە قارىتىپ بىر ياڭاقنى دومىلىتىدۇ . شۇ ياڭاقنىڭ دومىلاپ بېرىپ توختىغان يېرى ياڭاق ئېتىش چېگرا سىزىقى قىلىنىدۇ .
قاتناشقۇچىلار مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن كېلىشىپ ئورەككە ياڭاق ئېتىش نۆۋىتىنى بەلگىلەيدۇ . شۇ رەت بويىچە بىرىنچى بولۇپ ياڭاق ئاتقۇچىغا ئويۇنىغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر كىشى ئوخشاش ساندىكى ياڭاقنى بېرىدۇ . ياڭاق ئاتقۇچى قولىدىكى پاي قىلىپ قوشۇلغان ياڭاقنى « جۈپ » ياكى « تاق » دەپ ئاشكارا جاكارلاپ چېگرا سىزىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئورەككە تاشلايدۇ . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئورەك بىلەن چېگرا سىزىقىنىڭ ئارىلىقى تۆت-بەش مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ . ئەگەر ياڭاق ئاتقۇچى « جۈپ » دەپ توۋلىغان بولسا ، ئورەككە چۈشكەن ياڭاقنىڭ سانى جۈپ بولسا ئۇتقان ھېسابلىنىپ . باشقىلار پاي قىلىپ قوشقان ياڭاق شۇ كىشىگە تەۋە بولىدۇ . ئورەككە چۈشكەن ياڭاقنىڭ سانى تاق بولسا ئۇتتۇرغان بولىدۇ ۋە ئويۇنغا قاتناشقانلار قانچە ياڭاق پاي قوشقان بولسا ، شۇنچە ياڭاق تۆلەم تۆلەيدۇ . ئۇتقۇچىدا ئارقا -ئارقىدىن ياڭاق ئېتىش ھوقۇقى بولىدۇ . ئۇتتۇرۇپ قويسا ياڭاق ئېتىش نۆۋىتى ئالمىشىدۇ . ھەر قېتىم ئورەككە ياڭاق ئاتقاندا ئويۇنغا قاتناشقانلار يۇقۇرقىدەك ئوخشاش سانىدىكى ياڭاقنى ئالدىن پاي قىلىپ تاپشۇرىدۇ . ياڭىقى تۈگەپ ئويناشنى خالىمىسا مەجبۇرلانمايدۇ . بىر ئورەكتە ئوينايدىغانلار ئادەتتە ئۈچ-تۆت ئادەمدىن ئاشمايدۇ .
قاياق ئويۇنى
قاياق ئويۇنى - ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ قار تېيىلىش ئويۇنىدىن ئىبارەت . بۈگۈنكى كۈندە قاياق ئويۇنى چاڭغا تېيىلىش نامى بىلەن داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
قاياق ئويۇنى قەدىمدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ، سوغۇققا چىداملىقلىقىنى ئاشۇرۇشتا ، شۇنىڭدەك قەيسەر ھەم باتۇرلىقىنى يېتىشتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، قاياق ئويۇنى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا بارلىققا كەلگەن ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ ، جۇڭگو كىلاسسىك تارىخىي ماتېرىياللىرىدا قاياق ۋە ئۇنىڭ ئانا ماكانى ھەققىدە يېتەرلىك تارىخىي پاكىتلار قالدۇرۇلغان . دەل شۇنداق بولغاچقا ، جۇڭگو قار تېيىلىش جەمئىيىتى بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 16 – كۇنى ئالتايدا ‹‹ ئالتاي خىتاپنامىسى ›› نى ئېلان قىلىپ ، ‹‹ ئالتاي ۋىلايىتى دۇنيادىكى قار تېيىلىش ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي ›› دەپ جاكارلىدى ھەمدە بۇ يىلدىن باشلاپ ، ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 16 – كۇنىنى ‹‹ دۇنيادا ئەڭ بالدۇر قار تېيىلىش مەيدانغا كەلگەن جاينى خاتىرىلەش كۈنى ›› قىلىپ بېكىتتى . ئىلگىرى كىشىلەر قار تېيىلىشتا پۇتىغا پۇتىنىڭ پەنجىسىدەك ،ىئۇزۇنلۇقى 50 – 70 سانتمېتىر كەلگۈدەك نېپىز تاختىنىڭ ئاستىغا بۇغا تېرىسىنى چاپلاپ ياكى چانا ياساپ ، ئىككى قولىغا تىرەپ مېڭىش تايىقى ئېلىپ ، ئىگىزدىن پەسكە ياكى تەكشى قار ئۈستىدە تېيىلاتتى . ئەنە شۇ بۇغا تېرىسىنى چاپلىۋالىدىغان تاختا قاياق دەپ ئاتىلاتتى . ئۇ يەنە جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ قىللىق قار تېيىلىش تاختىسى ›› شۇنىڭدەك بۈگۈنكى دەۋردىكى چاڭغىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى .
قار تېيىلىش تاختىسى ( قاياق – چاڭغا ) قار ئۈستىدە تېيىلىدىغان تەنتەربىيە قۇرالى بولۇپ ، قار تېيىلىش شەكلى ۋە تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، ئوخشىمىغان شەكىلدە ياسىلىدۇ . ئادەتتە قار تېيىلىش تاختىسى ئېگىز تاغلاردىن تېيىلىش ، سۇپىدىن سەكرەپ تېيىلىش ، فىگورا چىقىرىپ تېيىلىش ۋە ئوۋ ئوۋلاشتا تېيىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان قار تېيىلىش تاختىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇيغۇرلار قەدىمدە قاياقتا قار تېيىلىشنى بىر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش –تەنھەركەت ئويۇنى سۈپىتىدە چۈشىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قىش كۈنلىرىدىكى ئوۋ ئوۋلاش ۋە ھەربىي نەقلىيات ئىشلىرىنىڭ ياخشى ۋاستىسى دەپ چۈشەنگەن . قار تېيىلىش تاختىسى ئىلگىرى ئاددىي ياغاچچىلىقتىن ياسالغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە سۇلياۋ ۋە يېنىك مېتاللاردىن ياسالغان ئېلاستىكىلىق ، سۈرئىتى تېز بولغان ھازىرقى زامان قار تېيىلىش تاختىلىرىغا ئۆزگەردى . ھاسا – قار تېيىلىش ھەركىتىدىكى مۇھىم قۇراللارنىڭ بىرى ، تېيىلغۇچى ھەر ئىككى قولىغا بىردىن ھاسا تۇتىدۇ . ھاسا باش پەللىدىن قوزغىلىشتا ۋە تېيىلىۋېتىپ تېخىمۇ تېزلىككە ئېرىشىشتە ، ئەگىلىشلەردە ئىشلىتىلىدۇ لېكىن سەكرەش سۇپىسىدىن سەكرىگەندە ئىشلىتىلمەيدۇ .ئوردىكام ئويۇنى
ئوردىكام ئويۇنى- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئوينىلىپ كەلمەكتە .
ئوردىكام ئويۇنى تۈزلەڭ يەرلەردىن ، مال باققان يايلاق -جاڭگاللاردا ، يېزا -مەھەللىلەردە ئوينىلىدۇ . بۇ ئويۇن ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز -كۆپلۈكىگە قاراپ چەمبەر شەكلىدە مەيدان سىزىلىدۇ . ئاندىن شۇ سىزىق ئايلانمىسى بويىچە تەخمىنەن ھەر بىر - ئىككى مېتر ئارىلىققا بىردىن كىچىك ئورەك كولىنىدۇ ( ئورەكنىڭ ھەجىمى چاي پىيالىسى چوڭلۇقىدا ) . كولانغان ئۆرەكنىڭ سانى قاتنىشىدىغان ئادەمنىڭ سانىدىن بىرى كەم بولىدۇ . چەمبەر شەكلىدىكى بۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بالىچۇق ( توپ ) ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدىغان بىر ئانا ( مەركىزىي ) ئورەك ( ئوردا دېيىلىدۇ ) كولىنىدۇ . ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە ئاساسەن ئۆزلىرى تاللاپ ياراتقان نوغۇچ شەكلىدىكى بىرىدن كالتەك تاياق ھەمدە يۇمىلاق ياكى ئۇزۇنچاق ( باشمالداقتىن سەل چوڭراق ) ھالەتتىكى بىردانە ياغاچ بالىچۇق تەييارلايدۇ . ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار تەخ بولغاندىن كېيىن بىر كوماندا بىلەن تەڭ چاقماق تېزلىكىدە ھەر بىرى بىردىن ئورەكنى ئىگىلەپ ئانىچۇق تاياق ( توپ ئۇرىدىغان كالتەك ) نى ئورەككە سولاپ تۇرىدۇ . ئورەك ئىگىلەش ھوشيارلىق ۋە چەبدەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەگەر كىم ئورەك ئىگىلىيەلمىگەن بولسا شۇ كىشى توپقا مەسئۇل بولۇپ ، بالچۇقنى مەيدان سىرتىدىن توپ ئۇرۇش كالتىكى بىلەن مەيدان ئىچىگە ھەيدەپ ئەكىرىپ ، پەم بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مەركىزىي ئورەككە سولاش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ . قالغان ئويۇنچىلار ھەم ئۆزىنىڭ ئورىكىنى ، ھەم مەركىزىي ئورەكنى قوغدايدۇ . ھەر بىر ئورەكنىڭ ئىگىلىرى توپنى مەركىزىي ئورەكتىن يىراقلاشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئورەككە كىرىش ئېھتىمالى بولغان توپنى كالتەك تايىقى بىلەن ئۇرۇپ يىراققا ھەيدىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ . ئورەك باققۇچى مۇشۇ مەقسەتتە تايىقىنى ئورەكتىن چىقارغان ھامان ئورەككە ئىگە بولالمىغان توپ ھەيدىگۈچى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، چاققانلىق بىلەن تايىقىنى ھېلىقى بوش ئورەككە تىقىۋالسا ، بۇ ئورەكنىڭ ئىگىسى ئوردىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ -دە ، ئورىكى ( ئوردىسى ) نى ئىگىلىۋالغان كىشى ئورنىدا مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىپ قايتىدىن توپ ھەيدەشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئويۇن مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا دەۋرسىمان داۋاملىشىۋېرىدۇ . ئارىلىقتا ئويۇننى تېخىمۇ قىزىتىش ۋە ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئويۇن باشلىقنىڭ < كۆچ-كۆچ > دېگەن كوماندىسى بىلەن تەڭ ، ئورەك ئىگىلىرى تايىقىنى كۆتۈرۈپ ، ئۆز ئارا ئورەك ئالماشتۇرىدۇ . ئەگەر مۇشۇ < كۆچ -كۆچ > پەيتىدە ئورىكى يوق توپ ھەيدىگۈچى چاققانلىق بىلەن بىرەر بوش ئورەككە تايىقىنى سېلىۋالسا ، ئۇ ئورەك شۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇپ ، بىخەستەلىك قىلىپ كىم ئورەك ئىگىلىيەلمىگەن بولسا ، شۇ داۋاملىق توپ ھەيدەشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئەگەر توپ ھەيدىگۈچى بالىچۇقنى باشقىلارنىڭ ئۇرۇپ يىراقلاشتۇرۇشىغا يول قويماي ، ئەپچىللىك بىلەن توپنى مەركىزىي ئورەككە كىرگۈزۈۋالسا ، شۇ ھامان بىر قېتىملىق ئورەك كۆچۈش ( كۆچ-كۆچ ) بولىدۇ . شۇ جەرياندا ھەر كىم چاققانلىق بىلەن ئورەك ئىگىلىشى شەرت . ناۋادا ئورەك ئىگىلىيەلمەي سىرتتا قالغىنى يەنە توپ ھەيدەپ كېلىشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئەگەر ئىككى كىشىنىڭ تايىقى ئورەككە سېلىنىپ قالسا ، كىمنىڭ تايىقى ئورەككە بالدۇر سېلىنغان بولسا ، ئورەك شۇ كىشىگە مەنسۇپ بولىدۇ . كىم بۇرۇن ئىگىلىگەنلىكى ئايرىلمايدۇ ئورەك تالىشىش يۈز بەرسە ئويۇن باشلىقى ھۆكۈمى بىلەن يەنە بىر قېتىم < كۆچ-كۆچ > قىلىنىدۇ . بۇ ئويۇننى ئويناشتا ئوينىغۇچىلار توپ كالتىكى بىلەن بىر - بىرىنىڭ پۇتىغا ياكى باشقا جايلىرىغا ئۇرۇشقا ، بالىچۇقنى قولى بىلەن تۇتۇپ ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ . ئويۇن تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار سېزىلسە ، ئۇ كىشى ئويناشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەنبىھ بېرىلىدۇ .
ئوردىكام ئويۇنى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ ، چەبدەسلىكنى ، ھوشيارلىقنى ، پەملىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ئويۇن كىشىنىڭ غەيرىتىنى ، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ ، ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ .
ئۇيغۇر خەلق ئويۇنى ياغلىق تاشلاشياغلىق تاشلاش - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېزلىك ، ھوشيارلىق تەلەپ قىلىدىغان قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى ، بۇ ئويۇنغا ئاز بولغاندا 15 تىن ئارتۇق قىز - ئوغۇل قاتناشسا بولىدۇ . قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن ئاز بولسا ، ئويۇن قىزىمايدۇ .
ئويناش ئۇسۇلى : ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن ، ئۇلار ئىچىدىن ئىختىيارىي ئاساستا ياكى چەك تاشلاش ئارقىلىق ياغلىق تاشلىغۇچى بەلگىلىنىدۇ . قالغانلار دۈگىلەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ يېقىن - يېقىن ئولتۇرىدۇ . ياغلىق تاشلىغۇچى دۈگىلەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ ، ياغلىقنى خالىغان بىرىنىڭ كەينىگە بىلدۈرمەي تاشلايدۇ . ئەگەر ئارقىغا ياغلىق تاشلانغان بالا ياغلىق تاشلىغۇچى ئايلىنىپ ئۆز يېنىغا كەلگۈچە ياغلىقنىڭ كەينىگە قويۇلغانلىقىنى بىلمەي قالسا ، ياغلىق تاشلىغۇچى تاشلانغان ياغلىقنى ئېلىپ ياغلىق تاشلانغان بالىنى چەمبەرنى ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ ئۆز يېنىغا كەلگۈچە ئۇرىدۇ . ئاندىن ئىككىسى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ . ئەگەر ياغلىقنىڭ ئارقىغا قويۇلغانلىقىنى سېزىپ قالسا ، ئۇ ھالدا ياغلىقنى ئېلىپ ياغلىق تاشلىغۇچىنى قوغلاپ ، ياغلىق تاشلانغان بالىنىڭ ئورنىغا كېلىۋالغىچە ئۇرىدۇ . ئۇرالمىسا ، ئۇنىڭ ئورنىغا ياغلىق تاشلىغۇچى ئولتۇرىدۇ - دە ، ياغلىق تاشلىغۇچى ئويۇن باشلايدۇ . ئويۇن ئاشۇ تەرىقىدە تاكى ئويۇنچىلار بولدى قىلغىچە داۋاملىشىدۇ .
دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار : ئىككى قات قىلىپ ئىشلىگەن ياغلىق بىلەن بىر - بىرىنىڭ باش قىسمىغا ئۇرۇشتىن ۋە باشقا جايلىرىغا ئورغاندىمۇ قاتتىق ئۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .
قارلىق ئويۇنى
قارلىق ئويۇنى-ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاراكتېرىگە ئىگىدۇر . ئۇيغۇر خەلقى قارنى < خۇدانىڭ رەھمىتى > دەپ بىلىدۇ . شۇڭا ، تۇنجى ياققان قار خۇشاللىقىدا < قارلىق ئويۇنى > نى باشلايدۇ . بەزىلەر تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلا < قارلىق > تاشلىنىدىغان ئۆينى نىشانلاپ قويىدۇ . تۇنجى يېغىۋاتقان ياكى تۇنجى قار يېغىپ
توختىغان ھامان :قاردا قارلىق تاشلىدۇق ،
بۇ ئويۇننى باشلىدۇق .
يېڭى قارنىڭ خوشلۇقىدا ،
سىزگە قارلىق تاشلىدۇق.
دەپ باشلانغان ۋە :
قارلىق ئاپارغان كىشىنى ،
پەم بىلةن تۇتسىلا .
يۈزلىرىگة قار سۈركةپ ،
ئالدىمىزغا كةلسىلة .دەپ ئاخىرلاشقان قارلىقنى يېزىپ ، نىشانلانغان ئۆيگە يېقىن بولسا پىيادە ، يىراق بولسا ئۇلاغلىق بېرىپ ، قارلىقنى ئۆينىڭ بەلگىلىك بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ ، ئۆيدىن چىقىۋېتىپ < پالانى يەردە قارلىق قويۇپ قويدۇم > دەپلا قاچىدۇ . قارلىق تاشلانغان ئۆيدىن بىر ئادەم قوغلايدۇ . ئەگەر ئۇنى تۇتۇۋالسا ، ئۇنىڭ يۈز - كۆزىنى بوياپ جۇۋىنى تەتۈر كىيگۈزۈپ مەھەللىمۇ - مەھەللە ئايلاندۇرىدۇ . تۇتۇلۇپ قالغان تەرەپ ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ < قارلىق چېيى > ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ . ئەگەر قارلىق ئەكەلگۈچى تۇتۇلماي قېچىپ كەتسە ، قارلىق تاشلانغان ئۆي قارلىق چېيى بېرىدۇ . شۇنداق قىلىپ ، مەھەللىدە قىش بويى < قارلىق چېيى > ئۈزۈلمەيدۇ .
< قارلىق ئويۇنى > ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە سېغىنىش ۋە ئاقنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت
قەدىمكى ئېتىقادىدىن كېلىپ چىققان .قوشماق ئاداش ئويۇنى
قوشماق ئاداش ئويۇنى بىلەن توپۇق ئويۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دوستلۇق ، ۋاپادارلىق ، ساداقەتمەنلىكنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇن .
قوشماق ئاداش ئويۇنى - خەلقىمىز ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ ، ئىككى ياشنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەشنىڭ سىموۋۇلى قىلىنغان . ئويۇن ئۈرۈك ئۈچكىسىدىن جۈپ ( قوشماق ) چىققان مېغىز تاللىنىپ قوشماق ئوينىغۇچى ئىككى تەرەپ بىردىن يەيدۇ . يېيىش ۋاقتىدا ۋاقىت بەلگىلەپ ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كىم بالدۇر < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشماق ئاداش > دەۋالسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ . ئۇتتۇرغۇچى ۋەدىلەشكەن نەرسىنى ئۇتقۇچىغا بېرىدۇ . بۇ ئويۇن كۆرۈنۈشتە ئاددىي بولغان بىلەن ئىككى دوستنىڭ بىر ئۈچكە ئىچىگە سىغقان قوشماق مېغىزدەك دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ .مۆكۈشمةك ئويۇنى
مۆكۈشمەك ئويۇنى- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەھەللىلەردە توپلىشىپ ئوينايدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ پائالىيەت چەبدەسلىكنى ، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى ، چىداملىقىنى ، كوللېكتىۋىزىملىق روھىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور .
مۆكۈشمەك ئويۇنى كۆپىنچە ھاللاردا ئايدىڭ كېچىلەردە ئوينىلىپ ، مەيدان تاللىمايدۇ . ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ . خالىغان بىر جايدا ئوينالسا بولىۋېرىدۇ . ئويناشتا ئالدى بىلەن ئىككى كىشى باش بولۇپ رامباتلىشىش ئارقىلىق ئادەملەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىدۇ ھەمدە بىر ئورۇننى نۇقتا قىلىپ بەلگىلەيدۇ . مۆكۈش نۆۋىتى ئالغان تەرەپ ئالدى بىلەن مۆكىدۇ . يەنە بىر تەرەپ پەللىدە قالىدۇ . مۆككۈچىلەر مۆكۈپ بولغاندىن كېيىن پەللىدە قالغان تەرەپنىڭ بىر قانچىسى پەللىنى ساقلاپ قالغانلىرى مۆككەنلەرنى ئىزدەيدۇ . ئىزدىگۈچىلەر مۆككۈچىلەرنى مۆكۈۋالغان يەردىن تېپىۋالسا بىر - بىرلەپ تۇتىدۇ . ئەگەر تۇتۇۋالالمىسا مۆككۈچىلەر پەللىگە ياكى باشقا تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ . پەللە ساقلىغۇچىلار پەللىنى قوغداپ مۆككۈچىلەرنى پەللىگە كىرگۈزمەي تۇتۇۋېلىشقا كىرىشىدۇ . مۆككۈچىلەر بولسا مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ ، تۇتقۇزماي پەللىگە كىرىشكە تىرىشىدۇ . ئويۇن جەريانىدا پەللە باققۇچىلار مۆكۈۋالغان جايدىن ياكى پەللە باققۇچىلار مۆكۈپ ، مۆككەن تەرەپ پەللە باقىدۇ . ئەگەر مۆككۈچى تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى بولسىمۇ تۇتۇق بەرمەي پەللىگە كىرىۋالالىسا يەنىلا مۆككۈچى تەرەپ مۆكۈنۈپ پەللە باققۇچى تەرەپ پەللە باقىدۇ . ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ . ئەگەر پۈتۈن بىر ئاخشام مۆككۈچىلەرنى تاپالماي قالسا ئەتىسى ئاخشىمى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ . لېكىن ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىدۇ . شۇڭا ، مۆككۈچىلەردىن بىر - ئىككىنى تۇتۇشنى شەرت قىلسىمۇ بولىدۇ .
收藏到:Del.icio.us