-
ئۇيغۇر نامى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى - [ئىلمىي ماقالىلەر]
Apr 5, 2010
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/61631613.html
ئۇيغۇر نامى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى
ئابلىز ئورخۇن f
(ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىن)
مەلۇمكى تىل بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم بەلگە. كۆپىنچە مىللەتلەر تىللىرى ئۆز ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن دىئالېكىت ۋە شېۋىلەرگە ئايرىلسىمۇ يەنىلا بىر يېتەكچى ئەدەبىي تىل ئارقىلىق بىر ئېتنىك نام ئاستىغا ئۇيۇشۇپ تۇرىدۇ. كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇر مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ قېلىپلاشقان ھەمدە مەدەنىيەتلىك تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق ئەدەبىي تىللىق رولىنى ئويناپ كەلگەن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل - مەدەنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۈركىي تىل ئوتتۇرا ئاسىيادا تاكى 1924 - يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىرلىك جەرياننى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. 1 o# v4 R, x# T% R0 V/ V
مەزكۇر ماقالىدا ئۇيغۇر نامىنىڭ تارىختا مىللەت نامى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىكى كۈچلۈك قەبىلىۋى سىياسىي كۈچنىڭ نامى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىش جەريانى؛ 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارروسىيىنىڭ ئوتتۇرائاسىيانى ئۆزلەشتۈرۈش ئېھتىياجى ۋە يېقىنقى زامان غەرب ئىلمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قايتا تونۇش جەريانى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرىدە يېڭىچە مائارىپ، يېڭىچە جۇغراپىيىۋى نام ۋە ئېتنىك ناملارنى قوبۇل قىلىش جەريانى؛ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى باشلاپ بەرگەن يېزىق ئىسلاھاتى ۋە يېڭى ئەدەبىي تىل يارىتىش ۋە مىللىي مەتبۇئاتنى بەرپا قىلىش تەسىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى نۇقتىلىق سۆزلىنىدۇ.1 ^* P$ d1 n0 i: v' ^7 f9 b- q
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ۋە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ بىر پۈتۈن سىياسىي گەۋدىگە يەنى ئۇيغۇر نامىغا ئۇيۇشۇش جەريانىنى 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تولۇق تاماملاندى① دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش مەلۇم رايون چەكلىمىلىكىگە ئىگە ئىدى. چۈنكى قوچۇنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى تاكى 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە بۇددا ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. قارا قىتانلارنىڭ قاراخانىيلار خانلىقىنى ۋەيران قىلىشى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشى بىلەن قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلانغان ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توساق ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئېتىقات بىرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا قىتانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرى ئەسلىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى زېمىنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.
11 - ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا قەشقەر ۋە بالاساغننى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قەبىلە ۋە مىللەت تەركىبى ناھايىتى مۇرەككەب ئىدى. بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»(قىسقارتىپ <دىۋان> دېيىلدى)دا شۇ چاغدىكى ئاساسلىق غول ئانا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ 20 ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىش تەرتىپىنى يازمىچە ۋە خەرىتە ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ. تۈركلۈك چەك چېگرىسى ئېنىق ئايرىلغان بۇ 20 قەبىلىنىڭ پەقەت يەتتىسىنىلا ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدە (توخسى، ياغما، چىگىللەر ئىلى دەرياسى بويىدا، چارۇقلار مارالبېشى ئەتراپىدا، چۇمۇللار يارىش تۈزلەڭلىكى ئەتراپىدا، ئۇيغۇرلار كۇچانىڭ شەرقىدىكى بەش شەھەردە، ئارامۇت ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايدا)② كۆرسىتىدۇ. مەھمۇت قەشقەرى رۇم (ئاناتولىيە)دىن تاكى جۇڭگۇ چېگرىسىغىچە بولغان بارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈرك دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ 11- ئەسىردىكى مىللەت قارىشىدا تۈرك دېگەن چوڭ ئېتنىك نام ئاستىدا يەنە ئۈچ چوڭ سىياسىي كۈچ (تۈرك، ئوغۇز، ئۇيغۇر)بار ئىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى تۈرك. مەھمۇت قەشقەرى بەزى سۆزلۈكلەرنى ئىزاھلىغاندا مەسىلەن«ئازرۇق- باشقا، بۆلەك - ئوغۇزچە، تۈركلەر بۇنى ئازىن دەيدۇ»③ دېيىش ئارقىلىق تۈركنى ئوغۇزلارغا قارشى قويىدۇ. «دىۋان»دا مۇنداق مىساللار خېلى بار. يەنە بىر جايدا «شۇڭا مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم»④ دەيدۇ. بۇ يەردە مەھمۇت قەشقەرى «تۈرك»نى بىرمۇنچە قەبىلىلەر قاتارىدا سانايدۇ. بىراق «دىۋان»دا «تۈرك» سۆزىنى ئىزاھلىغاندا بىرلىك ھەم كۆپلۈك مەنىلىرىدە كېلىدىغانلىقى، بىرلىك بولغاندا پەقەت نوھنىڭ «تۈرك» ئاتلىق ئوغلىنىلا كۆرسىتىدىغانلىقى، كۆپلۈك بولۇپ كەلگەندە نوھ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ نەزەرىدىكى تۈركلەر زادى كىم؟. مەھمۇت قەشقەرى «تۈرك» دېگەندە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ، ئولتۇراق تۇرمۇشقا بالدۇر كۆچكەن، خاقانىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقنى كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئىككىنچى چوڭ سىياسىي كۈچ ئوغۇزلار. مەھمۇت قەشقەرى دىۋاننى يېزىش سەۋەبىگە توختالغاندا «كىشىلەرنىڭ ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم»⑤ دەيدۇ.«پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە<تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ> دېگەن ئىكەن»⑥ دەيدۇ. يەنە ئوغۇز سۆزىگە تەبىر بەرگەندە«تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى، ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر، ئۇلارنىڭ 22 ئۇرۇقى بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار... بىرىنچىسى ۋە يېتەكچىسى: قىنىق، زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىندۇر...»⑦ دەيدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن قارلۇقلار«دىۋان»دا ئايرىم قەبىلىلەر ئىتتىپاقى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۈركمەنلەرنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلىدۇ:«ئابا -ئاپا، ئانا، ئوغۇزچە. قارلۇق تۈركمەنلىرى بۇ سۆزنى قاتتىق<پ> بىلەن تەلەپپۇز قىلىدۇ»⑧. «قارلۇق-ئۇلار كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى بولۇپ، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر، ئۇلارمۇ تۈركمەن ھېسابلىنىدۇ»⑨. تۈركمەن سۆزىگە كەلگەندە«تۈركمەن- بۇلار ئوغۇزلاردۇر...، تۈركمەنلەر ئەسلىدە 24 قەبىلىدۇر...»10 دەپ ئوغۇز بىلەن تۈركمەننىڭ ئارىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويىدۇ. 3 - چوڭ سىياسىي كۈچ ئۇيغۇرلار. مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر نامىغا كەلگەندە بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرگە قارىغاندا ئالاھىدىرەك تەبىر بېرىدۇ. يەنى باشقا قەبىلىلەرگە ئوخشاش ئاددىيلا «قەبىلە» دەپ تونۇشتۇرماي بەلكى«بىر ئەلنىڭ نامى» دەپ ئىزاھلايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى «ئەل» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا «دۆلەت، مىللەت» دېگەن ئىككى مەنىنى بېرىدۇ. دېمەك قوچۇ ۋە بەشبالىق قاتارلىق بەش شەھەرنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقات ئايرىمچىلىقى تۈپەيلىدىن قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەنگەندىن سىرت ، قەبىلىۋى تەشكىلاتىمۇ پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇرلاردىكى بىۋاسىتە قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىچكى توققۇز قەبىلىنى سانىمىغان تەقدىردىمۇ تاشقى توققۇز قەبىلە ئىتتىپاقىنى تىلغا ئالغان بولاتتى.* L, {" y$ ]1 D0 J: \; _; w
«دىۋان»دا پەقەت ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان باسمىل، ياغما قاتارلىق بىر نەچچە قەبىلىلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئورنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا كۆرسىتىلگەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان»نى يېزىشتا مۇسۇلمان بولغان تۈركلەرنى ئاساس قىلغانلىقى، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەرنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- ئايماقلىرى، تاغ- دەريا، يۇرتلىرىنى يېزىشتىن پايدا يوق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. دېمەك، 11 - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوغۇز تۈركلىرىنى (تۈركمەن، قارلۇق) ئاساس قىلغان قارخانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەشكىل قىلغان «ئۇيغۇر ئېلى»دىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئىدى. قاراخانىيلار خانلىقى ئۆز ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى، يارلىق، پۈتۈك، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى بارلىق مەدەنىيەتلىك تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئولتۇراق تۈركلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېتىقاد ئايرىمچىلىقى تۈپەيلىدىن قوچۇ ئىدىقۇت خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق يەكلەپ كەلگەن، مۇسۇلمان تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن خەلقلەرنى«تات»دەپ ئاتىغان. جۈملىدىن بۇددا دىنىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ «تات»دەپ ئاتالغان. شۇڭا ئۇلار ئارىسىدا «ئادەم تاتلاشسا(ئۇيغۇرلاشسا(، قىلىچ داتلاشسا بۇزۇلۇر، تاتسىز)ئۇيغۇرسىز( تۈرك بولماس، باشسىز بۆك» دېگەندەك ماقال تارقالغان. بىراق قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى قەبىلە ئوغۇز قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىكى ئەزەلدىن تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتمىگەن ئادەتتىكى كىچىك بىر قەبىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر سىياسىي، قەبىلىۋى كۈچ بولۇپ ئۇيۇشالمىدى. شۇڭا كېيىنكى مەزگىللەردە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بارلىق تۈركىي قەبىلە-ئۇرۇقلار ئەتراپتىكى ئەرەب، پارسلار ۋە بۇددىست ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن تۈرك نامىدا ئاتىلىپ كەلدى. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئەدەبىي تىل كۆكتۈركلەردىن كېيىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى داۋاملاشتۇرۇپ تاكامۇللاشتۇرغان تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب، پارس، سوغداقلار نەزىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تۈركىي تىل دەپلا ئاتىلاتتى.مۇشۇ ئەدەبىي تىلدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان تۈرك زىيالىيلىرىمۇ بۇ تىلنى بەزى بەزىدە خاقانىيە تۈركچىسى، كاشىغەر تۈركچىسى دەپ ئاتىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئومۇميۈزلۈك تۈرك تىلى دەپلا ئاتىدى. بۇددىزىم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ تىلىنى تۈركچە دەپ ئاتىغاندىن سىرت بەزىدە ئۇيغۇر تۈركچىسى دەپمۇ ئاتىدى. شۇ سەۋەبلىك پەقەت ئۇيغۇرلار ئىجات قىلىپ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى مەھمۇت قەشقەرى ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ تۈرك يېزىقى دەپلا ئاتىغان11. دېمەك، شەھەرلەشكەن، مەدەنىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۇيغۇر تىل - يېزىقى ئاساسىدا قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىل ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بولسىمۇ، بۇ تىل ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتالماي تۈرك تىلى دەپ ئاتالدى. بۇنىڭغا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۇددىزىم مۇھىتىدا تۇرۇپ قېلىشى سەۋەب بولغانىدى.
14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەسلىدىكى قاراخانىيلار زېمىنىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ نەزەرىدە «بۇددىست، كاپىر» مەنىسىدە چۈشىنىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر نامى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن ئىستېمالدىن قالدى. بىراق ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك مەدەنىيىتى، ھاكىمىيەت، يېزىق، پۈتۈك ئىشلىرى بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يۇەن سۇلالىسى ئوردىسىدا، تۆمۈرىيلەر ئوردىلىرىدا ئۇيغۇر نامىنى داۋاملىق ئىشلىتىش ئىمتىيازىنى ساقلاپ قالدى. چۈنكى بۇددا دىنىنىڭ لاما مەزھىپىدە تۇرىۋاتقان موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ھاكىمىيەت ئارقىلىق قوغدىغانىدى. موڭغۇللارنىڭ مەركىزىي ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىر تۈمەن كىشىلىك قوشۇنى تۇرشاۋۇل قوشۇن بولۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانىدى، بۇ قوشۇنغا ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلغاندى12. نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلار چاغاتاي خانلىقى، ئىلخانىيلار خانلىقلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا جەلپ قىلىنغانىدى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى خارەزىم، ھىرات قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى جانلىنىشقا باشلىغان. تۇرپاندىن بارغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مۇھەممەد شەيبانخاننىڭ قوشۇنى تەركىبىدە تۈركىستان شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان13. 1312 - يىللىرى ئەتراپىدا ئۆزبېك خاننىڭ تاغىسى توقتاغا خان ئۆلگەندە ئۇيغۇرلاردىن بولغان باجىر توق بۇغا دېگەن كىشى تەختنى تارتىۋالغان: «كېلىن بايالىن قاتارلىقلارنى ئۆزبېك خان ئەلەيھىررەھمەنى ئالدۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار يېتىپ كەلگىچە توختاغاخان ۋاپات بولدى. باجىر توق بۇغا دېگەن ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىدى، قەۋمى، قەبىلىسى كۈچلۈك ئەل ئىدى ھەمدە خاننىڭ ئاتالىقى ئىدى. كۆڭلى قارا كىشى ئىكەن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن خان بولدى...»14. 17 ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق تارىخچى،خىۋە خانى ئوبۇلغازى باھادۇرخان (1605-1664( «شەجەرەئىي تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنى خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر نايمانلىرى ئىكەنلىكىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ھەمدە خۇراسان، سەمەرقەنت، خارەزىم تەرەپلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت قىلغانلىقىنى كۆپ ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئوبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ دادىسى ئەرەب مۇھەممەدخاننىڭ قېشىدا «ئۇيغۇرلاردىن قۇربان ھاجى دېگەن كىشى بولۇپ، خاننىڭ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بېگى يوق ئىدى...»، «قەدىمىي خەلق بۇ زاماننىڭ خەلقىدىن ياخشى ئىدى»، «ئۇيغۇر خەلقىدىن قۇربان ھاجى دېگەننىڭ ئوغلى قۇلمۇھەممەد مېنىڭ ئاتالىقىم ئىدى1 c! | _, N* {, \
» دەيدۇ15. ئوبۇلغازىخان باشقا قېرىنداشلىرىدىن ھوقۇق تالىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوبۇلغازىخاننىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان. خارەزىم، خىۋا، ئۆرگەنچ تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئايرىم بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن قالغان بولسىمۇ لېكىن بۇ رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئوبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ «شەجەرەئىي تەراكىمە» ناملىق ئەسىرىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خارەزىم ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىسىدا كۆچۈرۈلۈشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىدى16.بىراق تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدا 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنىغا مۇتلەق خاتىمە بېرىلگەنىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ساھەسىدىلا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالغانىدى. ئەلىشىر ناۋايى تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ پېشىۋاسى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇستازى دەپ تەرىپلەيدۇ.1544 - 1546 - يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان «تارىخى رەشىدى»دە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ نەسەبىنىڭ ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. 15 - ئەسىردە يېزىلغان «تارىخىي خانى» ناملىق ئەسەر ئاپتورىنىڭمۇ ئۇيغۇر باخشىلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بار. ناۋايىنىڭ «ۋەقفىنامە» ناملىق ئەسىرىدە تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى بارلاس، ئارلات، تارخان، قىيات، قوڭرات قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئارقىغا تىزىلغان. ناۋايى تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدا پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارادىن قالسىلا 2 - نومۇرلۇق شەخس بولسىمۇ لېكىن ئۆز مۆھۈرىنى يۇقىرىقى قەبىلىلەر مۆھۈرىنىڭ ئاستىغا بېسىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئار نومۇسقا چىدىمىغان ناۋايى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋە بۇ ۋەقەنى مۆھۈرنى سۇندۇرۇش ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن17. دېمەك، 13 - ئەسىرنىڭ بېشىدا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ، 14- ئەسىردە ئۇلۇغ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تاكى 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە سىياسىي جەھەتتە يەنىلا ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇرلار ئايرىم سىياسىي كۈچ بولۇش سالاھىيىتىدىن قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلىشى بىلەن تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ ئورنىمۇ چۆكۈشكە باشلىدى. قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەرەب، پارس تىللىرى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن تۈركىي تىل ئۆز ئورنىنى تەبىئىي ھالدا ئەرەب، پارس تىللىرىغا بوشاتتى. نۇرغۇن تۈركىي تىللىق يازغۇچى، شائىرلارمۇ ئەسەرلىرىنى پارس تىلىدا ياراتتى. پارس تىلىدا ئىجاد قىلىش ئۇلارنىڭ مودىسىغا ئايلاندى. تۆمۈرىيلەر پادىشاھى ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىي تىلنى ھاكىمىيەت ئارقىلىق قوغداش تەشەببۇسكارى بولدى. ئۇنىڭ ساۋاقدىشى، ۋەزىرى شائىر ئەلىشىر ناۋايى تۈركىي تىلى ئېغىر قىسمەتكە دۇچار بولغان مۇشۇنداق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل بۈيۈك ئەسەرلىرىنى تۈركىي تىلىدا يارىتىش ئارقىلىق بۇ تىلنىڭ سېھرىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلدى ۋە «پارسگۇي»لۇققا قاتتىق زەربە بەردى. ھەمدە شۇ ئارقىلىق تۈركىي تىلنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇ تىل ناۋايىدىن ئىلگىرىكى بىر ئىككى ئەسىر ئىچىدە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي خانلىقى دائىرىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن چاغاتاينىڭ ئىسمى بىلەن بەزى بەزىدە چاغاتاي تىلى دەپمۇ ئاتالدى. بۇ ئاتالغۇ 02- ئەسىرگە كەلگەندە رۇس ۋە غەرب سىياسىئونلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى پەيدا قىلىشىغا دەستەك بولۇپ قالدى. ئاتالمىش «چاغاتاي تىلى»02- ئەسىرگە كەلگەندە تۈركىي تىلى دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ بىر ئىلمىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە بازار تاپتى. ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلغان چارروسىيە تۈركىستان ھەربىي رايونىنىڭ ئورگىنى سۈپىتىدە نەشر قىلغان «تۈركىستان ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى»دە ئىشلىتىلگەن تىلنى ھېچقانداق مىللەت تەۋەلىكى بولمىغان «سارتچە»دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتىدى. ئۇنىڭسىزمۇ شۇ چاغدىكى ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ تۈپلۈك ئاھالىسى بولغان خەلقمۇ مۇقىم بىر مىللىي نام بىلەن ئاتالماي ئەنجانلىق، قوقانلىق، بۇخارالىق دېگەندەك جۇغراپىيىۋى ناملار بىلەن ئاتىلاتتى. بۇ ھال روسلارغا قولايلىق پۇرسەت ياراتتى. بۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئەسلىدە غەربىي قاراخانىيلارنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان تۈركلەر ئىدى. ئۆزبېكلەر ئەسلىدە ئارال، كاسپىي دېڭىز بويلىرىدىن سىبىرىيىنىڭ غەربىگىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغان تۈرك- موڭغۇل تىللىق قەبىلىلەر بولۇپ، 1312 -~ 1342 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئالتۇن ئوردا خانى ئۆزبېك خاننىڭ نامى بىلەن ئۆزبېك دەپ ئاتالغان. ئۇلار 1504- يىلىدىن 1506- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇھەممەد شەيبانىخاننىڭ باشچىلىقىدا ھازىرقى ئۆزبېكىستان زېمىنلىرىغا ئومىميۈزلۈك باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە يەرلىك خەلققە يۇغۇرۇلۇپ مۇقىم ئولتۇراق مەدەنىيەتكە ئۆتكەن. شۇڭا بابۇر «بابۇرنامە» ناملىق ئەسىرىدە «يۈز قىرق يىلدىن بېرى سەمەرقەنت پايتەختى بىزنىڭ يۇرتىمىز ئىدى. يات ياغى ئۆزبېكلەر كېلىپ بېسىۋالدى» دەيدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ ئىككى دەريا ۋادىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشى بۇ رايوننىڭ تۈركلىشىش جەريانىنى تېزلەتكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ئۆزبەكلىشىش جەريانى ئەمەس ئىدى. چۈنكى يەرلىك تۈركلەر كۆچمەن خەلقتىن سان جەھەتتە ئۈستۈن ئىدى.
شىنجاڭدا بولسا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن چاغاتاي ئەۋلادلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇيغۇر نامى شىنجاڭدا مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى»سىدە 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «سېرىق ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىلغا ئېلىندى. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تاكى 1514 - يىلى يەركەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغانغىچە بولغان ئىككى ئەسىر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە ئۆتتى. ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ نەسەبى بىۋاسىتە چىڭگىزخانغا باغلىنىش يولى بىلەن پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئېسىل نەسەبلىك ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈدىغان بولدى. شۇنىسى قىزىقكى، موڭغۇللار بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان ئېتنىك ئۆزگىرىش مەدەنىيەتتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. چىڭگىزخان نەسلىدىن بولغان بارلىق موغۇل پادىشاھلىرىنىڭ نەسەبى ئالدى بىلەن چىڭگىزخانغا تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوغۇزخانغا، نوھ ئوغلى تۈرككە تۇتاشتۇرۇلىدىغان بولدى18. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەختۇمى ئەزەم ئەۋلادلىرىنىڭ سەئىدىيە خانلىقىغا كېلىپ تەسىر دائىرە تالىشىشى بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئېڭىدا يەنە بىر زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن شىنجاڭنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي سەھنىسىگە ئاتالمىش سەئىد ئەۋلادلىرى چىقتى، ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز نەسەبىنى بىۋاسىتە ئەرەبلەردىن، تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالاردىن ئىزدەش ۋە ئۆز نەسەبىنى زورلاپ ئەرەب، پارسلارغا باغلاش خاھىشى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. 1864 - يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ سەئىد ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەسىرىگە زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نامىنى ئاللىقاچان ئۇنۇتقانىدى.
收藏到:Del.icio.us