باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە «ئۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ، بۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ» دېگەن خەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھە ماقۇل دەپ بىرلا يېڭىلاپ قويساق، تەلىيمىزگە ساق يېڭىلانسىغۇ مەيلى، تەلەي كەلمەي قالسا ئۇسلۇبتىكى مەلۇم بىر كود بىلەن پېتىشماي كاشال چىقىدىغان ئىش. يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقاتسىڭىز بولىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
قاراپ باقسىڭىز ھەر قايسى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇغ بەلگىسى بولىدۇ، شۇ بېكەتلەرنى ئاچسىڭىز توركۆرگۈنىڭ ئۈستى تەرىپىدە كىچىك بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمدى بىز ئۇنداق چوڭ بېكەت بولمىساقمۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق بەلگىلەرنى چىقىرىپ قويساق بولىۋېرىدۇ. مەن تۆۋەندە ئەڭ ئاددى خىل ئۇسۇلدا Favicon چىقىرىشنى سۆزلەي.
تۇلۇق ئوقۇش
google نىڭ ستاتىستىكىسى مەن ھازىرغىچە ئىشلىتىپ باققان ستاتىستىكا قىلغۇچنىڭ ئەڭ نوچىسى، ئەلۋەتتە نوچى بولغاندىكى ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كەمچىلىكى بولىدۇ، كەمچىلىكى نېمە دېگەندە ئارقا سۇپىسى مۇرەككەپ، تۇلۇق چۈشىنىشكە خېلە بىر مەزگىل كېتىدۇ. ئارتۇقچىلىقىچۇ؟ مەنچە ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى باشقا ستاتىستىكا تور بەتلىرىدەك بلوگىڭىزنىڭ ئاستىدا بېكەت نامى چىقىۋالمايدۇ. بېكىتىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىرى بولمايدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق بىر ئىقتىدارنى بلوگىمغا قوشسام دەپ ئويلاپ يۈرگەن، مەن سەكرەپ چىقىدىغان رامكىنى نېمە قىلىمەن بىلەمسىلەر؟ بىلمىسەڭلار قۇلاق سېلىڭلار، بلوگ باشبەتنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭىغا بىر كۇنۇپكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، چەككەندىن كېيىن ئارقا سۇپىغا كىرىش ئېغىزى ياسىماقچى، بۇنداق بولغان ھەر قېتىم wp-admin دېگەن ئارتۇقچە خەتنى بېسىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، كىم مېنى بۇنداق ھورۇن بولۇپ قالسۇن دەپتىكەن.
تۇلۇق ئوقۇش
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قوللىنىش ئورنى بەك جىق، مەسىلەن باشبەتتە يازمىلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كىچىك رەسىم چىقىرىش (Prestan simple ۋە Prestan Uzhal ئۇسلۇبىدا مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلغان) ياكى باش بەتتە ئالمىشىپ تۇرىدىغان كىچىك رەسىم (幻灯片) چىقىرىش ۋە ياكى يان ئىستوندا يازما ئىچىدىكى رەسىمنى چىقىرىش دېگەندەك ئورۇنلاردا قوللىنىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنى قوشۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە.
تۇلۇق ئوقۇش
ئالدىنقى ۋاقىتلاردا blog.../../../../../ نامىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور نامىنى ../../../../..//blog قا يۆتكەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن قالاپ ئولتۇرۇپ PR=2 بولغان تور نامىنى تاشلاپ قويۇپ ../../../../../ تور نامىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدىم. ئەلۋىدا blog.../../../../../ ، سېنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن! سالام يېڭى تور نام، يېڭى بلوگ.... ئەمدى دوستلار بىلەن تور نامىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى بۇ يەردە ئورتاقلىشىپ قويسام.
تۇلۇق ئوقۇش
بۇ ئۇسلۇبنى ۋەتەن بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى bogbus سۇپىسىدا بلوگ قۇرۇپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۆزى بىر قوللۇق ياساپ چىققان، كېينچە wordpress سۇپىسىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئۇسلۇب ئىشلىتىلمىگەن، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ۋەتەنگە بۇ ئۇسلۇبنى تارقىتىش ھەققىدە پىكىر بەرسەم ماقۇل كۆردى. ئۇسلۇب ناھايىتى پاكىزە، رەتلىك بولۇپ زىيارەتچىلەر ئەركىن ھېس قىلىدۇ.
تۇلۇق ئوقۇش
wrodpress ئارقىلىق ياسىغان ئۇلىنىش بېتىدىن بىرنى بايقاپ قېلىپ ئۆزۈممۇ بۇ خىلدىكى بىر ئۇلىنىش بېتى ياساپ باقسام دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئۇزبلوگ ئۇلىنىشىنى ئۆرنەك قىلىپ ئۇلىنىش بېتىدىن بىرنى ياسىدىم، ئەمەلىيەتتە بەك ئالاھىدە ئىقتىدارىمۇ يوق، تۆۋەندە بىز ئورتاقلىشىپ باقساق.
تۇلۇق ئوقۇش
كۆك ۋە ئاق رەڭ ئاساس قىلىنغان wrodpress نىڭ خەنچە ئۇسلۇبىدىن بىرنى ياساپ چىقتىم، ئاز كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرچىسىنى ئېلان قىلىمەن، ئېلان قىلىپ بولغىچە بۇ ئۇسلۇبنى ئويناپ تۇرساڭلا. خەنچە ئۇسلۇب ياساش ئاسانمۇ قانداق، ھى ھى...
تۇلۇق ئوقۇش
hexwind ئۇسلۇبىنى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئاپتورى دەل checkerize ئۇسلۇبىنىڭ ياسىغان كىشى، ئەلۋەتتە ئاپتورى بىر بولغاندىكى ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى ۋە لايىھىلەش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولىدىغان گەپ. شۇ ۋەجىدىن بۇ قېتىمقى ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىش ئاسانغا توختىدى دېسەم بولىدۇ. دەسلەپكى تەرجىمە قىلىشقا 2 سائەتكە يېقىن ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىم كەتتى(ھى ھى)... ئۇنى تەڭشەش، رەسىم لايىھىلەش ۋە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال قىلىش دېگەندەك پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ بۈگۈن ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار