ئىنكاس يېزىش بلوگىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاشتىكى قورالى، شۇنداقلا ئىنكاس ئارىسىدا چىراي ئىپادىسى قوشۇلسا، چايغا ناۋات سالغاندەكلا ياخشى ئىش. WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى بەكلا مەتو، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن چىراي ئىپادىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق، شۇڭا ئۆزۈم شاققىدە بۇرۇنقى چىراي ئىپادىسنىڭ ئورنىغا باشقا چىراي ئىپادىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇ. wordpress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى 22 تال بولۇپ، بىر-بىرىدىن سەت، بەتبەشىرە...ھا ھا... (چىراي ئىپادىسىنى لايىھەلىگەن كىشى بۇ گېپىمنى كۆرسە قانچە تىللا مېنى)
تۇلۇق ئوقۇش
ئالدىنقى يازمىمىزدا «WordPress باشقۇرۇش تاختىسىغا كىرش ئېغىزىنىڭ logo سىنى ئۆزگەرتىش» ھەققىدە سۆزلىگەن، مەزكۇر يازمىدا بولسا بىر قەدەم ئىچكىرلەپ كىرىپ WordPress باشقۇرۇش تاختىسىغا كىرش بېتىنى ئۆگەرتىمىز.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەگەرسىز WordPress باشقۇرۇش تاختىسىغا كىرش ئېغىزىنىڭ logo سىنى ئۆزىڭىز خالىغان رەسىمگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇسلۇب functions.php ھۆجىتىنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاپ قويسىڭىزلا ئىش تامام. logo رەسىمىنى custom-login-logo.gif دېگەن نامدا ئۇسلۇب ئۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى images ھۆججەت خالتىسىغا ساقلاڭ.
تۇلۇق ئوقۇش
يېڭىدىن بلوگ تەرجىمە قىلىشى ئۆگىنۋاتقان دوستلار دائىم، ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبىنىڭ IE دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى، chrome, firefox قاتارلىق ئەركەك توركۆرگۈلەردە نورمال كىرگۈزگىلى بولىدىغانلىقىدىن بېشى قاتىدۇ، ئەگەر سىز يەنە شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان بولسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبنىڭ footer.php نى ئېچىپ body نىڭ ئاستىغا چاپلاپ قويسىڭىزلا ئىش تامام.
تۇلۇق ئوقۇش
بلوگىمنى wordpress 3.5.1 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسغا يېڭىلىغاندىن كېيىن «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، wordpress نىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا قاراپ باقسا، بۇ قېتىمقى نەشرىدە «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئېيتىلىپتۇ، ئۇنداقتا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قاتىمىز؟ بۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ئىكەن، ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «Link Manager» قىستۇرمىنى (ئاپتورى: wordpress) قاچىلاش ئارقىلىق ئۇلىنىش قۇشۇش مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز. باشقۇرۇش تاختىسىدىن (بۇرۇن باشقۇرۇش بېتى دەيدىغان، ھازىر باشقۇرۇش تاختىسى دەيدىكەنمىز ) قىستۇرمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قويساقلا ئىش تامام.
تۇلۇق ئوقۇش
تورداشلار دائىم مەندىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سۇئالنى سورايدۇ:
- نېمىشقا wordpress قا تىزىملاتسام، بلوگىم ماڭا E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟
- نېمىشقا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرمىلارنى قاچىلىغان بولساممۇ، ئىنكاس يازغانلارغا جاۋاب يازسام E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟
تۇلۇق ئوقۇش
يېقىندا بلوگغا كىرگەن دوستلار ئۈستى تەرەپتىكى 10 نادىر بلوگقا بېلەت تاشلاش ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىر قانچە كۈندىن بۇيان دوستلار قانداق چىقارغانلىقىمنى سوراپ قالدى، مەن چىقىرىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتەي، قۇلى قىچىشىدىغان بلوگىر دوستلار بولسا سىناپ باقارسىلەر.
تۇلۇق ئوقۇش
بەزىدە مۇلۇم مەزمۇننى پەقەت 1-بەتتىلا ياكى باشبەتتە كۆرسىتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇ يەردىكى باشبەت دېگىنىمىز 1-بەت، 2-بەت، 3-بەت.....-بەت لەرنى كۆرسىتىدۇ، يەنى index بېتى، باشبەتتىكى مەلۇم يازمىنى تېمىسىنى چەككەندە ئېچىلغان بەت بولسا single بېتى. شۇنداق قىلىپ باشبەت بىلەن 1-بەتنىڭ پەرقىنى بىلىپ بولدۇق. ئۇنداقتا بىز باشبەتتە ياكى 1-بەتتە ئايرىم-ئايرىم كۆرسەتمەكچى بولساق تۆۋەندىكىدەك قىلىمىز.
تۇلۇق ئوقۇش
پرېستان بلوگىنىڭ سول ئ.ۈستى تەرىپىدىكى Admin دېگەن خەتنى كۆردۈڭلارمىكىن، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بېسىپ قويغان بولسىڭىز ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇ دەل بۈگۈن مەن سۆزلىمەكچى بولغان باشبەتتە تۇرۇپ بلوگ باشقۇرۇش سۇپىسىغان كىرش رايونى. خېلە كۈنلەرنىڭ ئالدىدا «jQuery ئارقىلىق سەكراپ چىقىدىغان رامكا ياساش» ناملىق يازمامدا مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن، ئەگەر قىززىققۇچىلار بولسا ئېچىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمدىن 3 خىل ھالەتتىكى شەكلىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
تۇلۇق ئوقۇش
WordPress نىڭ يازما يوللاش بېتىدىكى كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تەمىنلەندى.
تەھرىرلىگۈچنىڭ كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىگە IE, Firefox, Chrome لاردا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار