بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، ئەمما بۇ ئۇسلۇبنىڭ تورداشلار بەرگەن باھاغا قارىتا جاۋاب يېزىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن، ئۆزەم قىستۇرمىلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇراي دېسەم بىرقىسىم خاتالىقلار كۆرۈلۈپ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە شۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىپ بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشقا ئامال بولماي قالغان. شۇنداقتىمۇ بۈگۈن بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، ئەگەردە قايسى بىر تورداش ئۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز.
تۇلۇق ئوقۇش

بۇ قېتىم تارقاتماقچى بولغان ئۇسلۇب كەمىنە پرېستاننىڭ يەنە بىر ئىجادىي ئۇسلۇبى بولۇپ «پرېستان ئۇزھال» دەپ نام بەردىم. ئىقتىدار ۋە تەڭشەش جەھەتتە ئالدىنقى قېتىم تارقاتقان Prestan Simple 2 ئۇسلۇبى بىلەن جىق پەرقلەنمەيدۇ، رەڭ جەھەتتە ئاق ۋە كۆك رەڭ ئاساس قىلىندى. ھەر قايسى توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
بۇرۇن باشقا ئۇسلۇب ئىشلىتىپ، يېڭىدىن Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن دوستلار ماڭا ئۇسلۇبنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق بىر قانچە جاينىڭ نورمال سىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەن تۆۋەندە قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتەي.
تۇلۇق ئوقۇش
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كەمىنە پرېستان ئۆزىم بىر قوللۇپ يېزىپ چىققان Prestan Simple ئۇسلۇبى تارقىتىلغان، ھازىرغىچە چۈشۈرۈش قېتىم سانىنى ھىساپلاپ باقسام تەخمىنەن 500 قېتىم ئەتراپىدا چۈشۈرلۈپ بوپتۇ. بۈگۈن يەنە Prestan Simple ئۇسلۇبنى تۈزىتىپ ئېلان قىلماقچى بولۇپ تۇرۇپتىمەن. بىر ھەپتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇسلۇبنى كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاپ چىقتىم، بۇ قېتىم ئۇسلۇبنىڭ بارلىق كودلىرىنى باشتىن رەتلەپ چىقتىم. ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ئورۇنلار بەك جىق، بۇلارنى يېزىپ بولالمىغۇدەكمەن، ئۇسلۇبنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە قىسقىچە فىلىم ئىشلەپ قويدۇم، ئۇسلۇب ئىشلەتكۈچىلەر كۆرۈپ باقارسىلەر.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەسلىدىكى ئۇسلۇبنى تەخمىنەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگەن ئىدىم، بۇ قېتىم ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ بوشلۇقىنى كۆچۈپ بولۇپ ئۇسلۇبقا قايتا تۇتۇش قىلىش قارارىغا كېلىپ قالدۇق. بىر قانچە كۈنلۈك تۈزىتىش رەتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇربەگ تۇرايىنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلاپ چىقتىم، يەنى ئەسلىدىكى كۆرۈنۈش ۋە ئىقتىدارلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇسلۇبنى قايتا يېزىپ چىقتىم.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار